• << قۇم باسقان شەھەر >> رومانىدىن ھېكمەتلەر - [تەرمىلەر]

    دانىشمەن  ئېيىتقاندەك : سۆزنى  ئېغىزدىن  چىققۇچە  ئادەم  باشقۇرىدۇ ، ئېغىزدىن  چىقىپ  كەتكەن  سۆز  ئادەمنى  باشقۇرىدۇ . k{t`|BnPKB  
       ھەرقانداق  پادىشاھنىڭ  تەختى پارتىلاشقا  تەييار  تۇرغان  ۋولقاننىڭ  ئۈستىدە  بولىدۇ . V^;jJ']  
       دۇنيادا  شاھ ئوردىللىردىنمۇ  سىرلىق ئورۇن  بولمىسا  كېرەك . ئۇ  يەردە  ھەر  كۈنى ، ھەر  سائەتتە  ئاجايىپ ئويۇنلار  ئوينۇلۇپ ، قىزىق ئىشلار  سادىر  بولۇپ تۇردۇ ، كېيىن  تارىخچىلار  يۈز  بەرگەن  بۇ سىرلىق  ۋەقەلەر  توغرىسىدا  تارىخ  پۇتىشىدۇ . لېكىن ، بىزگىچە  يېتىپ  كەلگەن  يازما  خاتىرلەرنىڭ  زادى  قانچىلىگى  راست ! ؟ ...  بۇنىڭغا  بىرنېمە  دىمەك  تەس . قانلىق  جەڭلەر  ئۆتۈپ  كەتكەندىن  كېيىن  ، غەلىبە قىلغۇچىلار  ئالدى  بىلەن يېزىلغان  تارىخلارنى  كۆزدىن  كەچۈرىدۇ . ئۆزىنى  بېزەپ  كۆرسىتىدىغان  سەھىپىلەرنى  قالدۇرۇپ  ياكى  تولۇقلاپ  يازدۇرۇپ ، جىنايەت  ئىزلىرنىڭ  ھەممىسىنى  ئۆچۈرۈپ  تاشلىشىدۇ . تارىخنىڭ  يېزىلغان  قىسىملىردىن  تېخى يېزىلمىغان  ياكى  يېزىپ  ئۆچۈرۈلگەن  قىسىملىرى  چىنراق  بولىدۇ . NO :a;  
    شاھلاردىن  شاپائەت  كۈتۈش  ئەخماقنىڭ  ئىشى . ھۆكۈمرانلار  ئۆز  سىرىنى  بىلگۈچىلەرنى  ھەممىدىن  بۇرۇنراق  كۆزدىن  يوقىتىدۇ .  W%\C_  
      بەزى  ھۆكۇمىرانلار  گەپنى  ئاز  قىلىدۇ  .  بۇ  ئۇلارنىڭ  دانالىقىدىن  ئەمەس ، ھەيۋىسىنى  ئاشۇرۇش  ئۈچۈن شۇنداق  قىلىدۇ .  ئۈن  چىقماسلىق  ئۇلارنىڭ  بىلىمسىزلىگىنى ، ساۋاتسىزلىقىنى  يوشۇرۇپ  قالىدۇ . ئۆلۈك  نىمىشقا  سۈرلىك ؟ چۈنكى  ئۇ  سۆزلىمەيدۇ . "yW:\   
        اللا  ئەڭ  يېقىن  بەندىللىرنىڭ  بېشىغا  ئەڭ  مۈشكۇل كۈنلەرنى  سېلىپ  سىنايدۇ . ئۇنىڭ  داۋاسىنى  ياراتقان  ئىگەم  ئويلىمىغان  بىر  كۈنى ، خىلمۇ - خىل  سەۋەپلەر  بىلەن  يەتكۈزىدۇ . {5  sO  
        بۇ  ئالەمدىكى  ئىشلار  ئېقىن  سۇدەك  بىر - بىرىگە  ئۇلىشىپ  كەتكەن  بولىدۇ .  بىر  ۋەقەنىڭ  داۋامى  ھامان ئىككىنچى  بىر  ۋەقەنىڭ  بېشى  بولۇپ  چىقىدۇ . &iV{:)L  
        شاھ  ئوردىسى  ئۆزىنىڭ  مەڭگۈگە  سۈكۈتكە  چۆكۈپ  تۇردىغان  ئېگىز  تاملىرى  ، قوش - قوش  دەرۋازا ، رەڭدار  راۋاقلار ، نەقىشلىك  تۈۋرۈكلىرى  بىلەنكىشىگە  تولىمۇ  سىرلىق  ۋە  سەلتەنەتلىك كۆرۈنىدۇ . ئەمەلىيەتتە  ئۇ  پۈتۈن  پىتنە - پاسات ، ئازارچىلىق  ۋە  ۋەھىمىگە  تولغان  ماكان . =z8f]/k*>  
        ئەمەل  نازلىق خوتۇنغا  ئوخشايدۇ . ئۇ ، گۈزەل ۋە  ۋاپاسىز  كېلىدۇ . ئۇ ، ھېچكىمگە ، ھەتتا  شاھلارغىمۇ  مەڭگۈ  باقىۋەندە  ئەمەس . ئۇ، قولغا  كېلىدۇ ، يەنە  قولدىن  كېتىدۇ . ئەمەل  تۇتقۇچى  بۇ  ھەقىقەتنى  تەخىتنىڭ  ئېگىز  پەللەمپەيلىردىن دومىلاپ چۈشكەندىلا  ئاندىن  چۈشىنىپ  ، نۇرغۇن  ئىشلارنى  خاتا  قىلغانلىقىغا ھەسرەت  چېكىدۇ . ئۇ  چاغدا ئۇ  كېچىككەن  بولىدۇ . x,'!eCKN  
        باغلاقتا  تۇرغان  ئىت  تېخىمۇ  غالجىرلىشىپ  كېتىدۇ ، قەپەستە  تۇرغان  قۇش ئەركىنلىككە  ھەممىدىن  بەك  تەشنا  بولىدۇ  !

    گۈلدەستە مۇنبىرى
    http://www.guldasta.cn/bbs/read.php?tid=1877





    • 评论

    • يۈرەكنى ئېزىۋىتىدىغان روماندە ئۇ ~!
      TAWLAN回复Tarix说:
      راست دەيسىز ، ئەمدى ئۇيغۇرلاردىن مۇشۇنداق بىر روماننىڭ پۈتۈپ چىقمىقى تەس جۇمۇ ! بۇ روماننى ئوقۇسام خۇددى كىنو كۆرگەندەك بولىمەن ، ئوقۇسام ئوقۇغۇم كېلىپ تۇرىدۇ .
      2009-03-14 14:59:54