تۈركىيەدە ماگىستىرلىق ۋە دوكتۇرلۇق ئوقۇشىغا ئىلتىماس قىلغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققەت قىلىشىغا تىگىشلىك مۇھىم نوقتىلار
2012-يىلى تۈركىيەدە باكلاۋۇرلۇق، ماگىستىرلىق ۋە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇش ئۈچۈن، پۈتۈن دۇنيادىن 40 مىڭ ئوقۇغۇچى ئىلتىماس قىلدى ۋە 4 مىڭ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىندى. 2013-يىلى ھەرقايسى دۆلەتلەردىن تۈركىيەدە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىدىغانلارنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپ بولىشى مۇمكىن. ئەمما قۇبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇچى سانى يەنىلا 4000 – 4500 ئەتراپىدا بولىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. مەيلى قايسى دۆلەتتىن قانچە كۆپ كىشى ئىلتىماس قىلىشىدىن قەتئىي نەزەر، ھەرقايسى قىتئەلەردىكى دۆلەتلەر بويىچە باھالاش ئېلىپ بارىدىغان بولغاچقا، مەلۇم بىر دۆلەتكە مۇقىم قىلىپ ئايرىپ بېرىلگەن سان يوق. كىمنىڭ ئوقۇش نەتىجىسى ياخشى ۋە يۈز تۇرانە ئىمتىھاندا قايىل قىلارلىق نەتىجە ئالالسا، بۇ ئوقۇشنى شۇ قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۇۋېلىشقا بولىدۇكى، رىقابەت ئىنتايىن كەسكىن ۋە رەھىمسىز، ئەمما تاللاش ئادىل.
توردىن تۈركىيەدە ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلىشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم نوقتىلار:
تۈركىيەدە ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى نامزاتلىرىنىڭ تۆۋەندىكى بىر قانچە نوقتىلارغا ئەھمىيەت بەرگەندە، تاللاشتا غەلبە قىلىش پۇرسىتى تېخىمۇ چوڭ بولىشى مۇمكىن.
1. تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى تورىنى ۋە تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى بەلگىلىمىسىنى تەپىسىلى كۆرۈپ ئوقۇپ چىقىڭ. تۈركىيەدە ئوقۇش ئىلتىماس تور بېتى http://www.trscholarships.org تۈركچە ۋە ئىنگىلىزچە بولغاچقا، ئىلتىماس جەدىۋېلىنى توغرا ۋە تولۇق تولدۇرۇش ئۈچۈن، بۇ ئىككى تىلدىن بىرىنى ياخشى بىلىشىڭىز كىرەك. ئەگەر ئىنگلىزچە ياكى تۈركچە بىلمىسىڭىز، بۇ تىللاردىن بىرىنى ياخشى بىلىدىغان ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بىرسىدىن (ماگىستىرلىق ياكى ئۇنىڭدىن يوقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان كىشىدىن) ياردەم تەلەپ قىلىسىڭىز بولىدۇ.
2. ئىلتىماستا تەلەپ قىلغان پۈتۈن ماتىرىياللارنى رەڭلىك سىكەن (ساۋمىياۋ) قىلىۋېلىپ، بارماق دىسكىڭىزغا رەسىم (JPEG) شەكلىدە قاچىلىۋېلىڭ.
3. http://www.trscholarships.org تورىدىكى ئىلتىماس قەدەم باسقۇچلىرىنى ئەستايىدىل تولدۇرۇڭ. تەلەپ قىلغان پۈتۈن ماتىرىياللارنى تورغا يۈكلەپ، پۈتۈن باسقۇچلارنى بېسىپ بولغاندىن كېيىن، باشتىن ئاخىرى تەپسىلى تەكشۈرۈپ، كەم ياكى خاتالىقلارنى تۈزۈتۈپ، ئەمدى بولدى دىگەندە، ئاندىن ئەڭ ئاخىرقى تەستىقلاشنى تاماملىسىڭىز بولىدۇ.
4. مەكتەپ تاللاشتا، ئوقۇش ئەھۋالىڭىز ئالاھىدە ياخشى بولغان تەقدىردىمۇ، پۈتۈن مەكتەپلەرنى ئىستانبۇل، ئەنقەرە ۋە ئىزمىر قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردىن تاللىماڭ. سىز تاللايدىغان 12 مەكتەپنى تاللىغاندا، ئىستانبۇلدىن 1 ياكى 2 نى ، ئەنقەرەدىن 1 ياكى 2 نى ۋە ئىزمىردىن 1 ياكى 2 مەكتەپ تاللاپ، قالغان 6 ياكى 6 دىن كۆپ مەكتەپنى چوقۇم بۇ ئۈچ چوڭ شەھەردىن باشقا شەھەرلەردىن تاللاڭ. ئىسىڭىزدە بولسۇنكى، سىز 12 ئارزۇغا 12 مەكتەپنى تولۇق تولدۇرۇشىڭىز كىرەك.
5. كەسىپ تاللاشتا، : ئاسپىرانتلىق ۋە دوكتورلۇق ئوقۇشى ئۈچۈن، ئەڭ ياخشىسى تولۇك كۇرۇستا ئوقۇغان كەسپنى ياكى يىقىنراق كەسىپنى تاللاڭ. تولۇق كۇرۇسقا كەسىپ تاللىغاندا ياخشى ئويلىنىپ ئۆزىڭىز ئەڭ ياخشى كۆرۈدىغان، ئۆزىڭىزنىڭ قابىلىيىتىنى ئەڭ ياخشى جارى قىلدۇرالايدىغان كەسپنى ۋە شۇنىڭغا يېقىن كىلىدىغان كەسپلەرنىلا تاللاڭ. مەسىلەن: ئىجتىمائىي پەندە ئوقۇيمەن دەپ، بىر مەكتەپتىن ئەدەبىيات، بىر مەكتەپتىن تارىخ، بىر مەكتەپتىن ئىقتىساد، بىر مەكتەپتىن خەلقئارا مۇناسىۋەت، بىر مەكتەپتىن خەلقئارا سودا ۋە يەنە بىر مەكتەپتىن ئىقتىساد دىگەندەك كەسپلەرنىڭ ھەممىسىنى تاللىۋالماڭ. تەبىئى پەندە ئوقۇيمەن دەپ، بىر مەكتەپتىن فىزىكا، بىر مەكتەپتىن خېمىيە، بىر مەكتەپتىن ماتىماتىكا، بىر مەكتەپتىن كومپىيوتېر، بىر مەكتەپتىن ماشىنسازلىق ۋە يەنە بىر مەكتەپتىن بىئولوگىيە دىگەندەك كەسپلەرنىڭ ھەممىسىنى تاللىۋالماڭ. ماتىرىيالىڭىزنى كۆرۈپ سىزنى تاللايدىغان كىشى سىزنى ئېنىق بىر نىشانى يوق، كەسىپ ئەھلى بولۇشقا لاياقەتسىز بىر ئوقۇغۇچى ئىكەن دەپ شاللىۋىتىش ئىھتىمالى يۇقىرى بولۇپ، رىقابەتتە ئۇتتۇرۇپ قويىسىز. شۇڭا سىز تاللىماقچى بولغان 12 مەكتەپتىن ئۆزىڭىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ۋە ئۆزىڭىزنىڭ قابىلىيىتىنى ئەڭ ياخشى جارى قىلدۇرالايدىغان كەسپنى ۋە شۇنىڭغا يېقىن كىلىدىغان كەسپلەرنىلا تاللاڭ.
6. مەكتەپ تاللاشتا، 12 مەكتەپ تەرتىپىنى ھەگىزمۇ داڭلىقلىق دەرىجىسى بىلەن تىزماڭ، بەلكى سىزگە ماس كىلدىغان تەرتىپتە بولسۇن. مەسلەن: ھىچقانداق ئىنگلىزچە نەتىجىڭىز يۇق ۋە ئۇتتۇرىچە نەتىجىڭىز 60 ئەتراپىدا تۇرۇپ، ئۇتتۇرا شەرق تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنى تاللىۋالماڭ. سىز بۇ خىلدىكى مەكتەپلەرنى تاللىماقچى بولغادا، ئىكراندا سىزگە ئاگاھلاندۇرۇش بىرىلىدى.
7. كەسىپ تاللاشتا، تولۇق كۇرس ۋە ماگىستىرلىق ئوقۇشىدا قايسى كەسىپنى ئوقۇغان بولسىڭىز، ئۆرلەپ ئوقۇشتىمۇ شۇ كەسپىنى ۋە يېقىن كىلىدىغان كەسىپنى تاللاڭ. ئەگەر سىزنىڭ بۇرۇنقى كەسپىڭىز بىلەن ئۆرلەپ ئوقۇماقچى بولغان كەسىپىڭىز بىر بىرى بىلەن پەقەتلا مۇناسىۋىتى بولمىسا، تاللىنىش پۇرسىتىڭىز يەنە تۆۋەن بولۇپ قالىدۇ. تاللاشتىن غەلبىلىك ئۆتسىڭىزمۇ، تۈركىيەگە ئوقۇشقا بارغاندىن كېيىن، مەكتەپلەر سىزدىن كەسپى تەييارلىق ئېلىشىڭىزنى تەلەپ قىلىپ، تولۇق كۇرستىكى كەسپى دەرسلەردىن 8 دىن 10 غىچە دەرسنى بىر يىلدا تولۇق غەلبىلىك پۈتتۈرىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر كەسپى تەييارلىقتا بىر پەندىن ئۆتەلمىسىڭىز، سىزگە ئۇيغۇركەن دەپ ئىتىبار بېرىشتە يوق، ئەكىسچە، تۈركىيە ئالىي مائارىپ كومىتېتىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، قىلچە رەھىم قىلىنماي مەكتەپتىن ھەيدىلىسىز، ئوقۇش مۇكاپاتى ۋە مەكتەپمۇ يوق بولىدۇ. تۈركىيەدىن قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىسىز.
8. كەسىپ تاللاشتا، ئىنگلىزچە ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلىدىغان كەسپلەرنى تاللاش ئۈچۈن، ئەگەر سىزنىڭ ئىنگلىزچە TOEFL / IELTS ۋە GRE قاتارلىق ئىمتىھانلاردىن ئومۇمى نۇمۇر ۋە يەككە تۈرلەردىكى نومۇرىڭىز مەكتەپلەرنىڭ سىز تاللىماقچى بولغان كەسپكە قويغان ئۆلچىمىگە چۈشسە، ئاندىن ئىنگلىزچە ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان ئوخشاش كەسىپ ئۈچۈن 2 ياكى 3 مەكتەپنى تاللىسڭىز بولىدۇ. قالغانلىرىنى تۈركچە ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان كەسپ ۋە مەكتەپلەرنى تاللىسىڭىز تاللىنىش پۇرسىتىڭىز يوقىرى بولىدۇ.
9. جەدىۋەل تولدۇرغاندا يۇلتۇز بەلگىسى(*) قۇيۇلغانلارنىڭ ھەممىسىنى تۇلدۇرغاندىن سىرت، بەلگە قويۇلمىغانلارنىمۇ چوقۇم تولدۇرۇڭ ۋە تەلەپ قىلىنغان ماتېرىياللارنىڭمۇ بەلگە قويۇلسۇن ياكى قويۇلمىسۇن ھەممىنى يوللاڭ، ئامال بار بوش يەر قالمسۇن.
10. قىزىقىمەن دەپلا كەسپىڭىز بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى بولمىغان كەسىپنى تاللىۋالماڭ، پەۋقۇلاددە قابىليىتىڭىز بولۇپ، تاللىغۇچىنى قايىل قىلالمىسىڭىز تاللىنالمايسىز.
11. توردىن ئىلىتىماس جەدىۋېلىنى تولدۇرغاندا، ئۆزىڭىزنىڭ نىمە ئۈچۈن تۈركىيەدە ئوقۇش ئارزۇيىڭىز بارلىقىنى يازىدىغان قىسمىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىڭ ۋە يۈز تۇرانە ئىمتىھاندىمۇ مۇشۇ قىسىمغا يازغان مەزمۇننى چۆرىدىگەن ئاساستا بايان قىلىڭ.
12. ئوقۇش مۇكاپات تۈرىدىن قانچە تۈرنى تاللاش ئىمكانىڭىز بولسا ۋە ئوقۇش ئەھۋالىڭىز ماس كەلسىلا ھەممىنى تاللاڭ. ئامما تاللىغان كەسىپلەر بىر-بىرگە موناسىۋەتلىك بولسۇن. بولمىسا بۇ ئوقۇغۇچى نىمە ئوقۇشىنى بىلمەيدىكەن دەپ ئىلغىنىپ كەتمەڭ.
13. ئىسىڭىزدە بولسۇنكى، بۇ ئوقۇشقا قۇبۇل قىلىشتا، تۈركىيە تەرەپ ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئوقۇش نەتىجىسىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە، غايىلىك، ئاڭ سەۋىيەلىك بولىشىغىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە، بولاپمۇ تىرشىپ ئوقۇيدىغان بىر ئىرادە بولىشى…
تۈركىيەدە ئوقۇش مۇكاپاتى يۈزتۇرانە ئىمتىھانىدا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم نوقتىلار:
تۈركىيەدە ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى نامزاتلىرىنىڭ يۈز تۇرانە ئىمتىھاندا، تۆۋەندىكى بىر قانچە نوقتىلارغا ئەھمىيەت بەرگەندە، تاللاشتا غەلبە قىلىش پۇرسىتى تېخىمۇ چوڭ بولىشى مۇمكىن.
1. سىز توردىن تۈركىيەدە ئوقۇشقا ئىلتىماسىڭىزنى غەلبىلىك تاماملاپ بولغاندىن كېيىن، 2-3 كۈندە بىر ئېلخەت ئادىرىسىڭىزغا قاراپ تۇرۇشنى ئۇنتۇماڭ. ئوقۇش ئەھۋالىڭىز ياخشى بۇلۇپ، ئىلتىماسنى ئەستايىدىل ۋە تەلەپكە لايىق تولدۇرغان بولسىڭىز، سىز بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا چاقىرىلىسىز. يۈز تۇرانە ئىمتىھان ۋاقتى نورمالدا ماگىستىر ۋە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇيدىغانلار ئۈچۈن 4- ياكى 5-ئايلاردا، باكلاۋۇرلۇقتا ئوقۇيدىغانلار ئۈچۈن 6- ياكى 7-ئايلاردا بولىشى مۈمكىن. بىز يەنە ئىلان قىلىپ تۇرۇمىز.
2. يۈز تۇرانە ئىمتىھان خەنزۇچە ياكى ئىنگلىزچە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولغاچقا، بۇ ئىككى تىلنىڭ بىرىدە ئۆزىڭىزنى ياخشى ئىپادىلەپ بىرەلەيدىغان ۋە سورىغان سۇئاللارغا جاۋاپ بىرەلەيدىغان بولىشىڭىز كىرەك. ئەگەر ئىنگلىزچە بىلسىڭىز، يۈز تۇرانە ئىمتىھاننىڭ ئاخىرقى بىر قانچە مىنۇتلىرىدا ئۆزىڭىزنىڭ ئىنگلىزچە بىلىدىغانلىقىڭىزنىمۇ كۆرسىتىپ قويۇشىڭىز سىزگە پايدىلىق.
3. نىمە ئۈچۈن تۈركىيەدە ئوقۇيسىز؟ دىگەن سۇئالغا، مەن تۈركىيەگە قىزىقىمەن، ئۇيغۇرلارمۇ تۈرك ئىرقىدىن دەپلا جاۋاپ بەرمەي، ئوقۇش ھاياتىمدا ئوخشىمىغان مۇھىتتا ۋە ئوخشىمىغان دۆلەتلەردە ياشاپ، ئوخشىمىغان ئىنسانلارنى ۋە دۆلەتلەرنى چۈشىنىپ بېقىش ئارزۇيۇم بار. مەن ئوقۇشتىن سىرت ھەرخىل ئىجتىمائىي مۇھىتتا ياشاپ، دۇنيا كۆز قارىشىمىنى ۋە ھايات تەجرىبىلىرىمنى بېيىتقۇم بار… دىگەندەك جاۋابلارنى بەرسىڭىز ياخشى بولىشى مۇمكىن.
4. يۈز تۇرانە ئمتىھاندا، ھىچ بولمىغاندا ئەڭ باشتا 2-3 ئېغىز تۈركچە سالاملىشىڭ ۋە بۇلارنى بۇ تىلغا قىززىققانلىقىڭىز ئۈچۈن ئۆگەنگەنلىگىڭىزنى دەڭ، ئاندىن خەنزۇچە ۋە ئىنگلىزچىنىڭ قايسىسىدا ئۆزىڭىزنى ياخشى ئىپادىلەپ بىرەلىسىڭىز، شۇ تىلدا سۆزلەڭ. چۇنكى سىز بىلەن كۆرەشكۈچىمۇ سىز بىلەن مۇشۇ تىللاردا ئەڭ ياخشى پىكىر ئالماشتۇرالايدۇ، ھەر قانچە قابىليىتىڭىز بولسمۇ ئۇلار كۆرمسە بىكار.
5. تۈركىيەدە ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، يۇرتىڭىزغا قايتىش ياكى قايتماسلىق ھەققىدىكى سۇئالغا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتىپ يۇرتۇمنى گۈللەندۈرۈمەن دەپ جاۋاپ بېرىڭ. كەلگۈسىدە، جوڭگۇ-تۈركىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە قايسى خىل تۈردە نىمە قىلىپ بىرەلەيدىغانلىقىڭزنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈڭ.
6. ئىلتىماس جەدىۋېلىدە نېمىنى يازغان بولسىڭىز ۋە قانداق ماتېرىيال يۈكلىگەن بولسىڭىز، يۈز تۇرانە ئىمتىھانىغا ھەممە ئسپاتلارنى تولۇق ئېلىپ بېرىڭ، يالغانچىلق قىلماڭ.
7. يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا كىرگەندە، كىيىملىرىڭىز ئاددى ۋە رەتلىك، ئۈستى بېشىڭىز پاكىز ۋە چاچ ساقاللىرىڭىز تاراقلىق بولسۇن. ئامال بار يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا غەيرى كىيىملەرنى كىيىپ كىرمەڭ. ئۇلۇغۋار نىشانلارنى قەلبىڭىزگە پۈككەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىڭىزنى ئىپادىلەڭ. چوقۇم ئانا تىلىڭىزدە بىر-ئىككى ئىغىز سۆز قىلىڭ ۋە ئۆز مىللىتىڭىزنىك مۇھىم ئۆرۈپ-ئادەتلىرنى تونۇشتۇرۇڭ.
تۈركىيەدە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى ئىلتىماس قوللانمىسىنى (ئىنگلىزچە ۋە تۈركچە) تولۇق ئوقۇپ چىقىشىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز.
ئاخىرىدا، تۈركىيەدە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلغان بارلىق سۆيۈملۈك ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ئوقۇشىلىرىغا غەلبە، ئەزىز تەنلىرىگە سالامەتلىك تىلەيمىز.
تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى ئىلتىماس قوللانمىسىنى تۆۋەندىكى ئۇلۇنىشتىن چۈشۈرەلەيسىلەر:
https://www.turkiyeburslari.gov.tr/tr/OBS_K/OnlineBasvuru/Yardim
ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرى كومىتېتى
ئەسكەرتىش: بۇ تېما كۆكلەم تورىدا ئىلان قىلىنغان بولۇپ، كومىتىمىز بەزى يەرلىرىنى ئۆزگەرتىپ-تولۇقالاپ ئىلان قىلدۇق. تېما يازغۇچىسى تەۋپىق ئۇيغۇر قىرىندىشىمىزغا ئالاھىدە رەخمەت ئېيتىمىز!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرى كومىتېتىدىكى ئاكا-ھەدىلەر ،ھارمىغايسىلەر!
مەن باش سۈرىتىمنى يۈكلىگەندە مەسلە كۈرىلدى ،يەنە saveنى باسقاندا ،تور بەتتە ھېچقانداق ئىنكاس يوق! بىر قانچە قېتىم سىناپ كۆردۇم ،يەنىلا شۇنداق. قانداق قىلىشىم كېرەك؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! ئەگەر رەسىمنى يۈكلەپ بولۇپ، كېيىنكى بەتكە ئۆتكەندە رەسىم توغرۇلۇق بىر نەرسە دېمىسىلا، رەسىمىڭىز يۈكلەنگەن بولىدۇ. خاتىرجەم داۋاملاشتۇرسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر كېيىنكى بەتكە ئۆتكىلى ئۇنىمىسا، ئاندىن مەسىلە كۆرۈلگەن بولىدۇ.
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم، مەن توشقۇزدېغان بوش ئورۇنلارنى تۇلۇق توشقازغان ئېدىم، ئەمما توشقۇزۇپ تىلغا مۇناسىۋەتلىك قىسىمغا كەلگەندە ،تور بەتتە ھېچقانداق ئىنكاس يوق! بىر قانچە قېتىم سىناپ كۆردۇم ،يەنىلا شۇنداق. قانداق قىلىشىم كېرەك؟
سۇئالىڭىزنى چۈشەنەلمىدىم؟
قانداق ئىنكاس دەيسىز؟
ئەسسىلاممۇ ئەلەيكۇم
مەن تولۇق كۇرۇسقا تىزىملىتاي دىگەن قارىسام ھازىر ۋاقتى ئەمەستەك قىلىدۇ!لىكىن ئازراق سوئاللىرىم بار سورىۋالاي!
تولۇق كۇرۇسقا تىزىملىتىش ئۇچۇن قايسى نەتىجىنى ئىتراپ قىلىدۇ!يۈز تۇرانە ئىمتىھاننى ئىككى خىل تىلدا دەپتۇ!تۈرۇك تىلىدا بەرسەك بولمامدۇ!تۈرۈك تىلى ئۈگىنىۋاتقان دەيمىنا؟مەن ئىجدىمائىي پەندە ئوقۇۋاتقان قانداق مەكتەپ قايسى كەسىپلەرنى تاللىسام تاللىنىش نىسبىتى يۇقرى بولىدۇ!
ۋەئەلەيكۇم سەلام!
تولۇق كۇرۇس ئۈچۈن تولۇ ئوتتۇرا نەتىجىڭىزنى ئاساس قىلىدۇ.
يۈز تۇرانە ئىمتىھاندا تۈرۈكچە بىلسىڭىز تىخمۇ ياخشى، ئامما تۈرۈكچە بىلىش شەرت ئەمەس.
تولۇق كۇرۇسقا تىزىملاشقا باشلىغاندا، تىخمۇ تەپسىىلى بىلگى ئالغىلى بولىدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەن ھازىر ئاسپىرانتلىق ئوقۇشقا تىزىملىتىۋاتقان .ئۆتكەن يىلىمۇ تىزىملىتىپ ئەڭ ئاخىرىدا قۇبۇل قىلىنالمىغان، ھازىر تىزىملاتقاندا ئۆتكەن يىلقى ماتىرياللىرىمنى ئىشلەتسەم بولامدىغاندۇ؟ پەقەت يىلنامىدىكى مەسىلە، ئەگەر ئۇنى ئۆزگەرتىش توغرا كەلسە بېيجىڭغا بېرىشىمغا توغرا كېلىدۇ. مەن ھازىر ۋەتەندە ئىدىم. بۇ يىل بۇ كىچىككىنە سەۋەپ تۈپەيلى قىلىپ قالغۇم يوق.
ۋەئەلەيكۇم سەلام!.
ئەلۋەتتە بولىدۇ. بىزمۇ بۇ يەردە بىرەر ماتىريالنى بىر تەستىقلىتىپ بولغاندىن كىيىن نۇرغۇن قىتىم ئىشلىتىمىز.
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم
ئىلتىماسنى توشقۇزغاندا قايسى مەكتەپنىڭ قايسى شەھەردە ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئىنىق ئۇقۇم بولمىغاچقا قىينىلىپ قالدىم. ئىستانبۇل،ئەنقەرە،ئىزمىز دىن جەمئىي 6مەكتەپتىن ئىشىپ كەتمەسلىكى كېرەك دىيىلىپتۇ .
ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ قايسى شەھەردە ئىكەنلىكى تۇغرۇلۇق مەلۇمات بەرگەن بولسىڭىز.
ۋەئەلەيكۇم سالام!.
مەكتەپلەرنىڭ ئىسمنى google يېزىپ ئىزدىسڭىز، توردىن قايسى شەھەردە ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيسىز. ياكى بولمىسا، تۈۋەندىكى ئۇلنىشىنى چىكىڭ:
/?page_id=51
ئستانبۇلنىڭ تېلېغون كودى: 0212 ۋە 0216
ئەنقەرەنىڭ: 0312
ئىزمىرنىڭ: 0232
ئۇيغۇر ئاكادىمىك توردىكى قېرىنداشلار ياخشىمۇسىزلەر!
مەن دوكتۇرلۇققا تىزىملىتۋاتقان ئىدىم،ئۇقۇش تارىخىنى كىرگۈزىدىغان 5-بەتتىە ئىككى مەزمۇن بولۇپ، ئۈستىىدىكى مەزمۇنغا ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىمنى توشتۇرۇپ بولۇپ، ئاستىدىكى مەزمۇنغا باكلاۋورلۇق ئوقۇش تارىخىمنى توشتۇرۇپ، College/Institute * دېگەن ئىستوندىكى selectنى باسسام ئىچىدىكى تاللايدىغان مەزمۇن پەقەتلا كۆرۇلمىدى، يەنىلا selectدېگەن خەت چىقىۋالدى،باشقا ھەممە جايلىرىنى تۇشتۇرغىلى بولدى، شۇ بىرلا جاي تۇپەيلىدىن 6-بەتكە ئۆتۇش مەغلۇپ بولۇۋاتىدۇ، مۇشۇ بىر ئىستۇن بىلەن ھەپىلەشكىلى ئىككى كۈن بولدى ،ئاڭلىسام باشقا بىرقانچە ئوقۇغۇچىمۇ ئوخشاس مەسىلىگە دۇچ كەپتۇ ،شۇڭا جىددى ياردەم سورايمەن!
ياخشىمۇسىز؟
سىز تور كۆرگۈچىسىنى يەڭگۈشلەپ بىقىڭ. مەسىلەن: firefox بىلەن بىر سىناپ بىقىڭ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەن تولۇق كۇرۇسقا تىزىملىتاي دىگەن ،قانداق ماتىرىياللار لازىم بولىدۇ ،شۇ توغرىلىق ماتىرىياللار بىلەن تەمىنلىگەن بولساڭلار، رەخمەت سىلەرگە!!!!
ۋەئەلەيكۇم سەلام!
تولۇق ئوتتۇرا دىپلوما ۋە نەتىجىلىرى، ئەگەر بولسا، ئۈنىۋىرسىتكە كىرىش ئىمتاھان نەتىجىسى….
تولۇق كۇرۇسقا تىزىملىتىش 5-ئايدا باشلايدۇ. ئۇ ۋاقىتتا تىخىمۇ تەپسىلى بىلەلەيمىز. ھازىرقى تىىزملىتىش، ئاسپىرانتلىق ۋە دوكتورلۇق ئۈچۈنلا…
ھە تىزىملاش ۋاقتى ئېنىق 5- ئايدا باشلامدۇ؟؟ رەخمەت سىزگە
面试 ۋاقتى قاچانلىققىدۇ ؟؟؟
بىز يەنە ئىلان قىلىمز. سەبىر قىلىپ تۇرۇڭ.
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم شەمسىيە خانقىز بىز 面试 نى ئۇيغۇرچىدە يۈزتۇرانە ئىمتىھان دەپ ئاتايمىز ئەمدى سىلەر نىمە دەيسىلەر بۇنى بىلمىدىم!(تىلنىڭ ئۆمرى مىللەتنىڭ ئۆمرى)
ياىشىمۇسىز ئادمىن مەن ئۆتكەن يىلى باكلاۋۇرلىققا تىزىملاتقان مۇلاقەتكىمۇ قاتناشقان تۇغۇلغان ۋاقتىم 1991.10.11بۇ يىل باكلاۋۇرلىققا تىزملىتاي دىسەم يېشم ئۈتۈپ كىتىدىغاندەك تۇردۇ بۇ يىل ئۆزلگدىن ئۆگنىش بۇيىچە تۇلۇق كۇرۇسنى پۇتتۇرمەن باكلاۋۇرلىققا ھەم ئاسپىرانىتلىققا تەڭ تىزىملاتسام بولامدۇ؟7-ئايدا دىپلۇم چىقدۇ .ماڭا ياردەم قىلغان بولسىڭز ئاللا رەھمەت قلسۇن !
ياخشىمۇسىز!
سىز ئاسپىرانتلىققا تىزىملىتىڭ. باكلاۋۇر بولۇش ئۈچۈن تولۇق كۇرۇستا ئوقۇش كىرەك. سىز تولۇق كۇرۇسنى تاماملايدىكەنسىز. ئاسپىرانتلىق 2 يىل تۈركىيەدە، تولۇق كۇرۇس 4 يىل. شۇڭا سىز تولۇق كۇرۇسقا تىزىملاتالمايسىز.
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئاكا، قانداق ئەھۋالىڭىز؟ مەن ئاخبارات كەسپىدە ئوقۇماقچى ئىدىم، قايسى مەكتەپلەرنىڭ كەسىپلىرى ياخشىراق؟ تەۋسىيە قىلسىڭىز بوپتىكەن…ئېلخەت ئادرېسىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز، رەھمەت!
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!.
تىزىملىكتە قايسى مەكتەپلەر بار ئىكەن. بىز تىزىملىككە قاراپ مەسلىھەت بىرەيلى.
ئالاقىلىشىش ئېلخەت ساندۇقۇمىزنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ:
uyguroku@gmail.com
ئىسىم فامىلە تولدۇردىغان يەرگە قايسى ئىسىمنى تولدۇرمىز؟ كىملىكتىكسنىمۇ ياكى پاسپورتتىكى پىنيىنچە ئىسىم بويىنچە تولدۇرامدۇق؟ پاسپورت چىقمىغان بولسا قانداق قىلىمىز؟ ئېنىقراق جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن!
پاسپورتتىكى ئىسىمنى ئاساس قىلىسىز، ئەگەر پاسپورتىڭىز بولسا ۋە پاسپورتتىكى پىنيىنچە يازىسىز. ئەگەر پاسپورتىڭىز بولمىسا، باشقا كىملىك بىلەن تولدۇرسىز. يۈز تۈرانە ئىمتاھانغا چاقىرىلغاندا، ئەھۋالنى ئەسكەرتىپ قويسىڭىز بولىدۇ. ناۋادا ئوقۇشا تاللىنىپ قالسىڭىز، تىزىملاتقان كىملىكنى ئىسپات قىلىپ تۇرۇپ، پاسپورتتىكى ئىسمىڭىز بويىچە باشقا ئىشلىرىڭىزنى ھەل قىلالايسىز. دىگىنىمدەك، بۇ ئەھۋالنى تونۇشتۇرۇش خىتىڭىزدە ئىپادىلەپ قوياڭ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ھازىر ئوقۇۋاتقان مەكتەپنى توشقۇزغاندا ئوقۇۋاتقان مەكتەپ بېرىلگەن تىزىملىكتە بولمىسا قانداق قىلىمىز؟ ئاندىن تۇغۇلغان شەھەر دېگەندەك تىزىملىكتە ئاتۇش يوقكەن، بۇنى قانداق بىر تەرەپ قلىمىز؟ ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم، جاپا چەكتىنڭلار.
ۋەئەلەيكۇم سالام!.
ئەگەر، تىزىملىكە بولمىغان مەكتەپنىڭ ئىسمىنى كىرىىدىغان بىر كۆزنەك بولمىسا ، مەسىلەن: other دىگەندەك، خالىغان بىر مەكتەپنىڭ ئىسىمىنى يېزىپ قوياڭ ۋە تونۇشتۇرۇش ختىدىمۇ ئەسكەرتىپ قوياڭ. تۇغۇلغان يەر ئۈچۇنمۇ شۇنداق. بىزمۇ بۇ ئەھۋالنى دۈشەنبە ئەنقەرەدىن سوراپ باقايلى. دۈشەنبە كۈنى سىز يەنە بىر قىتىم سوراڭ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. سىزدىن ئالدىنقى قېتىم سورىغان مەكتەپ نامى ۋە يۇرت نامى تىزىملىكتە يوقكەن دېگەن ئەھۋالدىن مەكتەپ نامىنىڭ ئىشى ھەل بولدى، other دېگەننى تاللىساق ياندا كىرگۈزۈش ئورنى چىقىدىكەن. ئەمدى مۇشۇ يۇرتنىڭ ئىسمى بولماسلىق ئەھۋالىغا جاۋاب كەلدىمىكىن؟
ۋەئەلەيكۇم سالام،
يۇرتنىڭ ئىسمىغا باشقا ئىسىم يازساڭلار بولىۋىرۇدۇ. تونۇشتۇرۇش خىتىدە ئەسكەرتىپ قوياڭلار.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
مەن بۇ يىل تولۇق ئوتتۇرىنى پۇتتۈرىمەن.ئالى مەكتەپنى تۈركىيەدە ئوقۇش ئارزۇيۇم بەك كۈچلۈك ،پاسپورتنىغۇ 7-ئايغىچە تەييارلىيالايدىغىنىمغا ئىشەنچىم بار،لىكىن ئىنگىلىز تىلى سەۋىيەرىم بەك تۆۋەن،تۈرك تىلىنىمۇ بىلمەيمەن.ئانا تىلىم بىلەن خەنزۇ تىلىغىلا پۇختا.تولۇق كۇرسقا تىزىملاتسام بولارمۇ؟بىزدىن نىمىلەرنى تەلەپ قىلىدىغاندۇ؟
ۋەئەلەيكۇم سەلام!
شۇنداق تىزىملاتالايسىز. 5- ئايدا باشلىنىدۇ. تۈركىيەدە ئوقۇشقا تاللىنىشقا، تۈركچە بىلمىسە بولمايدۇ دەيدىغان شەرت يوق. بۇ سەۋەپتىن تاللىنىپ كەلگەنلەر، ئىھتىياجغا ئاساسەن بىر يىل تۈركچە ئۈگىنىدۇ. ئىنگىلىز تىلى بولسا، سىز ئوقۇماقچى بولغان كەسىپ ۋە مەكتەپلەرگە قاراپ ئەھۋال ئۈزگىرىشى مۈمكىن. تىزىملاشاقا باشلىغاندا تەپسىلى ئوقالايمىز.
ئەسسالامۇئەلەيكۇم .مەن2011-يىلى تىىبى ئۇنۋىرسىتىتنىڭ داۋالاش كەسپى بويچە تولۇق كۇرۇسنى پۇتتۇرۇپ باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىننى ئالغان. ئۆزۇمنىڭ تۈركىيەدە ئوقۇش ئشتىياقىم كۈچلۈك بولغاچ ، ئاسپارانتلىقتا داۋالاش كەسپى بويچە ئوقۇي دىگەن، داۋالاش كەسپى بارمۇ؟ ئەگەر بولسا دۆلىتىمىزنىىڭ باكلاۋۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئتراپ قىلامدۇ؟
سىز تۆۋەندىكى ئېلخەتكە خەت يىزىپ تەپسىلى سوراپ بىقىڭ.
dr_ahmetcan@hotmail.com
بۇ ئېلخەت، تۈركىيەدە تىپنى پۈتتىرۇپ، ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇماقچى بولىۋاتقغان، «ئەخمەت جان» دوكتۇرنىڭ. تارتىنماي يېزىۋىرىڭ. ئۆزى بەك ياردەم سۆيبر بىرى. چوقۇم سىزگە جاۋاپ قايتۇرىدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار، تىزىملىتىش جەريانىدا بەشىنچى بەتتە grading system ۋە diploma transcript grade دېگەن تاللاشنى تولدۇرغاندا قانداق تولدۇرۇشنى چۈشىنەلمىدىم . ياردەم قىلغان بولساڭلار ! رەخمەت
ۋەئەليكۇم سالام.
grading system دىگىنى، نومۇر بىرىش سىستىمى دىگەنلىك بولىدۇ. تۈركىيدە 4 ئالسا ئەڭ يۇقىرى نومور بولىدۇ. مەملىكىتىمىزدە 100 نومۇر ئەڭ يۇقۇرى….
مۇشۇ ئاساستا تولدۇرسىڭىز بولىدۇ.
diploma transcript grade ، ئوقۇش نەتىجىڭىز. تولۇق كۇرۇس بولغان بولسا 4 يىللىق ھەممە نەتىجىلەر بولىشى كىرەك. ھەتتە، ئوقۇس پۈتتۈرۈش تەتقىقات تېمىڭىزنىمۇ ئەسكەرتىپ قوياڭ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . sertifikaنىمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ دېپلوممىكىن دىسەم ئۇنى تولدۇرىدىغان يەر ئايرىمكەن.
sertifika دىگەن، ئىسپات دىگەنلىىك بولىدۇ. سىز بىرەر قوشۇمچە كەسىپتىن نەتىجە ئالغان بولسىڭىز، ياكى ئالاھىدە قابىلىيەتىڭىز بولسا ۋە نەتىجە ئالغان بولسىڭىز، بىرەر ئىمتاھاندا ( ئەقىل سىناش، چەتئەلى تىلى) ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەرنى. مەسىلە: بىرە ماقالە يېزىپ مۇناسىۋەتلىك يەلەردىن ئالاھىدە مۇكاپات ئالغان بولسىڭىز…. دىگەندەك نەرسىلەر.
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ،بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئاسپىرانتلىققا تىزىملاتماقچى بولغانلار ،باكلاۋۇرلۇق دىپلومنىڭ 6-ئايلاردا چىقىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئسپات بولسا ،تولۇق ئوتتۇرىنىڭ دىپلومىنى يوللىماي ئۆتۈپ كەتسەكمۇ بولامدۇ ؟مېنىڭ تولۇق ئوتتۇردىكى دىپلومام يوقاپ كەتكەنىدى . ئاندىن مەكتەپلەرنىڭ خاراكتىرىنى تاللاش تۈرىدە ئىسلامىي تۈر ۋە ئەدەبىيات تۈرى دەپ ئىككىلىسىنى تاللىغىلى بولامدۇ؟
ۋەئەلەيكۇم سالام!
تولۇق ئوتتۇرىنىڭ دىپلومىسىنى، سىز ئوقۇغان مەكتەپتىن سۇرىسىڭىز تولۇقلاپ قايتىدىن چىقىرىپ بىرىدۇ. بۇ چوقۇم بولىشى كىرەك.
باكلاۋىرلىق دىپلومىڭىز بولمىغاندىكىن، دىپلومنىڭ 6-ئايلاردا چىقىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئسپات بولسا بولىشى كىرەك.
كەسىپ تاللىغاندا بىرنەچچە كەسىپ ئەلۋەتتە تاللىسىڭىز بولىدۇ. ئامالى بار تولۇق كۇرۇستا ئوقۇغان كەسپىڭىزگە يىقىنراق كەىسپ بولسۇن.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم باشقۇرغۇچى ، مەن بۇ يىل ئالىي مەكتەپنىڭ خىمىيە ئېنزىنىرلىقى كەسپى ئوقۇشىنى پۇتتۇرەتتىم . مەكتەپتىكى نەتىجەممۇ ج پ ئە بىلەن 2.64 چىقىپتىكەن . ئوتتۇرا شەرق بىلىكيۇرتى ، يىلدىز تېكنىك ئۈنۋەرسىتەسى قاتارلىق مەكتەپلەرنى ئىلتىماس قىلسام ئىنگىلىزچە خەلقئارالىق نەتىجە كېرەكمىش ئەمما مەندە ئىنگىلزتىلى 4 بىلەن 6 نەتىجسى باتتى،خەلقئارالىق ئىمتىھانغا قاتناشمىغان . ئۆزەمنىڭمۇ خىمىيەدە ئوقۇغۇسى باتتى . تۇركچەممۇ ھازىر ماس قەدەملىك تەرجىمان سەۋىيەسىدە ئىدى .ھازىر ئىلتىماس قىلىپ بىر يىل ھازىرلىق ئوقۇغاندا ئايلتىس ياكى توفېل بېرىشكە مۇمكىن بولامدۇ ياكى شۇ خىل نەتىجىلەر ھازىر قولۇمدا بولمىسا بۇ مەكتەپلەرنى تاللىيالمامدىم ؟ بىر يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز ؟
ۋەئەلەيكۇم سالام!
ھازىر ئىلتىماس قىلىپ بىر يىل ھازىرلىق ئوقۇغاندا، IELTS ياكى TOEFL بېرىشكە مۇمكىن بولىدۇ. بۇ مەكتەپلەرگە ھازىرمۇ ئىلتىماس قىلالايسىز. ئامما بۇ نەتىجىلەر قولىڭىزدا بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئىلغىنىپ كىتىشىڭىز ئىھتىماللىقى ناھايىتى يۈقىرى. ناۋادا، تەلىيىڭىز كىلىپ تاللىنىپ قالغان ئەھۋالدىمۇ، تۈركىيەگە كەلگەندە، مەكتەپلەرگە تىزىملىتىدىغان ۋاقىتتا، تىزىملاتالمايسىز. بۇلتۇرمۇ نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار تىزىملاتالماي، مەكتەپ ئالماشتۇرالماي قالغان ئىدى. بۇ سەۋەپتىن، بۇ يىل بەزى مەكتەپلەرنىڭ ئالاھىدە شەرتلىرى ئەسكەرتىلىپ قويدى. ئالىي مەكتەپتە ئالغان ئىنگىلزتىلى 4 بىلەن 6 نەتىجسى ئىتىارپ قىلىنمايدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم باشقۇرغۇچى!
تۇلۇق كۇرۇسقا تىزىملاش ۋاقتىنى ئېيتىپ بەرگەن بولسىىڭىز بولامدۇ؟ يەنە بىر مەسلىھەتىم بار ئىدى، تىزىملاتقان ۋاقتتا پاسپورتنىڭ چۇقۇم بۇلۇشى تەلەپ قىلىنامدۇ؟ مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز؟
تۇلۇق كۇرۇسقا تىزىملاش ۋاقتى 5- ئايدا بولماقچى. بىز يەنە ئىلان قىلىپ تۇرىمىز. پاسپورت بولمىسىمۇ تىزىملاتالايسىز. ئامما، ئوقۇشۇقا چىقىش ئۈچۈن چوقۇم پاسپورت بولىشى كېرەك.
رەھمەت باشقۇرغۇچى ئەمىسە بولدى مەن ئىلتىماس قىلىۋېرەي ، رەھمەت سىزگە ئاۋارە قىلدىم !
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
مەنمۇ تىزىملىتىۋاتقان ئىدىم، تىزىملىتىپ Education Details دېگەن بۆلەككە كەلگەندە كېيىنكى بۆلەككە پەقەت ئۆتمەيۋاتىدۇ، نەچچە قېتىم سىناپ كەتتىم. مېنىڭ TOEFL ۋە GRE نەتىجەم بار ئىدى، يۇقارقى نىمە چاتاقتۇ؟ تولۇق تولدۇردۇم بولمىسا.؟
ۋەئەلەيكۇم سەلام!،
تور كۆرگۈچىڭىزنى يەڭگۈشلەپ بىقىڭ.
كۆكلەم تورىدا يەنە بىر قېرىندىشىمىزمۇ مۇشۇنداق ئەھۋالغا يۇلۇققانلىقىنى ئىنكاس قىلىپتۇ، Education Details دېگەن بۆلەكنىڭ كەينىدىكى بۆلەكلەر پەقەت ئچىلمايۋاتىدۇ. سىلەر تەرەپتىمۇ شۇنداقمىدۇ ياكى؟
ئەسسىلاممۇ ئەلەيكۇم قىرىندىشىم
مەن تولۇق كۇرۇسقا تىزىملاتماقچىتىم:باغداش تورىغا بىرى مۇنداق ئىنكاس يىزىپ قويۇپتۇ!:
تۈركىيەدە تولۇق كۇرس ئوقۇش ئۈچۈن تولۇق ئوتتۇرنى پۈتتۈرگەن بولىشىڭىز،يېشىڭىز 21ياشتىن تۆۋەن بولىشى كېرەك.ئوقۇش نەتىجىسىگە كەلسەك،تولۇق ئوتتۇرا دېپلومى بولىشى،تولۇق ئوتتۇرا خۇلاسە ئىمىتىھان نەتىجىسى 500دىن يۇقۇرى،3 يىللىق ھەر بىر پەننىڭ ئوتتۇرچە نەتىجە 85دىن يۇقۇرى بولسا،سالامەتلىگىڭىز ياخشى،ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈدىغان،ئىدىيىڭىز ساغلام بولسا تۈركىيە خەندەلىكىگە(ھەقسىز ئوقۇتۇش)قا تاللىنىشىڭىزدا ئۈمۈت بار،ئەلبەتتە پاسپورتىڭىز بولىشى كېرەك.ئەگەر سىز ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدا 450دىن يۇقۇرى ئالغان بولسىڭىز مۇشۇ نەتىجە بىلەنمۇتاللىنالايسىز.
بۇ ئىنكاسنىڭ ئىشەنچىلىكلىك دەرىجىسى قانچىلىك؟چوقۇم تولۇق ئوتتۇردىكى نەتىجىسى شۇنداق يۇقرى بولىشى كىرەكمۇ؟تۈركىيە خاندەلىكىنىڭ تولۇق كۇرۇس تۈرىنى ئوقۇش ئۈچۈن تىزىملىتىدىغان ئوقۇغۇچىنىڭ تولۇق ئوتۇرا نەتىجىسى تىزىملاشتا قانچىلىك رول ئوينايدۇ؟ئۇ ئوقۇغۇچىنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋيىسىگە كۆڭۈل بىلىنەمدۇ؟
رەھمەت سىزگە
ۋەئەلەيكۇم سالام!
بۇ ئىنكاستا، تاللىنىش ئۈچۈن نەتىجىلەرنىڭ قانچىلىك يۇقرى بولسا، تاللىنشى ئىھتىماللىقى يۇقىرى بولىشىنى نەزەردە تۇتۇپ يېزىپتۇ. ئامما تۈركىيە مۇكاپاتلىق ئوقۇشقا ئوقۇغۇچى قوبۇل قوللانمىسىدا، «چوقۇم بۇ نومور بولمىسا- بولمايدۇ! » دەيدىغان شەرت يوق. شۇڭا سىز خاتىرجەم تىزىملىتىۋىرىڭ. ئوقۇغۇچى تاللاشتا رىقابەت بەك كەسىكىن بولغاچقا، سىز ئوقۇماقچى بولغان كەسىپتە، بەك ياخشى نەتىجىسى بار ئوقۇغۇچىلار بولسا ۋە سان چەكلىك بولسا، ئىلغىنىپ كېتىشىڭىز مۈمكىن. ناۋادا، باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى تۆۋەنرەك، بۇ كەسىپكە بىرىلگەن سان كۆپ ۋە ئازراق ئوقۇغۇچى تىزىملاتقان بولسا، سىزنىڭ نەتىجىڭىز تۆۋەن بولسىمۇ تاللىنىپ قالسىز.
سىز ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدىن 400-450 ئەتراپىدا نومۇر ئالغان بولسىڭىز، ئۆز خىراجىتىڭىز بىلەن ئوقۇماقچى بولسىڭىز، بىۋاستە تىزىملاتالايسىز.
خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنىڭ، موكاپاتلىق ئوقۇشقا تاللىنىش بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. تولۇق ئوتتۇرا نەتىجىڭىز ياخشى بولسا ياخشىراق.
خەنزۇ تىلى سەۋيىسى بەك موھىممۇ دىمەكچىتىم
ئەسسالامۇئەلەيكۇم،باشقۇرغۇچى.مەن خېمىيە كەسپىدە ئۇقۇش ئارزوسىدا جەدۋەلنى تولدۇرۇرۇپ مەكتەپ تاللىغاندا بەزى مەكتەپلەرنىڭ بۇنداق تەلىپى باركەن.Conditions: Having a Bachelor’s degree in the related departments.بۇ دىگىنى بىزنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى 学士学位,毕业证 قاتارلىقلارنى كۆرسىتەمدۇ ياكى باشقا كىنىشكە بۇلۇش تەلەپ قىلىنامدۇ؟رەھمەت
ۋەئەلەيكۇم سالام!
بۇ دىگىنى، مۇناسىۋەتلىك پاكالتۇتتىن تولۇق كۇرۇسىنى پۈتتۇرگەن بولىشى كېرەك…. دىگىنى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
يۇقارقى مەسلەم ھەل بولدى، خروم تور كۆرگۈچىدە سىناپ باقسام بۈگۈن نورمال بوپتۇ.ئەمدى بىر سۇئالىم، ئېنگلىزچە ئوقۇيدىغان كەسىپلەرنى قانداق بىلىمىز؟ يېنىغا تىرناق ئىچىگە English دەپ يېزىپ قويۇلغىنى شۇمۇ ياكى ئاستىدا TOEFL,IELTSشەرتلىرى چىقىدىغانلىرى ئېنگلىزچە ئوقۇيدىغان كەسىپلەرمۇ؟
ۋەئەلەيكۇم سالام!
يېنىغا تىرناق ئىچىگە English دەپ يېزىپ قويۇلغىنى، ئىنگىلىزچە ئوقۇيدىغان كەسىپلەر.
ئاستىدا TOEFL,IELTSشەرتلىرى بولسا، قوشۇمچە شەرتى. تەتقىقات قىلىش ئۈچۈن بۇ شەرتلەر بولىشى كىرەك.
ئەسسالام ئادمىن:
پاسپورت بېجىرىش ئىشىدا بەك قىينالدىم. ھازىر تۈركىيەگە پاسپورت بېجىرگىلى بولمايدىكەن، باشقا دۆلەتتىن چاقىرىق ئەكەلدۈرۈپ بېجىرەي دېسەم، ئوقۇش پۇلى تۆلىگەن تالون بولمىسا تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى ساقچىخانىدىنمۇ تامغا ئۇرۇپ بەرمەيدىكەن. قانداق قىلىشىمنى بىلەلمىدىم. بىرەر ئامال بولسا يول كۆرسەتسىڭىز؟ مېنىڭ بۇ ئوقۇشقا بەك بارغۇم بار ئىدى…..
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام !
مىنىڭچە سىز ئەگەر ئىختىزادىڭىز يار بەرسە ۋاستىچىلىك شىركەتلىرى ئارقىلىق بىجىرىڭ ،تەخمىنەن 6000خەلىق پۇلى ئەتراپىدا كىتىدىكەن،مىنىڭ تەۋسىيە قىلىدىغىنىم شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنۋىرسىتىتى دىكى ۋاستىچىلىك شىركەتى،سىز پەقەت پاسپورت بىجىرىشنىلام توختامفشسىڭىز بولىدۇ.ئاللاھ ئىشىڭىزنى ئاسان قىلسۇن!
ئەگەر، تۈركىيەنىڭ چاقىرقىغا پاسپورت چىقىرىپ بەرگەن بولسىتى، بىز سىزگە ياردەم قىلالىغان بولاتتۇق. پاسپورت تەييار بولغاندىن كىيىن، ئوقۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە چىقىماقچى بولسىڭىز، «ھەقسىز » تەكىلىپ نەمە ئىۋەرتىپ بىرىشكە تىرشىمىز.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
رەھمەت! ئەمدى سورايدىغىنىم، مېنىڭ TOEFL ۋە GRE نەتىجەم يۇقىرى ئىدى ھەمدە ئىنگلىزچە ئوقۇغۇم بار ئىدى(كەسپىم بىئولوگىيە تېخنىكىسى)، ئەمما ئىنگلىزچە ئوقۇيدىغان كەسىپلەر ئازكەن ھەم ئوتتۇرا شەرق تېخنىكا ئۇنىۋېرستىتىغا ئوخشاش ئالدىدىكى قاتاردىكى مەكتەپلەرنىڭ ئەمەسكەن، ئۇنداقتا مەن ئاشۇ داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ تۈركچە ئوقۇيدىغان كەسپىنى تاللىسام ياخشى بولارمۇ ياكى مارمارا ئۇنىېۋېرستىتىغا ئوخشاش مەكتەپلەرنىڭ ئىنگلىزچە ئوقۇيدىغان كەسپىنى تاللىسام ياخشى بولامدۇ؟ ئەگەر ئىنگلىزچە ئوقۇيدىغان كەسىپنى تاللىسام كېيىن ئامېركىدەك يەرگە دوكتۇرلۇق ئىلتىماس قىلغاندا پايدىسى كۆپ بولىشى مۇمكىن شۇندامۇ؟ مۇشۇ ھەقتە بىر كۆرسەتمە بەرگەن بولسىڭىز كەسىپ مەكتەپ تاللىۋەتسەم بولاتتى.
ۋەئەلەيكۇم سالام!
سىز ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن كەسىپنى، ئۈزىڭىزگە ئىشەنگەن ۋە تىرشىپ ئوقۇيالايدىغان مەكتەپتە تاللاشقا تىرشىڭ. ئامىركىغا چىقىش ئۈچۈن چوقۇم ئىنگىلىز تىلىدا كەسىپ ئوقۇش شەرت ئەمەس. سىزنىڭ ئوقۇش نەتىجىڭىز، TOEFL ۋە GRE لايەقەتلىك بولسالا خالىغان مەكتەپكە بىرىپ ئوقۇيالايسىز. ئوتتۇرا شەرق تېخنىكا ئۇنىۋېرستىتىغا ئوخشاش ئالدىدىكى قاتاردىكى مەكتەپلەردە تۈرۈك تىلىدا ئوقۇماقچى بولسىڭىزمۇ، يەتەرلىك ۋە GRE نەتىجە بولمىسا بولمايدۇ.
ھە ماقۇل، رەھمەت. بۇ مۇكاپاتلىق ئوقۇشتا ئەگەر ئىنگلىزچە ئوقۇيدىغان كەسىپكە قوبۇل قىلىنىپ قالساق، بىزنىڭ ئىنگلىزچە نەتىجىمىز تەلەپكە يەتكىدەك بولسا بىر يىل تەييارلىقنى ئوقۇمايلا بىۋاستە كەسىپ ئوقۇشنى باشلىيالامدۇق؟
ئىنگلىزچە ئوقۇيدىغان كەسىپكە قوبۇل قىلىنىپ قالسىڭىز، ۋە ئىنگلىزچە نەتىجىڭىز تەلەپكە يەتكىدەك بولغان تەقدىردىمۇ، ئەگەر تۈركچە بىلمىسىڭىز «تۈركچە» تەييارلىق دەرسى چوقۇم ئالىسىز. كىسىپنى مەيلى تۈركچە ئوقۇڭ، مەيلى ئىنگىلىزچە ئوقۇڭ، تۈركچە «چوقۇم» بىلىشىڭىز كىرەك.
ناۋادا تۈركچىنىمۇ بىلىسىڭز، ئۈ ۋاقىتتا بىۋاستە دەرسكە باشلاپ كىتىسىز!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئالدىنقى قېتىمدا پاسپورتتىكى ئىسىم بىلەن فامىلىنىڭ ئورنى ئالمىشىپ يېزىلىپ قاپتىكەن ، تىزىملىتىش جاريانىدا پاسپورتتىكى بۇيىچە يازامدىم ياكى توغىرلاپ يازامدىم ؟
ۋەئەلەيكۇم سالام!
تىزىملىتىش جاريانىدا پاسپورتتىكى بۇيىچە يېزىڭ. بولمىسا كەلگۈسىدە كونسۇلخانىدىن ۋىزا ئالىدىغاندا ئىسىم ئوخشىمايدىكەن دەپ خاپا قىلىدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،تىزىمغا ئالدۇرغان ۋاقتتا پاسپورت چۇقۇم بۇلىشى كېرەكمۇ؟
ۋەئەلەيكۇم سالام!
پاسپورت بولمسىمۇ تىزىملاتالايسىز.
مائارىپ كۆرىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك يەرنى تولدۇرغاندا تولۇق كۇرۇسنى ئوقۇۋاتىمەن دېگەننى تاللىساق 2013-يىلى 8-ئايدىكى خاندەلىكنى قولدىن بېرىپ قويىسىز دەپ ئەسكەرتىش چىقىدىكەن ، سېتىمىغا ئوقۇش پۈتتۈرۈش يىلىمىزنى ئەسكەرتكەندىكىن ،ئۇلار ئۆزلىرى بۇ يىل پۈتتۈردىكەن دەپ بىلەرمۇ يا،بۇ يىل 7-ئايدا پۈتتۈردىغانلار ،دىپلۇم ئىسپاتىنى تەييارلىغاندىكىن ،پۈتتۈردۈم دەپ تاللامتۇق ؟
سىز ئوقۇش پۈتتۇرۈش ئالدىدا تۇرىۋاتقاندىكىن ۋە بۇنى ئىپادىلىگەندىكىن، ئۆزلىرى بىلىپ يۈزتۇرانە ئىمتاھانغا تەكىلىپ قىلىدۇ. شۇ ۋاقىتتا چۈشەندۇرىسىز.
مېنىڭ ئالىي مەكتەپتە نەتىجەم ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى ،تىزىملاتسام ئۆتەلەمەنمۇ؟
تىزملتىپ بىقىڭ. تەلەيگە بىر نەرسە دىگىلى بولمايدۇ.
تۇلۇق كۇرۇسقا تېزىملىتىش ۋاقتى قاچان بۇلار؟ تىزىمغا ئالدۇرغۇچە قانداق نەرسىلەر لازىم بولار،مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز؟
Özel Şart: İlgili alanlarda lisans eğitimi almış olmak
ئىلاھىيەت فاكۇلتىتىنىڭ ھەر قانداق كەسپىنى تاللىسام ئاۋۇ شەرت چىقتى. مۇنۇ 4 كەسىپ باركەنتۇق:
islam tarihi ve sanat ,felsefe ve din,temel islami bilimler، islami ilimmler
ھەممىسىدىن ئاشۇ شەرت چىقتى
يەنە بىر مەسىلە : مەكتەپ تاللاشتىن بۇرۇن مەكتەپ خاراكتىرىنى تاللىساق ئاندىن شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەكتەپلەرنى چىقىرىپ بېرىدىكەن ،مەن بىر قانچە ئارزۇغا ئىلاھىيەت بىر قانچىسىگە ئەدەبىيات يازاي دېسەم
بېشىدىلا مەكتەپ خاراكىتىنى ئىسلامى دەپ تاللىغاچ ئەدەبىيات كەسىپلىرى چىقمىدى
مەسىلەھەت كۆرسەتسىڭىز
سىز تولۇق كۇرۇستا قايسى كەسىپتە ئوقۇغان ئىدىڭىز؟
كەسپىم خەنزۇتىلى ئىدى ،مەن ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىپ ئارزۇيۇم بويىچە بۇ 12 مەكتەپنىڭ ھەممىسىگە يەنىلا ئىلاھىيەتنى يېزىۋەتسەم شاللىنىپ كېتىمەنمۇ ؟ ياكى ئۆزى باشقا مەكتەپلەرنىڭ باشقا كەسىپلىرىگە تەڭشەپ قويارمۇ ؟
ئەگەر بۇنى تاللاش ئىمكانىيتىم بولمىسا ،مېنىڭ كەسپىم پۇتلاشمايدىغان باشقا ياخشىراق كەسىپ قايسىدۇ؟
مەن دىنى تەربىيە ئېلىشتىن باشقا يەنە ئەدەبىياتقىمۇ قىزىقىمەن،ھازىرغىچە ئۆزۈم تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغان دىنى ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەردىن تەركىپ تاپقان بىر ئىلكىتاب تەييارلاپ چىقتىم ،مۇشۇلارنىمۇ مۇۋاپىق جايلاردا ئەسكەرتىپ ئۆتسەم،ماتىريال يۈكلىگەندە قوشۇپ يۈكلەپ قويسام بۇ تىرىشچانلىقلىرىمنى كۆزدە تۇتۇپ بولسىمۇ كەسپىمنى پۇتلاشتۇرماي قوبۇل قىلىپ قالارمۇ؟
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ،سىزنى كۆپ ئاۋارە قىلدىم
سىز خەنزۇتىلى، يەنى، تىل بىلەن مۇناسىۋاتلىك بىر كەىسپتە ئوقۇغانلىقىڭىز ئۈچۈن، شاللىنىڭ كەتمەسلىكىڭىز مۈمكىن. چۈنكۈ، مەيلى ئىلاھىيان بولسۇن، مەيلى ئەدەبىيات بولسۇن، ئوخشاشلا كەسىپ ئۆزگەرتكەن بولىسىز.
بۇ سەۋەپتن، سىز بىر كەسىپ تاللاپ، نىيەت خېتىنى تەپسىلى يېزىڭ. قىلغان تەرجىمە ئەسەرلىرىنىڭ تىزىملىكىنىمۇ قوشاپ ئىۋەرتىڭ. بۇلار سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىزنىڭ ئىسپاتى.
assalamu alaykum. sizdin yardem sorimaqchidim. . allah rehmet qilsun.men bilen alaqilashsingiz boptiken. qq: 937185831
uyguroku@gmail.com گە خەت يېزىڭ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. 1. ئۆرەنجى بەلگەسى دېگەنگە ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىمىزنى يوللامدۇق ياكى مەكتەپتىن ئىسپات ئالامدۇق ۋەئالىي مەكتەپكە ياكى قۇبۇل قىلىنىش ئۇقتۇرۇشىنى يوللامدۇق؟ ياكى ھەممىسىنى يوللامدۇق؟
2. Lise Diploma/Bitirme Belgesi تولۇق ئوتتۇرا دىپلومى دېگەن يەرگە دىپلومنىڭ ھەممە بېتىنى يوللامدۇق؟خۇلاسە ئىمتاھان نەتىجىسى بار بېتىنىچۇ؟
3. Transkript (Not Dökümü) دېگەن يەرگە نېمىنى يوللايمىز؟
4. Sertifika دېگەن يەرگە نېمىنى يوللايمىز؟
5. Referans Mektubu دېگەن يەرگە نېمىنى يوللايمىز؟
خاپا بولماي چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز. فىلىمنىمۇ كۆردۈم، ئەمما، بۇ يەرنى تازا تەپسىلىي چۈشەندۈرمىدىمۇ قانداق، تازا بىلەلمىدىم.
ۋەئەلەيكۇم سالام!
1. مەكتەپتىن ئىسپات ئالىسىز
2. باش بېتى بىلەن خۇلاسە ئىمتاھان بولغان بىتى
3. ئۈنىۋىرسىتتىك 4 يىللىق نەتىجىڭىز
4. بەزى ئىمتاھانلاردىن، ياكى قوشۇمچە كەسىپلەردىن، نەتىجە ئالغان بولسىڭىز، ئۇلارنىڭ ئىسپات بەلگىلىرى
5. سىزنى ياخشى تونۇيدىغان بىر-ئككى ئوقۇتقۇچىنىڭ سىزنى باھالاپ يازغان تەۋسىيە خىتى
ئەسسالام ئادمىن:
پاسپورت بېجىرىش ئىشىدا بەك قىينالدىم. ھازىر تۈركىيەگە پاسپورت بېجىرگىلى بولمايدىكەن، باشقا دۆلەتتىن چاقىرىق ئەكەلدۈرۈپ بېجىرەي دېسەم، ئوقۇش پۇلى تۆلىگەن تالون بولمىسا تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى ساقچىخانىدىنمۇ تامغا ئۇرۇپ بەرمەيدىكەن. قانداق قىلىشىمنى بىلەلمىدىم. بىرەر ئامال بولسا يول كۆرسەتسىڭىز؟ مېنىڭ بۇ ئوقۇشقا بەك بارغۇم بار ئىدى…..
بىز ئىزىدىنىپ باقايلى ۋە سىزگە جاۋاپ بىرەيلى.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
مەكتەپتىن چىقىرىپ بەرگەن ئىسپاتنىڭ تامغىسى سۇس چىقىپ قاپتىكەن. قايتىدىن ئىسپات چىقىرىپ بەر دېيىشتىن خىجىل بولۇپ قالدىم. ئاشۇ بولىۋىرەرمۇ؟
ئوقۇتقۇچىنىڭ تونۇشتۇرۇش خېتىنى چوقۇم يوللاش كېرەكمۇ؟
ئىتىقادقا ئالاقىدار ئىشلار بىلەن ساقچىلار تەرىپىدىن بىر نەچچە قېتىم سۆھبەتكە چاقىرتىلغانتىم. شۇ سەۋەبتىن، سىنىپ مەسئۇلى ۋە ئىنىستىتۇت باشلىقلىرى ماڭا سەل يامان كۆزدە قارايدۇ (لېكىن ھىچقانداق جازاغا ئۇچرىمىغان). شۇڭا قانداق قىلىشنى بىلمىدىم.
ئاۋارە قىلىپ قويدۇم.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
تۇنۇشتۇرۇش خەتلىرىنى ئانا تىلدا ياكى خەنچە يازامدۇق؟ مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز؟
ۋەئەلەيكۇم سالام!
تۇنۇشتۇرۇش خەتلىرىنى ئانا تىلىدا، ياكى خالىغان بىر تىلدا يازسىڭىز بولىۋىرىدۇ.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ،قايسى تىلدا يازدۇرسىڭىز بولىۋىردىكەن .ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان يەردە ھەممە تىلنى بىلىدىغان ئۇزمانلار بولىشى مۇمكىن .
بۈگۈن ۋە تۈنىگۈندىن ئىتىبارەن مېنىڭ بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلار :تەۋسىيە خېتىنى يېزىپ بېرىدىغان ئادەمنى ياخشى تاللاش كېرەككەن . ھەم ئۇ ئالدىراش خادىملارنىڭ سەل قاراپ قولىنىڭ ئۇچىدا ئىككى ئۈچ قۇر يېزىپ قويۇپلا بولدى قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆزىڭىز مۇئەللىم ئورنىدا بار ھەقىقەتنى يېزىپ تەييار قىلىپ ،كۆرۈپ بېقىپ ئۇيغۇن كۆرسىڭىز ئىمزا قويۇپ تامغا بېسىپ بەر دېسىڭىز بولغۇدەك .
مەن تۇنجى كىرگەندە ئالدىراشتىم كېيىن كىرىڭ دېدى ،2-كۈنى يېزىپ تەييار قىلىپ كىرگىنىمدە مۇندالا قاراپ قويۇپ بۇ ئىشقا ئۆز ئالدىمىزغا قارار چىقىرىپ تەۋەككۇل قىلالمايمىز، تۈركىيە سەزگۈر دۆلەت شۇڭا بۇ ئوقۇش ئىشىنى فاكۇلتىت رەھبەرلىرى بىلەن بەكرەك كېڭىشىپ قارار قىلايلى دەپ يولغا سالدى .
شۇنىڭ ئۈچۈن دوكتۇرغا يازدۇرىمەن ،پىراففىسورغا يازدۇرىمەن دەپ نىشاننى خاتا تاللىماي ، ئىدىيىسى ئوچۇق ، ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ چەتئەللەردە بىلىم ئېلىشلىرىدىن پەخىرلىنىدىغان ، سىزنى ئەڭ ياخشى چۈشىنىدىغان ،يېقىن ئۆتىدىغان مۇئەللىمگە يازدۇرسىڭىز بولىدىكەن.
شۇنداق، توغرا چۈشۈنۈپسىز.
يولىڭىز ئوچۇق بولسۇن.
ياخشىمۇسىلەر!
ئىلتىماس جەدىۋىلىنىڭ 9-بېتىگە 1000 خەتتىن ئاشۇرۋەتمەي مەزمۇن يېزىش تەلەپ قىلىنىپتىكەن،ئەمما مېنىڭ 700 خەتلىك مەزمۇنۇم تولۇقى بىلەن پاتمىدى.بۇ خىل ئەھۋالدا قانداق قىلىشىم كېرەك؟ سىكەن قىلىدىغان ماتىرىياللار بىلەن قوشۇپ ئەۋەتىپ بەرسەممۇ بولامدۇ؟ مەزمۇننى بىر قەدەر ئەتراپلىق قىلىپ يازغان ئىدىم، قىسقارتسام مەقسىدىم ئېنىق ئىپادىلەنمەيدۇ، مەسلىھەت كۆرسەتكەن بولسىڭىز
ياخشىمۇسىز،ئۇ دىگىنى مىڭ خەت ئەمەس،بەلكى مىڭ ھەرپ.
شۇنداق، مىڭ ھەرپ.
مەسلىھەت بەرگەنلىكىڭىزلەرگە كۆپ رەھمەت!
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم
تولۇق كۇرۇسنى ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار قانداق كەسىپ،قانداق مەكتەپنى تاللىسا تاللىنىش نىسبىتى يۇقرى بولىدۇ؟
ۋەەئەلەيكۇم سالام!
ھازىرچە بىرنەرسە دىمەك قىىيىن. ئامالى بار، ئۆزىڭىز ئارزۇ قىلغان كەسىپنى تاللاشاق تىرشىڭ. 5- ئايدا تىخىمۇ تەپسىلى بىلگىلى بولىدۇ.
تىشلىقمۇ؟ئاسپىرانتلىققا تىزىملىتىش ئۈچۈن تۇلۇق ئوتتۇرا دېپلومى بولمىسىمۇ بولامدۇ؟ باشقا ھەممە نەرسىلىرىم تۇلۇق ئىدى.ئوقۇغان مەكتىپىمدىن تۇلۇقلاپ ئېلىش ئمكانىيىتىممۇ يوق دىيەرلىك .تەسىرى بەك چوڭ بۇلۇپ كىتەرمۇ؟
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم،مىنىڭ بىر نەچچە سۇئاللىرىم بار ئىدى.ياردەم قىلغان بولساڭلار.
1، ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش خىتىنى ،مۇئەللىمنىڭ تەۋسىيىە خىتىنى قۇشىۇپلا reference letter دىگەن جايغا يۈكلەمدۇق؟ ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش خىتىنى يۈكلەيدىغان ئايرىم كۆزنەك يوق ئىكەن.
2، مەن تۇلۇق ئوتتۇرىنى ئچكىرى تۇلۇقدا ئوقۇپ ،ئاخىرقى يىلى ئاغىرىپ قالغانلىق سىەۋەبى بىلەن يۇرتۇمغا قايتىپ كىلىپ ئوقۇغان ئىدىم.نەتىجىدە دېپلومنى ئككىلا جايدىن ئالالمىغان.ئالىي مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنىش چاقىرغىم بار.ئەينى چاغدىكى نەتىجەم 467 ئىدى.تۇلۇق ئوتتۇرا دېپلومى بولمىسا تىزىملىتىشقا،تاللىنىشقا تەسىرى بەك چوڭ بۇلۇپ كىتەرمۇ؟
3، خەنزۇ تىلى سەۋىىيە كىنىشكىسىنىڭ تاللىنىشقا رولى چوڭ بۇلامدۇ؟كىنىشكەمنى تېخى ئۈرۈمچىدىن ئەكەلمىگەن ئىدىم. تىزىملىتىۋېرەيمۇ دەپمۇ ئويلىىغان ئىدىم.
مەسلىھەتىڭلارنى تاقەززالىق بىلەن كۈتىۋاتىمەن ، رەخمەت ،ئشلىرىڭلارغا بەرىكەت ياغسۇن.
ۋەئەلەيكۇم سالام!
1. شۇنداق، تونۇشتۇرۇش خىتىنى ،مۇئەللىمنىڭ تەۋسىيىە خىتىنى قۇشىۇپلا يۈكلەڭ.
2.شۇنداق، تولۇق ئۇتتۇر دېپلوما بولىمسا، تاللىنىشقا تەسىر يېتىشى مۈمكىن.
3. خەنزۇ تىلى سەۋىيە كىنىشكىسىنىڭ تاللىنىشقا رولى-تەسىرى بولمايدۇ، ئامما يۈكلەپ قويسىڭىز زىيىنى يوق. ئوقۇشىڭىز بىلەن مۇناسۋەتلىق قانچىلىك ماترىيا بولسا ھەممىسىنى يۈكلەپ قوياڭ.
رەخمەت سىلەرگە
مەن كەسىپلەرنى كـۆرۈپ باقاي دىگەن قايسى يەردىن كۆرىمەن.
سىز باشتا تىزىملىتىش تورىغا كىرىپ، مۇكاپات تۈرىنى تاللىغاندىن كىيىن، مۇناسىۋاتلىك كەسىپلەرنى كۆرەلەيسىز.
ئەسسالامۇئەلەيكۇم باشقۇرغۇچى ،ئالدى بىلەن مەسلىھەتلىرىڭىز گە كۆپ رەھمەت .
مەن بىر قىسىم مەكتەپلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئورنىنىڭ قايسى شەھەردە ئىكەنلىكىنى توپلاپ بەيدۇ تور دىسكىسىغا يوللاپ قويغانىدىم، ئۇيغۇن كۆرسەڭلار باشقىلارنىڭ ھەم پايدىلىنىشى ئۈچۈن ،تېمىغا قىستۇرۇپ قويساڭلار.
چۈشۈرۈش ئادرىسى : http://pan.baidu.com/share/link?shareid=335275&uk=1596064355
ياخشىمۇسىلەر، مەن تۈركىيەگە دوكتۇرلۇققا ئوقۇشقا تىزىملاتقان ئىدىم، لېكىن education systemدىكى تولۇق كۇرۇسنىڭ College/Institute دىكى تاللاش كۆزنىكىدە ھېچنەرسە يوق ، پەقەت كېيىنكى باسقۇچقا ئۆتەلمەيۋاتىمەن ، تور كۆرگۈچنىمۇ يېڭىلاپ باقتىم ، قانداق قىلسام بولار يول كۆرسەتسەڭلار بوپتىكەن…رەھمەت
ياخشىمۇسىز؟
سىز قايسى ئوقۇش مۇكاپات تۈرىنى تاللىدىڭىز؟
ئەسسالام ئەلەيكۇم،نەتىجە،ئىسبات،ئوقۇتقۇچىنىڭ تونۇشتۇرش خېتى قاتارلىقلارنى خەنزۇچە بىۋاستە يۈكلىسەك بولامدۇ؟
ۋەئەلەيكۇم سالام!
شۇنداق، خەنزۇچە بىۋاستە يۈكلىسىڭىز بولىۋىرىدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
تىزىمغا ئالدۇرغان ۋاقتتا نۇمۇر چېكى تەلەپ قىلىنارمۇ؟ نەتىجە،ئىسبات،ئوقۇتقۇچىنىڭ تونۇشتۇرش خېتى قاتارلىقلارنى ئانا تىلدا يۈكلىسەك بۇلامدۇ؟
ۋەئەلەيكۇم سالام!
تىزىمغا ئالدۇرغان ۋاقتتا نۇمۇر چېكى تەلەپ قىلىنمايدۇ.
نەتىجە،ئىسبات،ئوقۇتقۇچىنىڭ تونۇشتۇرش خېتى قاتارلىقلارنى ئانا تىلدا يازسىڭىز بولىۋىرىدۇ.
ئەسسالام ئەلەيكۇم!
1. ئۈزىنى تۇنۇشتۇرۇش خېتى ۋە تەۋسىيەنامىدىن باشقا يەنە قايسى خەتلەر چۇقۇم بۇلىشى كېرەك ياكى چۇقۇم بۇلىشى شەرت قىلىنمىسىمۇ، بولسا نىسپەتەن ياخشى بۇلىدۇ دىگەن خەتلەر قايسىلار؟بۇرۇنقى ئۇچۇرلارغا قارىسام كاپالەتنامە دىگەندەك خەتلەر نى تەلەپ قىلىنىپتۇ.
2. ئۈزىنى تۇنۇشتۇرۇش خېتنى قايسى تەرىقىدە يازىمىز؟تەلەپ قىلىنغان ئۇچۇرلارنى چۈشۈپ قالمىسۇن دەيمەن.
3. تۇلۇق ئوتتۇرا دېپلومى بولماي مائارىپ ئدارىسىدىن بىرىلگەن خۇلاسە ئنتىھان لاياقەتلىك ئسپاتى بولسا كۈچكە ئىگە بولارمۇ؟
يول كۆرسەتسەڭلار بوپتىكەن…رەھمەت
ۋەئەلەيكۇم سالام!
1. ئۈزىنى تۇنۇشتۇرۇش خېتى ۋە تەۋسىيەنامىدىن باشقا خەتلەرگە كېرەك يوق.
2. ئۈزىنى تۇنۇشتۇرۇش خېتنى قىسقىچە ئۈزىڭىزنى تونۇشتۇرۇپ يازىسىز، ۋە قوشۇمچە قىلىپ، نىمىشقا تۈركىيەگە كىلىپ ئوقۇيسز، قانداق ئوقۇيسىز، كەلگۇسىدۈ بۇ ئۈگەنگەنلەرنى قانداق ئىشىلتىسىز، ئائىلىڭىز سىزنى قوللىشى…دىگەندەك .
3. دىېپلوما بولسا ياخشىراق. خۇلاسە ئىمتاھانى زادى چوقۇم بولىشى كىرەك. تولۇق ئوتتۇرا دىپلوماسىنى سىز ئوقۇغان مەكتەپتىن تولۇقلاپ ئالالايسىز.
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، مەن خەلقئارا سودا ،ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش خەلقئارا سودا مۇناسىۋەتلەرگە ئائىت كەسىپتە ئوقۇي دېگەنتىم ،كەسپىم خەنزۇتىلى ، بۇ كەسپىلەرنى تاللىسام شاللىنىپ كېتەرمەنمۇ؟ ئاندىن يەنە بىر مەسلىنى ئۇققۇم كەلدى . ئەگەر بۇ كەسىپلەردە ئوقۇسام ماتىماتىكا دەرسى ئۆتەمدىغاندۇ؟
ۋەئەلەيكۇم سالام!
شاللىنىپ كىتەمسىز-يوق، بۇنىڭغا بىر نەرسە دىگىلى بولمايدۇ. تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلار كۆپ بولسا، رىقابەتمۇ كەسىكىن بولىدۇ. سىز ئوقۇماقچى بولغان كەسىپلەردە، سودا بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەرستە ماتىماتىكا بارمۇ-يوق بىلمەيدىكەنمەن. بۇنى سىز ئوقۇماقچى بولغان مەكتەپنىڭ تور ئادرىسىگە كىرسىڭىز، ئۇ يەردە مۇناسىۋەتلىك دەرس تىزىملىكىنىمۇ كۆرەلەيسىز.
ياخشىمۇسىز ، بىزنىڭ مەكتەپتىكىلەر نەتىجە قەغىزىنىڭ ئىنگىلىزچىسىنى چىقىرىپ بەمەيدىكەن ، ئۆزۇم تەرجىمە قىلىشىمغا توغرا كىلىدىكەن ، چوقۇم ئىنگىلىزچە نەتىجە قەغىزى بولىشى كىرەكمۇ خەنزۇچە ئەسلى نۇسخسىنى يۇكلىسەكلا بولىۋىرەمدۇ …
ياخشىمۇىسىز.
خەنزۇچە بولسىمۇ بولىۋىرىدۇ.
ئەسسالامۇئەلەيكۇم !
مەن ئلتىماس قىلىش جەريانىدا ئالاقىلىشىش ئادىرىسىنى خاتا يېزىپ قويۇپتىمەن, ھەمدە ئىلتىماسنى تاپشۇرۇپ بوپتىمەن .كىيىن خاتالىقنى تۈزەتكىلى بولمىدى, شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر ئېلى خەت بىلەن تىزىملىتىپ كىرىپ يەنە بىر قېتىم ئىلتىماس قىلىپ قالدىم ,كىيىن ئۆزۈم بۇنىڭدىن ئەنسىرەپ قالدىم . دىمەككى مەن ھازىر ئىككى ئىلتىماس تاپشۇردۇم ,بۇ مىنىڭ ئىلتىماستا تاللىنىشىمغا تەسىر كۆرسىتىپ قالارمۇ?
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
تەسىرى بولماسلىقى مۈمكىن. ئامما سىز يەنىلا، بىر ئېلخەت يېزىپ ئەسكەرتىپ قوياڭ. ئېلخەتنى بىر نۇسقا بىزگىمۇ ئىۋەرتىپ بىرىڭ، بىزمۇ ئەسكەرتىپ قويايلى.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. مەن ئىلتىماسنى تولدۇرۇش جەريانىدا ئىككى قىيىنچىلىققا يولۇقۇپ قالدىم.
1. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە ئالغان نۇمۇرنى يازىدىغان يەرگە ھىچنىمە تاللىغىلى ۋە تولدۇرغىلى بولمايۋاتىدۇ.
2. مېنىڭ نوپۇسۇم كورلىدا، ئەمما ھازىر تۇرۇۋاتقان يېرىم قەشقەر. يەنى يولدىشىم قەشقەردىن. ئادىرسىمنى يازغاندا قايسىنى يازسام بولىدۇ؟ ئىقامەتتىكى ئادرىسنى يېزىڭ دەپتىكەن. ھازىرچە كورلىنى يازدىم، بىراق ئىلتىماسنى تېخى تاپشۇرمىدىم.
قانداق قىلسام بولىدۇ؟ مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلار.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
1. تور كۆرگۈچىڭىزنى ئالماشتۇرۇپ بىقىڭ. مەسىلەن: firefox ياكى google chrome
2. قەشەقەر دەپ يازسىڭىز بولىدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە ئالغان نۇمۇرنى يازىدىغان يەرنى قانداق قىلدىڭىز ؟مېنىڭمۇ شۇ يەر پەقەت بولمايۋاتىدۇ؟ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم ….
بىر نەچچىسىگە ئالماشتۇرۇپ باقتىم ، يەنە بولمىدى، شۇڭا تونۇشتۇرۇش خېتىدە ئەسكەرتىپ يېزىپ قويدۇم . شۇنداق قىلسام بولامۇ ؟
support@turkiyeburslari.gov.tr
گە خەت يېزىپ سۇراپ باقسىڭىز بولاپتىكەن. ئەگەر يەنە بولمىسا، بىزمۇ كۆرشەشكە تىرشايلى.
ئەسسالام ئەلەيكۇم!ئىچكىردىكى ئالى مەكتەپلەر بىلەن شىنجاڭ ئىچىدىكى تۇلۇق كۇرۇس مەكتەپلىرىنىڭ مەۋسۇملۇق ئىمتاھان سۇئاللىرىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ،مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئىچكىردىكى ۋە شىنجاڭ ئىچىدىكى ئوقوغۇچىلارنىڭ ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىنكى ئومومى نەتىجىدە پەرىق كۆرلىدۇ، ئوقوغۇچى تاللاشتا شىنجاڭدا ئوقوغانلار بىلەن ئىچكىردە ئوقوغانلارغا پەرىقلىق ئۆلچەم قوللىنىلامدۇ؟
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم!مەن تەبىپەندە ئوقۇۋاتقان ،ئوتتۇرچە نەتىجەم 76چىقىتى .بىزنىڭ 4دەرىسنى بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇيدىغان بىر چوڭ دەرىسىمىز بارتى ،ئۇنىڭ 2 سىدىن ئىمتىھان ئىلىپ بولدى ،2كىسنى 5-ئاينىڭ ئوتتۇرسىدا ئالدىكەن ،2دىن 2دىن ئىلىپ بولغاندىن كىيىن بۇ 4 تىنىڭ ئوتتۇرچىسىنى چىقىردىكەنتۇق لىكىن نەتىجەمنى چىقىرىپ قارسام 4پەننىڭ ئىسمى تۇلۇق يىزىغلىق يىنىدا ئېلىپ بولغان 2پەن نەتىجىسى يىزىغلىق تۇردۇ .بۇ2 كىسىنى ئومۇمى نۇمۇر 60 لىق ھالەتتە ئمتىھان بەرگەن نەتىجە 57 چىقىپتىكەن .نەتىجەمنى سىكەنلەپ يوللا ۋەرسەم تاللىغاندا ،بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ 57 نۇمۇرى باركەن ،ئۈتەلمەپتۇ دەپ تاللىنىشىمغا تەسىر يىتىپ قالامۇ ؟5-ئايدا ئۇ 2 كىسىدىن بىرىپ بولساق بۇ 57 تىنىمۇ قۇشۇپ ئوتتۇرچىسىنى چىقىراتتى .بولسا مۇشۇ ھەقتە مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز ،رەھمەت.
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم!مەن تۇركىيەدە ماگىستىرلىق بۇيىچە ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلاي دىگەن .تۇلۇق كۇرۇستا تەبىىبىئى پەندە ئوقۇغان .ھازىرغىچە 80دىن كۈپ پەن ئوقۇپتىمىز ،ئوتتۇرچە نەتىجەم 76 چىقتى .4 دەرىسنى بىللە ئوقۇيدىغان چوڭ بىر دەرىسىمىز بارتى . 2دىن 2 دىن ئىمتىھان بىرىپ ئوتتۇرچە نەتىجىسىنى چىقىرتى .2 كىسىدىن تۇلۇق نۇمۇر 60 لىق ئۆلچەم بىلەن ئىمتىھان بەرگەن نەتىجەم 56 كەن .قالغان 2 كىسىنى 5-ئايدا بىرەتتۇق .لىكىن نەتىجە قەغىزىمنى چىقىرىپ قارسام شۇ چوڭ تۇرنىڭ ئىسمىنى يىزىپ تىرناق ئىچىگە كىچىك 4 دەرىسنىڭ ئىسمىنى يىزىپ قۇياپتۇ يىنىغا 56 دەپ يىزىقلىقكەن .ئۇلادىن سورىسام قالغان 2كىسىنى بىرىپ بولغاندا ئوتتۇرچىسىنى چىقىرىپ يوللايدۇ شۇۋاقىتتا سىستىمىدىكى نۇمۇر ئۆزلىكىدىن ئۆزگۈردۇ دەيدۇ .مەن مۇشۇ پىتى سىكەنلىسەم .تۇركىيە تەرەپ تاللىغاندا بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ 56 نۇمۇرى باركەن دەپ تاللىنىشىمغا تەسىز يىتەمۇ ؟مەكتەپتە ئىرىشكەن نەتىجىللىرىم كۈرنەرلىك ئىدى ،قىلۋاتقان تەتقىقات تىماممۇ بارتى شۇنداقلا مەركىزى زورناللارغا ئىلان قىلدۇرغان ماقالىللىرىممۇ بارتى .بولسا تەپسىلى مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلا.
تۇز تۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشالىغان بولسام .ماندا تى دەپ چۈشەنچە بەرگەن بولسام ياخشى بۇلاستى .ئۇزىنى تۇنۇشتۇرۇش خېتىنىمۇ يېزىپ بولغانتىم .مەسلىھەتىڭلانى كۈتىمەن .
سۇئالىڭىزنى بەك ياخشى چۈشۈنەلمەدىم.
ماندا دەي نەتىجەمنىڭ ئوتتۇرچىسى 76 چىقتى ،بىر پەن 56 كەن ،شۇ پەننىڭ نەتىجىسىنى قايتا چىقىرتى ،قايتا چىقا غۇچە مەكتەپ ئىلتىماس قىلشىقا ئۇلگەمەيدىكەن ،شۇڭا مۇشۇ پىتى يۇكلىسەم تۇركىيە تەرەپ تاللىغاندا بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ 56 نۇمۇرى باركەن دەپ تاللىنىشىمغا تەسىز يىتەمۇ ؟مەكتەپتە ئىرىشكەن نەتىجىللىرىم كۈرنەرلىك ئىدى ،قىلۋاتقان تەتقىقات تىماممۇ بارتى شۇنداقلا مەركىزى زورناللارغا ئىلان قىلدۇرغان ماقالىللىرىممۇ بارتى .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
خاپا بولماي چ چ نۇمۇرېڭىزنى دەپ بەرسىڭىز بولاپتىكەن ، سىز بىلەن پاراڭلاشماقچىتىم !
ۋەئەلەىكۇم ئەسسالام!
مەن ئىشلەتمەيمەى. ئامما، google chat دىن پاراڭلاشساق بولىدۇ.
بۈگۈن تىزىملىتىش تور بېتى ئېچىلمايۋاتىدۇ؟ 3-ئاي 22-كۇنى
ھازىر ئىچىلىۋاتىدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم ،مەن تولۇق كۇرۇستا خىمىيە كەسپىدە ئوقىغان ئەمما مېنىڭ ئاسپىرانىتلىقتا خەلقارالىق سودا كەسپىدە ئوقۇش ئارزۇيۇم باتتى لېكىن ئىنكاسلارغا قاراپ باقسام بۇنداق تاللىغاندا تاللىنىش ئېھتىماللىقىنى بەك تۆۋەن بولىشى مۇمكىن دەپتۇ،سوراپ باقسام ھەقىقەتەن شۇنداق بولامدۇ؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
بىزمۇ شۇنداق بولىشى مۈمكىن دەيمىز. سىزمۇ پەرەز قىلالايسىز. تۈركىيەگە كىلۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۈپىتتى يىلدىن-يىلغا ياخشىلىنىۋاتىدۇ.
ئادمىن ياخشىمۇسىز ،تور بەت ئچىلمايۋاتىدۇ .ئادەمنى جىددىيلەشتۈرۈپ.ئاز قالغاندا مۇقىمراق تۇرۇپ بەرسە بۇلاتتى
ھازىر ئىچىلىۋاتىدۇ. ئامالى بار، تىزرەك تاماملاڭلار. ئاخىرىقى كۈنگە قوياپ قويماڭلار!
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم! تور بەتكە زادىلا كىرەلمىدىم
ماندا دەي نەتىجەمنىڭ ئوتتۇرچىسى 76 چىقتى ،بىر پەن 56 كەن ،شۇ پەننىڭ نەتىجىسىنى قايتا چىقىرتى ،قايتا چىقا غۇچە مەكتەپ ئىلتىماس قىلشىقا ئۇلگەمەيدىكەن ،شۇڭا مۇشۇ پىتى يۇكلىسەم تۇركىيە تەرەپ تاللىغاندا بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ 56 نۇمۇرى باركەن دەپ تاللىنىشىمغا تەسىز يىتەمۇ ؟يەككە پەن نۇمۇرغا قارامدۇ ياكى ئوتتۇرچە نۇمۇرغا قارامدۇ؟ مەكتەپتە ئىرىشكەن نەتىجىللىرىم كۈرنەرلىك ئىدى ،قىلۋاتقان تەتقىقات تىماممۇ بارتى شۇنداقلا مەركىزى زورناللارغا ئىلان قىلدۇرغان ماقالىللىرىممۇ بارتى
تەتقىقاتلىرىڭىز ۋە ئېرىشكەن شان شەرەپلىرىڭىزنى Sertifika دېگەن يەرگە يۈكلەپ قويۇڭ ، نەتىجە قەغىزىمىزدە نېمە بولسا شۇنى يوللايمىزدە ھازىرچە ،سىزنىڭغۇ 56 كەن ،مەنمۇ 35 دېگەن بىر تال نۇمرۇم بار نەتىجە قەغىزىمنىمۇ يوللاۋەردىم،ئاللاھ نىسىپ قىلسا تاللىنىمىز،نىسىپ قىلمىسا 100 ئالغانلارمۇ شاللىنىپ قېلىۋىردۇ ،تەۋەككۇل قىلىپ ئارتۇقچە غەم ئەندىشىنى قويۇپ يوللاۋەرمەمسز
ئاللا يولۇڭلارنى ئوچۇق قىلسۇن!
ئككى كۇندىن كېيىن ېلــــىـتىس نەتىجەم چىقاتتى ،ئەمما توربىېتى ئېچىلمايۋاتىدۇ؟ توربېتىنى ئوڭشاۋاتامدۇ ياكى؟
تور بىتى تۈركىيدە ئىچىلىۋاتىدۇ. سىز ھازىر سىناپ بىقىڭ. بولمسىا:
00905464090440 تېلېغون قىلىپ بىر بىلگى بىرىڭ.
ئىككى كۇن بولدى ،ھازىرمۇ ېچىلمايۋاتىدۇ
تامام، بىز موناسىۋەتلىك يەرلەر بىلەن كۆرشەيلى.
رەھمەت سىزلەرگە ،جاپا چىكىۋاتىسىزلەر، ۋاقىت ئاز قالغاندا ئېچىلماي تۇرۋالسا بولماييتى، ئاۋارە قىلدىم
تور بەت ئىزچىل نورمالغۇ بالىلار،خاتا كىرىپ قالمايۋاتقانسىلەر ، مەن كۈندە بىر ئېچىپ بېقىۋاتىمەن ، تور سۈرئىتى ۋە تور كۆرگۈچ بىلەن بەك مۇناسىۋەتلىككەن.
مۇناسىۋەتلىك بۆلەكلەردىن ئۆتەلمىگەنلەر ئوت تۈلكە كۆرگۈچنى ، بەت يۈزىدىكى مەزمۇنلارنى بىلەلمىدىم دېگەنلەر گوگۇل تور كۆرگۈچنى ئىشلەتسەڭلار،تور كۆرگۈچنىڭ ئادرىس رامكىسى ئاستىدا مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇن تۈركچىدە ، خەنزۇتىلىغا ئايلاندۇرامسىز دەيدۇ ،ھەئە دېسەڭلار خەنزۇچە قىلىپ بېرىدۇ ، بۇنداق بولغاندا كەسىپلەرنى ياخشىراق بىلەلەيدىكەنسىلەر
بۇگۇن نورمال ئېچىلدى، تۇنۇگۇن مەن تۇرغان يەردە قەتتي ئېچىلمىغانتى…….
ئەسسالام ئەلەيكۇم ،ئەگەر پاسپورت بولمىسا تۈركىيەدىكى ئوقۇ شقا مۇلاقەت ئىمتاھانىغا چاقىرلىش نىسپىتى توۋەن بولدۇ دەپ ئاڭلىدىم ،بۇ گەپ راسمۇ ؟ھازىر پاسپورت ئلتىماس قىلىپ قويۇقلۇقتى ،بۇنداق ئەھۋالدا پاسپورت نۇمۇرى بىىلەن تىزىملىتىشقا بولامدۇ؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
سىز ھازىر تىزىملىتىۋىرىڭ، بىر كىملىك يازسىڭىز بولىۋىرىدۇ. تىىزملاتقاندا پاسپورت بولمىسا بولمايدۇ، ياكى تاللىنىش نىسپىتى تۆۋەن دەيديغا گەپ يوق. بۇ يىل ئالىدىغان ئوقۇغۇچىلار سىنى كۆپ. تاللاندىن كىيىن پاسپورت ئىشلەتسىڭىزمۇ كىچىكمەيسىز. يولۇڭىز ئوچۇق بولسىۇن.
چۈشەنچە بەرگىنىڭىز گە رھمەت !سالاھىيەت گۇۋاھنامىسنى كۆ پەيتىپ ئاندىن سىكان قلىپ يۈكلىسەكمۇ بولامدۇ؟
بۇگۇن ئىلتىماسنى قىلىپ بولۇپ cvنى ئەۋەتىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، تولۇقلاپ ئەۋەتىپ بەرسەم بولامدۇ؟بولسا قانداق ئەۋېتىمەن،مەسلەھەت بەرسىڭىز
خۇلاسە ئىمتاھان نەتىجىسى بولمىسا قەتتي بولمامدۇ ؟ مەن ئوقۇغان تولۇق ئوتتۇردا ھېچقانداق خۇلاسە ئىمتاھان ئالمىغان
دىپلومىڭىزدا نەتىجىلىرىڭىز يوقما؟. نەتىجىڭىز بولىشى كېرەك.
cvنى چىقىرىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ، تولۇقلاپ ئەۋەتىپ بەرسەم بولامدۇ؟
CV ئىۋەرتىش تەلەپ قىلىنمايدىغۇ.
cvنى ئايرىم چىقىرىدىغان يەر يوقتۇ؟!letter of intentدىگەن قىسمىلا بىز يازغان ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش خېتىغا ھېساب بولا؟
ئۇيەرنىغۇ يازغانتىم ،ئەمما ھەرىپ چەلىمىسى تۇپەيلى جىق نەرسە يازغىلى بولمىدى ، ئايرىم تەپسىلي يېزىپ چىقاسام دەپ ئويلىغان
بەك قوشاپ قويغىڭىز كەلسە، تەۋسىيە خەتلىرىنى يۈكلەيدىغان يەرگە قوشاپ يۈكلەپ قوياڭ.
ئۇلانىڭ خىزمەت سىجىللىقىمۇ خېلى يۇقىرى ھەقاچان ، ئارتۇق گەپ ئېشەككە يۈك دېگەندەك،تەۋسىيە خېتى يۈكلەيدىغان يەرگە ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش خېتىنى قوشۇپ قويساق ئەكسىچە تەسىر بېرىپ قالارمۇ؟
يوق، ئولارمۇ ئوقۇغۇچىلار ھەققىدە تەپسلى بىلگى ئاسا، ياخشى قارار بىرەلەيدۇ.
شۇنداق.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەن دىندا ئۇقۇشقا تىزىملىتاي دىگەن، قايسى تۈرنىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلمىدىم، ياردەم قىلساڭلار،رەھمەت.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
Islamic Theology Scholarshi دىگەن ئوقۇش مۇكاپات تۈرىنى تاللىسىڭىز، مۇناسىۋەتلىك كەىسپ ۋە مەكتەپلەرنىڭ تىزىملىكنى كۆرەلەيسىز.
Islamic Theology Scholarshiدېگەن تۈرنى مەن كورەلمىدىمغۇ؟مەندە تەبئىي پەنلەر ،ئىجتىمائىي پەنلەر،تىبابەت،تۈرك تىلى مۇشۇ 4 تۈرلا كۆرۈندى.Islamic Theology Scholarshiدېگەن تۈر نەدە؟
مەن بۇ يەردە كۆرىۋاتىمەن. بولمىسا، تور كۆرگۈچىڭىزنى ئالماشتۇرۇپ بىقىڭ. چوقۇم بولىشى كېرەك.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ئادمىنكا،ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە ئالغان نۇمۇرنى يازىدىغان يەر پەقەت بولمايۋاتىدۇ؟ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم ….
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
تور كۆرگۈچىڭىزنى ئالماشتۇرپ بىقىڭ. firefox, google chrome نى ئىشلىتىپ بىقىڭ.
تور كۆرگۈچىڭىزنى ئالماشتۇرپ باقتىم ئوخشاش چىقىۋالدى،مۇشۇ يەرلا قالغانتى …
تور كۆرگۈچنى ئالماشتۇرپ باقتىم ئوخشاش چىقىۋالدى،مۇشۇ يەرلا قالغانتى …
ئەسسالامۇئەلايكۇم،
مەن ئچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيتتۇم.بىزنىڭ مەكتەپتە نومۇرى 75 كىچە توشمىسا نومۇر قوشۇپ بېرىدىغان سىياسەت بار ئىكەن.شۇڭلاشقا 70كە يېقىنلاشقان نومۇرنىڭ ھەممڭسى ئوخشاشلا بولۇپ قالغىدەك.ئوقۇغۇچىلار ئشخانىسىغا كىرسەك،بۇ شنجاڭنىڭ بىزگە چۇشۇرۇپ بەرگەن سڭياسىتى دېدى.بەزى ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان ساۋاقداشلىرىمدىن سورىساممۇ ئۇلاردا مۇشۇنداق ئەھۋاللار مەۋجۇت ئىكەن،ئەمدى نەتىجە قەغىزىمدىن ئەنسىرەپ قالدىم.ئۆز نەتىجەم بويىچە بولغاندىمۇ خېلى ياخشى دەپ ئويلايتتىم.بۇ ئەھۋالدا ئۇلار بەزى نەتىجەمگە قاراپ 75 نومۇرلار تەكرارلىنىپتۇ دەپ ياسىتىپتۇ دەپ ئويلاپ قالامۇ؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
ئەنسىرەپ كەتمەڭ. يۈز-تۇرانە ئىمتاھاندا چۈشەندۈرۈپ قويارسىز ئەگەر سورپ قالسا.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مەن سىزدىن جىددى ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولۇپ قالدىم ، بولسا تېلفۇن نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز سىز بىلەن بىۋاستە كۆرۈشسەم دىگەن ئۈمىدىم بار ئىدى .ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن . جاۋابىڭىزغا تەقەززامەن
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
ئالاقىلىشتىكى نومۇرغا تېلېغون قىلىڭ. بەك جىددى بولسا، uyguroku@gmail.com گە خەت يېزىڭ. 1-2 سائەتتە جاۋاپ قايتۇرىلىدۇ.
ئايدىن سىز قايسى كەسىپتە ئوقۇيسىز ؟ ماگەستىردا قايسىنى تاللايسىز ؟مىنىڭ ئىنىمنىڭمۇ مۇشۇنداق بوپ قالغانتى
قانۇن كەسپىدە ئوقۇيمەن…
مەن بۇنىڭغا ئىلتىماس قىلىپ بولۇپ،بەزى يەرلەرنى تولۇق ھەم توغرا تولدۇرالمىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم،ئەمدى بۇ تورداhttps://www.turkiyeburslari.gov. باشقىدىن تىزىملىتىپ كىرىپ ئىلتىماسنى باشقىدىن تولدۇرسام بولارمۇ؟؟
سىناپ بىقىڭ. ئامما، توردىكى ئىنكاسلارنى ياخشىراق ئوقۇڭ. نۇرئەلى نىڭ يازغان ئىكاسنى ياخشى ئوقۇڭ. بەلىك بەزى مەكتەپلەر چىقماسلىق مۈمكىن. ئەگەر تىزىملاتالىسڭىز، بىر ئېلخەت بىلەن چۈشەندۈرۈپ قوياڭ.
مەن بۇلتۇر2012يىلى7ئايدا ئالىي مەكتەپنى ئېلىكتىر قۇرۇلۇشى ۋە ئاپتوماتلاشتۇرۇش电气工程及其自动化دېگەن كەسىپنى پۈتتۈرگەن،ھازىر بېيجىڭدىكى بىرقۇرۇلۇش شىركەتتە ئىشلەيمەن،مەن ھازىر سودا سانائەت باشقۇرۇش ياكى كارخانا باشقۇرۇش دېگەنگە ئوخشاش مۇشۇ تىپتىكى كەسىپلەرنى ئىلتىماس قىلاي دېگەن،بۇنداق قىلسام كەسىپ ئاتلاپ كېتىپتۇ دەپ شاللىۋېتىش ئېھتىماللىقى يۇقىرىمىدۇ؟
ياخشىمۇسىز،
تاللاپ باقمامسىز. سىز تىزىملاتقاندا، «شەرت» لەر ئۇيغۇن بولسا، بىر نەرسە بولماس. ئامما، سىز شاللىنىپ كەتمەي دەپ، ئۆز كەسىپىڭىزنى تاللىسىڭىز، ئامما ئوقۇغۇڭىز بولمىسا، بۇنىڭ نىمىگە پايدىسى؟. ھەم ئۈزىڭىزنى ئاۋەرە قىلغان بولمامسىز.
ئەسسەلاممۇ ئەلەيكۇم!مەن تۇنۇگۈن بارلىق ئىلتىماسنى تاماملاپ بولغان ،قارشى تەرەپتىنمۇ خەت كەلگەنتى،بۇگۈن تالىغان مەكتەپلىرىمنى قايتا كۈرەپ باقاي دەپ كىرسەم ،ئالىئي مەكتەپ ئوتتۇرچە نەتىجە دىگەن يەردە – 1دەپ تۇردۇ ،ئوتتۇرچە نەتىجەم بۇندا چىقمىغان ،مەنمۇ ھەم بۇندا يازمىغان .uyguroku تورىغا خەت يازسام قايتۇرمىدى ،ئۆزگەرتەي دىسەم ئۆزگەرتىكىلى بولمىدى .
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
بىز بۇنى ئەتە ئەتىگەندە سۈرۈشتۇرۈپ جاۋاپ بىرەيلى. ئۆزگىرەپ كىتشى مۈمكىن ئەمەس. ئەجىبا سىستەم باشقىچە ئىشلەمدۇ بۇنى ئوقۇپ باقايلى. سىز تىزىملاتقان باشقا ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۆرشەپ باقتىڭىزمۇ؟. ئۇلارنىڭ نەتىجىلىرى قانداق چىقىدىكەن؟
support@turkiyeburslari.gov.tr
گە خەت يېزىپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلىڭ. بۇنداق خاتالىق بولمالىقى كېرەك ئىكەن.
قايتا بىر خەت ساندۇقىدا باشتىن تىزىملىتىمەنمۇ يا ؟
ئەسسالامۇئەلەيكۇم باشقۇرغۇچى مېنىڭمۇ ئالىي مەكتەپتىكى نەتىجەم -1 دەپ تۇرىدۇ ، باشقا بالىلارنىڭكىنى ئېچىپ باقساق ،ئۇلارنىڭ ئۇنداق ئەمەسكەن ، قارىغاندا بىر قانچىمىزنىڭ شۇنداق بوپ قالغان ئوخشايدۇ ، نەتىجە قەغىزىمىز يۈكلەكلىگ بولغاندىكىن چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باقار ، مىنوس بىر دېگەن بۇ نۇمۇر تاللىغۇچى ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ دىققىتىنى چىكەر بەلكىم ؟ قانداق قىلساق بولار مەسلىھەت كۆرسەتسىڭىز
ياخشىمۇسىز؟
support@turkiyeburslari.gov.tr
دىگەن ئادىرسقا خەت يېزىپ، ئەھۋالنى بايان قىلىڭ.
چوقۇم تىزىملاتقان «ئېلخەت» ئادرىسىڭىزنى يېزىڭ. ئۇلارنىڭ دىيىشىچە، ئۇنداق خاتالىق بولماسلىقى كىرەك دەيدۇ.
support@turkiyeburslari.gov.tr
گە جىددى خەت يېزىپ، ئەھۋالنى مەلۇم قىلىڭ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم،مۇنداق بىر سۇئالىم بار ئىدى:
رەسىمگە چىقىرىدىغان يەردە پاسپورت رەسمى دەپ يېزىقلىق تۇرىدۇ،چوقۇم شۇ رەسىم بولىشى كىرەكمۇ ياكى؟ باش سۈرەت چوقۇم يالاڭ باشتاق بولىشى كىرەك ئەمەستۇ؟
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
2 سۇڭلۇق، ئوچۇق چىققان بىر رەسسىم بولسا بولىۋىرىدۇ. پاسپورتقا باشقا رەسىم ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىۋىرىدۇ. بىلىشىچە پاسپورتتا ئۆلچەملىك رەسىم ئىشلىتىسىز.
ئەسسالام!ئىلتىماس قىلىدىغان توربەتكە تىزىملاتقاندا چوقۇم پاسسپورتتىكى خەنچە ئىسىم يازىمىزمۇ ياكى omarjanدېگەن شەكىلدە يازساقمۇ بولامدۇ؟؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
پاسپورتتىكى ئىسىم بويىچە يازىسىز. پاسپورتىڭىزدا (پىنيىن ) شەكلىدىكى ئىسىم بويىچە يازىسىز.
ئەسسالامۇئەلايكۇم،
ياخشىمۇسىز! مەن مۇشۇ ھەممە ئىلتىماسقا كىتىدىغان ماتىرياللارنى ئەۋەتكەندە ئالىى مەكتەپتە ئالغان تەقدىرنامە ۋە شېركەتلەردە پىراكتىكا قىلغان ئىسپاتلارنى ئەۋەتمەپتىمەن بۇنى قانداق قىلسام بولىدۇ ؟ مەسلەھەت بەرگەن بولسىڭىز؟
مەن تىزىملىتىشقا سەل كىچىكىپ قاپتىكەنمەن، جىددىيلىشىپ تۇرغانچە، مەكتەپ تاللايدىغان يەرگە كەلگەندە تەبىي پەن ئوقۇش مۇكاپاتىنى تاللاپ كىيىنكى بەتكە ئۆتۈپ قارىسام، پەقەت 4 خىللا تاللاش باركەن، كەسپىم خىمىيەتى ئۇنىڭغا ئائىت ھىچنەرسە يوچ، مۇنداق قارىسام سانائەت تىخنىكىسى، كومپۇتېر تېخنىكىسى ، ئىقتىساد دەپ بىر قانچە كەسىپ باركەن، سانائەت تىخنىكىسى ماس كەپ قالغۇدەك دەپ ، ئۇنى تاللىسام ئاران ئۈچلا مەكتەپ باركەن، 12 جاينىڭ ھەممىسىگە ئۇنى تاللىغىلى بولمايدۇ، بۇ تور بەتتىكى مەسىلىمۇ ياكى ئەسلى شۇنداقمۇ؟
12 يەرنىڭ ھەممىسنى تولدۇرۇش شەرت ئەمەش. ئەڭ ئاز دىگەندە 3-4 يەرنى تولدۇرسڭىز بولىدۇ. مەنمۇ توردىن پەقەتلا 4 خىللا تاللاش تۇرىدۇ.
ياخشىمۇسىز ! سىز دىگەن ئەھۋال ھازىر ئوڭشالدىمۇ،،مەنمۇ مۇشۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلگىلى تۆت كۈن بولدى،،ھازىرغىچە ئوڭشالماي تۇرۋېلۋاتىدۇ، ئېلتىماس قىلىش ۋاقتىمۇ توشاي دەپ قالدى، بەكمۇ ئەنسىرەپ قالدىم، ئامالى تېپىلغان بولسا يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز! جاۋاىڭىزنى كۈتىمەن !
ئالىئىي مەكتەپ نەتىجە يازدىغان يەردە ئوتتۇرچە نەتىجە -1 دەپ تۇردۇ ،بۇندا توشقازمىغان ،ئوتتۇرچىسىنى ساق توشقازغان ،بۇنى قايتا ئۆزگەرتىىكىلىي بولمىسا ،ئۈستىدىمۇ بىرسى شۇندا دەپتۇ ،قاندا قىلساق بۇلدۇ ؟
بۇ 1-5كىچە سان دىگەن gpaنىڭ سىز ئوقىغان مەكتەپتىكى تولوق نۇمۇر ئۆلچەمدۇ ؟مەن خاتا كۆردۇممۇ سىز مۇ ؟مەنغۇ يىرىم كىچىدە توشقۇزغان مىنى قورقاتمىڭە مەن 4دەپ يازغان بىزنىڭ مەكتەپنڭ gpaئۆلچىمى 1-4كىچە ئىپادىلندۇ ….مەن خاتا توشقۇزۋەتكەندەك قىلمىەن جۇمۇ ….بىراق مىنڭ 3.45 بۇ ساننى تاللغلى بولمايدىكىن ئۇيەرگە، شۇڭا 4لا دەپ يازدىم .قالغىنى نەتىجى جەدىۋىلىمدىن كۆرە ئەمدى ….
100 نۇمۇرلۇق ئۆلچەم بىلەن يازغان .ئوتتۇرچىسىغىمۇ 80.5دەپ يازغان ،تاپشۇرۇپ بوپ قارسام -1 دەپ تۇردۇ .
ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئدارىسىگە خەت يېزىپ بۇنى بىلدىرڭ، بىزمۇ تېلېفون قىلىپ سوراپ باقايلى.
ekreterlik : 90 312 218 4100
Faks : 90 312 218 4102
E-Posta : uodb@ytb.gov.tr
خەت يازدۇق ،بۇگۈن بىلەن 2 كۈن بۇلدۇ ،خەت قايتۇمىدى .قايتا ئىلتىماس قىلشىمغا توغرا كىلەمدۇ ؟
مەن ھازىرلا ئەنقەرە بىلەن كۈرەشتىم:
support@turkiyeburslari.gov.tr
دىگەن ئادىرسقا خەت يېزىپ، ئەھۋالنى بايان قىلىڭ.
چوقۇم تىزىملاتقان «ئېلخەت» ئادرىسىڭىزنى يېزىڭ. ئۇلارنىڭ دىيىشىچە، ئۇنداق خاتالىق بولماسلىقى كىرەك دەيدۇ.
ماڭىمۇ جاۋاپ قايتمىدى ، تور بەت يۈزىدىكى سۇئال قالدۇرىدىغان يەرگە ۋە باشقۇرغۇچى قالدۇرغان ھەر ئىككىلى ئادرىسقا يازدىم، ئۇلار بۇ سۇئاللىرىمىزنى تىزىملاش توختىغاندا كۆرەمدىغاندۇ يا؟
قايتا تىزىملىتاي دېسەم ئۈستىدە بىر تورداش بەزى تاللاش تۈرلىرىنىڭ ھازىر چىقمايۋاتقانلىقىنى دەپتۇ ،ئۇنداق بولغاندا ئۇمۇ يوق ،بۇمۇ يوق بولاپ قېلىپ ئولتۇرماي دېدىم.
تىزىملاش تىخى تۈگىمىدى. 31-مارت تاماملىنىدۇ. قايتا سىناپ بىقىڭ.
مەن كەسسىپ تاللاغاندا ،ئوخشاماغان مەكتەپتىكى ئوىشاش كەسسىپنى ؛ ياكى،ئوخشاش مەكتەپتىكى ئوخشىمىغان كەسسىپنى تاللىغان ئەھۋاللار بوللدى. مەسەلەن: بىر قانچە مەكتەپتىكى تاشقى بۇلۇم سېستىرالىكىنى ئىككى ياكى ئۇچ ئورۇنغا ياكى دوككۇز ئېيلۇل ئۇنۋېرستىدىكى بىرقانچە تىببىيغا مۇناسىۋەتلىك كەسسىپنى بىر قانچە ئورۇنغا تاللىغان ئېدىم. بۇ تاللىنىشىمغا تەسىر كۆرسىتەرمۇ؟ئىمكان بار تىزراق جاۋاپ بەرگەن بولساڭلار بوپتىكەن، ئىلتىماس قىلش ۋاقتى توشۇپ قالايلا دېدى، مەن ئاللاقاچان ئىلتىماسنى تاپشۇرۇپ بولغان ئېدىم. جىدديلىشىپ كېلىۋاتىمەن.
سىزنىڭ تولۇق كۇرۇستا ئوقغان كەسپىڭىزنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كەسپلەرنى بىرىشكە تىرشىدۇ. ئوخشاماغان مەكتەپتىكى ئوخشاش كەسسىپنى تاللاش نورمال بىر تاللاش. ئامما ئوخشاش مەكتەپتىكى ئوخشىمىغان كەسىپلەرنى ھەمدە بىر-بىرى بىلەن ھىچ مۇناسىۋىتى يوق كەسىپلەرنى تاللاش، سىزنىڭ تاللىنىشىڭىزغا سەل تەسىر يەتۆۈزۈپ قويشى مۈمكن. قارارسىز بىر ئەھۋال دەك قىلىدۇ.
مەن رەسىم باش بەتتكى رەسىم يوللايدىغان كۆزنەك بارغۇ تۇرمۇش رەسىمى يوللاپ جەدىۋەلنى توشقۇزۇپ يوللاپ بوپتىمەن بۇنىڭ بەك چىڭ قاراپ كەتمەس ھە؟
رەسم ئوچۇق چىققان بولسا، چاتاق چىقماس.
ئەسسالامۇئەلەيكۇم باشقۇرغۇچى مەن نەچچە خىل تور كۆرگۈچ ئىشلەتتىم ، ئەمما مەكتەپ خاراكىتىرنى تاللايدىغان يەردە ئىسلام ۋە دىن دەيدىغان تۈر چىقمايۋاتىدۇ ، يۇنۇس ئەمرە،ساقلىق ، تىخنىكا دېگەنلەر چىقىۋاتىدۇ ،دىنى تۈر چىقمايۋاتىدۇ ،بۇ قانداق ئىشتۇ ؟ ئۇ تۈرنى ئەمەلدىن قالدۇردىمۇ ياكى ؟نېمىش بولغاندۇ ؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
«İslamic Theology Scholarhship “ دىگەن مۇكاپات تۈرىنى تاللايسىز. مەن بۇ يەردە كۆرىۋاتىمەن. يەنە بىر قاراپ بىقىڭ.
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مەن نەچچە خىل خەلقارالىق تور كۆرۈگۈلەرنى ئىشلەتتىم،راستىنلا ئۇ تۈر چىقمىدى، شۇ تۈرنى تاللاپ شۇ باسقۇچتىن ئۆتۈپ بەرسىڭىز بولامدۇ؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
سىز ئېلخەت ئادرىسىڭىز بىلەن، پارولنى ئىۋەرتىڭ، uyguroku@gmail.com گە. مەن ياردەم قىلىپ باقاي
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ،قايتىدىن تىزىملاتتىم،ھەرقايسى دۆلەتتىكىلەرگە مۇراجەت قىلدىم،يەنىلا ئۇ تۈر چىقمىدى،سىز شۇ باسقۇچتىن ئۆتۈپ بەرسىڭىز بوپتىكەن، ئىسىم ۋە پارولنى يوللاپ قويدۇم.پەقەت بولمىغاندا ئاندىن باشقا كەسىپ تاللاي.ئاللاھ رازى بولسۇن
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
مەن تۈنۈگۈن كۆپ تىرىشىتىم، تور بەك ئاستا بولغاچقا ۋە باشقا ئىشلىرىم بولغاچقا بەك ۋەقىت ئاجىرتالمىدىم. بۈگۈن يەنە قاراپ باقاي. ھەرقايسى دۆلەتتىكىلەرگە مۇراجەت قىلدىم دىگەن قانداق بولىدۇ؟
باشقا دۆلەتتىكى دوستلارغا سىلەر ئىچىپ بېقىڭلار دېسەم ،ئۇلاردىمۇ شۇ ئىسلامى تۈر چىقماپتۇ ،قارىغاندا سىلەردىلا چىقىدىغان ئوخشايدۇ.
بۇ يەردىمۇ بەك ئاستا. مەن تىخى كىرەلمدىم.
ئەسسالام ئەلەيكۇم. ياش چەكلىمىسى بەك مۇھىممۇ ؟ ئۆتكەن يىل پاسپورت يوق سەۋەپلىك تىزىملاتمىغان . بۇ يىل پاسپورت ئالدىم ، لىكىن يېشىم بىر يىل ئۈتۈپ كىتىپتۇ . 1982 – يىل تۇغۇلغان ، ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇماقچى ئىدىم. تىزىملىتىشقا باشقا ئامال بارمۇ ؟ قانداق قىلىسام تۈركىيەدە ئوقىيالايمەن ؟ مەسلىھەت بەرسىڭىز . رەھمەت .
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
سىز ئۆز خىراجىتىڭىز بىلەن ئوقۇيسىز.
سىز بۇ ئەھۋالدا، ئوقۇماقچى بولغان كەسپىڭىزنى، ئوقۇش بىلگىڭىزنى تەپسىلى يېزىپ بىزگە ئىۋەرتىپ بىرىڭ. بىز سىزنىڭ ماتىرياللىرىڭىزنى، سىزنىڭ ئازۇيڭىزغا ئاساسەن مەكتەپلەر بىلەن كۆرشەپ باقايلى. قوبۇل قىلىپ قالسا، كىلىپ ئوقۇسڭىز بولىدۇ.
ئەسسەلامۇئەلەيكۇم!
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن! مەن خاتىرجەم بولدۇم. ئوخشاش مەكتەپتىكى ئوخشىمىغان كەسسىپلەر مېنىڭ تۇلۇق كۇرستا ئوقۇغان كەسسىپىم بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك كەسسىپلەر ئىدى.
assalamualaykum。man turik til bilmigaqka dostum iltimas kilxip bargan。inkaslaga karap tawsiyanama,aliy maktaptiki otturqa natija,ilmiy makala timam wa hulasa imtan natijamni awatmiginimni bildim。amdi kanda kilsam bular?iltimas kipbogantim。
ۋە ئەلەيككۇم ئەسسالام!
مۇھىم بولغىنى، ئالى مەكتەپ نەتىجىڭىزنى سىكەن قىلىپ ئىۋەرتكەنمۇ؟، بۇ نەتىجە بولسا، ئوتتۇرچە نەتىجىنى ئۈزىڭىزمۇ ھىساپلاپ چىقىرالايسىز.
تولۇق ئۇتتۇرا خۇلاسە ئىمتاھانلار چۇ؟
ئەگەر بۇلار ۋە دىپلوما بولسا، تەۋسىيەنامە، تەتقىقات تېما ، بەك زۆرۈر شەرتمۇ ئەمەس.
يەنە 3 كۈن بولغاندىكىن، سىز ئەھۋالغا قاراپ قايتا تولدۇرۇڭ، ۋە ئەسكەرتىڭ قوياڭ. ئەڭ ئاخىرىقى تىزىمىلتىشىم ئىناۋەتلىىك دەپ.
تۆۋەندىكى توردە سىن فىلىمى بار، تەمكىن بولاپ كۆرۈڭ ۋە تولدۇرۇڭ.
/?p=939
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. مەن ئىلتىماسنى ئەۋەتىپ بولغان ئىدىم، ھازىر قايتا بىر تەكشۈرۈپ چىقاي دەپ قارىسام Lütfen Türkiye’deki yükseköğretimden beklentileriniz دېگەن يەرنىڭ بېشى يوق تۇرىدۇ. ئەۋەتكەندىن كېيىن ساقلانماي قالغانمىدۇ ؟ پەقەت بىلەلمىدىم، بۇ يەر مېنىڭچە ئىلتىماسقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ياردەم قىلغان بولساڭلار. تولۇقلاپ ئەۋەتكىلى بولامۇ؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
ئانچە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. بەك مۇھىم بولغان بولسىتى، ئىلتىاماسنى ئەۋەتەمەيتىڭىز. يۈزتۇرانە ئىمتاھاندا سۆزلىسىڭىز بولىدۇ.
essalam elaykum, oqushqa tiizmlitip bolup matiryalni tapshursam el hat adirsimgha uchur kalmidi
تۆۋەندىكى ئادرىسلەرگە خەت يېزىپ سوراپ بىقىڭ:
uodb@ytb.gov.tr
support@turkiyeburslari.gov.tr
ئاسپىرانتلىققا تىزىملىتىش ۋاقتى 3.ئاپرىلغىچە ئۇزىراپتۇ ، ئۇلارنىڭ فەيىس بوك ئورگان تور بېتىدە شۇنداق يوللاپتۇ،مانا رەسىمى :http://i45.tinypic.com/eswbgj.jpg
تىزىملىتىپ بولالمىغانلار ،جىددىيلەشمەڭلار
رەخمەت سىزگە،
ئامما بۇ كىچىكتۈرۈش، 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگچە، تىزىملىتىش تورىدىن ، تىزىملتىشى ئسىمى ”user name“ ئېلىپ بولغانلار ئۈچۇن!.
/?p=1047
شۇڭا، تىزىملاتماقچى بولغانلار، ھىچ بولمىغاندا، تىزىملتىش ئىسمى ئىلىۋالسۇن ۋە 4-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە ئاستا-ئاستا تاماملىسىۇن.
ئەسسالامۇئەلەيكۇم!
مەن 5-بەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا نەتىجىنى تولدۇرالمىدىم،uyguroku@gmail.comغا خەت يازسام جاۋاپ كەلمىدى، ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم ،رەخمەت….
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
ئۆتكەندە بەزى ئوقۇغۇچىلارمۇ تولدۇرالمىغان ئىدى. ئامما، تور كۆرگۈچىنى ئالماشتۇرغاندا تولدۇرالىغان ئىدى. سىز: firefox ياكى google chrome دىگەن تور كۆرگۈچلەرنى سىناپ بىقىڭ.
مېنىڭمۇ سىزنىڭكىدەك ئەھۋال كۆرۇلدى،سىز قىلالىدىڭىزمۇ نىگارە؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! مەن ھەممە قىسىملىرىنى تولدۇرۇپ بولغان، لىكىن تاپشۇرىدىغاندا تاپشۇرغىلى بولمىدى. ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇچۇرى يوقاپ كىتىپتۇ ، بۇ قانداق بولغىنى؟؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
قايتادىن تولدۇرۇپ سىناپ باقىتىڭىزمۇ؟
دوكتۇرلۇقتا ئوقۇش مۇكاپات تۈرىدىن بىرنىلا تاللىغىلى بولامدا؟ ئالدىنقى يىلى 3 خىل مۇكاپات تۈرىنى تاللىغىلى بولغان ئىدىغۇ؟
قارىغاندا بۇ يىل ئۆزگەرگەن ئوخشايدۇ. ئامما، ئوقۇش مۇكاپات تۈرلىرى بىر-بىرى بىلەن ئوخشىمايدىغان كەسىپلەرگە قاراپ تۈرگە ئايرىلغان. سىز ئامالى بار ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان كەسىپىڭىزگە يىقىن مۇكاپات تۈرىنى تاللاڭ. بولمىسا شاللىنىڭ كىتىشىڭىز مۈمكىن. بىر-بىرىگە ئوخشىمىغان كەسپىلەرنى تاللىسىڭىز، بۇ ئوقۇغۇچى «نىمە ئوقۇشنى بىلمەيدىكەن» دەپ، خاتا چۈشەنچە بولاپ قالمىسۇن.
Sayın nurbiye tursun,
Bilgileriniz başarıyla kaydedilmiştir.
İlginiz için teşekkür ederiz.
مەنىسى نىمە؟؟؟؟
تىزىملىتىشىڭىز غەلبىلىك بولدى. رەخمەت ئەيتىمىز دىگەن ….گەپ.
سىز تىزىملتىپ بولاپسىز. مەرەك بولسۇن. ئىشاللا تاللىنىپ قالارسىز.
T.C. Başbakanlık
Yurtdışı Türkler ve Akaraba Topluluklar Başkanlığı
http://www.turkiyeburslari.gov.tr/ بۇچۇ؟بۇ نىم گەپ؟
سىز تىزىملاتقان ۋە سىزنى تاللايدىغان تۈركىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئىسمى. تۈركىە جۇمھۇرىيىتى، چەتئەلدىكى تۈركلەر ۋە تۇققانالار مىنىستىرلىكى…
ۋا….ادمىن قېرىندىشىم رەھمەت سىزگە.نەتىجە قاچان چىقار؟
ئاللا بۇيرىسا، 4-ئاينىڭ ئاخىرلىرى يۈزتۇرانە ئىمتاھنغا تەكىلپ قىلىنىدۇ. ئاخىرقى نەتىجە 7-ئايلاردا ئېلان قىلىنىش مۈكىن.
تىزىملاتقاننىڭ ھەممىسى يۈزتۇرانە ئىمتاھنغا تەكىلپ قىلنامدۇ؟ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
تىزىملاتقاننىڭ ھەممىسى ئەمەس، سۈزگەچتىن ئۆتەلىگەنلەر تەكلىپ قىلىنىدۇ. ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم باشقۇرغۇچى قېرىندىشىم مەنمۇ تىزىملىتاي دىگەنتىم ئەمما ھازىر 27 ياشقا كىردىم ، قانداق تىزىملىتىمە بىلمىدىم يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز .
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! تور بېتىمىزدىكى تېمىلارنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقسىڭىز، قانداق تىزىملىتىدىغانلىقىغا ئائىت ئۇچۇرلار تولۇق بېرىلدى. شۇنىڭغا ئاساسەن تىزىملاتسىڭىز بولىدۇ.
باشقۇرغۇچى قېرىندىشىم مۇمكىن بولسا ئايرىم پاراڭلاشقان بولساق بوپتىكەن
قانداق گەپ بولسا، مۇشۇ يەردە دېيىشسەكمۇ بولىدىغۇ؟ ئەگەر بەك مەخپىي گەپ بولسا، يەنە ئويلاشساق بولىدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھەي قېرىنداشلىرىم!جىدديلەشمەي سەۋىرلىك بۇلۇپ تىزىملىتىڭلار.اللاھ ھەممەيلەننىڭ يولىنى كەڭ قىلسۇن
ئەسسلامۇ ئەلەيھكۇم ! مەن ماشىنىسازلىق كەسپى تولۇق كۇرس تۆتىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىسى. ماشىنىسازلىق ئېنژىنىرلىقى كەسپى ماگېستىرلىق ئوقۇشىغا تىزىملاتماقچى ئىدىم. ئەلھەمدۇلىللا،ھەممە قەدەم باسقۇچلار تامام بولۇپ، ئاخىرىقى جەزىملەشتۈرۈش ئالدىدا تۇرۇپتىمەن.بىراق، ئىلتىماس مۇددىتى ئۇزارتىلغاندىن كېيىن، كەسپىمدە بىر قەدەر كۈچلۈكرەك مەكتەپكە تاللىنىش ھەم شۇنداقلا تاللىنىش پۇرسىتىمنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، تاللىغان مەكتەپلەرنىڭ تەرتىپىنى قايتا رەتلەپ چىقىش نىيىتىگە كەلدىم. بىراق، ئارزۇ تولدۇرۇش ، ئارزۇ تولدۇرۇش تەرتىپى ۋە ئارزۇيىمىزنىڭ(12 مەكتەپ ۋە ئۇلار تەرتىپى) نىڭ تالىنىشىمىزدىكى تەسىرى ۋە رولى توغرىسىدا بەزى قايمۇقۇشلار بولغانلىقى ئۈچۈن، سىلەردىن مەسلىھەت سورايمەن.
1. تولۇق كۇرس كەسىپگە ماس تاللاشقا قارىتا، ئورگان تەرەپ ئاۋال تاللانغان بىرىنجى مەكتەپتىكى ئوخشاش كەسىپكە ئېلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى ۋە ئىپادىسىگە قاراپ تەرتىپكە تېزىپ تاللاش ۋە شاللاش ئېلىپ بارىدۇ. ئاندىن بىرىنچى مەكتەپكە تاللىنالمىغانلار ئىككىنچى ئارزۇسىدىكى مەكتەپكە تاللىنىشقا يۆتكىلىدۇ ۋە بۇ مەكتەپ ۋە كەسىپنى تاللىغانلار بىلەن رىقابەتكە چۈشىدۇ. (ئەلۋەتتە، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىككىنچى ئارزۇسىدىكى مەكتەپنىڭ شۇ كەسپىگە بېرىلگەن سان بىرىنچى ئارزۇسىدا بۇ مەكتەپ ۋە كەسىپنى تاللىغانلار بىلەن توشۇپ بولمىغان ئەھۋالدا) بۇ خىل تاللاش مۇشۇ خىل تەرتىپتە داۋاملىشامدۇ ؟ بۇ خىل شەكىلدە بولغاندا، ئالدىدىكى ئارزۇلىرىدا تاللىنالماي قالسا، كېيىنكى ئارزۇلىرىدىكى سان توشمىغان مەكتەپ كەسىپلىرىگە تاللانغا قەدەر سۈرىلەمدۇ؟
2. بىز تاللىغان 12 مەكتەپ تەڭداش ئارزۇ بولامدۇ؟يەنى ئارزۇ تاللىغاندا،تاللىنىش پۇرسىتىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە ، داڭلىق مەكتەپلەرگە تاللىنىشقىمۇ ئىمكان قالدۇرغىلى بولامدۇ ؟ يەنى 1-،2-ئارزۇلىرىغا نىسبەتەن ئاجىزراق مەكتەپنى تاللاپ، 3- ئارزۇغا داڭلىق مەكتەپنى تاللغان بولساق، 1-ياكى 2-ئارزۇغا تاللىنىش سالاھىتىگە ئېگە بولۇپ، 3-ئارزۇدىكى بىز تاللىغان داڭلىق مەكتەپنىڭ شۇ كەسپىگە ئېلىنىدىغان سان توشمىغان ئەھۋالدا مەن 1-،2-ئارزۇغا قوبۇل قىلىغامدىم ياكى 3-ئارزۇغا تەقسىم قىلىنىش پۇرسىتىممۇ بولامدۇ ؟
بۇندىن بۇرۇن ،توردىن تۈركىيىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ماشىنىسازلىق كەسپى بويىچە ئەمەلىي كۈچ تەرتىپىنى تېپىپ بولالماي، شۇڭا ئۇنۋېرىسال كۈچ تەرتىپى بويىچە ئالدىنقى قاتاردا(ئالدىنقى ئەللىك) تۇرىدىغان مەكتەپلەرنىڭ تونۇشتۇرىلىشىغا ئاساسەن ئېنژىنىرلىق ۋە قۇرۇلۇش كەسىپىنى ئاساس قىلغان ۋە بۇ ئاساستا تەرەققىي قىلىپ كېڭەيتىلگەن مەكتەپلەرنى تاللىغان ئىدىم.(ئەلۋەتتە تېخنىكا(technical university)ھەم بۇنىڭ ئىچىدە.)
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
سورىغان سۇئاللىرىڭىز بەك تەپسىىلى ۋە ئەستيدىل بولاپتۇ.
تاللاش جەريانىدىكى باسقۇچلارنى ئۇنداق تەپسىلى بىلمەيمىز. ئامما تاللاشنىڭ ئادىل ۋە بى-تەرەپ ، رىقابەتنى ئاساس قىلىپ تاللايدىغانلىقىنى بىلىمىز. تاللاشتا، 1-ئارزۇدان باشلاپ باھالايدىغانلىقى ئېنىڭ، ۋەتەندىمۇ شۇنداق.
« 1-،2-ئارزۇلىرىغا نىسبەتەن ئاجىزراق مەكتەپنى تاللاپ، 3- ئارزۇغا داڭلىق مەكتەپنى تاللغان بولساق، 1-ياكى 2-ئارزۇغا تاللىنىش سالاھىتىگە ئېگە بولۇپ، 3-ئارزۇدىكى بىز تاللىغان داڭلىق مەكتەپنىڭ شۇ كەسپىگە ئېلىنىدىغان سان توشمىغان ئەھۋالدا مەن 1-،2-ئارزۇغا قوبۇل قىلىغامدىم ياكى 3-ئارزۇغا تەقسىم قىلىنىش پۇرسىتىممۇ بولامدۇ ؟» بۇ سۇئالغا جاۋاپ بىرەلمەيمىز. ئامما، شەخسى كۆش قارىشىم، 1-2 باسقۇچلار كۆپ ۋاقىتلاردە بوش قالمايدۇ. تۈركىيدەكى تېخنىڭ مەكتەپلىرى، ماشىناسازلىقا، ئەگەر خاتالاشمىسام، ئىستانبۇل تېخنىك ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.
ئەسسالام ئەلەيكۇم،مەن ئوقۇشقا تىزىملىتىپ بولغان سالاھيەت گۇھنامە نۇمۇرۇم بىلەن تىزىملاتقان ئدىم،لىكىن ھازىر پاسپورتۇم چىقىپتۇ ،بۇنى خەت يېزىپ ئەسكەرتىپ قويسام بولامۇ ؟يا ئۇنداق قىلىش كەتمەمدۇ؟
ئەسلىدە، كېرەك يوق. ئامما سىز يەنە، تۆۋەندىكى ئادرىسكە خەت يېزىپ، تىزىملاتقان ئىسمىڭىز بىلەن ئەسكەرتشى بىرىڭ ۋە پاسپورتىڭىزنىڭنى سىكەن قىلىپ ئىۋەرتىپ بىرىڭ.
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئادمىن مەن تىزملىتىپ بولغان لىكىن تەرجمھالىمنى ئەۋەتىشنى ئۇنتۇپ كاپتىمەن چوڭ تەسىرى بارمۇ؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
رەسمى تەلەپ قىلىنغان ماتىرياللاردا ، «تەرجىماھال» تەلەپ قىلىنمىغان جەدۋەلنى تولدۇرغاندا سىزمۇ ھىس قىلغان بولىشىڭىز مۇمكىن . شۇڭا تەسىرى بولماسلىقى مۈمكىن.
ئادىمنكا،support@turkiyeburslari.gov.trمۇشۇنڭغا ئەۋەتىپ بەرسەم بولامدۇ؟
ئەسسالامۇئەلايكۇم،
ياخشىمۇسىز! مەن مۇشۇ ھەممە ئىلتىماسقا كىتىدىغان ماتىرياللارنى ئەۋەتكەندە ئالىى مەكتەپتە ئالغان تەقدىرنامە ۋە شېركەتلەردە پىراكتىكا قىلغان ئىسپاتلارنى ئەۋەتمەپتىمەن بۇنى قانداق قىلسام بولىدۇ ؟ مەسلەھەت بەرگەن بولسىڭىز؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
بۇ ماتىرياللار بەكمۇ مۇھىم ئەمەس، سىز يۈز تۇرانە ئىمتاھاندا كۆرسەتسىڭىز بولىدۇ.
مىنڭ ئىلخەت ساندۇقۇمغاDear jumai jumakari kuerb ;
Thank you for your interest in Türkiye Scholarships. You will be informed about the result of your application immediately after the deadline.
Applications are evaluated according to academic standing and the following considerations: educational background (whether it relates to your preferred departments/fields of study), language skills, and other awards, achievements and certificates you pro بۇ نىمە مەنىدە؟
Best Regards
تىزىملىكىڭىز كەلدى، باھالاپ سىزگە پات يىقىندا نەتىجىسىنى بىلدۈرىمىز…… دىگەن مەزمۇندا.
مەن 1991 يىلى11 ئايدا تۇغۇلغان بۇ قىتىملىق باكلاۋۇرلىققا تزىملتىالايمەنمۇ؟پاسپورتىم بار تۇلۇق ئوتتۇردىكى نەتجەممۇ ياخشى ئنگلىز تىلى خەنزوتىلى كومپىيوتىر كىنشكلىرىم ھەممسى تۇلۇق.
ئۆتكەن يىلمۇ تىزملاتقان مۇلاقەتكىمۇ قاتناشقان بۇ يىل يىشىم ئازراق ئۈتۈپ كىتىدغاندەك تۇردۇ قانداق قلامەن؟مەسلھەت بەرسىڭز؟
يىشڭىز ئۆتەپ كەتكەن بولسا، ئامال يوق. ئۈز خىراجىڭىز بىلەن مەكتەپكە كىرىشكە تىرشىڭ.
ياخشىمۇسىز !مەن ئېلتىماسىمدا تەبئىي پەن مۇكاپاتىنى تاللاپ بۇلۇپ ، مەكتەپ ۋە كەسىپلەرنى تاللايدىغان بەتنى ئاچسام پەقەت 4لا كەسىپ تاللىشى بار ئىكەن، مەن بەش كۈن بۇرۇن كۆرگىنىمدە ئۆزۇم ئوقۇغان كەسپىمگە ئائىت خېلى كۆپ كەسىپلەر بار ئىدى، ھازىر ئۈچ كۇن بولدى، شۇ تۆت كەسىپتىن باشقىلىرى پەقەتلا چىقمايۋاتىدۇ، ھەر خىل تور كۆرگۈچتە ۋە ئوخشاش بولمىغان رايونلاردا ئېچىپ كۆرۇپ سىناپ باقتىم، نەتىجىسى يەنىلا ئوخشاش،مالال كۆرمىسىڭىز سز ئېچىپ كۆرۇپ باققان بولسىڭىز، شۇ بەت ھەممە كەسىپلەر نورمال كۆرۇلسە ياردەم قىلىپ شۇ بەتتىن ئۆتۈپ بەرسىڭىز بوپتىكەن، ئامالى بۇلۇپ قالارمىكىن دەپ تىرىشىپ باقتىم، ئاخىرى بولماي،ۋاقىت بەك قىستاپ قالغاچقا سىزگە خەت قالدۇرۇدم، ياكى ھەل قىلىش ئۇسۇلى بولسا تەمىنلىگەن بولسىڭىز،جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن!
ياخشىمۇسىز،
مەن ئۆتكەندە سىناپ باققاندا پەقەتلا 4 خىل مەكەپ چىققان ئىدى. ئۇ ۋاقىتتا، ئالي مەكەپەت ئوقۇغان كەسپىكە قالايمىقان بىر نەرسە يېزىپ قويغان ئىدىم. ھازىر «telecomunication » دىگەن كەسىپنى تاللاپ، مۇكاپات تۈرىنى تاللىغان ئىدىم، نۇرغۇن كەسىپ چىقتى!
تورمۇ ياخشى ئىشلەۋاتىدۇ…
شۇڭا سىز، ئالي مەكتەپتە ئوقۇغان مەكتەپ ۋە كەسىپلەرنى بىر تەكشۈرۈپ باققان بولسىڭىز. بولمسا سىز، تىزىملىتىش ئىسمىڭىز ۋە پارولنى uyguroku@gmail.com گە ئىۋەرتىپ بىرىڭ. مەن بۇ يەردىن قاراپ باقاي.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەدمىن ئەپەندى!
مېنىڭ كەسپىم ئېلىكتىر قۇرۇلىشى ئاپتۇماتلاشتۇرۇش كەسپى ئىدى.مەن ئارزۇ تولدۇرغاندا 12ئارزۇنىڭ ھەممىسىگە شۇ ئېلىكتىر قۇرۇلىشىغا مۇناسىۋەتلىك كەسىپ تاللىغان ئىدىم،نىمە سەۋەپ بىلمىدىم،مەن تاللىغان كەسىپ ئۈچۈن تەمىنلەنگەن مەكتەپ كۆپ ئەمەسكەن ،بەزىدە پەقەت بىرلا مەكتەپ تەمىنلىنىپتۇ.شۇڭا مەن ئامال يوق تەمىنلەنگەن مەكتەپنى تاللاۋەردىم،بۇنداق بولغاندا بىر مەكتەپ بىر قانچە قېتىم تاللىنىپ كەتتى ،مەسىلەن يۇلتۇز تېخنىك ئۇنۋېرسېتېىتىنى تۆت قېتىم تاللاپتىمەن،بۇنداق بولغاندا تاللىنىشقا تەسىر كۆرسىتەرمۇ؟
ئەسسالامۇئەليكۇم مەن ھەققسىز ئوقۇشقا تىزىملىتاي دىگەن بىراق مىنىڭ كىملىكىمدە 1991 يىلى تۇغۇلغان ئەسسلى 1992 يىلى تۇغۇلغان مەن بۇنىڭغا تىزىملاتسام بۇلامدۇ يوق ، ئەگەر مەن ئۇزخىراجىتىم بىلەن ئوقۇسام قانچىلىك پۇل كىتىدۇ ، مەن ھازىر يېرىم يىل ئاشتى ، بېيجىڭدا تۇلۇق كۇرۇستا ئوقۇۋاتىمەن ، مىنىڭ بۇ ئوقۇش 4 يىل بولغانلىق ئۇچۇن ، مىنىڭ بەك تۇركىيەگە چىقىپ ئوقۇش ئارزۇيۇم بارئىدى، تۇلۇق كۇرىسنى تۇركىەدە ئوقاي دىگەن، ماڭا بىر ياردەم قىلغان بولساڭلار، سىلەرگە رەخمەت .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
تۇركيەنىڭ چاقىرقىغا پاسپورت بىجىىپ بىرەمۇ؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسالام،
تۈركىيدىن كەلگەن چاقىرىقلارغا ، پاپسپورت ئىشلەپ بەرمەيدىكەن دەپ ئاڭلىغان ئىدۇق. سىز يەنە، پاسپورت بىرىدىغان ئورۇنلاردىن سورۇپ بىقىڭ.
ئەسسىلاممۇ ئەلەيكۇم
مەن تولۇق كۇرۇسقا تىزىملىتاي دىگەن تولۇق كۇرۇسقا تىزىملىتىش ئۇچۇن قايسى نەتىجىنى ئىتراپ قىلىدۇ!يۈز تۇرانە ئىمتىھاننى ئىككى خىل تىلدا دەپتۇ! يۇزتۇرانە ئىمتاھاممىنى ئۇيغۇرتىلى ئارقىلىق بەرسەك بۇلامدۇ. ھەمدە تۇلۇق ئوتتۇردىكى قانداق نەتىجىلەر كىتىدۇ……
ۋەئەلەيكۇم ،
سىز خالىغان 2 خىل تىلدا…
ئۇيغۇرچە بولاميدۇ. خەن تىلى ياكى ئىنگىلىزچە بولىشى كېرەك.
تولۇق مەكتەپ خۇلاسە نەتىجىڭىز كېرەك بولىدۇ.
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، قېرىنداشلار ! مېنىڭ بىر نەچچە سوئالىم بار ئىدى ، يول كۆرسەتكەن بولساڭلار .
1. /?p=16 ماۋۇ بەتتە دېيىلگەن ئاسپرانتلىققا ئىلتىماس قىلىش ھەققىدە دېيىلگەن شەرتلەر ئىچىدە « 2+1 يىل» دېگىنى نېمىنى كۆرسىتىدۇ ؟ ئۇ بىر ئالاھىدە تۈرمۇ ياكى تۈركىيە دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتىدىكى ئاسپرانتلىققا ئىلتىماس قىلىدىغان بارلىق تۈرلەرنى كۆرسىتەمدۇ ؟
2. ئىلتىماسقا ئارزۇيىمىزدىكى مەكتەپ ۋە كەسپلەرنى تاللاپ ، ئەگەر قوبۇل قىلىنىپ قالساق ، تۇنجى يىلىدىكى تۈرك تىلى ئوقۇشىمىزنى قوبۇل قىلىنغان مەكتەپتە ئوقامدۇق ؟
مەن تىزىملېتىش بىتىگە كىرەلمىدىم،قانداق قىلسام بولىدۇ؟
2014-يىللىق تۇركىيە مۇكاپاتلىق ئوقۇشقا قانداق تىزىملىتىدۇ،قايسى تىلدا تىزىملىتىدۇ.