تۈرك تىلىدىن مۇكاپاتلىق يازلىق كۇرس ئېلانى


قەدىرلىك قېرىنداشلار،
تۈركىيە دۆلىتىنىڭ، تۈرك تىلىدىن مۇكاپاتلىق يازلىق كۇرۇس ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئېلانى رەسمى ئېلان قىلىندى.
يازلىق كۇرس 7-ئاينىڭ 17-كۈنى باشلىنىپ 8-ئاينىڭ 24 كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن ۋە بۇ كۇرس، ياتاق، تاماق ھەقسىز بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا 500 تۈرك لىراسى مۇكاپات پۇلى بېرىلىدىكەن. ئامما، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركىيىگە كېلىش-كېتىش راسخوتلىرى ئۆزلىرىگە ئائىت ئىكەن.
ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى بولسا، 4-ئاينىڭ 16-كۈنى باشلىنىپ 5-ئاينىڭ 4- كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن ۋە تىزىملىتىش تور ئارقىلىق بولىدىكەن.

تىزىملىتىش شەرتلىرى:
1. تۈركىيە پۇخراسى بولماسلىقى
2. تۈركىيە سىرتىدا، بىرەر مەكتەپتە ياكى تۈركىيىنىڭ يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغۇچى بولىشى
3. يېشى 18-30 ئارىسىدا بولىشى
4. مەكتەپ نەتىجىسى ئورتالاماسى ئەڭ ئاز 70 بولىشى ياكى  تۈركىيىنىڭ يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتىدا ئالغان تۈركچە سەۋىيىسى A1 بولىشى
5. بۇرۇن، تۈركىيىنىڭ ھەرقانداق بىر ئورگانلىرىدىن مۇكاپات ئالغان بولماسلىقى
6. باشلانغۇچ ۋە ئۇتتۇرا مەكتەپ ئوقۇشىنىڭ مەلۇم قىسمىنى تۈركىيىدە ئوقۇغان بولماسلىقى
7. باشلانغۇچ سەۋىيىدە تۈركچە بىلىش

تەلەپ قىلىنغا ماتېرىياللار:
1. ئوقۇغۇچىلىق ئىسپاتى ياكى  تۈركىيىنىڭ يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتىنىڭ بەلگىلىرى
2. ئىناۋەتلىك كىملىك (پاسپورت ياكى كىملىك)
3. بىر پارچە رەسىم
4. ئوقۇش نەتىجىسى

تىزىملىتىش تورى:  http://www.turkiyeburslari.gov.tr/formlar/yazokulu/

بۇ ئېلانىىڭ تۈركچە مەنبەسى:
http://www.turkiyeburslari.gov.tr/index.php/en/haberler/680-turkce-yaz-okulu-2014

سىزلەرگە ئۇتۇق تىلەپ:

ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرى كومىتېتى