بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە ئورۇنلاشماقچى بولغان بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا يىغىن بار

قەدىرلىك ئوقۇغۇچىلار،

ئالىي مەكتەپلەرگە چەتئەللىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش جەھەتتىن، تۈركىيىدە ھەر يىل بەزى ئۆزگۈرۈشلەر بولىۋاتىدۇ. بۇ ئۆزگۈرۈشلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە ئورۇنلىشىشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. بىز تۈركىيەگە كىلىپ بۇ يىل ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىش ئۈچۈن كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان، تولۇق كۇرس، ئاسپىرانت ۋە دوكتۇرلۇق ئوقۇغۇچى نامزاتلىرىغا تەپسىلى ئۇچۇر بىرىش ئۈچۈن يىغىن ئاچماقچى.

يىغىن بۇ كېلىدىغان چارشەنبە كۈنى (4- ئاينىڭ 9- كۈنى)، ئەتىگەن سائەت 10:00 دا، فاتىخ سۇلتان مەخمەت ئۇنىۋېرىستېتى، توپ كاپى تارمىقى يىغىن زالىدا ئېچىلماقچى. يىغىنغا،   فاتىخ سۇلتان مەخمەت ئۇنىۋېرىستېتى چەتئەللىك ئوقۇغۇچى قوبۇل ئىشخانىسىنىڭ خادىملىرى بۇ يىل ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ھەققىدە دوكلات بەرمەكچى. بۇنىڭدىن باشقا، تۈركىيەنىڭ باشقا مەكتەپلىرىدىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان تۈركىيىدىكى  ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى ئوقۇۋاتقان مەكتەپلەر ھەققىدە دوكلات بەرمەكچى. ئاخىرىدا، تۈركىيەنىڭ بۇ يىلقى چەتئەللىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش جەھەتتىكى ئومۇمى سىياسىتى، بەزى شەخسى مەكتەپلەرنىڭ مەخسۇس مۇكاپاتلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش جەھەتتىكى تۈزۈملىرى تونۇشتۇرۇلماقچى.
بۇ سەۋەپتىن بۇ يىغىنغا بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ قاتنىشىپ ۋە ئۆزئارا خەۋەر يەتكۈزىپ بىرلىكتە بەھرىمان بولۈپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
يىغىن ئادرېس:

Topkapı Yerleşkesi
Merkez Efendi Mah. Mevlevihane Cad.Yenikapı Mevlevihanesi No: 25 Zeytinburnu / İstanbul

ئالاقىلىشىش تېلېفونى:02125850177

خەرىتە:

 

سىزلەرگە ئۇتۇق تىلەپ:

ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرى كومىتېتى