ئۇسلۇب قاتىللىق دېلوسى پاش قىلىندى : باش گۇماندار Prestan Uzhal ئاشكارا تارقىتىلدى!
-
سەھىپە:WP ئۇسلۇبى
باھا:22 دانە
19-04-2012
ئالدىنقى قېتىملىق يازمىمىز «ئەي خالايىق، يېڭى بىر ئۇسلۇب قاتىللىقىغا گۇۋاھ بولغايسىزلەر، تىز كېلىڭلار، قۇتقۇزۇڭلار…»دا ئېيتىلغاندەك ئۆزۈمنىڭ يېڭى بىر ئىجادىي ئۇسلۇبىنى ئاخىرى پۈتتۈرۈپ چىقاردىم. بۇ ئۇسلۇب ئالدىنقى قېتىم ئىشلىگەن Prestan Simple قۇرۇلمىسى ئاساسىدا ئىشلەنگەن بولۇپ، تۇرايىمىزنىڭ قائىدىسى بۇيىچە ئاۋۋال خاتالىقلارنى تۈزۈتۈپ، ئاندىن ھەقسىز تارقىتىشنى قارار قىلغان ئىدىم، شۇنداق قىلىپ بۇ ئۇسلۇبمۇ ئاخىرى پۈتتى، ھاردۇقۇممۇ چىققاندەك بولۇپ بۇ يازمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن، سىلەر ياقتۇرۇپ ئىشلەتسەڭلارلا ناھايىتى خۇرسەن بۇلاتتىم…
ئۇسلۇب ھەققىدە
ئۇسلۇب نامى: Prestan Uzhal
ئۇسلۇب ئاپتورى: رىۋايەتلەردىكى مەن
ئاپتور ياكى ئۇسلۇبقا ئالاقىدار مەنزىل:
http://simple.prestan.net/
سىناق قىلىنغان ۋاقتى:2012-04-11 28:03
سىناق قىلىنغان تور كۆرگۈچ: IE6، IE8،Firefox
سىناق قىلىنغان سېستىما نەشىرى: WordPress 3.3