• ياشلارنىڭ تۇرمۇش چىقىش يولى نەدە؟ - [Studyئوقۇش]

    ئاتا – ئانا، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنىڭ ھىمايىسىدە يېتىلگەن ھەرقانداق ياش كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۇرمۇشنىڭ مۇستەقىللىق بوسۇغىسىغا دۇچ كېلىدۇ. بۇ چاغدا ئۇلار مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش يولىنى قانداق تېپىشى كېرەك؟

    بۇ يىل بىر – ئىككى ئايچە كىتابپۇرۇشلۇق قىلىش جەريانىدا ‹‹چوڭلارنىڭ دەردى قاچان تۈگەيدۇ؟›› ناملىق ماقالىلەر توپلىمىمنى ئوقۇغان ياشلاردىن ئون نەچچىسى بىلەن مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش يوللىرى ھەققىدە پاراڭلاشتىم. ئۇلارنىڭ تولىسى كۆڭۈلدىكىدەك يول تاپالمايۋاتقانلىقىنى، تېپىلغان ئىش تۈرلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە ‹‹باپ كەلمەيدىغان››لىقىنى ئېيتىپ، ماڭا ‹‹ياشلارنىڭ دەردى قاچان تۈگەيدۇ؟›› دەپ سوئال قويۇشتى ھەم مۇشۇ تېمىدا بىرەر كىتاب يېزىشىمنى تەۋسىيە قىلىشتى. كېيىن مەن بۇ سوئالنى دەۋر قىلىپ كۆپ ئويلاندىم. ئويلىغانسېرى بۇ ئون نەچچە ياشلا ئەمەس، تۇرمۇشتا مۇستەقىل ياشاشقا جۈرئەت قىلالماي ئارىسالدى بولۇپ يۈرگەن مىڭلىغان، مىليونلىغان ياش كۆز ئالدىمغا كېلىۋالىدىغان بولدى. دەرۋەقە، ئۇلار دۇچ كەلگەن مەسىلە ‹‹تۇرمۇشتىكى چىقىش يولى›› ئىدى.

    خوش، راستىنلا ھازىر ياشلارنىڭ تۇرمۇشتا چىقىش يولى يوقمۇ؟ بار، ئەلۋەتتە بار! بەلكى خىلى كۆپ، كەڭ.

    ئوتتۇرا، ئالىي تېخنىكوم، ئالىي مەكتەپلەرنى تاماملىغانلارنى ھۆكۈمەت بىر تۇتاش خىزمەتكە تەقسىم قىلىدىغان، ئۆرلەپ ئوقۇيالمىغانلارنى ئەمگەك – كادىرلار تارماقلىرى ئارىلاپ ئىمتىھان ئېلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئىلگىرىكى دەۋردە ياشلارنىڭ تاللاش ئىمكانىيىتى يوق ئىدى. بىرلا ئىش ئورنىغا تەقسىم قىلىنىپ، چەكلىك ئىش ھەققىگە بېقىنىپ كۈن ئۆتكۈزۈلەتتى. قوشۇمچە باشقا ئىش قىلىشقا، باي – باياشات ياشاش يولىنى ئېچىشقا يول قويۇلمايتتى. نەتىجىدە ئاي توشسىلا قولغا تېگىدىغان تۆت تەڭگە ياشلارنى بىخۇدلاشتۇرۇپ، ئۇلاردا ئۆمۈرۋايەت بىر خىل ياشايدىغان، 30 – 40 يىلدىن كېيىن خاتىرجەم دەم ئېلىشقا چىقىشنىلا ئويلايدىغان ئاڭنى كۈچەيتىۋەتكەنىدى. بۇنىڭغا كۆنگەنلەرنى ئەمدىلىكتە ئەمگەك – كادىرلار تۈزۈلمىسىدىكى جىددىي ئۆزگىرىش گاڭگىرىتىپ قويدى.

    بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىش، ئەمگەك – كادىرلار تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش دەۋر تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر قانۇنىيىتى، ئەلۋەتتە. بۇ قانۇنىيەتكە ماسلاشماي تېڭىرقاشنىڭ ھەركىمنى نۇرغۇن ئىمكانىيەت – پۇرسەتتىن مەھرۇم قىلىشى تۇرغان گەپ. شۇنداق ئىكەن، ئىدىيىدىكى قاتماللىق، تېڭىرقاشنى تۈگىتىپ، دەۋر تەلىپىگە ماس قەدەم ئېلىش تولىمۇ ئاقىلانىلىكتۇر.

    ئەسلى سۆزىمىزگە كەلسەك، تۇرمۇشتا ياشلارغا راسلا چىقىش يولى يوقمۇ؟ يېقىنقى بەش – ئون يىلدىن بۇيان ئىزدىنىش، تىرىشىش بىلەن ئوزۇپ چىققان، ئىگىلىك تىكلىگەن ياشلىرىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىدىن مەلۇمكى، ئەلۋەتتە چىقىش يولى بار. ئارىمىزدا مۇستەقىل چىقىش يولى تاپالمىغانلارمۇ بار! ئۇلار ھورۇنلار، نومۇس تۇيغۇسىدىن مەھرۇم بولغانلار، ئۆزىگە، ئۆزىنىڭ سەگەك كاللىسىغا، كۈچ – قۇدرىتىگە ئىشەنمەيدىغانلار.

    ياشلار چىقىش يولىنى تاپالامدۇ؟ ئەلۋەتتە، ياشلارلا ئەمەس، ئۆزىنى ياش ھېسابلايدىغانلارنىڭ ھەممىسى تاپالايدۇ. مېنىڭچە، ئادەم ياشاشقا ماس كېلىدىغان ھەرقانداق يەردە چىقىش يولى بار. بۇ يولنى بىرقانچە باسقۇچ بويىچە تېپىش مۇمكىن: بىرىنچى باسقۇچ، ئۇقۇشۇش، چۈشىنىش باسقۇچى، يەنى ھەر كىم ئاۋۋال ئۆزىنىڭ كىملىكىنى، مەبلەغ سالماي تۇرۇپ، قولىدىن نېمە ئىش كېلىدىغانلىقىنى دەڭسىشى، ئۇنىڭغا كىم، قايسى ئورۇن ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئۇقۇشۇشى، شۇ ئاساستا كونكرېت بىر ئىشنى تاللىۋېلىشى كېرەك؛ ئىككىنچى باسقۇچتا، شۇ ئىش، شۇ خىزمەتنىڭ ئۆزىگە ماس كېلىش – كەلمەسلىكىنى، ئۇنى قانچىلىك داۋاملاشتۇرالايدىغانلىقىنى مۆلچەرلىشى لازىم؛ ئۈچىنچى باسقۇچتا، تەمەننا – كىبىرىنى تاشلاپ، ئۆتمۈشىنى ئۇنتۇپ، باشقىلارنىڭ نېمە دېيىشى، قانداق قارىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆزى تاللىغان ئىشقا ئەستايىدىل كىرىشىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، ئىش باشلاپ بىر مەزگىلدىن كېيىن ئىدىيە، تۇرمۇشىدا مۇئەييەن ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى، باشقىلارنىڭ قولىغا قاراملىقتىن قۇتۇلۇپ، ئۆزىنىڭ مېھنەت مېۋىسىنىڭ لەززىتىنى تېتىغانلىقىنى روشەن ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

    مەن تۇرمۇشتا چىقىش يولى تاپالماي ئىككىلەنگەن ياشلارنى ئىدىيىسى ئازاد بولمىغان، كىبىرى ئۈستۈن، دەپ قارايمەن. ئەگەر ھەر كىم دادىللىق بىلەن قەدەم تاشلىسىلا، ئەسكى – تۈسكىلەرنى يىغىپ سېتىش، ياللىنىپ ئىشلەش، ئۇششاق تىجارەت، چوڭ – كىچىك شىركەتلەرنىڭ ماللىرىنى ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈپ بېرىش، ھامماللىق، ئۆي تازىلىقى، بالا بېقىش، ئىگە – چاقىسىز ئاغرىقلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، ئاپتوموبىل يۇيۇش، ئاشپۇزۇل – رېستورانلاردا قاچا – قۇچا يۇيۇش، شىركەت، ساراي، مېھمانخانىلاردا ئامانلىق ساقلىغۇچى، كۈتكۈچى، مۇلازىم بولۇش قاتارلىق كۆپلىگەن ئىش تۈرى ئۆزىنى خار قىلغۇچە، كۈچىنى خار قىلغۇچىلارنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. بۇ بىكار يۈرگەندىن ياخشى ئەمەسمۇ؟!

    قەدىرلىك زامانداش، سىز يۇقىرىقى ئىشلارنى پەس – قارا ئىش، دەپ قارىماڭ، ئادەم قىلىدىغان ئىشنىڭ ھەممىسى بىر خىل مۇلازىمەت، ھالال ئەمگەك. چوڭ – چوڭ ئىشلارنى قىلغۇڭىز بولسىمۇ، بەش بارماقنى بىراقلا ئېغىزغا سالغىلى بولمايدىغانلىقىنى، چوڭ ئىشلارنىڭ كىچىك ئىشلاردىن ۋۇجۇدقا كېلىدىغانلىقىنى ئېسىڭىزدە مەھكەم تۇتۇڭ. ئالغا ئىنتىلىش ئىرادىڭىز مۇستەھكەم بولسا، بوشاشماي تىرىشسىڭىزلا كىچىك ئىشلاردىن باشلانغان مېھنىتىڭىز بەش – ئون يىلدا قىياسىڭىزدىكىدىنمۇ زور مېۋە بېرىشى مۇمكىن. ئىشەنمىسىڭىز، قاتارىمىزدىكى مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ تەرجىمىھالى بىلەن تونۇشۇڭ، ئۇلار بىلەن سىردىشىڭ! شۇنداق قىلسىڭىز، ئۇلار ياراتقان بۈگۈنكى پەللىنىڭ دەل سىز تۇرۇۋاتقان نۇقتىدىن باشلىنىپ، نۇرغۇن ئەگرى – توقايلىقلار بەدىلىگە كەلگەنلىكىنى بىلەلەيسىز. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ھېچكىم دۇنياغا پىرېزدېنت، ئالىم، مىليونېر، پروفېسسور، ئىنژېنېر، چولپان بولۇپ تۆرەلگەن ئەمەس.



    مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى