تۈركىيە خاندەلىكى 2013 – يىللىق ئاسپرانت ۋە دوكتورلۇق تۈرلىرى بويىچە تىزىملىتىش 3-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلىنىدۇ!

تۈركىيەدە ئاسپرانتلىق ياكى دوكتورلۇق تۈرلىرى بويىچە ئوقۇماقچى بولغان بارلىق ئوقۇغۇچىلار تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقان خۇشخەۋەر بۈگۈن ئېلان قىلىندى ۋە تۈركىيە خاندەلىكى 2013 – يىللىق ئاسپرانت ۋە دوكتورلۇق تۈرلىرى بويىچە تىزىملىتىش باشلىنىدۇ.

بۇ خاندەلىككە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى شەرتى توشقان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تىزىملىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. تۈركىيەدىكى ئەڭ ياخشى مەكتەپلەردە سىياسەت بىلىملىرى، خەلقئارا مۇناسىۋەت، قانۇن، ئېنژىنېرلىق، ئىسلام دىنى بىلىملىرى، يېزائىگىلىك، ئىقتىساد، ئۇچۇر – ئالاقە، تارىخ، جەمئىيەتشۇناسلىق، بىناكارلىق، تىلشۇناسلىق ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇنلىغان كەسىپلەرگە تىزىملاتقىلى بولىدۇ.

تىزىملىتىش ئىشلىرى: 3-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلىنىپ  3 – ئاينىڭ 31 – كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.

 

تىزىملىتىش شەرتلىرى:

  1. تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەن ياكى بۇ يىل ئوقۇش پۇتتۈرىدىغان بولۇشى.

  2. ئاسپرانتلىقتا ئوقۇيدىغانلار 1983 – يىل 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغان بولۇشى.

  3. دوكتورلۇقتا ئوقۇيدىغانلار 1978 – يىل 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغان بولۇشى.

  4. تىزىملاتماقچى بولغانلارنىڭ تۈركىيەدىكى مەكتەپلەردە ئوخشاش دەرىجىدە ئوقۇۋاتقان بولماسلىقى كېرەك (مەسىلەن، ئاسپرانتلىقتا ئوقۇۋاتقانلار ئاسپرانتلىققا ئىلتىماس قىلالمايدۇ دېگەندەك).

 

خاندەلىك تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

  • ئايلىق تۇرمۇش پۇلى

  • ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇش راسخوتى

  • سالامەتلىك سۇغۇرتىسى

  • ياتاق راسخوتى

  • تۈرك تىلى ئۆگىنىش راسخوتى

  • كېلىش – كېتىش ئايروپىلان بېلىتى (تۇنجى قېتىملىق كېلىش ۋە ئاخىرقى يىلى كېتىش بېلەتلىرى)

 

تىزىملىتىشى ئۇسۇلى:

ئىلتىماس: www.turkiyeburslari.gov.tr  ياكى www.trscholarships.org  تورلىرىدىن ئېلىنىدۇ. تىزىملاتقۇچىلار ئالدى بىلەن تىزىملىتىش ئىسمى ۋە پارول ئېلىپ، يېڭىدىن ئەزا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، تىزىملاتقۇچىلار بۇ ئسىمى ۋە پارول بىلەن تىزىملىتىش تورىغا كىرگەندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك جەدۋەللەرنى تولدۇرۇپ، كېرەكلىك ماتېرىياللارنى تورغا يۈكلەپ، مۇكاپاتلىق ئوقۇشقا تىزىملىتىشنى تاماملايدۇ.

تولۇق مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن: www.turkiyeburslari.gov.tr ياكى  www.trscholarships.org

بۇ خەۋەرنىڭ تۈركچە مەنبەسى ئۈچۈن: http://www.ytb.gov.tr/index.php/tumduyurular/740-d2013022202.html

بۇ خەۋەرنىڭ ئىنگىلىزچە مەنبەسى ئۈچۈن: http://www.ytb.gov.tr/index.php/tumduyurular/739-d2013022201.html

دېگەن تور بەتلەرگە قارىسىڭىز بولىدۇ.

 

ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرى كومىتېتى

 

بۇ خەۋەرنى مەنبە كۆرسىتىش شەرتى بىلەن ھەرقانداق تور بەتتە ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ.