2014-يىللىق تۈركىيە مۇكاپاتلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كالىندارى

قەدىرلىك ئوقۇغۇچىلار،

بۇ يىل تۈركىيىدە دۆلەت مۇكاپىتى ياردىمى بىلەن ، ئاسپىرانت ۋە دوكتۇرلۇق تۈرلىرى بويىچە ئوقۇش ئۈچۈن، جەمئىي 176 دۆلەتتىن 35،000 ئوقۇغۇچى ئىلتىماس قىلىغان بولۇپ، بۇ ئوقۇغۇچىلاردىن ئەڭ لايەقەتلىك بولغانلىرى تاللىنىدىكەن.  ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولىمۇ ھاياجان بىلەن ئىلتىماس نەتىجىسىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. تۈركىيە دۆلىتىنىڭ مۇكاپاتلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ھەققىدىكى خىزمەت قىلىش كالېندارىنى تۆۋەندىكى رەسىمدىن كۆرەلەيسىلەر.

سوئاللار بولسا، مۇكاپاتلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ تېلېفونىغا (ئەڭ يۇقىرىدىكى رەسىمدىكى تېلېغون نومۇر) بىۋاسىتە تېلېغون قىلساڭلار بولىدۇ، ئىنگىلىزچە ياكى تۈركچە گەپلەشسىڭىز بولىدۇ.:00908504550982

سىزلەرگە ئۇتۇق تىلەپ:

ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرى كومىتېتى