2014-يىللىق خەلقارا ئوقۇ-ئوقۇش يەرمەنكىسى ھەققىدە

قەدىرلىك ئوقۇغۇچىلار،

2014-يىللىق خەلقارا ئوقۇ-ئوقۇش يەرمەنكىسى 3- ئايدا جوڭ گونىڭ بەزى چوڭ شەھەرلىرىدە ئۆتكۈزۈلمەكچى. بۇ يەرمەنكىگە، تۈركىيە دۆلەتلىك مۇكاپاتلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىدارىسىدىنمۇ خادىملار بارماقچى ۋە تۈركىيەدىكى ئوقۇتۇش سىسىتىملىرىنى تونۇشتۇرۇش، ئالى مەكتەپلىرىنى تونۇشتۇرۇش، مۇكاپاتلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك تىزىملىتىش ۋە كەسىپ تاللاش قاتارلىق جەھەتتە مەلۇماتلار بەرمەكچى. تۈركىيىدىن بارىدىغان ھەيئەتلەر تۆۋەندىكى شەھەرلەردىكى يەرمەنكىگە قاتناشماقچى:
1. بېيجىڭ 15-16 مارت
2.   چوڭچىڭ 18-مارت
3. جېڭجو 20-مارت
4.  شاڭخەي 22-23 مارت

يەرمەنكە ئادرېسى ۋە تەپىسلىي ئۇچۇرلارنى تۆۋەندىكى توردىن كۆرەلەيسىلەر.
http://www.cieet.com/cn/index.aspx

بۇ يىل مۇكاپاتلىق ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى پۇرسەت. بۇ ئۇچۇرنى ھەممە ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈپ قويۇشۇڭلارنى ( ئۈن دىدار، تور بەتلىرى ) ئىلتىماس قىلىمىز. يەرمەنكىگە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار، يەرمەنكىدىن ئالغان ئۇچۇرلارنى يەنە بۇ تورغا يېزىپ، يەرمەنكىگە قاتنىشالمىغان  ئوقۇغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ياردەم قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرى كومىتېتى