@ نىڭ كىلىش تارىخىنى بىلەمسىز ؟ - [Computerكومپىيۇتېر] |
ئېلخەت ئادېرسىدا دائىم @ دەك بەلگىنى ئۇچىتىپ تۇرىسىز . ئۇنداقتا بۇ بەلگىنىڭ كىلىپ چىقىشىنى بىلەمسىز ؟
_____ @ دىگەن بەلگە ئىنگلىزچىدا <..... دە > دېگەن مەنىدە بولۇپ < at > بىلەن ئوخشاشراق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ . شۇڭا دائىم < .... دە > بىلەن ئوخشاشمۇ ئىشلىتىلدۇ . مەسىلەن : ئەتە ئەتتىگەندە مەكتەپتە ساقلاڭ _ دىگەن سۆز < wait you @ school morning > دەپمۇ يىزىلىدۇ . بۇ نىڭ يەنە each دىگەنمۇ مەنىسى بار بولغاچقا ، دائىم تاۋارلارنىڭ يەككە باھاسىنىمۇ بىلدۇردىغان بەلگە ھېسابلىنىدۇ .
ئامىركىلىق بىر كومپىيوتېر ئىنجىنىرى thols دىگەن كىشى @ ئارقىلىق تۇنجى بولۇپ ئىلىكتېرون پوچتا يوللانمىسى ، يەنى ئېلخەتنىڭ ئورنىنى بىلدۇردىغان ئورۇندا ئىشلەتكەن . ئابۇنېتلارنىڭ توردا ئوڭۇشلۇق ھالدا ئېلخەت يوللىشىغا قولايلىق قىلىش ئۇچۇن 1971 - يىلى ئۆزى باشقۇرۋاتقان كومپىيوتېر شىركىتىدە @ بەلگىسىنى ئېلخەت ئادېرسىنىڭ ئورنىنى بىلدۇردىغان بەلگە قىلىپ بىكىتكەن . ئۇ ئادەم ئىسىملىرىدە پەقەتلا ئىشلىتىلمەيدىغان بۇ بەلگە @ نىڭ < .... دە > دىگەن مەنىسىگە تەقلىد قىلىپ ، مەلۇم بىر ئادەمنىڭ مەلۇم ئورۇندىكى مەلۇم ئۇچۇرنى ئىپادىلەيدىغان بەلگە بولىشىنى مۇۋاپىق كۆرگەن . شۇنۇڭدىن باشلاپ @ دىگەن بەلگە تور دۇنياسىدىكى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلدىغان بەلگە بولۇپ قالغان .
مەنبە:ئىنتىل سەيناسى
评论
ئېلان چىكىپ قوياي دىسەم تىخى ئېلان قويمىغان ئوخشايسىز !!
ۋاختىڭىز بولسا مەن تەرەپلەرگىمۇ ئۆتۈپ قويارسىز !!