خەلق تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ياقۇپ ھەسەن خەۋىرى، فوتوسى) 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى ،شىنجاڭ كروران ژورنىلى ۋە بايىنغۇلىن دوڭشىڭ ئۆي مۈلۈك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ھەمكارلىشىپ كورلا شەھرىنىڭ ئاستانە ئارامگاھىدا 2015-يىللىق نەۋرۇز بايرىمىلىق پائالىيەت ئۆتكۈزدى.بۇ قىتىمقى پائالىيەتكە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى داڭلىق پىشقەدەم شائىر،يازغۇچىلاردىن مويدۇن ساھىت بوستانى ئەپەندى، ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران ئەپەندى، شىنجاڭ قايدۇ شىركىتىنىڭ باش دىرىكتورى ياسىنجان ئەپەندى، داڭلىق سەنئەتكارلاردىن زاھىر بورھان، تۇرسۇن شەيىخ قاتارلىقلار قاتناشتى، پائالىيەتتە شېئىر غەزەللەر ئوقۇلدى، مىللىيچە ناخشا ئۇسۇللار ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا ئۇرۇندىلىنىپ پائالىيەتنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى ، پائالىيەتكە قاتناشقان ئامما ئۆزى ياخشى كۆرگەن شائىر ياغۇچىلارغا، سەنئەتكارلارغا گۈل تەقدىم ئېتىپ ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى ئىپادىلىدى، پائالىيەتكە شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانىسىسى ھايات جىلۋىسى پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى رىياسەتچىلىك قىلىدى ھەمدە نەق مەيداندا سۆرەتكە ئالدى، پائالىيەت ئاخىرىدا پائالىيەتنى پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرغان بايىنغۇلىن دوڭشىڭ ئۆي مۈلۈك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرىكتورى پاتىگۈل خانىم پائالىيەتكە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ بەرگەن ئاممىغا نورۇزلۇق سالام يوللىدى ھەمدە ھەمكارلاشقۇچى ئورۇن كروران ژورنىلى ھەربىر قاتناشقۇچىغا كىتابتىن ئىبارەت قىممەتلىك سوۋغا تەقدىم قىلدى.
مۇھەررىر : دىلارە خەمىت
نورۇز كەلدى
كۆكلەم جىلۋىسى
قىشتىكى گۈزەل جانبۇلاق
ئاق لىباسلىق تۆمۈر چوققا
گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى گىياھتاش ماكانى
شىنجاڭنىڭ كەچلىك بازارلىرىدىكى كىشىنى ئۆزىگە تارتىدىغان يېمەكلىكلەر
تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى يايلاقلارنىڭ كۈزلۈك مەنزىرىسى
گۈزەل بايىنبۇلاق
كونا كوچىلاردىكى يېڭى مەنزىرە
جانبۇلاقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
گۈزەل پامىر ئىگىزلىگى مەنزىرىسى
چىلانلىقلارنىڭ تۇرمۇشى