ئۇيغۇرلار چەتئەللەردە قانچىلىك پۇت تىرەپ قالالايدۇ - [Uyghurئۇيغۇرلار] |
قاھار بارات50 يىل، كۆپىمىزنىڭ ئەھۋالى شۇنداق. بىزنىڭ تىلىمىز، مەدەنىيىتىمىز ۋە ئۇيغۇرلۇقىمىز باللىرىمىزغا ئۆتكەندە يوقاپ، ئاران شۇ دىنىمىزلا ساقلىنىپ قالىدۇ.
كۆچمەنلىك ئانا-يۇرتتىن ئايرىلىشلار ئەمەس بەلكى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بىر پۈتۈن ھايات، يۇرت-جامائەت، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەر ۋە بارلىق ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىمىز بىلەن خوشلىشىش، ئۆزىمىزنى ھېچكىم تونۇمايدىغان يات بىر ئەلگە ئاپىرىپ تاشلاش دېمەكتۇر. بۇ خۇددى ھويلىمىزدا بىر ئوبدان ئۆسۈۋاتقان ئۆرۈكنى يۇلۇپ ئاپىرىپ موسكۋا دەرياسى بويىغا سانجىپ قويغاندەك، تۇتقىنى تۇتۇپ قالغىنى يوق بولىدىغان بىر ئىش. ھېچقايسىمىزدا بۇنداق مۇساپىرلىق ھاياتقا ياخشى تەييارلىقىمىز يوق ئىدى. يات ئەلدە جان بېقىش ئۇچۇن قەۋەتلەپ ئېغىر ئوقۇش، ئىشلەش، خورلۇق تارتىش ۋە پايپېتەك بولۇشقا مەجبۇر بولۇۋاتىمىز. ئالدى بىلەن ھەممىمىز بىردەك تەۋەلىك كىرزىسىگە ئۇچرىماقتىمىز. بەزىلىرىمىز تۈركلەرنىڭ ئارىسىغا، ئۆزبېكلەرنىڭ ئارىسىغا ياكى مۇسۇلمانچىلىققا ئۇرۇنۇپ باقساقمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرەلمەي يۈرىمىز. ئەڭ ياخشى چىقىش يول ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيەت جەمئىيەتلىرىنى قۇرۇپ چىقىش. ۋىللىام جەمەسىنىڭ قارىشىچە بىر جەمئىيەت ئەزالارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن گۈللىنىدۇ. شۇنىڭدەك شەخسى ئاكتىپلىقمۇ جەمئىيەتنىڭ قوللىشىسىز ئۇزاققا بارمايدۇ. شۇڭا شۆھرەتپەرەسلىك ۋە شەخسىيەتچىلىكنى قويۇپ كوللېكتىۋىزىملىقى كۈچلۈك نامسىز قەھرىمانلاردىن بولۇشىمىز كېرەك. بىزنىڭ بايلىقىمىز تاپقان پۇلىمىزغا قاراپ بولىدۇ، ئەمما مەنىۋى جەھەتتىن بەختلىك بولۇش ئۇچۇن جەزمەن مەلۇم چوڭ، ئەھمىيەتلىك ئىشلار بىلەن بەند بولۇشىمىز كېرەك. بىزدە بىرمۇ ئۇيغۇرنىڭ قولى تەگمىگەن، قولغا ئېلىشقا تېگىشلىك يۈزلىگەن ساھەلەر تۇرۇپتۇ. بىز ھېلىھەم جىق يەرلەردە باشقىلار تەتقىق قىلىدىغان ئوبيېكت بولۇپ تۇرۇۋاتىمىز. ئەمەلىيەت شۇكى، بىزنىڭ تەجرىبىمىز يوق، ۋاقتىمىز قىسقا ۋە كۈچىمىز چەكلىك بولغانلىقى ئۇچۇن شۇنداق نۇرغۇن ئىشلارغا چولىمىز تەگمەيۋاتىدۇ. مانا مۇشۇنداق كۈنلەردە كۆز ئالدىمىزدا ھەممىمىزگە تەڭ كېلىۋاتقان پالاكەتلەرنىڭ بىرى شۇكى بالىلىرىمىز ئانا تىلىنى يوقاتماقتا! ئەھۋال چەتئەللەردىكى ھەممە ئۇيغۇر ئەھلىلىرىگە ئوخشاش، بالىلىرىمىزنىڭ تىلى ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە ئەنگىلىيىلەردە ئىنگلىزچە، ئەرەبىستانلاردا ئەرەبچە، گېرمانىيىدە گېرمانچە ۋە ھەتتا تۈركىيىدىمۇ تۈركچە چىقماقتا. بالا دېگەن شۇ، سىرت، يەسلى ۋە مەكتەپتە نېمە تىل بولسا شۇنى ئۆگىنىپ كىرىدۇ. بىز بۇ بىر ياخشى ئىشمۇ يامان ئىشمۇ، قانداق قىلىش كېرەك دەپ ئويلاپ باقمىدۇق.
ئارىمىزدا بۇ خىل ئاسمىلاتسىيەگە تاقابىل تۇرۇۋاتقانلار ناھايىتى ئاز. كۆپچىلىكىمىز بالىلارنى بولۇشىغا قويۇپ بېرىپ، ۋە ھەتتا قوللاپ-قۇۋۋەتلەۋاتىمىز. بىز بۇ دۆلەتلەرگە ئاسىملاتسىيە بولۇشقا، ئوي ئېلىشقا ۋە يارىماس بالىلىرىمىزغا مىراس قالدۇرۇشقا كەلمىگەن. بىزنىڭ چەتئەللەردە ئۇيغۇر بولۇپ ياشاپ قىلىشىمىز مىللىتىمىزنىڭ كوزىنى ئېچىشقا، ئۆزىمىزنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇشقا پايدىسى كوپ. ئەمما بۇ 50 يىل، 100 يىل بىلەن پۈتىدىغان ئىش ئەمەس. كىچىك مىللەتلەرنىڭ، مۇساپىرلارنىڭ چوڭ مىللەتلەرگە يەم بولۇپ كېتىشى بىر دۇنيا خاراكتېرلىك ئاپەت. ئاسىملاتسىيەگە قارشى كۈرەشمۇ بىر چوڭ دۇنياۋى بىرلىكسەپ بولۇپ ب د ت نۇرغۇن كۈچ ئاجرىتىپ كوپ تىللىق مائارىپ ۋە ئانا تىلدا ئۆگىنىشنى تەرغىب قىلماقتا.
چەت تىل بىزنىڭ چەتكە چىقىشىمىز ۋە چىققاندىن كېيىن جان بېقىپ قىلىشىمىزدىكى ئەڭ ئېغىر بىر ئۆتكەل. بىز تېخى بۇ كۆۋرۈكنىڭ يېرىمىنى بېسىپ بولماي تۇرۇپ، بالىلىرىمىز ئۆسۈپ يېتىلىپ، چۇۋۇر-چۇۋۇر چەت تىللىرى چىقىشقا باشلاۋاتىدۇ. بىز بۇنىڭ يىراق ئاقىۋىتىنى ئويلىماي، ئوزىمىز ئۆگىنىپ بولالمايۋاتقان بۇ لەنىتى تىلىنى بالىلىرىمىزنىڭ بىر چىرايلىق سۆزلەۋاتقانلىقىغا مەمنۇن بولۇپ، قوشۇلۇپ بىرگە سۆزلىشىۋاتىمىز ۋە ئۆگىنىۋاتىمىز. نورمال ۋەزىيەتتە بالىلارنىڭ تىلى بۆشۈكىدىن ئۇيغۇرچە چىقىدۇ، چەت تىلىنى يەسلىدىن ئۆگىنىپ كىرىدۇ. بۇ چاغدا ئاتا-ئانا ئالدىدا تاللايدىغان 3 يول بار. بىرى چەت تىلىغا ئېرەنشىمەي قەتئىي ئۇيغۇرچە گەپ قىلىش. ئىككىنچىسى ئۇيغۇرچىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ چەت تىلدا سۆزلىشىش. ئۈچىنچىسى ئۇيغۇرچە بىلەن چەت تىلىنى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەش. بىرىنچى يولدا بالىلار قوش تىللىق بولۇپ چىقىدۇ. بۇنداق بالىلار يەككە تىللىق بالىلارغا قارىغاندا زېرەك بولىدۇ. ئۇلار بىر مەسىلىنى ئىككى خىل تەرجىمە قىلىپ كۆزىتىدۇ. بىر تىلنى ئارتۇق بىلىش يېڭى بىر بىلىم دۇنياسىغا يول ئېچىش دېمەكتۇر. ئەلۋەتتە ئىككى تىلنى تەڭ ئۆگىنىش بىر تىلغا قارىغاندا قىيىن ۋە ئۇزۇن بولىدۇ. بۇ جەرياندا بالىلاردا قايمۇقۇش بولۇپ، مەقسىتىنى ئۇقتۇرالماي قىينىلىدۇ. يەسلىدىكىلەرگە ئۇيغۇرچىنى، ئۆيدە چەت تىلىنى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەشكە باشلايدۇ. بۇ بىر نورمال ئەمما ئاچقۇچلۇق مەزگىل، بۇنداق چاغدا ئاتا-ئانا ئۆيدە ئىزچىل ئۇيغۇرچە سۆزلەش، بالىنىڭ چەت تىلنى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلىشىگە پۇرسەت بەرمەسلىك كېرەك. مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن بالىلار ئانا تىل بىلەن يەسلى تىلىنىڭ باشقا تىل ئىكەنلىكىگە، سىرتتا چەت تىلچە، ئۆيدە ئۇيغۇرچە سۆزلىمەي باشقا ئامال يوقلىغىغا كۆزى يېتىپ ئاستا-ئاستا ئىككى يەردە ئىككى خىل سۆزلەشكە باشلايدۇ. قوش تىللىق بالىلار ئەنە ئاشۇنداق چوڭ بولغان. گەرچە ئۇلارنىڭ تىلى يەككە تىللىقلاردىن 1-2 يىل كېيىن چىقسىمۇ ئاقىۋىتى ياخشى بولىدۇ. مىللىتىمىز تارىخىدىكى ۋە ھازىرقى ئۇلۇغ ئالىملىرىمىزدىن چەت تىل بىلمەيدىغانلىرىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرەلمەيمەن.
ئىككىنچى خىل يولنى تۇتقان ئاتا-ئانىلار شۇ ياشاۋاتقان ھاياتنىڭ بېسىمىغا ئۇچراپ، بالىلىرىنىڭ كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتىنى ئويلاپ، ئەتراپىدا ئۆزلىرىدىن باشقا ھېچكىم ئىشلەتمەيدىغان يارىماس ئائىلە تىلىنى تاشلاپ، قىينىلىپ بولسىمۇ بالىلىرىغا باشقىلارنىڭ "ئانا تىلى"نى ئۆگىتىۋاتىدۇ. مەسىلىنىڭ قورقۇنچلۇق ئاقىۋىتى شۇكى بىز ھەرگىز چالا تىلىمىز بىلەن بالا تەلەپ قىلىدىغان قۇشقاچ تىل، ئەقىل ۋە بىلىملەرنى تەمىنلەپ بېرەلمەيمىز. بالىلار بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئورتاق "چەت تىل" سەۋىيىمىزنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىگە قاراپ 5 يىل، 10 يىل، جىق بولسا 15 يىل سوزۇلۇشى مۇمكىن. ئەمما بۇ مۇسابىقىسىدە بەرىبىر يېڭىلىپ ئارقىدا قالىمىز. يىللار نېرىسىغا ئۆتكەنسېرى بالىلىرىمىز ئالدىدا "تىلىمىز" ئاجىز، پىكرىمىز بىر يەرگە كەلمەيدىغان ئەرزىمەس ئادەملەردىن بولۇپ، مۇناسىۋىتىمىز كۈندىن-كۈنگە يىراقلىشىپ، ئاخىرى كەلگەندە بىئولوگىيە جەھەتتىنلا قانداش بىر خىل يات مەخلۇقلارغا ئايلىنىپ قالىمىز. سىز 15 ياشقا كىرىپ قالغان، 20 ياشقا كىرىپ قالغان ئۇيغۇرچە بىلمەيدىغان بالىلىرىڭىزنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈپ بېقىڭ.
ئۈچىنچى خىلدىكى ئاتا-ئانىلار بىر قەدەر كوپ بولۇپ، نۇرغۇن ھاللاردا ئىككى تىل ئوتتۇرىسىدا ئېنىق چېگرا ئاجراتماي، بالىلىرىغا ئوڭايلىق تۇغدۇرۇش ئۇچۇن توغرا كەلگەن يېرىگە قاراپ ئۇيغۇرچە بىلەن چەت تىلنى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ھېچقايسى تىلغا پايدىسى يوق. ئارىلاشما تىللىق مۇھىت ئىچىدە بالىلار ئىمكانقەدەر بىر ئوڭاي چىقىش يولى ئىزدەشكە تىرىشىدۇ. ئۇلار بۇ جەھەتتە ناھايىتى سەزگۈر بولۇپ، ئۇيغۇرچىنىڭ سىرتتا ئاقمايدىغان بىر تىل ئىكەنلىكىنى ئەمما ئاتا-ئانىسىنىڭ چەت تىلنىمۇ بىلىدىغانلىقىنى بىلىپ قالسا ئۇلاردا تاللاش ھوقۇقى بارلىقى ھەققىدە بىر خەتەرلىك سىگنال بېرىپ قويغان بولىمىز-دە، ۋاقتى كەلگەندە بالىلار تۇيۇقسىز ئۇيغۇرچە سۆزلەشنى رەت قىلىپ تۇرۇۋالىدۇ. ئارىلاشما تىللىقتىن يەككە تىللىققا يەنى ئۇيغۇرچىغا قارشى كۈرەش جەريانىدا ئۇنداق ئاتا-ئانىلار كۆپىنچە يېڭىلىدۇ. ئۇلار ئاتا-ئانىسىنى چەت تىلغا بويسۇندۇرۇپ بولۇپ بىر قانچە يىل بەخت-سائادەت ئىچىدە ياشايدۇ. ئەمما باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مەلۇم سىنىپلىرىغا چىققاندا ئاتا-ئانىسىنىڭ كۆچمەن ئىكەنلىكىنى، چەت تىلىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى پەرق قىلىشقا باشلايدۇ. بالىنىڭ ئەڭ كوپ بىلىم ۋە ئەقىل تەلەپ قىلىدىغان يىللىرىدا ئاتا-ئانىلىرى بىر چەتتە قاراپ قالىدۇ. ئاتا-ئانا، مەكتەپ ۋە جەمئىيەت بالىلار تەربىيىسىنىڭ 3 چوڭ مەنبەسى. ئاتا-ئانىلار، تىل تۈپەيلىدىن بالىلىرى ئالدىدا نوپۇزىنى يوقاتقاندىن كېيىن بالىلارنىڭ ئۇنىڭ نېرىسىدا قانداق ئادەم بولۇپ چىقىشى مەكتەپ بىلەن جەمئىيەتكە باغلىق بولۇپ قالىدۇ.
تىلىنى يوقاتقان بالىلارنى ئاساسەن ئۇيغۇر دېمىسىمۇ بولىدۇ. بەزىلىرى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىنساۋىي تۈپەيلى ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ھېسداشلىق قىلىدۇيۇ ئەمما تىلى بولمىغاچقا ئارىلىشالمايدۇ، ئەيمىنىدۇ ۋە ئۆزىنى چەتكە تارتىشقا مەجبۇر بولىدۇ. قالغانلىرىدا ئۇنداق ئاۋارىچىلىكمۇ بولمايدۇ. بۇ خىل بالىلارنىڭ ھەقىقىي ھايات كرىزىسى بالاغەتكە يېتىپ مۇستەقىل ياشاشقا، دوست ۋە مۇھەببەت تاللاشقا ئۆتكەندە باشلىنىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنى مىللىي تەۋەلىكىنى يوقاتقان كىچىك بىر يېڭى قەبىلىنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى بايقاپ روھى ئازابلىق ۋە يالغۇزلۇق ھېس قىلىشقا باشلايدۇ. بىز بالىلىرىمىزنى چەت تىلنى سۇدەك سۆزلەيدۇ، ياخشى ئىشلارنى تاپالايدۇ دەپ پەخىرلەنگىنىمىز بىلەن بالىلىرىمىز ئۇنداق ئاددىي ئويلىمايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ گۇناھسىز بىر ياخشى مىللىتىدىن ئايرىلىپ، باشقا توپلارغا ھەم كىرەلمەي يېتىم ئوغلاقتەك يۈرگەن ئاقىۋىتىنى ئاتا-ئانىسىدىن كۆرۈپ، ئۇلاردىن نەپرەتلىنىدۇ. ئانا تىلنى بىلمەيدىغان بالىلاردا ئاتا-ئانىسىغا ھۆرمەت بولمايدۇ. كەلگۈسىدە بۇ بالىلار قانداق ئىنسانلار بىلەن ئۆيلىنىپ، بىز قانداق نەۋرىلەرنىڭ ئارىسىدا قالىمىز، خۇدا بىلىدۇ. 70-يىلنىڭ ئاخىرلىرى ئىدى، بېيجىڭدا بۇرھان شەھىدىنىڭ ئۆيىگە ئانچە-مۇنچە بېرىپ تۇراتتىم. بىر يەكشەنبە كۈنى، بىر توپ نەۋرىلىرى بوۋىسىنى كۆرگىلى كېلىپ، ھەممىسى خەنزۇچە "يە يە" دېيىشىپ بوۋاينىڭ چۆرىسىگە ئولاشتى. رەشىدە ئاپپاي ھەيران قالغانلىقىمنى كۆرۈپ دەرھال "بىزدە مىللەت ئايرىمىچىلىق كۆزقارىشى يوق، دۇنيادا ھەممە مىللەت ئوخشاش." دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىپ ئۆزلىرىنى ئاقلىغاندەك قىلدى. يەنە بىر مىللەت داھىيسى ئابدۇكېرىم ئابباسوفنىڭ قىزى ئامېرىكا بوستونغا كېلىپ، بىر يىل تۇرۇپ بىر ئۇيغۇرغا ئارىلاشماي كېتىپتۇ. بالىلارنىڭ تىلى شۇ ئائىلىنىڭ مىللىي غۇرۇرى ۋە تەربىيىسىنى ئاشكارىلايدىغان بىر ئەينەك. بالىلىلارنى يات مىللەت قىلىۋېتىش گۇاڭدۇڭلۇقلارغا ياراشقان بىلەن بىز ئۇچۇن بىر يوقىلىش.
مەنبە ئۇيغۇرلار تورى
评论
ئوقۇۋاتقان چاغدىن تارتىپ ئۇيغۇرچە سۆزلىرىمىزنى ئەڭ تولۇقى بىلەن ئىشلەتسەم ساۋاقداشلىرىم " بۇ ساۋاقدىشىم ھەقىقىي ئۇيغۇر جۇمۇ" دەپ مەسخىرە قىلىپ كۈلەتتى. ئەمما مەن بىر قېتىممۇ ئۈمىدسىزلىنىپ باقمىغان، ئۆز تىلىمدا سۆزلىيەلىگەنلىكىمدىن پەخىرلەنگەن، ھېلىھەممۇ پەخىرلىنىمەن، كەلگۈسىمۇ ھەم شۇنداق بولغۇسى...
سىز دىگەندەك بۇ ئىش ھازىر چەتئەلدە ئەمەس، ئانا يۇرتىمىز شىنجاڭدىمۇ يۈز بېرىۋاتمامدۇ. شۇنچىلىك ياخشى شارائىتتا يەنە بىر تۈركۈم ئانا تىلىمىزدىن "چالا ساۋات" ئادەملەر چىقىۋاتمامدۇ...
شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىنى ئۆزىمىزدىن باشلىساق ،ئۆز ئائىلىمىزدىن ، بالىلىرىمىزدىن باشلاپ مەسئۇل بولساق بۇ ئىشلارمۇ تۈزۈلۈپ كىتەر.