تۈركىيە خاندەلىكى 2013 – يىللىق تولۇق كۇرس تۈرلىرى بويىچە تىزىملىتىشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

قەدىرلىك ئوقۇغۇچىلار،
تۈركىيىدە تولۇق كۇرس تۈرلىرى بويىچە ئۇنىۋېرسىتىتتا ئوقۇماقچى بولغان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار، تىزىملىتىش تورى 5-ئاينىڭ 6- كۈنى ئېچىلغاندىن بېرى، بەس-بەس بىلەن تىزىملىتىۋاتىدۇ. بۇ جەرياندا 4 كۈن ئۆتتى. بىز ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىزىملىتىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ۋە كۆپ سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاب بىرىش ئۈچۈن تۆۋەنكى ماددىلارنى يېزىپ چىقتۇق.

تىزىملىتىشتىكى ئاساسلىق شەرتلەر:

1. 1992-1-1 دىن كېين تۇغۇلغان بولشى،
2. تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن بولىشى،
3. ياكى بۇ يىل تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرىدىغان بولۇشى،
4. كىملىك (پاسپورت بولمىسىمۇ، نورمال كىملىك بىلەن تىزىملاتقىلى بولىدۇ)

يوللايدىغان ماتىرياللار

1. تولۇق ئۇتتۇرا دىپلومى،
2. ئەگەر دىپلوم بولمىسا، يانى بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن، ئوقۇۋاتقان مەكتىپىدىن بۇ يىل ئوقۇش پۈتىدىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىسپات،
3. تولۇق ئۇتتۇرا خۇلاسە نەتىجىسى. ئەگەر نەتىجىڭىز، A,B,C,D شەكلىدە بولسا، ئوقۇۋاتقان ياكى ئوقۇغان مەكتەپتىن 100 لىك، ياكى ھەرقانداق سانلىق رەقەم سىستېىمى بويىچە ئايلاندۇرۇپ، ئوتتۇرچە نەتىجىسىنى ھىساپلاپ بىرىشنى تەلەپ قىلىڭ ۋە ئۇ سانلىق رەقەمنى تولدۇرۇڭ. جۇڭگونىڭ باشقا يېرىدىكى ئېلتىماس قىلغۇچىلار مۇشۇنداق قىلىۋاتىدۇ.
4. ناۋادا تاللىنىپ قالساڭلار، يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا دىپلوم، نەتىجە قاتارلىق ماتىرياللار بىلەن بىللە بارىسىلەر.
5.تونۇشتۇرۇش خىتىنى ئوقۇتقۇچىلاردىن ئالساڭلار بولىدۇ. تامغا ئۇرۇش شەرت ئەمەس. ئمزا بولسا بولىدۇ.

6. تونۇشتۇرۇش خېتىنى ۋە جەدۋەلدىكى خەت بىلەن تولدۇرىدىغان يەرلەرنى خالىغان تىلدا يازساڭلار بولىدۇ. ئامما، ئەستايىدىل، رەتلىك، ئىخچام ۋە سەمىمى بولسۇن. بۇ يەردە ھەر خىل تىلدىكى ماتىرياللارنى ئوقۇيالايدىغان مۇتەخەسىسلەر بار.
7. ئالىي مەكتەپكە كىرىش نەتىجىسى بولىشى شەرت ئەمەس. ئامما بولسا قوشۇپ يۈكلەپ قويسىڭىز، سىزنى باھالاشتا پايدىسى بولىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە بۇ نەتىجە يۇقىرى بولسا.
8. ئېلخەت ئۈچۈن، google, yahoo, hotmail قاتارلىق خىزمەت سۇنغۇچىلارنى ئىشلىتىڭلار. بۇ ئېلخەت بىلەن تىزىملىتىش ئىسمى ئېلىڭلار.
9. مەكتەپلەرنى تاللىغاندا، 6 مەكتەپنى ئىستانبۇل، ئەنقەرە ۋە ئىزىمىزدىن، قالغان 6 مەكتەپنى باشقا شەھەرلەردىن تاللاڭلار. جەمئىي 12 مەكتەپ تاللىغىلى بولىدۇ.
10. تىزىملىتىش پۈتۈنلەي تۈگىگەندە، تىزىملىتىشتا ئىشلەتكەن ئېلخەت ساندۇقىڭىزغا، تىزىملىتىشنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر كېلىدۇ. بۇنى تەكشۈرۇپ، ئەگەر بۇنداق ئۇچۇر كەلمىسە، بىر چاتاق چىققان بولىدۇ،Junk, Spam قاتارلىق كېرەكسىز خەت كىلىدىغا ساندۇقلارنىمۇ تەكشۈرۈڭلار. بۇ قېتىم، ئاسپىرانت ۋە دوكتۇرلۇققا تىزىملاتقان بەزى ئوقۇغۇچىلارغا ھېچقانداق ئۇچۇر كەلمىدى.
11. تىزىملىتىش ئۈچۈن google-chrome ياكى firefox قاتارلىق تور كۆرگۈچىلەرنى ئىشلىتىڭلار.
12. ئوقۇغۇچىلارنى تاللاشتا رىقابەت بەك كەسكىن بولىدۇ. بۇ ھەممە مىللەت ئۈچۈن ئوخشاش. بىز ئارزۇ قىلىمىزكى، كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار بىزدىن تاللىۋالسۇن. ناۋادا شاللىنىپ كەتسىڭىز ۋە ئۆز خىراجىتىڭىز بويىچە ئوقۇماقچى بولسىڭىز، ھەر ئىھتىمالغا قارشى، تۆۋەندىكى توردىكى ئۇچۇرنى تەپسىلى كۆرۈپ چىقىپ، كۆرسەتمە بويىچە تەييەرلىق قىلىڭ.  /?p=1219

13. يەنە سۇئاللار بولسا، سورىساڭلار، ”تەۋپىق ”  قىرىندىشىمىز، ۋاقتىدا سىزلەرگە جاۋاپ بىرىدۇ.

تىزىملىتىش بىۋاستە تور ئارقىلىق بولىدى ۋە تۆۋەندىكى توردىن تىزىملىتىسىز.

http://www.turkiyeburslari.gov.tr/index.php/en/

تىزىملاش ئۇسۇللىرى ۋە قەدەم باسقۇچىلىرى، تۆۋەندىكى توردىكى سىن فىلىمىدە كۆرسىتىلگەندەك بولىدۇ،بۇ توردىكى ئىنكاسلارنى تەپسىلى كۆرۈپ چىقىڭ. سىز سورىماقچى بولغان سۇئاللارغا ۋە تىزىملىتىش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىشقا جاۋاپ بولالايدۇ.

/?p=939

سىن فىلىملىرىنىڭ بىۋاستە ئۇلىنىشى:

http://v.youku.com/v_show/id_XNTI0ODM4MDA0.html

http://www.youtube.com/watch?v=eqfz2K-QpcY&feature=youtu.be

تۈركىيەدىكى بەزى مەكتەپلەر ۋە جايلاشقان شەھەرلەرنى كۆرۈش ئۈچۈن:  بۇ ئۇلىنىشىنى چىكىڭ!

سىزلەرگە ئۇتۇق تىلەپ:

ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرى كومىتېتى