قەدىرىلىك ساۋاقداشلار،
تۈركىيە خاندەلىكى 2013 – يىللىق ئاسپرانت ۋە دوكتورلۇق تۈرلىرى بويىچە تىزىملىتىش ۋاقتى، ”تورغا تىزىملىتىشى ئىسمى -(user name ) ئېلىپ بولغان“ ،ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن، ئاخىرىقى كۈن بولغان 3-ئاينىڭ 31 -كۈنىدىن، 4-ئاينىڭ – 3-كۈنىگىچە ئۇزارتىلدى . ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ خاتىرجەم تىزىملىتىشىنى ئۈمىت قىلىمىز. ئامما، تىزىملىتىش تورىدىن 31-مارتتىن بۇرۇن چوقۇم بىر تىىزىملىتىش ئىسمى ئېلىۋىلىڭ. بولمىسا تورغا كىرەلمەيسىز.
بۇ خەۋەرنىڭ تۈرك ۋە ئىنگىلىز تىلىدىكى ئېلانى تۆۋەندىكىچە:
Öğrenci Adaylarının Dikkatine!
Türkiye Bursları Lisansüstü başvuruları online sisteme kullanıcı kaydını yaptıran adayların başvurularını tamamlayabilmesi için 3 Nisan 2013 tarihine kadar uzatılmıştır.
Türkiye Scholarships graduate applications have been extended till 3 April 2013 for those who created user account and could not complete their applications.
بۇ ئېلاننىڭ مەنبەسىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرەلەيسىز:
http://www.facebook.com/pages/T%C3%BCrkiye-Burslar%C4%B1/277493639008449
ھەجەپ ياخشى،
1 ، ۋاي بۇ راست گەپ مۇ يە ؟
2، نەچچە كىچە بولدى ئۇخلىمىغىلى ، ئەمدى ئىچىپ بىر خەت يىزىپ ياكى كىيىنكىسىگە ئۆتۈپ بولغىچە توردىن چىقكىتىپ بارىدۇ. نىمە ئىش بۇ ؟
3، رەھمەت
شۇنداق، بۇ راست گەپ. سىز تەمكىن بولاپ تىزىملىتىشقا تىرشىڭ. «*» قويۇلغان يەرلەرنى تولۇق تولدۇرۇڭ. توردە بەك كۆپ تورسىڭىز، شۇنداق قىلىش مۈمكىن، تورنى قايتىدىن باشلىتىڭ. ئامالى بار، firefox ياكى google chrome دىگەن تور كۆرگۈچلەرنى ئىشلىتىڭ.
ئەلھەمدۇلىللا،بايىدىن بېرى تور بەت پەقەتلا ئېچىلماي ئەنسىرەپ قالغان ئىدىم…
توردا بەك كۆپ ئادەم بولىشى مۈمكن. سەبىر بىلەن تىزىملتىشىقا تىرشىڭ. تورنى قايتىدىن باشلىتىڭ. ئامالى بار، firefox ياكى google chrome دىگەن تور كۆرگۈچلەرنى ئىشلىتىڭ.
http://www.turkiyeburslari.gov.tr
بىر ھەپتە بولدى، مەن تىزىملىتالمىدىم، 2 قەدەم ماڭمايلا چېكىنىپ كېتىدۇ، يەنە كىرسەم يەنە 2 – 3 – قەدەمگە بارغاندا يەنە چېكىنىپ كېتىدۇ. توربېكەتتىن ئېغىر دەرىجىدە چاتاق چىقىپتۇ. ئۇلارغا ئىنكاس قىلىپ قويساڭلار بوپتىكەن.
تامام بىزمۇ يازايلى. ئامما ئاخىرقى كۈنلەردە تور بەك ئاستا ئىشلەۋاتىدۇ. چۈنكۈ بەك كۆپ كىشى ئىلتىماس قىلىۋاتىدۇ.
سىز تور كۆرگۈچەرنى ئالماشتۇرۇپ، قايتا-قايتا تىزىملتىشىقا تىرشىڭ.
شۇنداق بىر خەت يېزىپ بولغۇچە چېكىنىپ چىكىتىۋاتىدۇ ،ۋەتەندە،قاق سەھەردە تۈركىيە ئېغىر ئۇيقۇدىكى ۋاقىتتا مەشغۇلات قىلىڭ ،ھەرھالدا بىر قەدەمنى تىزراق توشقۇزسىڭىز بىر قەدەمدە بىر چېكىنىدىكەنسىز،بولمىسا كۈندىزى ماڭدامدا بىر
مەلەك، رەسىمنى چۈشۈرۈپ قاراپ باقتىڭزمۇ يوللاپ بولغاندىن كېيىن؟ نورمال ئېچىلدىمۇ چۈشۈرۋالغان رەسىم؟
شۇنچە كۇن ئولتۇرۇپ تەستە تۇنۇگۇن تولدۇرۇپ بولۇپ تۇنۇگۇن چۇشتىن كىيىندىن تارتىپ ھەتتا كىچىچە ئولتۇرۇپ تاپشۇرۇشنى ساقلاپ ئەتىگەندە ئىرىشكىنىم ھەممە تولدۇغان نەرسەم يوقاپ كىتىپتۇ…ئەمدى قانداق قىلىمەن؟
يوللىۋەتمىگەنمۇ؟ ئەگەر يوللىۋەتكەن بولسىڭىز، ئىش تۈگىدى. ئەگەر يوللىماي تۇرۇپ يوقاپ كەتكەن بولسا، قايتا تولدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ شۇ. يەنە 4 كۈن ۋاقىت بار، بەك جىددىيلىشىپ كەتمەڭلار.
نەچچە كىچە بولدى ئۇخلىمىغىلى….
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مەن بۈگۈن تىزىملىتىپ بۇلدۇم، ئىلخەتنى ئاچسام ‹مۇۋەپىقىيەتلىك بولدى› دەپ خەت كەپتۇ، ئەمدى مەن ئۇختۇرۇش كۈتەمدەم؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. شۇنداق قىلىسىز.
مىنىڭ ئىنكاسىمنى تەستىقلىماپسىلەغۇ؟
مەن سەل جىددىلىشىپ قالدىم،قايتۇرساڭلا بوپتىكەن….
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئادمىن مەن ئاسپىرانىتلىقا تاللىغان خاندەنلىك ئىچىدە كەسپىمگە ماس كىلدىغنى بىرلا خاندەنلىك بار ئىكەن ئاسپىرانىتلىققا ئىككى خاندەنلىك تاللاڭ دەپتىكەن بىرنى تاللىساممۇ بولامدۇ؟ يەنە برسى كەسپىمگە قەتتئى ماس كەلمەيدكەن.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! ئەسلىدە توغرىسى بىرنى تاللاش، ئەگەر كەسپىڭىز توغرا كېلىپ قالسا، ئىككىنى تاللىسىڭىز بولىدۇ. ئەمما ئىككىنى تاللاش كېرەك دەيدىغان شەرت يوق.
ياخشىمۇسىز! مەن ئېلتىماس قىلىشنى بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئاچقاندا ،مەكتەپ ۋە كەسىپنى تاللاپ تولدۇرىدىغان بەت نورمال ئېچىلىپ، تەبئىي پەندىكى بارلىق كەسىپلەر چىققانىدى،،ئىككى كۈن بولدى، شۇ بەتتە پەقەتلا تۆت كەسىپ چىقىپ، باشقىلىرى چىقمىدى، ئۆزۈم ئوقۇماقچى بولغان كەسپنى تاللاشقا ئامالسىز قالدىم، باشتا ئاچقاندا بار ئىدى. قەيەردىكى قانداق مەسلە ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم، قانداق قىلىشىم كېرەك؟
ياخشىمۇسىز،
بەلىكى بۇگۈن-ئەتە ئىچىلىپ قىلىشى مۈمكىن. تور كۆرگۈچىڭىزنى ئالاماشتۇرۇپ بىقىڭ. 4-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە تولۇقلاپ تىزىملاتالايسىز.
ھەرخىل تور كۆرگۈچىدە ھەم بولمىغان كومپيۇتىردا ئېچىپ باقتىم، بىراق نەتىجىسى ئوخشاش بولىۋاتىدۇ، يەنە باشقا ئاماللار بارمىدۇ ؟
uodb@ytb.gov.tr support@turkiyeburslari.gov.tr خەت يېزىپ سوراپ باقامسىز.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، سىزنىڭ مەكتىۋىڭىز پىداگوگىكا خاراكتېرلىق، ئەمما كەسپىڭىز باشقا كەسپ بوسا، بىرىنجى ئىككىنجى بەتتىكى كەسپ دائېرىسى دېگەنگە سىز ‹natural sciences› قاتارلىق پەنلەرنى تاللىماي ‹education› نى تاللاپ قالغان بولسىڭىز بۇنىڭغا چۈشىدىغان كەسپلەر بەك ئاز، شۇڭا يەنە بىر تەكشۈرۈپ بېقىڭ، شۇ يەرنى ئۆزگەرتىپ بېقىڭ، بىر دوستۇمنىڭمۇ شۇنداق بوپ قاپتىكەن، سىزگە ئوخشاش مەسىلە كۆرۈلۈپتىكەن، شۇ يەرنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن ئوڭلانغان شۇنى ئوڭلاپ بېقىڭ مەنچە. ئاللاھ ياردەمچىڭىز بولسۇن، ئامىين!
كۆپتىن كۆپ رەھمەت ، راستىنلا شۇ يەردىكى مەسلە ئىكەن، ھازىر ئوڭلاندى،،ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن سىزگە !
ئىنشاللا تاللىنىپ قالارسىز.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،يەنە ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم،مەن تولدۇرۇپ ماتىرياللارنى يوللايدىغان يەرگە كەلگەنتىم،تەلەپ قىلغان شەكىلدە ھەجىمنى ئاشۇرىۋەتمەي يوللىغان،ئەمما ئۆزۈم ئاچسام ئېچىلمىدى،بۇنداق بولغىنى نورمالمۇ ياكى بۇ خاتالىق يۈز بەرگىنىمۇ، پەقەت بىلەلمىدىم،جاۋابىڭلارنى كۈتىمەن،رەھمەت!!( سوئالىمنى خاتا يەرگە چاپلاپ قويۇپتىكەنمەن،بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ ئەكەلدىىم)
مەرھابا ،سىز ئۇچرىغان ئەھۋالغا مەنمۇ دۇچ كەلگەن ،بۇرۇنقى توغرا تولدۇرۇپ ساقلاپ قويۇپ ،كېيىن ئاچسا خاتا بولۇپ قېلىش،ئۆزگىرىپ كېتىش مەسلىسى ھەقىقەتەن مەۋجۇتكەن ،شۇڭا تىزىملىتىشكى ياخشى چارە ،بىرراقلا بىر دودىلا ھەممىنى بىر باشتىن ،سىن فىلىمدىكىدەك تولدۇرۋىتىش ئىكەن،مەن تىزىملىتىشقا ۋاقىت چىقىرالماي، ھەر كۈنى بىرلا باسقۇچنى قىلىپ ساقلاپ قويۇپ يۈرۈپ ،ئىلگىرى كېيىن بوپ 12 باسقۇچلۇق بۇ تىزىمنى 15 كۈندە تىزىملىتىپتىمەن، بۇ جەرياندا يۈكلىگەن،يېزىلىپ بولغان مەلۇماتلار ئۆزگىرىپ كېتىپ ئاۋارچىلىقلار بولدى . يۈكلىگەن ماتىرياللىرىمنى بىر تور كۆرگۈدە چۈشۈرۈپ ئېچىپ باقسام ئېچىلىدۇ،باشقىدا چۈشۈرۈپ باقسام ئېچىلمايدۇ دېگەندەك…
ماتىريال بىر نەچچە خىل شەكىلدە يۈكلىنىدىكەن :
1. يوللىنىۋاتقان پىرسەنتى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ،يەنى 100% بولغاندا نورمال يوللىنىپ ،يوللانغان ھۈججەتننىڭ سېغىمى كۆرىنىدىغان ،ئوڭ تەرەپتە ،ئىندىر(چۈشۈر) سىل(يۇيىۋەت) دېگەن 2 خەت كۆرۈنىدىغان ھالەت ( بۇ نورمال يوللانغان شەكىل،يوللاپ بوپ ئىندىرىپ كۆرۈپ باقسا ئېچىلىدۇ)
2. ماتىريال يۈكلىگەندە بەت ئېچىلىۋاتىدۇ دېگەندەك ،يۇمىلاق بەلگە چۆرگىلەپ تۇرۇپ يوللىنىدىغان شەكىل (بىردەمدە چۆرگىلەپ بولۇپ ھۈججەتنىڭ ئىسمى چىقىدۇ(سېغىم چىقمايدۇ ،چۈشۈرسە ئېچىلمايدۇ،يەنى بۇ ساختا يوللىنىش شەكلى)
3. يۈكلەنگەن ماتىريالنىڭ يېنىدا مەغلۇپ بولدى دېگەن خەت چىقىپ تۇرىدىغان يوللىنىش شەكلى ، ئىنگىلىزچە بىلمەيدىغان ئادەم تىزلا بۇ ھالەتكىمۇ ئالدىنىدۇ،چۈنكى يوللىغان ھۈججەتلىرىمىزنىڭ نامى بىر چىرايلىق چىقىپ تۇرىدۇ )
ماتىريال يوللاۋاتقاندا ، ھۈججەتلەرنىڭ يېنىدا چۈشۈر،ئۆچۈر دېگەن خەت بولمىغان ئەھۋالدا ھۈججەت نامىنى بېسىپ ،كۆرۈپ بېقىشنى تەلەپ قىلساق ، بۇ بەتتىن ئايرىلامسەن،دەيدۇ ،چۈنكى باشقا ماتىريال تېخى يوللننىۋاتىدۇ ،بىز چاققانلا بېسىپ كۆنۈپ كەتكەن ھەئە نى بېسىۋەتسەك ، يۈكلىگەن ماتىرياللىرىمىز تېخى ساقلانمىغان،يەنى بىز بۇ باسقۇچتىن تېخى ئۆتمىگەن،شۇڭا ھەممىسى يەنى يوق بولىدۇ ،شۇڭا تورداشلار تور كۆرگۈلەرنى ئالماشتۇرۇپ ، مانچە پىرسەنت توشتى دېگەن ھالەت چىقىپ يوللانغاندا ئاندىن يوللىغايسىلەر ،شۇ چاغدا چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باقساڭلار كۆرىلىدۇ.
تاماملاشتىن بۇرۇن ،ئىلتىماسنىڭ پۈتكۈل باسقۇچىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان يېرىنى ئامال بار رەسىم شەكلىدە بىر باشتىن كېسىۋىلىڭلار ،چۈنكى كېيىن خاتالىق بولۇپ قېلىپ ،قايتا ئىلتىماس قىلغاندا لازىم بولىدۇ.
ياخشى پىكىر.
ئەسسالامۇئەلەيكۇم باشقۇرغۇچى : مەن ئۆتكەندە نەتىجىلىرىمنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقانىدىم ، ئۇ چاغلاردا ئۇلارغا خەت يازسام ھېچقانداق ئىنكاس قايتمىغان ،شۇنىڭ بىلەن قايتا تىزىملىتىپ ،ئاخىردا ئىزاھات شەكلىدە ،نەتىجەم ئۆزگىرىپ كەتكەچ ،ئوڭشاش مۇمكىن بولمىدى شۇڭا قايتا تىزىملاتتىم دەپ يېزىپ قويغانىدىم،بۈگۈن قارىسام( يەنى 1-چىسلا )كونا تىزىملاتقان نامىمغا ، ئەھۋالىڭىزنى كۆزدە تۇتۇپ نەتىجىڭىزنى قايتا تولۇقلاپ يېزىشىڭىز ئۈچۈن ،تىزىمىڭىزنى قايتا ئېچىپ بەردۇق ،تولۇقلىۋىلىڭ دەپ ئۇچۇر كەپتۇ ،مەن ئەمدى بۇنى تولۇقلىشىم كېرەكمۇ ياكى ،كارىم بولمىسۇنمۇ؟ تولۇقلاپ قويسام 2 قېتىم تىزىملىتىپ ئاۋارچىلىق كەلتۈرگەن بولارمەنمۇ؟
بۇ جەرياندا ھېس قىلغىنىم :
ئۇلارغا يېزىلغان خەتلەر ،ياكى ئىنكاسلارنى ئۇلار تىزىملاش توختىغاندىن باشلاپ كۆرۈپ،جاۋاپ يازىدىكەن.
ئەگەر بىز تاللىماقچى بولغان مەكتەپلەر تاللاش كۆزنىكىدە كۆرۈنمىسە، بۇنى مائارىپ بىلگىلىرى تولدۇرغان يەرگە قايتىپ ،ئالىي مەكتەپتە ئۆگەنگەن بىلىم دېگەن تاللاش تۈرىدىكى ( ئىجتىمائى پەن ،تەبى پەن ،مائارىپ،تىبابەت،تىخنىكا،تىل ) قاتارلىق جايلارنى ئۆزگەرتسەك چىقىدىكەن ،مەسىلەن ،تىبابەتتە ئوقۇدۇم دەپ يازغان بالىلارغا ئىلاھىيەت بۇرس تۈرى چىقمايدىكەن …ئاي يۇلتۇز دۇچ كەلگەن مەسىلە مۇشۇنداق ھەل بولدى .
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
ئەگەر،سىز ئارزۇ قىلغان شەكىلدە ئۆزگەرتكىلى بولسا، كونا ئىلتىماسسىڭىزنى ئۈزگەرتىپ بىقىڭ. ئەگەر بولمسا، ئەھۋالنى ئزاھلاپ خەت يېزىپ قويارسىز.
بۇ يىل ئىلتىماس ئالغاندا، ھەقىقەتەن، ئوقۇش بىلگىلىرىگە بەك دىققەت قىلدى. چۈنكۇ، بولتۇر تاللىنىپ تۈركىيەگە كەلگەن ئوقۇغۇچىالارنىڭ بەزىلىرى، مەتەەپكە تىزىملتىشتا قىيلىنپ قالدى، ۋە تىزىملاتقان بەزى ئوقۇغۇچىلار دەرسلەردە يېتىشەلمەي (كەسىپ ئالماشتۇرغانلار)، مەكتەپ ئالامشتۇرساق بولاتتى دەپ، ئىلتىماس قلىغانلارمۇ (باشقا چەتئەللىكلەرمۇ ) ئاز ئەمەس ئىكەن.
بىر گېپىم ئۇنتۇلۇپ قاپتۇ ، يوللىغان ماتىرياللارنى يۇيىۋتىپ قايتا يوللاڭ ،بىرنى يوللاپ بولۇپ چۈشۈرۈپ كۆرۈپ بېقىڭ ، كۆرگىلى بولمىسا تور كۆرگۈنى ئالماشتۇرۇپ يەنە قايتا يوللاپ بېقىڭ
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
سىز ئاخىرىقى باسقۇچىنى تاماملىدىڭىزمۇ؟
ئەگەر تاماملىغان بولسىڭىز، سىزگە بىر خەت كىلىدۇ، «ئىلتىماسىڭىز كەلدى» دەپ. خەت ساندۇقىڭىزنى ياكى، «ئەخلەت خەت ساندۇقىنى» بىر تەكشۇرۇپ بىقىڭ. ئەگەر سىز ئاخىرقى باسقۇچنى تامالىغان تەقدىردىمۇ ھىچ ئۇچۇر كەلمىگەن بولسا:
uodb@ytb.gov.tr
support@turkiyeburslari.gov.tr
خەت يېزىپ سوراپ بىقىڭ.
ۋەئەلەيكۈم ئەسسالام
يۈكلەيدىغان رەسىملەرنى دەۋاتامسىز ؟
ھەئە،يۈكلەيدىغان رەسىملەر
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!
يەنە ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم،ئاللا سىلەردىن رازى بولسۇن!
مىنىڭ ئىنكاسىم تەستىقلانماپتۇ،5-بەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا نەتىجىنى يازالمىدىم،كورسەتكۇچنىمۇ ئالماشتۇردۇم بولمىدى،uyguroku@gmail.comغا خەت ياسسام قايتۇرمىدى،ئوزىنى تونۇشتۇرۇش خېتىگە قوشۇپ يېزىپ قويدۇم ،مۇشۇنداق قىلسام بولامۇ؟
uodb@ytb.gov.tr
support@turkiyeburslari.gov.tr
خەت يېزىپ سوراپ بىقىڭ. 4-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە ۋاقتىڭىز بار.
مەلەك،سىزگە كۆپـتىن كۆپ رەخمەت،بېشىم بەك قاتقان ئىدى،بۇنداق ئەستايىدىل جاۋاپ كېلەرىنى ئويلىمىغانتىم،ئاللاھ يوللىرىڭىزنى ئوچۇق قىلسۇن!مېنىڭ ئۇچرىغان ئەھۋالىم 1-خىلغا چۈشىدىكەن،يېنىدا ئۆچۈرۈش ۋە چۈشۈرۈش بەلگىسى چىقىدۇ،چوڭ كىچىكلىكىمۇ چىقىدۇ،ئەمما ئۆزۈم ئېچىپ كۆرگەندە ‹بۇ شەكىلنى قوللىمايدۇ › دېگەندەك خەتلەر چىقىۋېلىۋاتىدۇ،تور كۆرگۈچنى ئالماشتۇرۇپ ئشلەتتىم،خۇداغا شۈكرى ھېچ نەرسەم يوقاپ كەتمەي نورمال چىقتى،ئەمما شۇ رەسىم يۈكلەشتە ئۆتەلمەي ساق ئىككى كۈنۈم كەتتى…يەنە ھەل قىلىشقا تىرىشاي،ھەممىڭلارغا رەخمەت!
مەرھابا ، بۇ تىزىملىتىش ئىشلىرى ئۈچۈن ھەرخىل تور كۆرگۈلەرگە كۆمۈلۈپ كەتتۇق ، ئەمما شۇ تور كۆرگۈ ئىھتىياجلىق بولغان بەزى قىستۇرمىلارنى تەڭ قاچىلاش خىيالىمىزغا كەلمىدى ، مەسىلەن :ئوت تۈلكە تور كۆرگۈچى فىلەش قىستۇرمىسىنى ئاپتوماتىك قاچىلىمايدىكەن ،ئايرىم چۈشۈرۈپ سەپلىۋالىدىكەنمىز، شۇ سەۋەپ رەسىم يۈكلەش كونۇپكىسىنى باسقىنىمىزدا ھىچقانداق سادا يوق قاراپلا تۇرىدۇ ،بۇ قاراپلا تۇرۇش مەسلىسى يالغۇز بۇ تور بەتتىلا ئەمەس ، مۇنبەرلەردىكى باش سۈرتىمىزنى ئۆزگەرتىمىز دېسەكمۇ يۈز بېرىدۇ. . شۇڭا باشقا باسقۇچلاردىن مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتۈپ بولغان بولسىڭىز ، ھەممە نېمىسى تولۇق بولغان enternet explorer دا رەسىم يۈكلەش باسقۇچىنى ئورۇنداڭ !
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
مەنمۇ يەنە ئاۋارە كىلىدىغان بولدۇم. مەن سىز دىگەندەك ھەرخىل تور كۆرگۈچىدە ، ئوخشاش بولمىغان كوميۇتىردا ئېچىپ كۆرۇپ باققان، لېكىن ئەھۋال يەنىلا ئوخشاش بولدى، يەنە باشقا ئاماللار بارمىدۇ ؟
ياخشىمۇسىلەر، مەن ماگىستىرلىقتا ئوقۇش ئۈچۈن ماتېرىيالىمنى يوللىغانىدىم، ئەمما پاسپورتىمنىڭ ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسىنى ئەۋەتىسنى ئۇنتۇپتىمەن، قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇھەقتە مەسلىھەت بېرىلسە…..
ياخشىمۇسىز؟
تۆۋەندىكى ئادرىسكە خەت يېزىڭ ، پاسپورت نۇمۇرڭىزنى يازغان بولسىڭىزغۇ چوڭ-چاتاق چىقىماس، چۈنىكۇ پاسپورتى يوق ئوقۇغۇچىلارمۇ تىزىملاتتى ۋە تىزىملاتالايدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، بىر سورۇپ بىقىڭ.
uodb@ytb.gov.tr
support@turkiyeburslari.gov.tr
خەت يېزىپ سوراپ باقامسىز.
تەشەككۈر~~
ئەتە كەچتە ئاخىرلىشىدۇ دېگەن گەپمۇ ياكى 3-چىسلا كەچتىمۇ؟
بىز ھازىرلا ئەنقەرە بىلەن كۆرەشكەن ئىدۇق. 3 -ئاپرىل ، تۈركىيە ۋاقتى سائەت 23:00 دە تور تاقىلىدىكەن.
ئامالى بار تىز تاماملىسۇن دەيدۇ، سىستەم بەك ئاستىلاپ كىتىشى مۈمكىن. بىر ئامال قىلپ ئىلتىماسنى تاماملاڭلار.
تىزىملىتىش 3-ئاپرىل (بۈگۈن) سائات 18:00 دە تاماملىنىدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،مىنىڭ پاسپورت،دىپلۇم قاتارلىق رەسىملەرنى يۈكلەيدىغان ئىشلا قالغان،يۈكلىسەم ھەجىمى چوڭ بولۇپ كىتىپتۇ،دەپ چىقىۋالدى،قانداق قىلسام بولا،ياردەم قىلغان بولساڭلار.
ۋەئەلەيكۇم ئەسالام!
ھەجىمى چوڭ بولاپ كەتكەن بولسا، بۇنى كىچىكلەتمەكتىن باشاق ئامال يوق. سىز سكەن (cao miao ) قىلغانلارغا، ھەجىمى كىچىكرەك قىلىپ ھازىالاپ بەر دىسىڭىز بولىدۇ.
ياكى سىز كومپىيوتور بىلىدىغان بىرىنى تىپىپ ياردەم سورىسىڭىز بولىدۇ.
سالىھ ،سىز ئۇ ماتىرياللارنى چ چ نىڭ رەسىم كەسكۈچىدە ،دىگەن ئۆلچەم بۇيىچە كىسىپ يوللىسىڭىز بۇلدۇ ،نۇرغۇن باللارنىڭ سىزنىڭكىدەك ئەھۋال كۆرۈلگەن ،مەن قىلشىپ بىرەي دىسەم تور سۈرئەت بەك ئاستا .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،نىمىشقا بىئىولوگىيەگە ئائىت كەسىپلىەر تىزىملىكتە يوق،تېزرەك جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز ،نەچچە كۈندىن تولدۇرغىنىم يوق كەتتى،رەھمەت
تۆۋەندىكى ئادرسىلەرگە خەت يېزىپ دەرھال سۇاپ بىقىڭ.
uodb@ytb.gov.tr
support@turkiyeburslari.gov.tr
رىسالەت سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزمۇ ئاي يۇلتۇزنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاش بولسا مەلەك مۇشۇ توغرىسدا بىر ئىنكاس يازغان .تۇلۇق ئوتتۇردىكى كەسىپ بىلەن ماگىستىرلىقتا تاللىماقىچ بولغام كەسىىپ ئوتتۇرسىدىكى پەرىق دىگەندەك بولسا شۇنىڭغا بىر قاراپ بېقىڭ .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، سىزنىڭ مەكتىۋىڭىز پىداگوگىكا خاراكتېرلىق، ئەمما كەسپىڭىز باشقا كەسپ يەنى بىولوگىيە بوسا، بىرىنجى ئىككىنجى بەتتىكى كەسپ دائېرىسى دېگەنگە سىز ‹natural sciences› قاتارلىق پەنلەرنى تاللىماي ‹education› نى تاللاپ قالغان بولسىڭىز بۇنىڭغا چۈشىدىغان كەسپلەر بەك ئاز، شۇڭا يەنە بىر تەكشۈرۈپ بېقىڭ، شۇ يەرنى ئۆزگەرتىپ بېقىڭ، بىر دوستۇمنىڭمۇ شۇنداق بوپ قاپتىكەن، سىزگە ئوخشاش مەسىلە كۆرۈلۈپتىكەن، شۇ يەرنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن ئوڭلانغان شۇنى ئوڭلاپ بېقىڭ مەنچە. بىولوگىيەگە ئائىت كەسپلەر خېلىلا كۆپ، شۇ يەرلەرنى ئوڭشاپ بېقىڭ،ئاللاھ ياردەمچىڭىز بولسۇن، ئامىين!
يۇكلەيدىغان رەسىمنىڭ ھەجىمىنى كىچىكرەك قىپ يۇكلىسىڭىز لا بولىدىغۇ؟
مەن نەچچە قېتىم يېزىپ بولدۇم,جاۋاپ يوق,توۋا خۇدايىم ,قانداق قىلارمەن ,ئىجتىمائىي پەنلەردىن تاللاپ باقاي ئەمدى ،ئامال يوق.رەھمەت سىلەرگە
ماڭا كۆڭۈل بۆلگىنىڭلاردىن بەك خۇش بولدۇم،رەھمەت سىلەرگە ،تېخى تۆنۈگۈن بىئولوگىيە كەسىپلىرىنىڭ ھەممىسى كۆرۈلگەن ،مەنمۇ چۈشتىن بۇرۇن تولدۇرۇپ ساقلاپ بولغان،لېكىن ئالدىدىكى بىر چالا بولغاچقا تاپشۇر ماپتىمەن،چۈشتىن كېيىن بىر ئاچسام باتتى ،كەينىگە يېنىپ كېتىۋىدى يەنە بىر ئاچسام يوق تۇرىدۇ.باشقىدىن تولدۇراي دېسەم تۆت كەسىپ ،ئۈچ مەكتەپتىن باشقا ھېچ نەرسە چىقمىدى.ۋاقىت بەك قىستاپ قالغاچقا تاپشۇرالماي قېلىشتىن ئەنسىرەپ ئىجتىمائىي پەن تۈرىدىن ئۆرۈم ياقتۇرىدىغان كەسىپلەرنى يېزىپ تاپشۇرۋەتتىم.بىر پاچە چۈشەندۈرۈپ قوياي دېگەن ئەھۋالىمنى ،قايسى ئېلخەت ئادرېسىغا ئەۋەتىمەن،ئېنىق دەپ بەرگەن بولساڭلار،قالغىنىنى خۇدايىغا تاپشۇردۇم ئەمدى،شۇنچە تىرىشتم بولمىسا بۇ ئىش ئۈچۈن.
تۆۋەندىكى ئادرسىلەرگە يازسىڭىز بولىدۇ.
uodb@ytb.gov.tr
support@turkiyeburslari.gov.tr
مەن ھەممىنى تولدۇرسام يەنە بولمىدى بۇ ئش سىستىما نىمانداق قىلدۇ ، بەزىللىرىنى تولدۇرغىلى بولدى يەنە بەزىللىرى بولمىدى، قارغاندا تەييارلىق خىزمەتلىرى تۇلۇق ئشلەنمىگەن چېغى ،،،،كەينىگە يېنىپ كىتىۋېردۇ،،،،،،ئەۋەتكىلىمۇ بولمىدى بەك ئچىمنى سىقىۋەتتا بۇ ئش……قانداق قىلمىز ۋاقىت بەك قىستاپ قېلۋاتىدۇ…
تەمكىن بولاپ، يىلدىز «*» قويۇلغان يەرلەرنى تولدۇرۇڭ، ھىچ بولمىغاندا «بۇش» قوياپ قويماڭ.
ئالي مەكتەپتە ئوقۇغان كەسىپنى توغرا تاللاڭ، تور كۆرگۈچ ئۈچۈن، firefox ياكى google chrome نى ئىشلىتىڭ. ھازىر تور ياخشى ئىشلەۋاتىدۇ. قارىغاندا توردا ئادەم ئاز ئوخشايدۇ.
مەلەك سىزگە كۆپ رەھمەت،ئاخىرى تۈنۈگۈن كەچ تۈگۈتۈپ يوللىۋەتتىم،ئىنشاھ ئاللاھ ھەممەيلەننىڭ ئوڭۇشلۇق بولار،نەتىجىسى قانداقلا بولسۇن،سىزدىن بەك خۇرسەن بولدۇم !!
ئىلتىماسنى تاماملاپ بولوپ ئاپلود قىلغان پاسپورت قاتارلىق رەسسىم ھۈججەتلىرىنمى كۆرگىلى بولمايۋاتىدۇ؟ يەنى سونلاندۇرۇپ بولغاندىنكېيىن كۆرسەم سىستىمىدا خاتالىق كۆرۈلدى دىگەن گەپ چىقىۋالدى. بۇنۇڭدا چاتاق چىقماس؟
تۈۋەندىكى ئادرىسكە خەت يېزڭپ سوراپ بىقىڭ:
uodb@ytb.gov.tr
support@turkiyeburslari.gov.tr
بىزمۇ بۇ يەردىن سوراپ باقايلى. سىز قايسى ئېلخەت بىلەن تىزىملاتقان ئىدىڭىز؟
azimat51@126.com
Sistemde Beklenmeyen bir hata oluştu.!! يەنىلا بۇ ئىبارىلەر چىقۋاتىدۇ، باشقا قېرىنداشلارنىڭ قانداقتۇ؟
تور بىتىنى ئۈچۈرۋىتىپ قايتىدىن ئىچىڭ، ۋە تور كۆرگۈچىڭىزنى ئالماشتۇرۇپ بىقىڭ. يەنە بىر مەسلىھەت، ئالي مەكتەپتە ئوقۇغان كەسىپلەرنى توغرا تاللاشاقا تىرشىڭ. ئىنشاللا ۋاقتىدا ئىلتىماسنى تاماملارسىز!
مەن ئىلتىماسنى ھەممە يەرلىرىنى تولدۇرۇپ تاپشۇرۇپ بولغانتىم، كىرىپ كوزدىن كەچۈرۈپ بېقىش ئۈچۈن قايتا ئېچىپ ھۈججەت چىقارغان يەرنى تىكلىغانتىم ، ئەمما رەسسىملىك ھۈججەتلەرنى قايتا كۆرگىلى بولمىدى ، يا ئىلتىماس تاماملانغاندا ئۇلارنى كۆرگىلى بولمامدۇ بىلەلمىدىم. مەسىلە چىقارمۇ دەپ ئەنسىرەپ قالدىم
تۈۋەندىكى ئادرىسكە خەت يېزڭپ سوراپ بىقىڭ:
uodb@ytb.gov.tr
support@turkiyeburslari.gov.tr
جاۋاب كەلمەيۋتدۇ
كۆپ رەخمەت سىلەرگە، رەببىمىز ھەممىمىزگە ئاسانلىق بەرسۇن
ئەرزىميەدۇ، جاۋاپ كەلدىمۇ؟
كەلدى ئادمىنكا، سورۇن يوق دەيدۇ
ئەسسسالامۇ ئەلەيكۇم،مەن تۇرۇكچە بىلمىگەچكە ئىلتىماس قىلىشنى دوستۇمغا ھاۋالە قىلغانىدىم،ئۇ تېخى تىزىملىتىش ئىسمى ئالماپتۇ،ياردەم قىلىپ ئىككى ئىسىم ئالغانلار بولسا بىرنى بەرسەڭلار بوپتىكەن؟
ئەسسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ئادمىنكا ،جاپا چەكتىڭلار، ئاللاھ سىلەردىن رازى بولسۇن!
سالام،مەن ىلتىماسنى يوللاپ بولۇپ سىكەن كىلغان رەسىملىك ماتىرياللار نى كايتا چۈشرۈپ كۈرۈپ باكماپتىمەن،بۈ يەردىكى ىنكاسلار نى كۈرۈپ كوڭلۇم غەش بولدى.تەستە بىر تاماملىغانتىم.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ. تىىزىمىتىش تورىغا يوللىغان بولسىڭىز ، چوڭ-چاتاق چىقىماس. ئىشاللا تاللىنىڭ قالارسىز.
رەھمەت
ياخشىمۇسىز؟ مېنىڭ تۈركىيەدە ئاسپىرانتلڭقتا ئوقۇغۇم بار ئىدى. لېكىن ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلىش ۋاقتىدىن ئۆتۈپ كېتىپتۇ. يەنە باشقا ئىلتىماس قىلىش يوللىرى بارمىدۇ؟
ياخشىمۇسىز،
ئۆز خىراجىتىڭىز بىلەن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. بىز ئۆتكەن بىر نەچچە كۈندە بىر نەچچە مەكتەپ بىلەن كۆرەشكەن ئىدۇق، ئىلتىماس قىلسا، نەتىجىلىرى ياخشى بولسا، قوبۇل قىلىمىز دىگەن ئىدى. بىز بۇ ئاخشامغىچە، بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئېلاننى تورىمىزدىن بىرىمىز. تورىمىزغا قاراپ تۇرۇڭلار.
رەھمەت سىزگە. مېنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى نەتىجەممۇ ياخشى. ئىېلتىس دا 6.5 ئالغان. جۇڭگودىكى 6-دەرىجىدىنمۇ ئۆتكەن. ئەپسۇس ئېلاننى ۋاختىدا كۆرمەي قاپتىمەن.خەۋىرىڭلارنى كۈتىمەن.
ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم.باشقىلار يۇز تۇرانە ئنتاھان خەۋرى تاپشۇرۋاپتۇ،بىزگە خەۋەر يوققۇ؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
تۆۋەندىكى تورنى ئوقۇپ بىقىڭ. ئۇيغۇر رايونىدا ئىمتاھان يېرى ئىنىق بولغاندا ئۇچۇر بىرىلمەكچى.
/?p=1282
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
سىزلەرگىمۇ كەپ قالار، تىخى ھەممە ئوقۇغۇچىلارغا ئىۋەرتىلىپ بولمىدى.
مەن شاڭخەيدە ئوقۇۋاتقان،شاڭخەي ۋە بېيجىڭدىكى باللارگا خەۋەر يوللندى دىيلىپتۇ.لىكىن ماڭا خەۋەر يوق.سەل ئەنسىرەپ قالدىم.
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم مەن ھازىر تولدۇرسام بولامدۇ
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم مەن ھازىر تولدۇرسام بولامدۇ
قايسى تورغا كىرىمەن ؟ رەھمەت
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
كىلەر يىلى ئىلتىماس قىلىسز.