كەپەمنىڭ ماتىرىيالىنى ئالماشتۇردۇم، يېڭىچىراق ھالدا يازايلى ئەمدى…
-
سەھىپە:WP ئۇسلۇبى
باھا:20 دانە
13-05-2012
بىر نەچچە ھەپتە بۇرۇن جۇڭگودىكى يىنىك بلوگ مۇلازىمەت بېكەتلىرىدىن بىرى بولغان دىيەن دىيەن(点点)تورىغا تىزىملىتىپ، خەنسوچە بلوگىم ئۈچۈن ئالغان تور نامىم www.Uyghurbeg.meئاخىرى بۇ بېكەتكە باغلىۋالدىم ھەمدە بېكەت ئۆزى تەمىنلىگەن ئۇسلۇبلارنى ئىزدەپ يۈرۈپ بىر ئۇسلۇبنى تاپتىم، ئويلاپ باقسام بلوگنى يىنىكرەك يازسا بولىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە دىيەن دىيەن تورى تەمىنلىگەن ئۇسلۇب ياراپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن نەچچە كېچە ھەپىلىشىپ شۇنىڭ ئۇسلۇبىنى تەقلىد قىلىپ ياساپ ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسىگە كىيدۈرۈپ چىقتىم، ياراشقانمىدۇ دوستلار؟
ئۇسلۇبنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرۈش ئۈچۈن Chrome ياكى Firefox قاتارلىق جاھاننىمىلەرنى ئىشلەتكەيسىز….