2013- يىللىق ئاسپىرانت ۋە دوكتورلۇق تۈرلىرى بويىچە يۈزتۇرانە ئىمتىھانى ھەققىدە

قەدىرلىك ئوقۇغۇچىلار،

2013 – يىللىق ئاسپىرانت ۋە دوكتورلۇق تۈرلىرى بويىچە خاندەلىككە تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتىرياللىرى دەسلەپكى قەدەمدە باھالىنىپ، يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا لايىق كۆرۈلگەن ئوقۇغۇچىلارغا، تىزىملاتقان ۋاقىتتىكى ئېلخەت ئادرېسىغا ئۇچۇر ئەۋەتىلىشكە باشلاندى!

ئالدى بىلەن بېيجىڭ ۋە شاڭخەي شەھرىدە يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا كىرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئۇچۇر ئەۋەتىلىدى. ئۇيغۇر رايۇنىدا يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا كىرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغىمۇ پات يېقىندا خەۋەر بېرىلمەكچى. تۈركىيەدىكى لايىق كۆرۈلگەن ئوقۇغۇچىلار بولسا ئەنقەردە ئىمتاھانغا كىرمەكچى.  ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېلخەت ساندۇقلىرىنى پات-پات يوقلاپ تۇرىشىنى، شۇنڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ”Junk, Spam “ دىگەنگە ئوخشاش كېرەكسىز خەت توپلايدىغان ساندۇقلارنىمۇ تەكشۈرۈپ تۇرىشىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز.

يۈزتۇرانە ئىمتىھاندا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاياجانلانماي، تەمكىن، سەمىمى ۋە تەبى ھالدا پاراڭلىشىشىنى، تىزىملاتقان ۋاقىتتىكى ماتىرياللارنى بىللە ئېلىپ بېرىشىنى تەكىتلەيمىز.

تۈركىيە خەلىقارالىق ئوقۇغۇچى تاللاش ئىدارىسغا، سۇئال سوراپ خەت يازىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ، ئېلخەتنىڭ تېما يەنى ”subject“ دىگەن يېرىگە، پاسپورتتىكى ئىسمىنى ”pin yin“ بويىچە يېزىشى كېرەك. ئەكسى تەقدىردە، خەتلەر دىققەتكە ئېلىنمايدىكەن.

ئەگەر يۈزتۇرانە ئىمتاھان ئۈچۈن چاقىرغان ئادرېس، ھازىر سىز تۇرۇۋاتقان يەرگە يىراق ياكى قولايسىز بولسا، خەت يېزىپ ئۆزگەرتىپ بىرىشنى تەلەپ قىلىڭلار.

سىزلەرگە ئۇتۇق تىلەپ:

ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرى كومىتېتى