كۆرۈۋاتقىنىڭىز [ ناخشا ] دېگەن خەتكۈشكە مۇناسىۋەتلىك يازمىلار
ئالدىنقى قېتىم يوللانغان بىر يۈرۈش زامانىۋى ناخشىلار غا ئوخشاش، بۈگۈنكى ناخشىلارمۇ، بىر قەدەر شوخ بولغان ئاھاڭ ۋە ئۇداردىن تەشكىل تاپقان. ئەلۋەتتە، ياڭراتقۇڭىزنىڭ سۈپىتى ياخشى بولسا، بەلكىم ناخشىلارنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ گەۋدىلىك بولىشى مۇمكىن. ناۋادا بۇ خىلدىكى ناخشىلار نى ياقتۇرسىڭىز، ئۇنداقتا دوستلىرىڭىزغا مەزكۇر يازمىنى ۋە تورخۇمارنى تەشۋىق قىلىپ قويۇشنى …..
ئىلگىرى يوللانغان مۇڭلۇق ۋە لەرزان ناخشا -مۇزىكىلارغا ئوخشىمايدىغىنى، بۈگۈن يوللانغان ناخشىلار ھەممىسى دېگۈدەك RAP، HIP-HOP، Remix DJ ئۇسلۇبىدىكى زامانىۋى ناخشىلار دىن تەركىب تاپقان. ئەلۋەتتە، ھەممە تورداشلارنىڭ بۇ خىلدىكى ناخشا-مۇزىكىلارنى ياقتۇرۇپ ئاڭلىشى ناتايىن. لېكىن ھەممىلا ئادەمنىڭ ھوزۇرلىنىش ئادىتى ئوخشىمايدۇ، شۇنىڭدەك تورخۇماردىكى دوستلارنىڭ ناخشا-مۇزىكىدىن ھوزۇرلىنىش ئېڭىدىمۇ مۇئەييەن پەرقلەر بولۇشى مۇقەررەر. ناۋادا …..
ناخشا-مۇزىكا ئادەمنىڭ ئىچكى ھېسىياتىنى ناھايىتى ياخشى ئىپادىلىيەلەيدۇ، ناخشا – مۇزىكا بىز خۇشال چاغدا شادلىق بەخش ئېتىدۇ، قايغۇ باسقان چاغدا مۇڭ بېغىشلايدۇ، ناخشا-مۇزىكا بەزى چاغدا ئەڭ يېقىن دوستىمىزغا ئوخشاش، ئۈن-تىنسىز بىزگە ھەمرا بولۇپ ئاشۇ خۇشال ۋە قايغۇلۇق مىنۇتلارنى بىرگە ئۆتكۈزۈشىمىزگە ياردەم قىلىدۇ…
ئارىمىزدا « كارب دېڭىز قاراقچىلىرى » ناملىق بۇ فىلىمنى كۆرۈپ باقمىغانلار يوق دېيەرلىكقۇ دەيمەن. مەزكۇر فىلىمنىڭ 4-بۆلۈمى «كارب دېڭىز قاراقچىلىرى: ناتونۇش دولقۇن»مۇ ھازىر دەل پۈتۈن دۇنيادىكى كىنو خانىلاردا بەس-بەستە قويۇلىۋاتىدۇ. مەزكۇر فىلىم توغرىلىق گەپ بولسا، يەنە بىر نەرسە تىلغا ئېلىنماي قالمايدۇ. ئۇ بولسىمۇ «كارب دېڭىز قاراقچىلىرى» فىلىمىنىڭ ئاساسى مۇزىكىسى: He’s a Pirate
ئىلگىرى تورخۇماردا ئېلان قىلىنغان « ئۇيغۇر يىگىتىنىڭ iPhone دا ئورۇنلىشىدا: ئاي يۈزۈڭنى كۆرمىدىم » ناملىق سىن يادىڭىزدا بارمۇ؟ ئەلۋەتتە، تەڭداشسىز iPhone نىڭ قۇدرىتىگە سەل قارىغىلى بولمايدۇ. تۆۋەندىكىسىمۇ مەلۇم بىر ئۇيغۇر يىگىتنىڭ iPhone دىكى Gyro Air Drums ناملىق مەۋھۇم چاتما دۇمباق يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق ئورۇندىغان ماھارىتى…
ئارام-ئېلىش كۈنلىرىگە قاتتىق قۇرۇق نەرسە تەييارلاپ بولالمىدىم، بىر قىسىم كونا كلاسسىك ناخشىلار بىلەن قوشۇلۇپ يەنە بىر قىسىم يېڭى لاتىنچە ناخشىلارنى كىچىك بىر توپلام قىلىپ قويدۇم، ناخشا -مۇزىكىغا ھېرىسمەن دوستلارنىڭ بلوگ يېزىپ چارچىغاندا ھاردۇقىنى يەڭگىللىتىشكە ئازراق بولسىمۇ پايدىسى بولار…
ئارام ئېلىش كۈنلىرىگە قاتتىق قۇرۇق نەرسە ئېلىپ كەلگىلى بولمىدى، ئۆزۈممۇ چارچاپ قاپتىمەن. كۆپچىلىك بىرگە بىر قانچە تاللانما ناخشىنى بىرلىكتە تىڭشاشنى ماقۇل كۆردۈم. زېرىككەندە، خىيالغا پاتقاندا، قىلغىلى ئىش تاپالمىغاندا ۋاقىت ئۆتكۈزگەچ تىڭشاپ قويىدىغان تاللانما ناخشىلار …
خىزمەت ۋاقتىدا دائىم ئاڭلايدىغان بىر يۈرۈش كلاسسىك ياۋروپاچە ناخشىلار ، ھەر بىر ناخشا كىشىگە ئۆزگىچە ۋە يېقىملىق تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. ئالدىنقى ناخشىلارنىڭ ئۇدار تۇيغۇسى سەل كۈچلۈك، كېيىنكىلىرى بىر قەدەر يۇمران تۇيغۇدىكى ناخشىلار، شۇڭا ئىككىگە بۆلۈپ تىڭشىساق ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولۇشى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە كەچلىگى بۇنداق يۇمران ناخشىلار تېخىمۇ بەك …..
كۆپچىلىكنىڭ ئارام كۈنىگە يەنە بىر يۈرۈش تورداشلار تەرىپىدىن رەتلەنگەن، ھەتتا يەرشارىدىكى ئەڭ مۇڭلۇق ناخشىلار دەپ نام بېرىلگەن ئېنگلىزچە ناخشىلارنى ئېلىپ كەلدىم، ئەلۋەتتە زادى شۇنداق ياكى ئەمەسلىگىنى ئاڭلاپ باققاندىن كېيىن بىلىمىز…
ھازىر مېدىيا قويغۇچلار نىڭ تۈرى خېلىلا كۆپ. توردىن خالىغانچە ئىزدىسەكمۇ كۆمۈلۈپ كەتكۈدەك نەتىجىگە ئېرىشىمىز. ئەمما رەسىمدىكى بۇ كىنو-مۇزىكا قويغۇچ نى سىز چوقۇم كۆرۈپ باقمىغانغۇ دەيمەن.
سەپەرنىڭ ھەممىسى كۆڭۈللۈك بولۇشى ناتايىن، بىراق ياخشى ناخشىلار ھەمرا قىلىنغان سەپەرلەر تولىسى كۆڭۈللۈك بولىدۇ. تۆۋەندىكىسى توردىن رەتلەنگەن 50 دانە تۈركچە-ئەرەپچە ناخشا توپلىمى بولۇپ، بىر قىسىم يېڭى كۈيلەرگە كلاسسىك مۇڭ ناخشىلار قوشۇلۇپ تېخىمۇ بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە قىلىنغان، تۈركچە ۋە ئەرەپچە ناخشىلار نى ياخشى كۆرىدىغان تورداشلار ئۈچۈن ياخشى تاللاش بولالىغۇسى…
تېخى يېقىندا كۆپچىلىككە intel نىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە كىرىشتۈرۈلگەن فىلىمى « ئىز قوغلاش » نى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن ئىدىم، تورداشلارنىڭ ئىنكاسىمۇ ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان، بۈگۈن كۆپچىلىككە داۋاملىق ئىنتايىن ئۆزگىچە كىرىشتۈرۈلگەن بىر MV نى تونۇشتۇراي، باشتىن ئاخىر بىر كۆرۈنۈشتىلا سۈرەتكە ئېلىنغان بۇ MV دىكى يېڭىلىق لاردىن بىرلىكتە بەھر ئېلىپ باقايلى!
ھەي جۇدەپلاكەتتى ما تورخۇمار