نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > كىنو-فىلىملەر > يازما مەزمۇنى

يېڭى ئىشلىگەن مىكرو فىلىمىم – يانفۇن

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورخۇمار تورىدىكى ئەزىز قېرىنداشلار. ياخشىمۇسىلەر؟
يېقىندا يېڭى ئىشلىگەن مىكرو فىلىمىم – يانفون ناملىق فىلىمنى ئىشلەپ، رېژىسسورلۇق قىلىپ، باش رول ئېلىپ، كىرىشتۈرۈپ، ئاخىر سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردۈم. بۇ قېتىملىق فىلىمىم ھەرىكەتلىك ۋە فانتازىيىلىك ئەمەس. ئەكسىچە، كومىدىيە ۋە تەنقىدىي تۈس ئالغان. فىلىمدە ئەلۋەتتە يېتەرسىزلىكلەر يوق ئەمەس. سىلەرنىڭ كۆرۈپ بېقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. مېنى ئىزچىل قوللاپ قۇۋۋەتلىگىنىڭلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت.

yanfon

فىلىمدىكى دوپپا كىيگەن بالا مەن بولىمەن.



无觅相关文章插件,快速提升流量

[ئاللىقاچان 27 باھا يېزىلىپ بوپتۇ، سىزچۇ؟]
  • يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
  • ھالقىلىق ســــۆز: ،
  • يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
  • يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى
  • يازما مەنزىلى: uyghurche-mikro-film-yanfon.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. تاماشىبىن 2013.12.11 , 01:36 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئوھوي ئىنىمىز كەپ قاپتىغۇ، قوي سويۇپ مېھمان قىلاي دىسەم كەلمىدىڭىز ئەرزان ۋاقتىدا، ھازىر بىر كالا كەلگىدەك پۇلغا ئاران بىر قوي كەلگىدەك زامان بولۇپ كېتىۋاتىدۇ، قوي سويىمەن دېسەم يەنە تۆت تەخسە لەغمەن دەپ ئولتۇراسىزمۇ…… :razz: قۇتياردىكى tay202 بولىمەن

  2. ئابومجان 2013.12.11 , 02:14 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سىزنىڭ بۇندىن بۇرۇنقىمۇ بىر قانچە قىسقا فىلىمىڭىزنى كۆرگەن ،خاسىيەتلىك تۇخۇم دەمدۇ ئىشقىلىپ ، ھېلىقى ئۆستەڭ بۇيىدا بىرتوپ باللا ئۇرۇشۇپ ئوينايدىغان ، خېلى ياخشى كىرىشتۈرۈپتىكەنسىز ، بۇلۇپمۇ كومپىيوتېر ئۈنۈمنى ئوبدانلا ماسلاشتۇرۇپتىكەنسىز ،شىنجاڭدا فانتازىيەلىك كىنوچىلىقىدا خېلى چوڭ بوشلۇق با ، سىزنىڭ تىرىشسىڭىز مۇشۇ ساھەدە خېلى ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىڭىزغا كۈزۈم يىتىدۇ
    تىرىشقايسىز …… :razz: تورخۇماردىكى ئابومجان مەن بۇلىمەن

  3. ئاتاكا 2013.12.11 , 11:22 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇمار ئەپەندىمنى كۆرۇشكە ئاخىىرى مۇيەسسەر بولوپتۇقدە ! :grin:

    • Forever 2013.12.11 , 12:03

      ھوي ھوي … يازمىنىڭ ئاپتۇرىغا قاراپراق ئىنكاس يازايلى :mrgreen:

  4. ئاتاكا 2013.12.11 , 11:24 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دەرد كەلمىسۇن ، يەنە تىخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى كۆرۇشكە تەشنامىز !

  5. ئابومجان 2013.12.11 , 12:06 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    Forever نىڭ يوللىغان ھېلىقىدەك رەسىملىرىنى كۈرۈشكە بەك ئامراقتىم ، يامان قىززىق ئىسىل رەسىملەنى يوللايدىغان ئەدەم بۇ … ئەگەر سىزمۇ ئامراق بوسىڭىز سازكەننى بېسىپ مەدەت بىرىپ قۇيلى

  6. شامال 2013.12.11 , 15:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياخشى ئىشلىنىپتۇ !! تىرىشىڭ ! :smile:

  7. باتۇر413 2013.12.11 , 15:52 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قېرندىشىم،فىلىمنى بەك ياخشى ئىشلەپسىز.ھازىرقى ناچار ئىللەتلەرنى بەك ياخشى ئىپادىلەپسىز،سىزدىن سوراپ باقاي،ئاۋال سۈرەتكە ئېلۋىلىپ ئاندىن ئاۋاز بەردىڭىزمۇ ياكى؟ئاۋارچىلىق كۆرمەي چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭز.

    • كۆكتۇلپار 2013.12.11 , 23:00

      ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، رەھمەت! سۈرەتكە ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن قايتا ئاۋاز بەردۇق.

    • نەمۇنە 2013.12.12 , 18:49

      فىلىمنىڭ مەزمۇنى ياخشىكەن ..بالىلار كەسپى ئاكتىيورلادىن بولمىغاچقا بەزەن كەمچىلىكلەر باكەن …لىكىن ئاساسى جەھەتتىن ياخشىكەن… ئازىراق پىكىرىم .ئاۋازنى كىيىن ئۈستىدىن بەگەندىن .نەخ مەيدان ئىستىرولۇق ئاۋاز ئالغان بوساڭلا دىگەننى ئويلىدىم….. بۇ مىنىڭ شەخسى پىكىرىم …

  8. ياسىن ا 2013.12.11 , 16:54 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياخشى بوپتۇ .تىرىشقىن قىرىندىشىم !

  9. ئارسلان107 2013.12.11 , 18:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياخشى ئىشلىنىپتۇ، تەكلىۋىم : بۇندىن كىيىن فىلىم ئىشلىگەندە تەبئىيلىككە تىخىمۇ دىققەت قىلساڭلار …
    پات -پات مۇشۇنداق فىلىملەرنى ئىشلەپ تۇرۇشىڭلارغا تېلەكداشمەن …… :idea:

  10. ئابلەت 2013.12.11 , 22:35 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ناھايىتى ياخشى ئىشلەپسىز ؟ بىراق مومكىن بولسا كەسپى كامىرا ئىشلەتكەن بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بۇلاتتى ئەمەسمۇ……..

    • كۆكتۇلپار 2013.12.11 , 23:01

      مېنىڭ ئىشلەتكىنىممۇ كەسپىي كامىرا. يەنى Nikon D3100. لېكىن، فىلىمنى يوۋكۇغا يوللىغاندا ئېنىقلىق دەرىجىسى بەك چۈشۈپ كەتتى. ئەسلى تولىمۇ سۈزۈك ئىدى.

  11. رازۋىتچىك 2013.12.11 , 23:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    فىلىمنى ياخشى ئىشلەپسىز، مەزمۇنى ھازىرقى جەميىتىمىزدىكى يامان ئىللەتنى ئىپادىلەپ بېرەلەپتۇ.بىر فىلىمنى ئىشلىگەنكەن چۇقۇم يىتەرسىزلىكى بولىدۇ. مەنمۇ ئازراق جاۋىلداي…
    ————-
    1-مەسلە:كامىرانى قەيەرگە ئورۇنلاشتۇرىمىز؟! قانداق قەيەرگە توغۇرلايمىز. مانا بۇ ئالدى بىلەن ئويلىشىلدىغان مەسلە، سىزنىڭ فىلىمىڭىز بولسا مەنە چىقىدىغان فىلىم شۇڭا ھەر كۆرۈنۈشكە مەنە قوشۇشقا تىرىشىڭ، بولمىسا توي فىلىمدىن پەرقى يوق.ئېكران سەنئىتىنى ياخشى جارىي قىلدۇرۇڭ.
    2-مەسلە:ئاكتىيورلارنىڭ رول ئېلىشى بىر فىلىمدە ئەڭ مۇھىم رول ئوينايدۇ. مەغلۇپ بولىدۇ ياكى كۆتۈرۈلدۇ.قارىسام فىلىمدىكى ئاكتىيورلار كەسپىي ئەمەسكەن بۇنداق بولىشى تەبىي. يەنە بىر تەكلىپ بولسا رېژىسور ئەڭ ياخشىسى رول ئالمىغان ياخشى،قىسمەن ئەھۋالدا ئاكتىيورلار كۆرۈنۈشنى چۈشۈنەلمەيدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ، مۇشۇنداق چاغدا ئالسا مەنچە بولىدۇ.
    3-مەسلە:بىر ئىشنىڭ چىقىپ كىلىش سەۋەبى بولىدۇ،سەۋەبسىز ئىش كىلىپ چىقمايدۇ، قارىسام بىر نەچچە كۆرۈنۈشتە مەسلە مەجبۇرىي كىلىپ چىقىپ سادىر بولۇپ قاپتۇ.
    ھەرقانداق ئىشنى قىلغاندا ئەستايىدىللىق بىلەن قىلىش كېرەك، ھازىر بىر فىلىمگە قانداقلا يەردە بولسۇن كەسپىي جەھەتتە باھا بېرىدۇ. بۇپەقەت سىزگە بەرگەن تەكلىپ، بىلىمىڭىزنى تېخىمۇ تاكاممۇللاشتۇرۇڭ. تىرىشىڭ، كۆپ سۆزلەپ قويدۇم. :oops:

    • كۆكتۇلپار 2013.12.12 , 01:02

      سىزگە كۆپ رەھمەت. ئەلۋەتتە مەن سىلەرنىڭ پىكرىڭلارغا تولىمۇ موھتاج.

  12. ........... 2013.12.12 , 03:18 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماشىنىمۇ بەك زىيانلىق، مۇشۇ تەرەپتە بىرەر فىلىم ئىشلەڭ،ئېشەك ھارۋا تىپىپ.

  13. بۆرەزادە 2013.12.12 , 03:25 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياخشى باشلىنىش بوپتۇ … لىكىن ئاۋۇ فىلىمنىڭ ئاستىدا خىتتايچە خەت تۇرامدۇ نىمە … بۇ خىتتايلار ئۇچۇن ئىشلەنگەن فىلىم بولمىغاندىكىن نىمە قىلىسىلەر خىتتايچە خەتلەرنى كىرىشتۇرۇپ قۇيۇپ بۇ فىلىمغا ..

    • كۆكتۇلپار 2013.12.12 , 08:52

      چۈنكى، فىلىمىمنى يالغۇز بىز ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، بەلكى خەنزۇ، قازاق، ئۆزبېك، قىرغىز ۋە نۇرغۇن مىللەتدىن كۆرىدىكەن. ئۇلار ئىلگىرى باشقا فىلىملىرىمنى كۆرگەندە ماڭا:«نېمىشقا ئاستىغا خەنزۇچە خەت يېزىپ قويمايسىلەر؟ بىز چۈشەنمەيدىكەنمىز» دەيدىكەن. شۇڭا، ئالدىنقى «سېھىرلىك ئويۇن» ناملىق فىلىمىمدىن باشلاپ، ئاستىغا خەنزۇچە خەت يېزىپ كېلىۋاتىمەن. بۇ فىلىمنى ئېلان قىلىپ بولغاندىن كېيىنمۇ باشقا مىللەتلەر خېلى جىق باھا بەردى. شۇڭا، فىلىمنىڭ ئاستىغا خەت يېزىلمىسا قەتئىي بولمايدۇ. ئىنشائاللاھ، بۇنىڭدىن كېيىن بەلكىم خەنزۇچە ۋە ئىنگىلىزچىمۇ يېزىشىم مۇمكىن. مەقسەت، دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش.

  14. بوران 2013.12.12 , 12:11 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياخشىمۇسىز.
    تىرىشچانلىقىڭىزغا بارىكاللا.
    بىراق فىلىمدە نۇرغۇن كىشىنىڭ كۆرۈنۈشلىرى باركەن، چىرايىمۇ بەك ئېنىقكەن. ئەگەر سىز شۇ كىشىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ فىلىمدە ئېنىق چىقارسىڭىز باشقىلارنىڭ سۈرەت ھوقۇقىغا دەخلى تەرۈز قىلغان بولىسىز. مۇشۇ جەھەتتە چوقۇم قاتتىق دىققەت قىلىڭ.

  15. گۆدەك بالا 2013.12.12 , 20:40 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نەدىن ئالغان تېلفۇن ئىدى ئاۋۇ چېقىۋەتكەن، ئەجەب ئىچىم ئاغرىدىيا!
    بىركاتتا تېلفۇنكەنتۇق… :evil:

  16. سەھەر 2013.12.13 , 11:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ياخشى ئىشلەپسىز ئەمما سىزگە تەكلىپىم: بۇ ئىبرەتلىك فىلىم ئىكەن .شۇڭا تامىقىڭىزنى ئاشۇرۇپ قۇيماي پاكىز يىسىڭىز،ئىسراپچىلىق قىلماسلىقنىمۇ تەكىتلىگەن بۇلاتتىڭىز، ساختا پۇل بىلەن كىشىنى ئالدىماي باشقا ئۇسۇل قوللانسىڭىز بۇپتىكەن . باشقا يەرلىرى ياخشى چىقىپتۇ

  17. روس 2013.12.13 , 19:49 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يە نە كانچىلك ۋااكىتتا كويۇلىدۇ؟

  18. 5-پەسىل 2013.12.14 , 19:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئويلىغان تېمىڭىز ياخشىكەن. لېكىن فىلىم ياخشى ئىشلەنمەپتۇ.ھەرقايسى مەزمۇنلار بىر-بىرسىگە قولاشمىغان.گەرچە بەزى ئىللەتلەرگە قامچە ئۇرماقچى بولسىڭىزمۇ،ۋەقەلىك ۋە كىنو ئىشلەش جەھەتتە يەنە كوپ تىرىشمىسىڭىز بولمىغۇدەك.باش پىرسۇناژ تولىمۇ ياسالما. ئىدىيىڭىزنى كومىدىيە بىلەن ئىپادىلمەكچى بولسىڭىزمۇ،يەنىلا سەل گۆدەكلەرچە چىقىپ قاپتۇ.ئەلۋەتتە،ھەممە نەرسىنىڭ باشلىنشى مۇشۇنداق بولىدۇ.سىزنىڭ تېخېمۇ ئىزدىنىشىڭىزنى ،تاللىغان تېمىغىلا ئەمەس،ۋەقە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغىمۇ كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. كۆپچلىكنىڭ تەكلىپلىرىنى قوبۇل قىلغان كىلەركى فىلىمىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

  19. ئىلتەبىر 2013.12.15 , 18:05 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ فىلىم خېلى ياخشى ئىشلىنىپتۇ. تەربىيىۋى ئەھمىيىتى خېلى زور ئىكەن.

  20. ئەندەر بەگ 2013.12.17 , 01:49 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇكام بۇ قىسقا فىلىم بولسىمۇ ناھايىتى ياخشى ئشلىنىپتۇ.شۇنىسى كاللاڭدا ناھايىتى ئۇز دوپپا ساڭا ناھايىتى ئۇز يارشىپتۇ ئۇيغۇر بالىسى بولغاندىكىن بىزلە مۇسۇلمانچە كۇرەشسەك نەچە كۇرشەش ئۇ بولامدۇ ئۇكا.

  21. يۈزبېشى 2013.12.18 , 19:07 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ناھايىتى ياخشى بوپتۇ .كوپلەپ تىرىشىڭ!!!

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif