خۇشخەۋەر!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز ساۋاقداشلار، قېرىنداشلار!
ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەنىۋىيىتىنى بېيىتىش، ئىجتىمائىي پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ۋە ئۆز تالانتىنى يېتىلدۈرۈش مەقسىتىدە، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئانا تىلى بولغان ئۇيغۇر تىلىدا گېزىت چىقىرىش ئارزۇسىنى ئىزھار قىلغان ئىدى. بىر نەچچە قېتىملىق مۇزاكىرە ۋە مەسلىھەت يىغىنىدىن كېيىن، «تەۋپىق» نامىدا گېزىت چىقىرىش قارارى ئېلىندى. مەزكۇر گېزىت پەقەت ۋە پەقەت ئوقۇغۇچىلارغىلا خاس بولغان ئىلمىي ۋە ئەدەبىي ئۇنۋىرسال گېزىت بولۇپ، سىياسى ۋە باشقا ساھەلار بىلەن قىلچىمۇ چېتىشلىقى يوق. گېزىتىمىزنىڭ ئاساسى مەقسىتى بولسا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانا تىلدا يېزىلغان ئەدەبىې ئەسەرلەرگە بولغان سېغىنىش ئوتىنى پەسەيتىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش، تەتقىقات، ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە تەرجىمە قاتارلىق جەھەتلەردىكى تالانتىنى يېتىلدۈرۈش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇشىغا پۇرسەت يارىتىشتىن ئىبارەت. بۇ گېزىت تامامەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەكلىپى ۋە باشقۇرىشى بويىچە بولغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەدەبىي ئۇنىۋىرسال گېزىتىدۇر.
«تەۋپىق» گېزىتى تۈركىيە دۆلىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن – تۈزۈملىرى ئاستىدا ئەنگە ئېلىنغان ۋە قانۇنىي رۇخسىتى بىلەن تارقىتىلىدۇ. ئايدا بىر سان چىقىدۇ.
مەزكۇر گېزىتنىڭ روياپقا چىقىشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ساۋاقداشلىرىمىزنىڭ ئاكتىپ قوللاپ، قۇۋەتلىشىنى، ئەسەر ئەۋەتىشىنى ۋە پىكىر – تەكلىپلىرىنى ئايىماسلىقىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.
گېزىتىمىزنىڭ تور بەت ئادرىسى: www.tevpiq.com
ئەسەر ئەۋەتىش، تەكلىپ – پىكىر بېرىش خەت ساندۇقى: tevpiqgeziti@gmail.com
ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىشلىرى كومىتېتى
2 Comments
بىر جاۋاب قالدۇرۇش
-
-
2014-يىل ئىيۇل
دۈ |
سە |
چا |
پە |
جۈ |
شە |
يە |
« ئىيۇن |
|
|
| 1 | 2 | 3 | 4 | 5 | 6 |
7 | 8 | 9 | 10 | 11 | 12 | 13 |
14 | 15 | 16 | 17 | 18 | 19 | 20 |
21 | 22 | 23 | 24 | 25 | 26 | 27 |
28 | 29 | 30 | 31 |
|
ئاللاھقا مىڭ شۈكرى ، تۈركىيە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىشلىرى كومتېتىنىڭ خىزمەتلىرى بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ روناق تاپسۇن ، مەزمۇنلار تېخىمۇ بېيىسۇن !
مۇبارەك بولسۇن!.
بىىزنىڭمۇ گېزىتىمىز بولىدىغان بولدى!
ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىشلىرى كومتېتىغا رەخمەت!.