كۆرۈۋاتقىنىڭىز [ ناخشا ] دېگەن خەتكۈشكە مۇناسىۋەتلىك يازمىلار
يېپيېڭى يازمىلار:
باش بەت ئالدىنقى بەت 12345(جەمئىي 5 بەت)
ئىجادى تەپەككۈر بىزدە بىر قەدەر كەمچىل بولسىمۇ، بىراق يەنىلا توختاپ قالغىنى يوق. گەرچە بىر قىسىم ئىجادىيلىقلار زېرىكىشلىكتەك تۇرسىمۇ، بىراق كىشىگە بېرىدىغان ھوزۇرى يەنىلا ئوخشىمايدۇ، خۇددى تۆۋەندىكى ناخشا تېكىستى دېئاگراممىسى غا ئوخشاش. زېرەك تورداشلارنىڭ قانداق قىلىپ ناخشا تېكىستىنى ئىنتايىن ئوبرازلىق دېئاگراممىغا ئايلاندۇرغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.
مېنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنىم كېچىسى ئىشلىگەچ م ۇڭ مۇزىكىلار دىن ھوزۇرلىنىش، بۈگۈن بۇ يەردە، ئوخشاش ھەۋىسى بار دوستلار ئۈچۈن بۇ تاللانغان 50 دانە مۇڭ مۇزىكا توپلىمىنى تەقدىم قىلاي، ھەر بىر مۇزىكىدىن ئۆزگىچە رېتىم ، مۇڭ تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ، كېچىلىك خىزمىتىڭىزدە چوقۇم ياخشى ھەمرا بولالىغۇسى!
بەزىدە يانفون ياكى MP3 ، MP4 قويغۇچلىرىدا ناخشا ئاڭلىغىنىمىزدا ياكى كومپيۇتېردىكى Windows Media Player قاتارلىق قويغۇچلاردا MP3، WMA قاتارلىق فورماتتىكى ناخشا ھۆججەتلىرىنى قويغىنىمىزدا، ناخشا قويغۇچنىڭ يۈزىدە رەسىم پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى بايقايمىز، يەنە بەزى ناخشا تور بېكەتلىرىدىن ناخشا چۈشۈرگىنىمىزدە كۆپىنچە بۇ تور بېكەت MP3 ناخشا ئۇچۇرلىرىغا ئۆزىنىڭ تور بېكەت ئادرېسىنى قوشۇپ …..
گەرچە ئېنگلىزچە ئۇقمىساقمۇ، تىڭشىغۇچ (耳机)تىن كەلگەن ئاشۇ نوتىلارنىڭ يېنىك تەۋرىنىشى ئاستىدا، يۈرىكىمىزنىڭ بىر يەرلىرىدە يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئەسلىمە پارچىلىرى ئويغىنىپ قالسا، سۇلغۇن مېلودىيەلەر نېرۋىمىزغا يېنىك سانجىلىپ بىزنى بىردەملىك بولسىمۇ بىھوش قىلسا ئەجەپ ئەمەس…
كۆپچىلىك بىلەن ئولتۇرۇپ ناخشا تىڭشىمىغىلىمۇ ئۇزۇن بوپتۇ، بۈگۈن يەنە بىر يۈرۈش تاللانغان لاتىنچە ناخشىلار نى ئېلىپ كەلدىم، بلوگ يازغاچ ئاڭلىساڭلار چوقۇم خوشياقىدۇ…
ئالدىنقى قېتىم يوللانغان بىر قانچە يۈرۈش ئېنگلىزچە تاللانما ناخشا توپلىمى تورداشلارنىڭ خېلى ياخشى ئىنكاسىغا ئېرىشىپتۇ، بۈگۈن ۋاقىت چىقىرىپ رەتلەنگەن يەنە بىر يۈرۈش نادىر چەتئەل ناخشىلىرىنى يوللاپ قوياي. ئېنگلىزچە ئۆگىنىۋاتقان ۋە لاتىنچە ناخشىلارنى ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان تورداشلارغا ئەسقېتىپ قېلىشى مۇمكىن.
ئۈستىدىكى فىلىم – 2009-يىلى ئىشلەنگەن ھىندى فىلىمى « خۇدا قوشقان بىر جۈپلەر » فىلىمى بولۇپ، ھىندى چولپىنى شاھرۇھخاننىڭ يەنە بىر نادىر ئەسىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىلگىرى بۇ فىلىمنى كۆرگەن چاغدا، ناخشىلىرىنى ئاڭلىمايلا ئۆتكۈزىۋېتىپتىكەنمەن. ئالدىنقى كۈنى توردىن بۇ فىلىمنىڭ تەشۋىقات فىلىمىنى ئۇچرىتىپ قېلىپ مۇنداقلا قويۇپ بېقىۋېدىم، كارامەت كۆز ئالدىمدا شۇ ھامان نامايەن بولدى، ئەسلىدە …..
بەلكىم تورداشلار ئىلگىرى توردا چەتئەللىك بىر نەچچە قىزنىڭ iPhone ۋە Andoid يانفونىنى ئىشلىتىپ ئورۇنلىغان ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ باققان بولۇشى مۇمكىن. بۇ بولسا iPhone دىكى بىر خىل قوللىنىشچان يۇمشاق دېتال – مەۋھۇم گىتتار پروگراممىسىدا ئورۇنلانغان ئۇيغۇرچە ناخشا بولۇپ، گىتتارنىڭ سولو قىسمىمۇ ئىنتايىن ئۆزگىچە چىققان، بىراق بۇ سىندا ھېچقانداق ئادەمنىڭ چىراي قىسمى …..
بۇ بىر يۈرۈش تورداشلار ئۆزلىرى رەتلەپ چىققان مۇڭلۇق ناخشىلار بولۇپ، چەتئەلنىڭ بىر قىسىم نادىر كۈيلىرىنى ئاڭلاشنى ياقتۇرىدىغان تورداشلارنىڭ ئاڭلىشىغا تولىمۇ ماس كېلىدۇ، بەلكىم ئېنگلىز تىلىنى چۈشەنسىڭىز، ناخشا ئارىسىدىن يۈتتۈرۈپ قويغان ئەسلىمىلىرىڭىزنى تاپالىشىڭىز، كېچىدە نۇر چاقناۋاتقان ئورۇندىن تاراۋاتقان مۇزىكا ھىدلىرىنى پۇرىيالىشىڭىز مۇمكىن…
كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ چارچىغىنىمىزدا مۇڭلۇق ناخشىلار نى قويۇپ قويۇپ ھوزۇرلىنىش مۇ كىشىگە بىر ئاز ئارامبەخش ئېتىدۇ، كومپيۇتېر ئالدىدا ئىشلەيدىغانلارمۇ بىر تەرەپتىن ناخشا ئاڭلىغاچ بىر تەرەپتىن ئىشلەشنى ياخشى كۆرىدۇ، يېقىندا توردىن ئۇچرىتىپ قالغان بىر قىسىم ناخشىلارنى يوللاپ قوياي، بەلكىم بىر قىسىم تورداشلارغا ياراپ قېلىشى مۇمكىن.
ھەي جۇدەپلاكەتتى ما تورخۇمار