جىددىي ئۇقتۇرۇش

 

2012 – يىللىق «تۈركىيە خاندەلىكى» گە ئېرىشكەن ساۋاقداشلارنىڭ دىققىتىگە!

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش مېنىستىرلىقىغا قاراشلىق چەتئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي قەۋملەر ئىدارىسىنىڭ چەتئەللەر ئوقۇغۇچىلار بۆلۈمىدىن يېڭى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىندى. 2012 – يىللىق «تۈركىيە خاندەلىكى»گە ئېرىشكەن بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا مەزكۇر ئىدارىدىن ئېلخەت ئەۋەتىلىپتۇ. ئېلخەتتە ئوقۇغۇچىلار تولدۇرۇشقا تېگىلىشلىك جەدۋەل ۋە يوللىنىدىغان ماتېرىياللار بار ئىكەن. بۇ جەدۋەل ۋە ماتېرىياللارنى 2013 – يىل 1 – ئاينىڭ 6 – كۈنىدىن بۇرۇن تەييارلاپ، ئېلخەت ئارقىلىق ئۇلارغا يوللاپ بەرمىسەڭلار، بۇندىن كېيىنكى خاندەلىكىڭلار ئۈچۈن تەسىر يېتىدىكەن. شۇڭا ھەممەيلەن دەرھال ئۆز ئېلخېتىنى ئېچىپ، ئۇ ئۇقتۇرۇشقا ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرۇۋېتىڭلار!

 

دىققەت:

1. ئەنقەرەدىن كەلگەن ئېلخەت ھەر دائىم «كېرەكسىز خەت»لەرنىڭ ئارىسىغا كىرىپ كېتىدىكەن، شۇڭا ئېلخېتىڭلارنى ئاچقاندا، تەپسىلىي قاراپ چىقىڭلار. ئەگەر ھېچقانداق يەردىن تاپالمىساڭلار، ئىسىم – فامىلە ۋە دۆلەت ئىسمىنى يېزىپ: info@turkiyeburslari.org دېگەن ئادرىسقا خەت يوللىساڭلار بولىدۇ.

2. جەدۋەلنى تولدۇرغاندا، كىملىك مەلۇماتلىرىڭلارنى چوقۇم پاسپورتتىكىگە ئوخشاش قىلىپ يېزىڭلار. بولمىسا، ئىسىم ئۇدۇللاشماي، خاندەلىكتىن چاتاق چىقىدۇ.

3. جەدۋەلنى ۋاقتىدا تولدۇرمىغان ياكى سورالغان ماتېرىياللارنى ئەۋەتىپ بەرمىگەنلەرنىڭ خاندەلىكى ئېگىز – پەس بولۇپ قالىدۇ.

4. بۇ خەۋەرنى ئۆز يېقىنلىرىڭلارغا، ساۋاقداش – دوستلىرىڭلارغا يەتكۈزۈپ قويۇڭلار.

5. قالغان تەپسىلاتىنى: www.ytb.gov.tr ئادرىسىدىن كۆرۈۋالساڭلار بولىدۇ.

 

ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىشلىرى كومىتېتى