• چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش(2-بۆلۈم ) - [Studyئوقۇش]

     

    چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش(2-بۆلۈم )

    داۋامى

    4-سۇئال: سىز چەتئەلگە قانداق ۋاستە بىلەن چىققان؟ سىزنىڭچە چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئۈچۈن قايسى يولدا ماڭغان ئەڭ بىخەتەر ۋە ئىشەنچلىك؟

    ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى:مېنىڭچە چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشتىكى ھەم پۇل تېجەيدىغان ھەم بىخەتەر يول ئۆز-ئۆزىگە تايىنىپ يول تېپىشتۇر.

    چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئۈچۈن، ئۆزىگە ياردەم بېرىدىغان (چەتئەلدە تۇرىۋاتقان بىرەر ئۇيغۇر تونۇشى ياكى بىرەر چەتئەللك)بىرەر تونۇشنىڭ ياردەم قىلىشىغا ئۈمىد باغلاش، مەكتەپ تونۇشتۇرغۇچى ۋاستىچى شېركەتلەرگە ھاۋالە قىلىش، ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن چىقىشنى ساقلاش ....دىگەندەك ۋاستىلەر ئارقىلىق يول تاپمىسا چەتئەلگە چىققىلى بولمايدۇ، دىگەن قاراش خاتا. تۆۋەندە مەن ياپونىيىگە چىقىپ ئوقۇش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ قەدەم باسقۇچلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. (مەن مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ياپونىيەدىكى توكيو ئونىۋېرسىتىتىغا ئوقۇشقا كەلگەن.)

    1-ئالى مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرسىنى پۈتتۈرۈپ، باكلاۋېرلىق ئىلمى ئۈنۋانىنى ئېلىش بىلەن تەڭ ياپون تىلىدا خەت ئالاقىسى قىلالايدىغان سەۋىيىنى ھازىرلاش.
    2-ئېنتېرنىت تورى ئارقىلىق ياپونىيىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئۇچۇرىنى ئىگىلەش.
    3-ئۆزىڭىز مۇۋاپىق دەپ قارىغان مەكتەپتىكى ئۆزىڭىز تاللىغان كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان فىروففىسورغا ئېلخەت يوللاپ، شۇ كەسپتا ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىڭىزنى بۈلدۈرۈش ۋە مەسلىھەت سوراش.
    4-ئەگەر ئۇ فىروففىسور سىزگە قىزىقسا، جاۋاپ قايتۇرۇپ ئەھۋالىڭىزنى تەپسىلى سۈرۈشتۈرىدۇ. مەسىلەن: سىزنىڭ چەتئەل تىلى ئاساسىڭىز، ئىقتىسادى ئەھۋالىڭىز، نىمە ئۈچۈن ئۇ فىروففىسورنىڭ قولىدا ئوقۇشنى تاللىغانلىقىڭىز، كېيىن قايسى تېمىدا نۇقتىلىق تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشنى خالايدىغانلىقىڭىز....قاتارلىق ئەھۋاللارنى سورايدۇ.سىز ھەر قېتىملىق ئالاقىدا سورالغان مەسىلىلەرگە ئەستايىدىل ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۆزىڭىزنىڭ ئوقۇش ئارزۇيىڭىزنىڭ ئىنتاھىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى، ئەڭ زور دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىڭىزنى مۇۋاپىق سۆز ئىبارىلەر ئارقىلىق ئىپادىلەڭ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ئۇ فىروففىسوردا سىزگە نىسبەتەن ئىشەنچ تۇرغۇزۇلۇشى كېرەك. ئەلۋەتتە بىرلا قېتىمدا بۇ خىل مەقسەتكە يەتكىلى بولمايدۇ. بىرىدە مەغلۇپ بولسا، يەنە بىرىنى سىناپ بېقىشقا بولىدۇ. بۇ ئىشتا باشتىن ئاخىر سەۋرىچان، ئەستايىدىل بولۇش كېرەك.
    5-فىروففىسور سىزنى قوبۇل قىلىشقا قوشۇلسا، سىزگە مەكتەپنىڭ ئىلتىماس جەدۋىلىنى ئەۋەتىپ بېرىدۇ.
    6-سىز شۇ جەدۋەلدىكى مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارنى تەييارلاپ، مەكتەپكە ئەۋەتىسىز.
    7-ئەگەر مەكتەپ تەرەپ سىزنىڭ ماتىرىياللىرىڭىزنى كۆرۈپ قوبۇل قىلىشقا قوشۇلسا، فىروففىسور ئارقىلىق سىزگە مەكتەپنىڭ قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرىشى، ۋە ۋىزا ئېلىشقا كېرەكلىك ماتىرىياللارنى ئەۋەتىدۇ.
    8-سىز شۇ ماتىرىياللارغا ئاساسەن پاسپورت بېجىرىپ، ياپونىيىنىڭ جۇڭگودىكى ئەلچىخانىسىدىن ۋىزا ئېلىپ، ياپونىيىگە ئوقۇشقا چىقسىڭىز بولىدۇ.

    بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغاندا ھەم ئارتۇقچە چىقىمدار بولۇشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ، ھەم مۇستەقىل ياشاشنىڭ تۈنجى قەدىمىنى ئالغىلى بولىدۇ. بۇ ئىنتاھىن مۇھىم.

    رەپقەت ئەپەندى: مەن چەتئەلگە ئۆزەم ئالاقىلىشىپ چىققان. بەلكىم ۋاستىچىلىق شېركەتلىرى ئارقىلىق چىققاندا تېزرەك بولۇشى مۇمكىن. بىراق مەندە ئۇلارغا تۆلەيدىغان ئۇنچە كۆپ پۇل يوق ئىدى. شېركەتلەرنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن چىققاندا مەكتەپلەرنىڭ شارائىتى شېركەتلەرنىڭ تونۇشتۇرغىنىغا ئوخشاش بولماي قالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىشىمۇ مۇمكىن. ئەگەر ئۇ ئوقۇغۇچى شېركەت ئالاقىلىشىپ بەرگەن تىل كۇرسى ۋە كەسپنى تاللىماي، باشقا مەكتەپكە يۆتكەلمەكچى بولسا، شېركەتكە تۆلىگەن ئوقۇش پۇلىدىن ۋاز كېچىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ كۆپ يۈز بېرىدىغان مەسىلە. چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشتا، نەگە بېرىپ، نىمە ئوقۇش ھەققىدە ئەقەللى ئۇقۇم بولۇشى كېرەك. ئېنتېرنىت تورىدىن پايدىلىنىپ مەكتەپنى ۋە مەكتەپنىڭ تەلەپ قىلىدىغان ئۆلچىمىنى تاپقىلى بولىدۇ. ئەگەر ئەلچىخانىنىڭ بەلگىلىگەن ئۆلچىمى بويىچە ماتىرىيال تەييارلىسا، ئەلچىخانا ۋىزا بېرىدۇ. گىرمانىيىدە بىر جۇڭگولۇقنىڭ 9قېتىم ۋىزا ئىلتىماس قىلىپ، گېرمانىيىگە بارغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم. يەنە ئامېرىكىغا بارغان بىر تونۇشۇممۇ، 3قېتىم ئىلتىماس قىلىپ كەلگەن ئىدى.

    5 -سۇئال: سىز چەتئەلگە قايسى كەسپتە ئوقۇشنى ئويلاپ چىققان؟ چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن قايسى كەسپنى ئوقۇش قارارىغا كەلدىڭىز؟ نىمە ئۈچۈن؟

    رەپقەت ئەپەندى: مەن لوندوندا سودا سانائەت كەسپى بويىچە ماگىستىرلىقتا ئوقۇدۇم. دەسلەپ گىرمانىيىگە پەلسەپە ئوقۇش مۇددىئاسى بىلەن چىققان. مېنىڭ ئەسلى كەسپىم خەنزۇ تىلى بولغاچقا، گېرمانىيىدە ئوقۇشنى نۆلدىن باشلاشقا توغرا كەلدى. جەمى 9مەۋسۈملۈك ئوقۇشنى 10مەۋسۈمدە تاماملىدىم، دىگەندىمۇ تىل ئۈگۈنۈشكە كېتىدىغان بىر يىل ۋاقىت بىلەن ماگېستىرلىقتا ئوقۇش ئۈچۈن 6يىل ۋاقىت سەرپ قىلىشقا توغرا كېلەتتى. ئۆز خىراجىتى بىلەن 6يىل ئوقۇپ چىققاندا ئاران ماگېستىرلىق ئۈنۋانىغا ئېرىشكىلى بولاتتى. يەنە كېلىپ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ چىققاندىن كېيىن مۇۋاپىق خىزمەت تاپقىلى بولۇشىمۇ ناتايىن. مۇشۇ خىل زىددىيەتلىك خىيال ئىچىدە تۇرغاندا، سۇغۇرتا شېركىتىدىكى تونۇشۇم ساكسىن ئەپەندى بىلەن ئوتتۇرىمىزدا مۇنداق بىر سۆھبەت بولۇپ قالدى. (ئۇ كىشى خىمىيە دوكتۇرى. ئونىۋېرسىتىتتا 10يىل ئىشلەپ، كېيىن كەسپ ئالماشتۇرغان.) مەن ئۇنىڭ ماشىنىسىدا كېتىۋېتىپ، ئالدىدا كېتىۋاتقان مېرسىدس ماركىلىق پىكاپنى كۆرسۈتۈپ« بۇنى قانچە پۇلغا ئالغىلى بولىدۇ»، دىدىم. ئۇ كۈلۈپ كېتىپ«ئەگەر سەن 6يىل پەلسەپە ئوقۇماقچى بولساڭ، بۇنىڭ باھاسىنى سورىمايلا قوي. ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن تاكسى ھەيدەيسەن» دىدى.(ئەلۋەتتە، ئۇنداق بولۇشى ناتايىن.) كەسپىم تىل بولغاچقا، ئاخىرى نېمىس تىلشۇناسلىقىغا ئىلتىماس قىلىشنى قارار قىلدىم. لېكىن بۇ يەردە مەسىلە يەنە ئاددى بولمىدى. گېرمانىيىنىڭ مائارىپ تۈزۈلمىسى ئىنچىكە بولۇپ، ئونىۋېرسىتىتتىكى كەسپلەر ماگېستېرلىق كەسپلىرى ، دېپلوم كەسپلىرى دەپ بۆلۈنگەن. ماگېستېر كەسپلىرىنى تاللىغاندا ئوقۇغۇچى بىر ئاساسى پەن ۋە ئىككى قوشۇمچە پەننى تاللىشى ياكى ئىككى ئاساسى پەننى تاللىشى ، بۇ پەنلەرنى ئەركىن تاللاشقا بولىدۇ. لېكىن تاللىغان پەنلەر يېقىن پەنلەر بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.( يەنى نېمىس تىلشۇناسلىقى ۋە نېمىس ئەدەبىياتى دىگەنگە ئوخشاش.) ماگېستېرلىق كەسپلىرى ئۈچۈن جەمى 72خىل دەرسلىق ئوقۇش كېرەك.( ھەپتىسىگە ئىككى سائەتتىن بىر مەۋسۈم ئوقۇلىدىغان دەرسلىك بىر بىرلىك قىلىپ ھىساپلىنىدۇ.) بىر مەۋسۇم ئادەتتە 15-16ھەپتە بولىدۇ. دېپلوم كەسپلىرىنى تاللىغاندا پەقەت، بىر پەننىلا ئوقۇيدۇ. جەمى 54خىل دەرسلىك تۈگۈتىلىشى كېرەك. ئەپسۇسكى، مەن ئوقۇماقچى بولغان نېمىس تىلشۇناسلىقى ماگېستېرلىق كەسپىدە بولۇپ، ئىككى قوشۇمچە پەننى ئاساسى پەن قىلىپ تاللاشقا توغرا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن، جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىنى قوشۇپ تاللىدىم. لېكىن بۇ ئىككى خىل كەسپنى نېمىس ياشلىرى بىلەن تەڭ ئېلىپ ماڭماق تەسكە توختىدى. جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىنى قايرىپ قويۇپ، تىلشۇناسلىققا قاتنىشىپ يۈردۈم. بىراق، بۇ ياخشى چارە ئەمەس ئىدى. چۈنكى گېرمانىيە ئالى مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇش دەسلەپكى ئوقۇش باسقۇچى، كېيىنكى ئوقۇش باسقۇچى دەپ ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ. بىرىنچى باسقۇچتا لاياقەتلىك بولغاندا ئىككىنچى باسقۇچقا ئۆرلەپ ئوقۇشقا بولىدۇ. بۇ دىگەنلىك بىرىنچى باسقۇچتىكى تۆت مەۋسۈمدە ئىككىلا ئاساسلىق پەننى ئۈگۈنۈپ ئىمتاھانغا قاتنىشىشىم كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا كېيىنكى باسقۇچتىكى بەش مەۋسۈملۈم ئوقۇشنى باشلىيالايمەن. شۇنىڭ بىلەن جۇڭگوغا قايتىپ ماگىستىرلىقنى تۈگۈتۈپ ئاندىن كەلمەكچىمۇ بولدۇم. ئونىۋېرسىتىتتا ئۇدا ئىككى مەۋسۈم دەم ئېلىشقا ئىلتىماس قىلسا بولاتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئەنگىلىيىگە تىل ئوقۇش ئۈچۈن كەتتىم. ئەنگىلىيىدە ئون ئاي تۇرۇپ ئېنگىلىسچە ئۈگەندىم. ئاندىن گېرمانىيىدىكى مارتېن لوتېر ئونىۋېرسىتىتىدىن ئوقۇش نەتىجەم ۋە ماتىرىياللىرىمنى سۆكۈپ، ئەنگىلىيىدىكى ماگېستېرلىق ئوقۇشۇمنى باشلىدىم.

    مەن شۇنداق خۇلاسىگە كەلدىمكى-ئوقۇشقا چىقىشتىن بۇرۇن تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ، كەسپ ئوقۇيدىغان مەكتەپنى، مەكتەپنىڭ شارائىتى، ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، كەسپ ئوقۇش شەكلى قاتارلىق جەھەتلەردە ئەتراپلىق ئۇچۇرغا ئىگە بولۇش زۆرۈر ئىكەن. ئۇنداق بولمىغاندا، بۇ مەسىلىلەرنى «چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن ئويلىشىمەن»، دىگەندە مەكتەپ تاللاپ، كەسپ تاللاپ ۋاقىت، ئىقتىساد كۆپ سەرپ بولۇپ كېتىدىكەن.

    6 -سۇئال: چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن ئادەتتە قانچىلىك ۋاقىت سەرپ قىلىنىدىكەن؟

    ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى: تىل ئاساسىنى جۇڭگودا پۇختا تىكلىۋالمىغاندا ياپونىيىگە بېرىپ تىل مەكتەپلىرىدە تىل ئوقۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئادەتتە تۇرمۇشنىڭ ھۆددىسىدىن چىققىدەك سەۋىيىدىكى تىل ئاساسىنى ھازىرلاش ئۈچۈن، 1يىل ئەتراپىدا، گېزىت ژورناللارنى كۆرۈش، ئىلمى ماقالە يېزىش سەۋىيىسىگە يېتىش ئۈچۈن تەخمىنەن 3يىل ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىدۇ. ئەلۋەتتە ھەر بىر كىشىنىڭ تىل ئۈگۈنۈش ئۇسۇلى، تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈش دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا تىل ئاساسىنى چەتئەلگە چىققاندا سالىمەن، دىيىش ئاقىلانىلىق ئەمەس.

    رەپقەت ئەپەندى: چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن ئەگەر تىل ئۈگۈنۈشنى نۆلدىن باشلاشقا توغرا كەلسە، تەخمىنەن بىر يېرىم يىل ۋاقىت سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇنى مۇقىم بىر نىمە دىگىلى بولمايدۇ. مەن بىلىدىغانلار ئىچىدە تىل ئۈگۈنۈش ئۈچۈن بىر يىل ۋاقىت سەرپ قىلغانلارمۇ، ئۈچ يىل سەرپ قىلغانلارمۇ بار. گىرمانىيىدە تىل ئۆتكۈلىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن بېرىلگەن ۋاقىت ئىككى يىل. ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتسە، بەزى شىتاتلاردا ۋېزا ئۇزارتىپ بەرمەيدۇ.

    مېنىڭچە تىل ئۆتكۈلىدىن تېز ئۆتۈشتە كىرزىس تۇيغۇسى كۈچلۈك بولۇش، قىزغىنلىق بولۇش، ئىقتىساد يېتىشىش، بېسىپ ئولتۇرالايدىغان بولۇش، لۇغەت ئاختۈرۈشتىن زېرىكمەسلىك كېرەك. تىل ئۆتكىلىدىن تېز ئۆتەلمەسلىكتە جىددىلىك تۇيغۇسى كەم بولۇش، ئۆز مىللىتىدىكى ياكى ئۆز دۆلىتىدىكى كىشىلەر بىلەن بىللە تۇرۇش، يېتەرلىك ۋاقىت ئاجراتماسلىق، خاتا سۆزلەپ قويۇشتىن قورقۇش، تەرجىمە قىلىپ ئۈگۈنۈش قاتارلىق سەۋەپلەر بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە بۇ مېنىڭ شەخسى قارىشىم. تىل ئۈگۈنۈشتە پەقەت بىرلا قائىدە بار. «قازانغا نىمە سالسا، چۆمۈچكە شۇ چىقىدۇ». بىر سائەت ۋاقىت سەرپ قىلغان بولسا، بىر سائەتلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. قانداقتۇ بىر ئادەم ئىككىنچى ئادەمدىن ئەقىللىق بولغانلىقى ئۈچۈن تېز ئۈگۈنىۋالىدىغان ئىش يوق. پەقەت كۆپ ئۈگەنگەنلەر، كۆپ كۈچ سەرپ قىلغانلار تېز ئۈگۈنىدۇ. مېنىڭ تىل ئۈگۈنۈشتىكى ئۇسۇلۇم: 1-دۇچ كەلگەن ھەر بىر سۆزنى ئۆتكۈزىۋەتمەي ئۈگۈنۈپ مېڭىش.2- ئۈگەنمەكچى بولغان تىلنى ئانا تىلدەك سۆزلىيەلەيدىغان ھەر بىر ئادەم مېنىڭ تىل ئوقۇتقۇچۇم. شۇڭا تارتىنماي سوراپ تۇرۇش كېرەك. 3-مېنىڭ چوقۇم توغرا سۆزلەش مەجبۇرىيىتىم يوق.

    7 -سۇئال: چەتئەل مائارىپى بىلەن بىزنىڭ مائارىپىمىزنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك پەرقى ھەققىدە قانداق قاراشقا كەلدىڭىز؟ سىزنىڭچە قايسى مائارىپ باسقۇچىدا چەتئەل مائارىپ تەربىيىسىنى قوبۇل قىلغان ئەڭ مۇۋاپىق ئىكەن؟

    رەپقەت ئەپەندى: چەتئەل مائارىپى بىلەن جۇڭگو مائارىپىنىڭ پەرقى ئىنتاھىن زور. بۇنى قىسقىچە نەچچە ئېغىز سۆز بىلەن ئىزاھلىغىلى بولمايدۇ. ئەڭ چوڭ پەرق مېنىڭچە مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش، باشقۇرۇش شەكلى، ھەق ئېلىش تۈزۈمى قاتارلىق جەھەتلەردىكى پەرق بولۇشى مۇمكىن.

    گىرمانىيە ۋە ئەنگىلىيەدىكى ئوتتۇرا -باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە ئونىۋېرسىتىتلارنىڭ ئوقۇتۇش قۇرۇلمىسى ئىلاستىكىلىققا ئىگە. گېرمانىيەدە باشلانغۇچ مەكتەپنى 4يىل ئوقۇيدۇ.(6-7ياشتىن باشلىنىدۇ) باشلانغۇچتىن كېيىن ئوقۇغۇچى ئوخشىمىغان ئۈچ خىل ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىدۇ:1-« GymnaSium» ئوقۇش باسقۇچى 9يىل. بۇ باسقۇچتىكى ئوقۇشنىڭ ئاخىرقى ئىككى يىلى«Abitur »دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ باسقۇچ ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئىمتاھانىنى كۆرسىتىدۇ. 2-« Realschule»6يىل داۋاملىشىدۇ. ئۇنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن تېخنىكوملارغا ۋە باشقا كەسپى مەكتەپلەرگە كىرىپ ئوقۇشقا بولىدۇ. ياكى يەنە ئىككى يىل«Abitur»   دا تەييارلىقتا ئوقۇسىمۇ بولىدۇ.3-« Hauptschule» 5يىل داۋاملىشىدۇ. پۈتتۈرگەندىن كېيىن كۆپۈنچە ھاللاردا پىداگوگىكا مەكتەپلىرىگە كىرىپ ئوقۇيدۇ. بۇنىڭدىمۇ «Abitur» دا تەييارلىقتا ئوقۇپ، يەنە داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمكانىيىتى بولىدۇ.

    ئەنگىلىيىدە ئادەتتە ئوتتۇرا -باشلانغۇچ مەكتەپلەر مەكتەپ مۇدىرى ۋە ئاتا-ئانىلار، مەكتەپ خادىملىرى، يەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرىدىكى خادىملاردىن تەشكىللەنگەن گۇرۇپپا تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنىدۇ. كۆپۈنچە مەكتەپلەر ئاممىۋى فوند ئارقىلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇدۇ. دىنىي ياكى باشقا خەيرى- ساخاۋەت فوندى مەكتەپلىرىمۇ، ھۆكۈمەت فوندى بىلەن مەۋجۇت بولىدىغان مەكتەپلەرمۇ بولىدۇ. ئونىۋېرسىتىتلار مەيلى گىرمانىيىدە بولسۇن ياكى ئەنگىلىيىدە بولسۇن تارقاق جايلاشقان. ئوقۇغۇچىلار بىر دەرسنى شەھەرنىڭ بۇ چېتىدىن ئالسا، يەنە بىرسىنى ئۇ بېشىدىن ئالىدىغان ئەھۋاللارمۇ ئۈچرايدۇ. ئەنگىلىيە ۋە گىرمانىيىدىكى ئونىۋېرسىتىتلاردا ھەر بىر فاكولتىت مەۋسۈملۈك ئۆتۈلىدىغان دەرسلەرنىڭ ئىسمى، دەرس ئوقۇتقۇچىسى، دەرسنىڭ ۋاختى، ئورنى، بۇ دەرس ئۈچۈن پايدىلىنىلىدىغان ماتىرىياللارنىڭ تىزىملىكى، دەرسكە قاتنىشىدىغانلارنىڭ شەرتى قاتارلىقلارنى جەدۋەللەشتۈرۈپ ئېلان قىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار شۇنىڭغا ئاساسەن نەچچە پەننى ئوقۇش، قايسى ۋاقىتتا ئوقۇشنى بېكىتىدۇ. كۈتۈپخانىلارنىڭ رولى ئالاھىدە گەۋدىلىك، ئونىۋېرسىتىتلاردا چوڭ كۈتۈپخانا بولغاندىن باشقا، ھەر بىر فاكولتىتتىمۇ كۈتۈپخانا بولىدۇ. كۈتۈپخانىدىن كىتاپ ئارىيەت ئېلىش شەكلىمۇ ئاددى ھەم رەتلىك. توردا ئارىيەت ئالىدىغان كىتاپنىڭ تىزىملىكىنى يوللىۋەتكەندە، كىتاپخانا خادىمى كىتاپنى شۇنىڭغا ئاساسەن ئالدىن تەييارلاپ قويىدۇ.

    گېرمانىيىدە ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلا قانچە ئونىۋېرسىتىتقا ئىلتىماس سۇنسا بولىۋېرىدۇ، كەلگەن چاقىرىققا قاراپ، بارىدىغان مەكتەپنى تاللايدۇ. ئەنگىلىيىدە ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئالتە ئونىۋېرسىتىتقا ئىلتىماس سۇنۇشقا بولىدۇ. گېرمانىيە ئونىۋېرسىتىتلىرىدا دەسلەپكى تۆت مەۋسۈم ئىچىدە كەسپ ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ. ئونىۋېرسىتىتتا كەسپ، ئىمتاھان، قوشۇنچە خىزمەت توغرىلىق مەخسۇس مەسلىھەت بېرىش ئورنى بولىدۇ. فىروففىسورلار ئادەتتە ھەپتىدە بىر سائەت ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىدۇ. فىروففىسور بىلەن كۆرۈشىدىغان ئوقۇغۇچىلار كەم دىگەندە بىر ھەپتە بۇرۇن كۆرۈشۈشكە تىزىملىتىشى كېرەك. ئوقۇغۇچى ھەر بىر پەننى تۈگەتكەندىن كېيىن، نەتىجىنى يىغىپ قويىدۇ. ئوقۇش بەلگىلەنگەن پەنلەرنى تۈگەتكەندە، ئۆزى ئىمتاھان مەركىزىگە بېرىپ ئارىلىق ئىمتاھانىغا ياكى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىمتاھانىغا تىزىملىتىدۇ. ئىمتاھان مەركىزى ماتىرىياللارنى دەلىللىگەندىن كېيىن، ئىمتاھان بېرىشكە چاقىرىق ئەۋەتىدۇ. فاكولتىتلار ئادەتتە دەرس ئۆتۈشكىلا مەسئۇل بولىدۇ. ئىمتاھاننى ئىمتاھان مەركىزى ئالىدۇ. گېرمانىيە ئونىۋېرسىتىتلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ چەتئەلگە چىقىپ بىر ياكى ئىككى مەۋسۈم ئوقۇپ كېلىشىنى قۇۋۋەتلەيدۇ، ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن قولاي شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ. چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈزۈتۈش دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىگىلا ئەمەس، بەلكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ چەتئەل تىلىنى پىششىقلىشى، مەدەنىيەت ئۈگۈنۈشى، مۇستەقىل خارەكتىر يېتىلدۈرۈشى، ئەتراپلىق پىكىر قىلىشى ئۈچۈن پايدىلىق، دەپ قارايدۇ.

    ئەنگىلىيە، گېرمانىيە ئوتتۇرا -باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇشى پۈتۈنلەي ھەقسىز. ئەنگىلىيىدە ئوقۇش پۇلىدىن باشقا دەپتەر، كىتاپ، قەلەملەرمۇ ھەقسىز تەمىنلىنىدۇ. ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن دەپتەر قەلەمنى ئۆزلىرى ئالىدۇ. مەيلى ئەنگىلىيىدە بولسۇن ياكى گېرمانىيىدە بولسۇن بىلىم ئېلىش مەلۇم بىر گۇرۇھنىڭ ياكى تەبىقىنىڭ ئىشى بولۇپ قالماستىن، جەمئىيەتتىكى ھەر بىر كىشىنىڭ بىلىم ئېلىش ھوقۇقى باپ-باراۋەر بولىدۇ. گىرمانىيە ئالى مەكتەپلىرى گىرمانىيىلىكلەرگە، چەتئەللىكلەرگە ئوخشاشلا ھەقسىز. (خەۋەرلەرگە قارىغاندا گىرمانىيەدىكى بىر قىسىم ئالى مەكتەپلەر ھەق ئېلىشنى سىناق قىلىۋېتىپتۇ، بىر قىسىم رايونلاردا ھەق ئېلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ بوپتۇ. گىرمانىيىگە ئوقۇشقا چىقىشنى ئويلايدىغان كىشىلەر بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرنى يەنىمۇ ئىنچىكە ئىگىلەپ باقسا بولىدۇ.) ئەنگىلىيىدىكى ئونىۋېرسىتىتلاردا ئوقۇش ھەققى ئېلىنىدۇ. ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەردىن باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەنلەردىن ئېلىنىدىغان ھەق ئۈچ تۆت ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. 2005-يىلى ئالى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش ھەققى ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن كىشى بېشىغا 1175فونتسىتىرلىڭدىن توغرا كەلگەن.2006-يىلى 1200فونتسىتىرلىڭتىن توغرا كېلىشى مۆلچەرلەنمەكتە. لېكىن ئوقۇش پۇلى ئېلىشتىمۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا بېقىنىدىغان ياكى بېقىنمايدىغانلىقى، ئاتا-ئانىسىنىڭ كىرىمى قاتارلىقلارغا قارىلىدۇ. ئىقتىسادى ئەھۋالىغا قاراپ ئوقۇش پۇلى تاپشۇرمايدىغانلار، بىر قىسمىنى تاپشۇرىدىغانلار ۋە ھەممىنى تاپشۇرىدىغانلار بېكىتىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئونىۋېرسىتىتلاردا قەرز پۇل ئېلىپ ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ. قەرز پۇلنىمۇ كېيىن خىزمەتكە چىققاندىن كېيىنكى كىرىمىگە قاراپ قايتۇرىدۇ. ئەگەر كىرىمى يۇقىرى بولمىسا، قايتۇرمىسىمۇ بولىدۇ. باشقا دۆلەتلەردىمۇ يەنى، ئاۋىستىرالىيە 1989-يىلى ئوقۇغۇچىلارغا قەرز پۇل بېرىپ، ئوقۇش پۇلى ئېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان. بەلگىلىمە بويىچە ئوقۇغۇچى مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئالغان ئىش ھەققى ھۆكۈمەتنىڭ بەلگىلىگەن ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولسا قەرزنى قايتۇرمىسىمۇ بولىدۇ. ئاۋىستىرىيە 2001-يىلىدىن باشلاپ قەرز پۇل بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان. مەۋسۈملۈك ئوقۇش پۇلى يەرلىكلەرگە363ياۋرۇ. چەتئەللىكلەردىن 730ياۋرۇ. تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار قەرز پۇلىنى دۆلىتىگە قايتىشتىن بۇرۇن تۆلىشى كېرەك. گوللاندىيىدە ئوقۇش پۇلى ئېلىشنى 1986-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان. ئامېرىكا ئالى مەكتەپلىرىدە ئومۇمى يۈزلۈك ئوقۇش پۇلى ئالىدۇ. ئالدىنقى قاتاردىكى ئالى مەكتەپلەرنىڭ يىللىق ئوقۇش پۇلى 25000دوللاردىن ئاشىدۇ.

    8 -سۇئال: چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن، مائارىپىمىز ھەققىدە قانداق تەسىراتقا كەلدىڭىز؟ سىزنىڭ ھىس قىلىشىڭىزچە مائارىپمىزدىكى يېتەرسىزلىكلەر قايسى؟

    ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى: مېنىڭ ھىس قىلىشىمچە بىزنىڭ مائارىپىمىزدىكى بولۇپمۇ ئالى مەكتەپ مائارىپىمىزدىكى ئەڭ گەۋدىلىك سەۋەنلىك تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل ئىكەن.

    1- ئوقۇغۇچىنىڭ قىزىقىشىغا ھۆرمەت قىلماسلىق.

    2- ئوقۇغۇچىلارنى مۇجىمەل ئۇقۇملار دۆۋىسىگە ئىتتىرىپ، كونكىرىت ئادەم بولۇشتىن يىراقلاشتۇرۇش.

    قىزىقىشقا، تىرىشچانلىق قوشۇلغاندا ئاندىن نەتىجە قازانغىلى بولىدۇ.قىزىقمايدىغان ئىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈش ئاخىرىغا بېرىپ، نېرۋىنى كاردىن چىقىرىشتىن باشقا ئۈنۈم بەرمەيدۇ. بىزنىڭ ئالى مەكتەپلىرىمىزدە دەرسلىكلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن ئورۇنلاشتۇرۇلماستىن، مەجبۇرى تېڭىلىدۇ. شۇنى ئوقۇمىسا، دېپلوم بەرمەيدۇ. ياپونىيىدە بولسا ئەھۋال پۈتۈنلەي باشقىچە بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار كۆپ قىسىم دەرسلىكلەرنى ئۆز قىزىقىشىغا ئاساسەن تاللايدۇ.

    بىزنىڭ مائارىپىمىزدىكى يەنە بىر ئېغىر مەسىلە، ئوقۇغۇچىلارغا توم توم كىتاپلار تارقىتىپ بېرىلىدۇ، ھەمدە شۇ كىتاپتىكى مەزمۇنلار يادلىتىلىپ، شۇ بويىچە ئىنتاھان ئېلىنىدۇ. يەنى شۇ كىتاپنى پۇختا تەييارلىسىلا 100نومۇرغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئەمەليەتتە ئالى مەكتەپ ئوقۇتۇشىدا بۇ خىل شەكىل ئوقۇغۇچىلارنى كەڭ دائىرىدە ئىزدىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. ياپونىيىدە بولسا كۆپ قىسىم ئىمتاھانلار كۇندىلىك تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان مەسىلىلەر تېما قىلىپ بەلگىلەپ بېرىلىپ، شۇ تېمىدا ماقالە يېزىش ئىمتاھانى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار شۇ بويىچە ماقالە يېزىپ تاپشۇرىدۇ. يىغىنچاقلغاندا بىزنىڭ مائارىپىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىغا ھۆرمەت قىلماسلىقنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا كەلتۈرىدىغان زىيىنى شۇكى، ئوقۇغۇچىلار بىرەرى «نىمە ئىش قىلغىڭ بار »دەپ سورىسا، نىمە دەپ جاۋاپ بېرىشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالىدۇ. «نىمە ئىش قىلالايسەن» دەپ سورىسىمۇ، ئوخشاشلا دەرھال جاۋاپ تاپالماي قالىدۇ. مېنىڭچە بۇ خىل شارائىتتا، ئوقۇغۇچىلار كونكىرىت ۋە ئەمەلى ئادەم بولۇشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئۆزلىكىدىن ئىزدىنىشى، «ئەلاچى ئوقۇغۇچى» بولۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى «ئەمەلى بىلىمى بار» ئوقۇغۇچى بولۇش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك.

    رەپقەت ئەپەندى: دۆلىتىمىزدە ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يۈكى ئېغىر. ئوقۇتۇش شەكلى بەكلا مۇنتىزىم. بۇ ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان ياش-ئۆسمۇرلەر ئۈچۈن پايدىسىز. ئالى مەكتەپلەردە بولسا ئەھۋال ئەكسىچە. ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچى سۆزلىگەن مەزمۇنلارنى تولۇق ئىگىلىسىلا بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلار دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى كۆرۈپ، دەرسلىكنى كەڭ دائىرىدە ئىگىلەشكە ئادەتلەنمىگەن. يازما ئىمتاھان ئاساس بولۇپ، فىروففىسورلار ئېغىزچە سىناق ئالمايدۇ. يازما ئىمتاھان دەرسلىك ماتىرىيال ئاساسىدا ئېلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق ئىزدىنىشىگە تۈرتكە بولىدىغان سىناقلار يوق. ئەنگىلىيىدە گىرمانىيىلىك ئاغىنەم لارىس بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەتلىشىپ قالغان. مەن «ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى ئۆتكەن دەرسلىكنى تەكرار قىلىش ئارقىلىق ئىمتاھان بېرىمىز» دىسەم، «ئۇ دىگەن ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئۈگۈنۈش ئۇسۇلى، ئالى مەكتەپتە كېرەكلىك بىلىمنى دەرسلىك كىتاپتىن ئەمەس، كۈتۈپخانىدىن كۆپ ماتىرىيال كۆرۈپ ئىگىلەش كېرەك، ئونىۋېرسىتىتتا ئوقۇيدىغان كىتاپنى ئوقۇتقۇچى بەلگىلەپ بەرسە، ئۇنى قانداقمۇ ئونىۋېرسىتىت دىگىلى بولسۇن» دىگەن. ئومۇمەن ئالغاندا، بىزنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتۇشىمىز بىلەن ئالى مەكتەپ مائارىپىنىڭ ئوقۇتۇش شەكلى ئالمىشىپ قالغان. ئالى مەكتەپتە ئوقۇش ئاسان، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپتە بولسا ئۈگۈنۈش بېسىمى ئېغىر، ئوقۇش تەس. ئالى مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلار خۇددى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپتىكى مەزگىلىدىكىگە ئوخشاش جەمئىيەتتىن ئايرىۋېتىلگەن ھالەتتە ئوقۇيدۇ. بۇنىڭ ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى خىزمەت ۋە تۇرمۇشىغا كۆرسىتىدىغان پاسسىپ تەسىرى زور بولىدۇ. يەنى، كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار جەمئىيەت بىلەن ئايرىۋېتىلگەن مۇھىتتا، قانداقتۇ بىر خىل ئەۋزەللىك تۇيغۇسى بىلەن مەكتەپ پۈتتۈرۈپ، كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت تاپالمىسا، ئۈمۈتسىزلىنىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبىنى ئالى مەكتەپلىرىمىزنىڭ ئوقۇتۇش شەكلىدە ساقلىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزىرىيىۋى جەھەتتىن يېتىلىشىگە كۈچەپ، ئەمەلى قابىلىيەت يېتىلدۈرۈشىگە يېتەرلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرمەسلىكتەك ئۆلۈك ئوقۇتۇش شەكلىدىن ئىزدەشكە بولىدۇ.

    9 -چەتئەل ئالى مائارىپىنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدە قانداق قاراشقا كەلدىڭىز؟

    ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى: چەتئەل مائارىپىنىڭ مەندە قالدۇرغان ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكىچە:

    1- ئوقۇغۇچىنىڭ قىزىقىشىغا ھۆرمەت قىلىش.
    2-كونكىرىت ۋە ئەمەلىيەتچانلىقنى ئاساس قىلىش.
    3-ئوقۇتۇش بىلەن تەتقىقات ھەقىقى مەنىدە بىر گەۋدىلەشكەن.
    4-ھەرقانداق شەكىلدىكى قۇرۇق شۇئار ۋە كوللىكتىپ ھالدىكى ئۈگۈنۈش دولقۇنلىرىدىن خالى بولۇش.

    رەپقەت ئەپەندى: شەخسەن مەن گېرمانىيىنىڭ مائارىپ تۈزۈمىنى قۇۋۋەتلەيمەن.(لېكىن مېنىڭ گېرمانىيىلىك دوستۇم ئامېرىكىنىڭ پلاتونچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى يەنى ئوقۇتقۇچى ھەممە مەزمۇننى سۆزلەپ ئولتۇرماي، ئوقۇغۇچىلارنى ئەركىن پىكىر يۈرگۈزۈشكە، ئۆز -ئارا بەس مۇنازىرە قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشتەك، يېتەكلەپ ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللايدۇ).چەتئەل مائارىپى ھەققىدە ئۆزەم ھىس قىلغان بىرنەچچە نۇقتىنى تىلغا ئالىمەن.

    1- ئالى مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش ئىلاستىكىلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە. ئالى مەكتەپكە قوبۇل قىلىشتا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتاھان نەتىجىسىگە قاراپ قالماي، ئېغىزچە سىناق ئالىدۇ.

    2- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ئېڭى كۈچلۈك. ئوقۇغۇچىلار ئوقۇيدىغان دەرسنى، دەرس ۋاختىنى، ئىمتاھان ۋە پىراكتىكا ۋاختىنى پۈتۈنلەي ئۆزى تاللايدۇ.

    3- جەمئىيەت بىلەن بولغان ئالاقىسى كۈچلۈك. ئالى مەكتەپ نۇقۇل ئوقۇ-ئوقۇتۇشنى ئاساس قىلماي، ئوقۇغۇچىلارنى مەلۇم دائىرىدىكى ئىلمى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللۇنۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئالى مەكتەپ ئىلمى تەتقىقات ئورنىلىق رولىنىمۇ ئۆتەيدۇ. بۇ ئوقۇتۇشنى كۈچلۈك ئەمەلىيەتچانلىققا ئىگە قىلىپلا قالماي، ئوقۇغۇچىلارنى ئىقتىسادى جەھەتتە ئۆز ئۆزىنى قامداش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار بىر تەرەپتىن ئوقۇپ بىر تەرەپتىن خىزمەت قىلسا، شۇنداقلا پىراكتىكىنى خالىغان شەھەرگە بېرىپ قىلسا بولىۋېرىدۇ.

    4- ھەممە ئادەمنىڭ ئالى مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش پۇرسىتى بولىدۇ.
    5-ئاكادېمىيىلىك پۇرىقى كۈچلۈك. قەرەللىك ھالدا ئىلمى مۇھاكىمىلەر، دوكلاتلار بولۇپ تۇرىدۇ. ئوقۇغۇچىلار فاكولتىت، مەكتەپلەر ئارا، ھەتتا شەھەر ئاتلاپ تۈرلۈك بەس مۇنازىرىلەرگە قاتنىشىپ تۇرىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى داڭلىق موزىيلارغا، شەھەرلەرگە، تارىخى ئورۇنلارغا ئېكىسكۇرسىيىلەرگە ئۇيۇشتۇرۇپ تۇرىدۇ


    ——تىما مەنبەسى: ئۇيغۇر كۇلۇب [http://uyghurclub.cn/]ئەسلى ئادرىسى:http://www.uyghurclub.cn/munber/viewthread.php?tid=474&fromuid=0