• تۇرمۇشتىن ئېلىنغان 10 تەسىرات - [تەرمىلەر]

    بىرىنجى  :  مۇھەببەت ۋاقىت ئەمەس ، ۋاقىت مۇھەببەتنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ ،مۇھەببەتتىن تەسىرات ئالغىلى بولىدۇ ، ئەمما تەسىراتتىن مۇھەببەت ئالغىلى بولمايدۇ.
    ئىككىنجى : چەكسىز بوشلۇقتىكى قۇشنىڭ قەپەستىكى قۇشتىن تالىشىدىغان نېمىسى بار ، بوشلۇقتىكى قۇشنىڭ ھېچ بولمىغاندا ، ئۆزىنىڭ ئۇچۇش بوشلىقى بار ئەمەسمۇ ؟  
      
    ئۈچۈنجى : كىشىلىك ھايات بىر ئىستاكان چايغا ئوخشايدۇ . ئادەم بىر ئۆمۈر جاپادا ئۆتمەيدۇ ، ئەمما جاپالىق كۈنلەرنىمۇ ئۆتكۈزىدىغان ۋاقتى بولىدۇ .  
      
    تۆتىنجى : باشقىلارنى چۈشەنمىگەن ئەخۋالدا كۆرگىنىڭىزنىڭ ھەممىسى ھەقىقىي بولىشى ، ئويلىغانلىرىڭىزىنىڭ ھەمىسىنىڭ توغرا بولىشى ناتايىن .   

    بەشىنجى : نامراتلىق ھېچنىمە ئەمەس ، ئۇ بىر خىل شەرەپمۇ ئەمەس ، نومۇسمۇ ئەمەس . ئۇ دېگەن بىر خىل تۇرمۇش ھالىتى ، شۇنداقلا تونۇپ يېتىشكە ۋە ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك تۇرمۇش ھالىتى . ئۇنى مەينەت كىيىم دەپ قارىساق ، ئۇنى يۇيۇۋەتسەكلا بولىدۇ . مەينەت كىيىم ھەرگىز قەلب كۆزىمىزىنى ئېتىۋالماسلىقى كېرەك .   

    ئالتىنجى : خاتىرجەم بولالايدىغان ئادەم ئازادىلىككە ئېرىشەلەيدۇ ، ئۇنتۇپ كېتىشىنى بىلىدىغان ئادەم ئەركىن ياشىيالايدۇ ، باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەم سادىق دوست تاپالايدۇ .

    يەتتىنجى : بىرسىنىڭ سىزنى ياخشى كۆرىدىغان - كۆرمەيدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالمىغىنىڭىزدا ، ئۇ سىزدىنمۇ بەك ئىشەنچ قىلالمايدۇ .

    سەككىزىنجى : ئازابلىنىش ، ئۈمۈدسىزلىنىش بولۇپ تۇرىدىغان ئىش ، بۇلارغا بەرداشلىق بېرىش كېرەك . باشقىلار ئازابلىرىڭىزنى تارتىشىپ بېرەلمەيدۇ . بارلىق ئازابلىرىڭىزنى ۋاقىتقا تاپشۇرۇڭ ، ۋاقىت ھەممىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ . ئەمىليەتتە،  ھەممە ئىش پەقەت بىر جەريان ، خالاس .   

    توققۇزىنچى : يىغلىيالمىسىڭىز ، ئۇنداقتا كۈلۈمسىرەڭ . 

    ئونىنجىسى : بالىلىق ۋاقىتتىكى بەخت ماددىي بۇيۇم ، چوڭ بولغاندىكى كېيىنكى بەخت بىر خىل ھالەت . ئەمما مەلۇم بىر كۈنىگە كەلگەندە ، بەختنىڭ ماددىي بۇيۇممۇ ، ھالەتمۇ ئەمەسلىكىنى ، بەختنىڭ بىر خىل تەسىرات ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز .


    مەنبە : تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
    مەشئەل مۇنبىرى




    • 评论

    • رەھمەت. ھەممىسى ھېكمەتكە ئىگە سۆزلەر ئىكەن.