تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى 2014 – يىللىق مۇكاپاتلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش: تولۇق كۇرۇس تۈرلىرى

قەدىرلىك ساۋاقداشلار!

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى 2014 – يىللىق مۇكاپاتلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش: تولۇق كۇرس تۈرى بويىچە تىزىملاش 4- ئاينىڭ 19- كۈنى باشلىنىپ 5- ئاينىڭ 19- كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.
تىزىملىتىش تۆۋەندىكى تور ئارقىلىق بولىدۇ.
http://www.turkiyeburslari.gov.tr/index.php/en/
تىزىملىتىش شەرتلىرى:
1. تۈركىيە پۇخراسى بولماسلىقى
2. تۈركىيىدە بىرەر ئالىي مەكتەپتە تولۇق كۇرۇس ئوقۇغۇچىسى بولماسلىقى (تۈركىيىگە كېلىپ بولغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن)
3.بۇ يىل بىرەر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ياكى، ئوتتۇرا مەكتەپ بىلەن تەڭ سەۋىيىدىكى بىرە مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان بولىشى
4. ئىلتىماس قىلىشى ئۈچۈن 21 ياشتىن كىچىك بولىشى (1993-1-1 دىن كېيىن تۇغۇلغان بولىشى)
5. تولۇق ئوتتۇرا نەتىجىلىرى: سەھىيە كەسىپلىرى ئۈچۈن 90، باشقا كەسىپلەر ئۈچۈن 70 دىن تۆۋەن بولماسلىقى
6. ئوقۇشقا تەسىر يېتىدىغان كېسىلى بولماسلىقى

تەلەپ قىلىنغان ماتېرىياللار

1. توردىن ئىلتىماس قىلىش
2. دىپلوملىرى ياكى ئاخىرقى سىنىپ (ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان) ئوقۇغۇچىلىق ئىسپاتى
3. تولۇق مەكتەپتە ئوقۇغان بارلىق دەرسلەر تىزىملىكى ۋە نەتىجىلىرى، بۇ نەتىجىلەرنىڭ ئوتتۇرچە نەتىجىسى
4. ئىناۋەتلىك بىر كىملىك (پاسپورت، نورمال كىملىك، تۇغۇلۇش ئىسپاتى)
5. رەسىم

تىزىملىتىش ئۇسۇلى، بۇلتۇرقى بىلەن ئوخشاش. شۇڭا ئالدىرىماي تەمكىن ئىلتىماس قىلىڭ. دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
1. كەسىپ تاللىغاندا ،12 كەسىپنىڭ ھەممىسىنى تاللاڭ، بوش تاشلاپ قويماڭ.
2. بىر-بىرىگە يېقىن ۋە مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنى تاللاڭ
3. ئىستانبۇل، ئەنقەرە ۋە ئىزمىر دىگەندەك چوڭ شەھەرلەردىكى مەكتەپلەردىن، بەك كۆپ تاللىماڭ. ئىلغىنىپ كېتىش ئىھتىماللىقىڭىز بەك يۇقىرى.
4. ئىلتىماس جەدۋىلىنى ئەستايىدىل ۋە سەمىمى تولدۇرۇڭ. ئامالى بار ئۆزىڭىز تولدۇرۇڭ. تەمكىن بولۇڭ.
5. نىيەت خەتلىرىنى ئەستايىدىل ۋە سەمىمى يېزىڭ، ئوقۇش مەخسىتىڭىزنى، نېمە ئۈچۈن سىز ئوقۇماقچى بولغان كەسىپتە ئوقۇماقچى بولغانلىقىڭىزنى باشقىلارنى قايىل قىلىدىغان شەكىلدە يېزىڭ. باشقىلارغا يازدۇرماڭ. بىر-ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ نىيەت خەتلىرى ئوخشاپ قالسا، ھەر ئىككىسى ئىلغىنىپ كېتىشى مۇمكىن!

ئىلتىماس قىلىشتىن بۇرۇن، تورىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك تورلارنى تەپسىلى كۆرۈپ چىقىڭ، سۇئال جاۋابلارنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىڭ.
سىز سورىماقچى بولغان سۇئاللارنىڭ جاۋابلىرىنى تاپالايسىز.

/?p=922

/?p=939

/?p=1446

/?p=2040

سۇئال سوراشتىن بۇرۇن، چوقۇم يۇقىرىدىكى تورلارنى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقىڭ!

سىزلەرگە ئۇتۇق تىلەپ:

ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرى كومىتېتى