• چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش(1-بۆلۈم ) - [Studyئوقۇش]

    شەبنەم مۇنبىرى diki-dikkang  يازمىسى.
    ئەسلى مەنبە www.meripet.com

    1- بۆلۈم:
    ئەسلەپ باقىدىغان بولساق، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپ ئاپتۇنۇم رايونىمىز ھەر يىلى بىر قىسىم كىشىلەرنى ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىشقا باشلىغان. بۇ كىشىلەر ئىچىدە %80كىشى مائارىپ سېستىمىسىدىن ئەۋەتىلگەن كىشىلەر بولۇپ، 1980-يىلىدىن 1996-يىلىغا قەدەر مائارىپ سېستىمىسىدىن چەتئەلگە چىققانلارنىڭ سانى 1000كىشى ئەتراپىدا بولغان. 1996-يىلىدىن ھازىرغىچە ئەۋەتىلگەنلەرنىڭ سانى 1000نەپەرگە يەتكەن. دىمەك مائارىپ ساھەسىدە ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن چىققانلارنىڭ سانى 1996-يىلىدىن كېيىن يىلىغا 100نەپەر ئەتراپىدا بولغان. چەتئەلگە بىلىم ئاشۇرۇش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات بىلەن چىققانلار مائارىپ ساھەسىدىكى «ئىستىقبالى بار» دەپ قارالغان كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ھازىر ئاپتۇنۇم رايونىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىدىكى غوللۇق كىشىلەرگە ئايلاندى. ئۆز خىراجىتى بىلەن چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغانلار 2000-يىلىدىن باشلاپ كۆپۈيۈشكە باشلىدى. جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى چېگرىدىن چىقىشنى باشقۇرۇش باشقارمىسىدىن ئىگىلىشىمچە، 2001-يىلىدىن ھازىرغىچە ئۆز خىراجىتى بىلەن چەتئەللەرگە چىقىپ ئوقۇش رەسمىيىتىنى بېجىرگەنلەرنىڭ سانى 9مىڭدىن ئېشىپتۇ. بۇ ئەلۋەتتە، بىزدىكى ئالى مائارىپ تەربىيىسى كۆرگەن كىشىلەرنىڭ بارغانسېرى كۆپۈيىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن چەتئەلگە ئوقۇش ۋە تەتقىقات بىلەن چىققانلارنىڭ چەتئەلدىكى تۇرمۇشى نىسبەتەن كاپالەتكە ئىگە بولغان بولىدۇ. ئۆز خىراجىتى بىلەن چىققانلار بولسا ھەممە نەرسىنى ئۆز تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ يارىتىدۇ. شۇ سەۋەپتىن ئۆز خىراجىتى بىلەن چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى پىلانلاۋاتقان كىشىلەر چەتئەلدە ئوقۇش، ياشاش ئۈچۈن كۆپلىگەن ئۇچۇرنى ئالدىن بىلىشكە مۇھتاج. بىراق، ئەمەلىيەت شۇكى، چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى ئويلايدىغانلار كۆپ بولسىمۇ، چەتئەل مائارىپى ھەققىدە، چەتئەلدە دۇچ كېلىدىغان تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار ھەققىدە بىرقەدەر توغرا، ئەتراپلىق ئۇچۇر ئىگىلەيدىغانلار، ئۆزىنىڭ ياشاش ئىقتىدارىنى، ئىقتىسادى ئەھۋالىنى توغرا مۆلچەرلەيدىغانلار ئاز. ۋاستىچىلىق شېركەتلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بويىچىلا، دەسلەپكى بىر يىللىق ئوقۇش پۇلى ئۈچۈن 150مىڭ يۈئەندىن، نەچچە ئون مىڭ يۈئەنگىچە بولغان پۇلنى تاپشۇرۇپ، تەۋەككۈل قىلىپ چىقىپ كېتىۋاتقانلار خېلى كۆپ.

    نۆۋەتتىكى ئىقتىسادى ئەھۋالىمىزدىن قارىغاندا، بىر پەرزەنتنى چەتئەلدە ئوقۇتۇش ئۈچۈن بىر يىلدا كېتىدىغان، كۆپ بولغاندا يۈز مىڭ يۈئەندىن ئارتۇقراق، ئاز بولغاندىمۇ نەچچە ئون مىڭ يۈئەن چىقىمنى كۆتۈرەلەيدىغانلار كۆپ ئەمەس. بىزگە ئوخشاش ئىقتىسادى جەھەتتە تەرەققى قىلىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان رايوندىكى، ئىقتىسادى ئاجىز خەلق ئۈچۈن چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغانلارنىڭ يىلدىن- يىلغا كۆپۈيۈشى، ئارىمىزدا مائارىپ ئۈچۈن ئېغىر ئىقتىسادى بېسىمنى كۆتۈرۈشكە رازى كىشىلەرنىڭ بارغانسېرى كۆپۈيىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇ سەۋەپتىن، چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئارزۇسىدا بولىۋاتقان كىشىلەرگە بۇ ھەقتە كۆپرەك ئۇچۇر بېرىپ، ھەرقايسى جەھەتتە ئورۇنسىز زىيان تارتىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھەممىلا ئادەمگە نىسىپ بولىۋەرمەيدىغان ياخشى پۇرسەتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن، چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنى ئېلخەت ئارقىلىق زىيارەت قىلدىم. مالايسىيادىكى ئەكرەم ئەپەندى، فىرانسىيىنىڭ جەنۇبى قىسمىدىكى perpignan ئونىۋېرسىتىتىدا ئوقۇيدىغان ئوبۇلتالىپ ئەپەندى، ئامېرىكىدىكى «لەيلى» مەن يوللىغان سۇئاللارنىڭ بىر قىسمىغا جاۋاپ قايتۇردى. ئەنگىلىيىدىكى رەپقەت ئەپەندى، ياپونىيىدىكى ئەھمەتجان لېتىپ ئەپەندى يوللىغان سۇئاللىرىمغا تولۇق جاۋاپ يېزىپ ئەۋەتتى. ئۇلارغا چىڭ قەلبىمدىن رەخمەت ئېيتىمەن.

    مەن توردا يوللىغان سۇئاللار تۆۋەندىكىچە:

    1-چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن قانداق شەرتلارنى ھازىرلاش كېرەك؟

    ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى(ياپونىيە توكيو ئونىۋېرسىتىتىدا تەبىئى پەنلەر بويىچە ماگىستىرلىق ئۈنۋانىنى ئالغان): چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مۇنداق ئۈچ شەرتنى چوقۇم ھازىرلاش كېرەك:

    1-چەتئەل تىلى ئاساسى.2-ئىقتىسادى ئاساس.3-مۇۋاپىق يول تېپىش.

    ئەمەلىيەتتە بۇ ئۈچ شەرت ئىچىدىكى 2-، 3-شەرت ھازىرلانسىلا چەتئەلگە چىققىلى بولىدۇ. ئەمما چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن شۇ دۆلەتتە پۇت دەسسەپ تۇرۇش، چەتئەلگە چىقىشتىكى مەقسەت ۋە ئارزۇ ئارمانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، چەتئەل تىلىنى بىلىش زۆرۈر. چوڭ جەھەتتىن ئالغاندا بۇ ئۈچ شەرتنى ھازىرلىغان ئادەمنىڭ چەتئەلگە چىقىشى ۋە چەتئەلدە ياشىشى بەك تەسكە توختاپ كەتمەيدۇ. بىراق، چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش، بەلگىلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن كۆڭۈلدە ئېنىق، كونكىرىت نىشان تىكلىۋېلىش كېرەك. ئەلۋەتتە، جاپا -مۇشەققەتكە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئىدىيىۋى تەييارلىقنىڭ بولىشىمۇ ئىنتاھىن مۇھىم.

    رەپقەت ئەپەندى(ھازىر ئامېرىكا شىمالى ۋېرگىنىيە ئېنىستىتوتىنىڭ لوندوندىكى قارمىغى لوندون خەلقئارا ئونىۋېرسىتىتىداMBA سودا سانائەت باشقۇرۇش كەسپى بويىچە ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرگەن): مېنىڭچە چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن يېتەرلىك ئىقتىسات تەييارلاش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا ئۆزىدە ئۆزلىكىدىن ئۈگۈنۈش ئىقتىدارى، ئۆز-ئۆزىنى كونتىرول قىلىش ئىقتىدارى، مۇئەييەن كەسپى قابىلىيەت، شۇنداقلا تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتكەن، ياكى مەلۇم ئاساسقا ئىگە بولغان بولۇش كېرەك. ناۋادا دۆلەت ئىچىدە، ياكى چەتئەلدە بىرەر ئورۇننىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشكەن بولسا، ئوقۇغۇچى ئىقتىسادى جەھەتتە غەم قىلمىسىمۇ بولىدۇ. بىراق، چەتكە چىقىپ ئوقۇۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغانلار بولغاچقا، مۇئەييەن ئىقتىسادى ئاساس بولمىسا بولمايدۇ. مەسىلەن: گىرمانىيىگە چىقىپ ئوقۇش ئۈچۈن ۋىيزىغا ئىلتىماس قىلىشتىكى زۆرۈر ئۈچ شەرتنىڭ بىرى، بىر يىللىق تۇرۇش كاپالىتى ئۈچۈن 7000ياۋرۇنى، يەنى تەخمىنەن 70000مىڭ يۈئەن خەلق پۇلىنى گىرمانىيە بانكىسىغا قويۇش كېرەك. ئەنگىلىيىگە چىقىپ ئوقۇش ئۈچۈن 300مىڭ يۈئەن خەلق پۇلىنى بانكىغا ئۈچ ئايلىق قويغانلىق ئىسپاتىنى كۆرسىتىش كېرەك. گېرمانىيىدە ئوقۇش ھازىرغا قەدەر ھەقسىز. بىراق، ھەرقانداق ئادەم سالامەتلىك سۇغۇرتىسى سېتىۋېلىشى كېرەك. (سالامەتلىك سۇغۇرتىسىغا قاتناشماسلىق قانۇنسىزلىق)سالامەتلىك سۇغۇرتىسى ئۈچۈن ئېيىغا تەخمىنەن 30-50ياۋرۇ سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ياتاق پۇلى ئېيىغا تەخمىنەن 200-250ياۋرۇ ئەتراپىدا. (رايونلار ۋە ياتاق شارائىتىغا بېقىپ ئوخشىمايدۇ) ئەنگىلىيە ئونىۋېرسىتىتىنىڭ يىللىق ئوقۇش پۇلى تەخمىنەن 8000-10000فونتسىتىرلىڭ(بىر فونتسىتىرلىڭ تەخمىنەن 14يۈئەن). ياتاق ئىجارىسى ھەپتىلىكى تەخمىنەن 60-80فونتسىتىرلىڭ(ئەگەر يالغۇز تۇرۇشقا توغرا كەلسە). ئۇنىڭدىن باشقا قاتناش بېلىتى سېتىۋېېلىشقا توغرا كېلىدۇ. لوندوننىڭ ئاپتوبۇس بېلىتى تاق يۆلۈنۈشلۈك بىلەت، كۈنلۈك بېلەت، ھەرقايسى رايونلار ئارا قاتناش بېلىتى، شەھەر ئىچىدە قاتنايدىغان مېترو بېلىتى دەپ ئىنچىكە ئايرىلغان. ئوقۇغۇچىلار قاتناشتا ئېتىبار قىلىدىغان كارتىغا ئىلتىماس قىلغان بولسا، كۈندىلىك بىلەتتىن باشقىسى 30%ئېتىبار قىلىنىدۇ. گىرمانىيىدىكى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمى سائىتىگە5.25 ياۋرۇ. ئوقۇغۇچىلار سائىتىگە 5.25-7ياۋرۇ ئەتراپىدا ئىش ھەققى ئېلىپ ئىشلىشى مۇمكىن. لېكىن ئوقۇغۇچىلار ئونىۋېرسىتىتتا ئوقۇشقا رەسمى تىزىمغا ئالدۇرغىچە، قوشۇمچە ئىشلەشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ئونىۋېرسىتىتقا كىرگەندىن كېيىن باج تۆلەپ، يىلدا 90كۈن ئىشلەشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ، (ھەپتىسىگە 20سائەت ئىشلەشكە بولىدۇ.) بەلگىلىمە بويىچە ئايلىق كىرىمى 325ياۋرۇدىن ئاشمىسا باج ئېلىنمايدۇ. ھەمدە بۇ ئىشلەش ۋاختى، 90كۈنلۈك ئىشلەش ۋاختى ئىچىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ. قانۇنسىز ئىشلەش ئىمكانىيىتى يوق دىيەرلىك. ئەنگىلىيىدىمۇ ئوخشاش، ئوقۇغۇچىلارغا ھەپتىسىگە 20سائەتلىك ئىشلەش رۇخسىتى بېرىلگەن. ئەنگىلىيىدە ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمى سائىتىگە 4.75فونتسېتىرلىڭ. لېكىن كۆپۈنچە ئەھۋالدا ئوقۇغۇچىلار باج تۆلىمەي قارا ئىشلەيدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا سائەتلىكىگە 4-5فونتسىتىرلىڭ ھەق ئالىدۇ.

    مۇئەييەن كەسپى قابىلىيەت بولۇش دىگەنلىك- ئوقۇماقچى بولغان كەسپ دائىرىسىدە بەلگىلىك ئەمەلى ئىقتىدار ۋە بىلىم بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.كەسپى ئاساس بولمىغاندا، سەرپ قىلىنىدىغان ئىقتىسات، ۋاقىت ۋە زېھىن كۆپ بولۇپ كېتىدۇ.

    گىرمانىيە ياكى ئەنگىلىيىدىكى مۇنتىزىم مەكتەپلەردە ئوقۇسا، بەلگىلىمە بويىچە دۆلەتلىك ياكى خەلقئارالىق تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈش تەلەپ قىلىنىدۇ. گىرمانىيە ئالى مەكتەپلىرىگە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلغاندا 800سائەتلىك نېمىس تىلى كۇرسىدا ئوقۇغانلىق ئىسپاتىنى تەلەپ قىلىدۇ. ھازىر گېرمانىيە ئەلچىخانىلىرى گېرمانىيىگە چىقىپ ئوقۇيدىغانلاردىن مۇمكىن قەدەر جۇڭگودا تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتكەن بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەنگىلىيە ئەلچىخانىلىرى بۇنى كەسكىن شەرت قىلمىسىمۇ، ئەنگىلىيە ئونىۋېرسىتىتلىرىغا كىرىپ ئوقۇش ئۈچۈن، جەزمەن TOEFLياكى IELTS ئىمتاھانلىرىدىن بەلگىلىك نومۇر ئېلىش تەلەپ قىلىنىدۇ.

    تىل ئۈگۈنۈش ئۈچۈن كىشىلەر ئۈنۈملۈك ئاسان ئۇسۇلنى ئىزدىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق يول يوق. مەيلى نەدىلا ئۈگەنمىسۇن. ئوخشاش ۋاقىت ۋە كۈچ سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بىر گىراماتىكىلىق قائىدىنى مەيلى گېرمانىيىدە بولسۇن ياكى ئەنگىلىيىدە بولسۇن ۋە ياكى جۇڭگودا بولسۇن ئوخشاش كۈچ چىقىرىپ ئەستە تۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ. تىل ئۈگۈنۈش دەرسخانىدا ئۈگۈنۈش بىلەن ئۆزى تەكرار قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (ئەگەر سىز 4-5سائەت دەرسنى باشقا چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئولتۇرۇپ دەرسخانىدا ئاڭلاپ، دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن ياتاققا قايتىپ، يەنە 4-5 سائەت تەكرار قىلسىڭىز، چەتئەلنىڭ ئەۋزەل تىل مۇھىتى نەدە قالدى، دىگەن ھىسسىياتقا كېلىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. بىراق، سودا سېتىققا چىققاندا، چەتئەللىكلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ تىل چىقىرىش ئارقىلىق، ئونىۋېرسىتىتلارغا كىرىپ ئوقۇش سەۋىيىسىگە يەتكىلى بولمايدۇ. ئاكادىمىيىلەرنىڭ ئىمتاھانىدىن ئۆتكىدەك سەۋىيىنى ھازىرلاش ئۈچۈن چوقۇم، مۇنتىزىم مەكتەپلەردە تىل ئۈگۈنۈش كېرەك). چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن تىل ئۈگۈنۈشنى باشلىغانلار ئىچىدە چەتئەلدىكى بىر قىسىم تىل مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتۇشى جۇڭگودىكى مەكتەپلەرنىڭ تىل ئوقۇتۇشىغا يەتمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلغانلارمۇ ئاز ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ تىل ئۈگۈتۈش ئۇسۇلىغا كۆنۈشىمىزمۇ تەسكە توختايدۇ. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، چەتئەلدىكى تىل كۇرۇسلىرى قىممەت. گىرمانىيىدىكى تىل مەكتەپلىرىنىڭ سائەتلىك ھەققى تەخمىنەن 4ياۋرۇ. جۇڭگودا تۇرۇپ تور ئارقىلىق تاپقىلى بولىدىغان ئەنگىلىيە ئەلچىخانىلىرى ئېتىراپ قىلىدىغان تىل مەكتەپلىرىنىڭ سائەتلىك ئوقۇتۇش ھەققى ئەڭ تۆۋەنلىرىنىڭ 2فونتسىتىرلىڭ، ئادەتتىكىلىرىنىڭ 4فونتسىتىرلىڭ. ئەلۋەتتە لوندوندا سائەتلىكى 2فونتسىتىرلىڭدىن تۆۋەن تىل مەكتەپلىرى نۇرغۇن. ئەمما ئۇلارنىڭ تىل ئوقۇتۇش سۈپىتى ناچار. بەزىلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ مەكتەپلەرگە تىزىمغا ئالدۇرۇپ ۋىزا ئۇزارتىشى ئۈچۈنلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ئەمەلى دەرس ئۆتمەيدۇ. ئەنە شۇنداق ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولمايدىغان سىنىپتا ئولتۇرغاندا، چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشتىن بۇرۇن تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈشنىڭ مۇھىملىقىنى ئادەم چوڭقۇر ھىس قىلىدۇ.

    2سۇئال: -چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن دۇچ كېلىدىغان ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق قايسى؟

    ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى: چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىق ئىچىدە تۆۋەندىكى ئىككى خىلىنىڭ سالمىقى ھەممىدىن ئېغىر، دەپ قارايمەن:

    -1يۇرتىنى سېغىنىشتىن پەيدا بولىدىغان روھى بېسىم.2 -ئىقتىسادى بېسىم.

    مەيلى چەتئەلگە يېڭى چىققانلار بولسۇن، ياكى چەتئەلدە ئۇزۇن مەزگىل ئولتۇراقلىشىپ قالغانلار بولسۇن، ئانا يۇرتىنى سېغىنىپ كۆز يېشى قىلمايدىغانلار، يۈرەك ئازاۋى تارتمايدىغانلار يوق دىيەرلىك. چەتئەلدە تۇرغان ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ بۇ خىل سېغىنىش ھىسسىياتى بارغانسېرى كۈچىيىدۇ. بۇنى چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىدىغان ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق دىيىشكە بولىدۇ. ئىقتىسادى تەرەققى قىلغان، ماددى تۇرمۇش سەۋىيىسى يۇقۇرى بولغان ئەللەرگە چىققانلار (مەسىلەن: ياپونىيەگە ئوخشاش) نىڭ كۆپ قىسمى بىر مەزگىل ئىقتىسادى جەھەتتە قىيىنچىلىق تارتىدۇ. ياپونىيەدىكى ئەھۋالنى ئېلىپ ئېيتساق، توكيو قاتارلىق شەھەرلەردە مال باھاسى ئۈرۈمچى بىلەن 10ھەسسىدىن 15ھەسسىگىچە پەرقلىنىدۇ. تىل بىلىدىغان ۋە جاپاغا چىدايدىغانلار ئۈچۈن ئىشلەش پۇرسىتى ناھايىتى كۆپ بولغانلىقتىن غەيرەت قىلغانلار بىر مەزگىلدىن كېيىن، ئىقتىسادى بېسىمدىن ئىبارەت بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ.

    رەپقەت ئەپەندى: چەتئەلگە چىققاندىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق مەن ئۈچۈن يېڭى مۇھىتقا ماسلىشىش بولدى. گېرمانىيىگە كېلىپ 4-كۈنى چۈشتىن كېيىن مارتېن لوتېر ئونىۋېرسىتىتى پەلسەپە فوكولتىتىنىڭ فىروففىسورى شتولسېن ئەپەندىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ ئون مىنوتلۇق سۆھبەتتىن كېيىن، «پايتىمام سۇغا چىلاشقان» دەك ھىسسىياتقا كەلگەن ئىدىم. يىللاپ چەتئەلگە تەلپۈنۈپ، بىر كۈنى تۇيۇقسىز ئۆزىنى چەتئەلدە كۆرۈپ، ئارزۇلىغان ئىشى ئوڭغا تارتمىسا، ئادەم ئۆزىنى شۇنداق سېزىدىكەن. بۇ بەلكىم «ئالى مەكتەپلىرىمىز چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى كۈتىۋالغانغا ئوخشاش بىزنىمۇ شۇنداق كۈتىۋالىدۇ» دىگەن تامادا بولۇپ قالغانلىقىمىزدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇ فىروففىسور «تىلىڭ يوقكەن، ئالدى بىلەن تىل ئۈگۈنۈپ كەل، قالغان گەپنى شۇ چاغدا دىيىشەيلى» دىدى. ۋەسسالام. تىل مەكتىۋى نەدە، مەن نەدە ياتىمەن. مەكتەپكە قانداق ئىلتىماس قىلىمەن. بۇ توغرىلىق ھىچنىمە دىمىدى. شۇ كۈنى خالتىلىرىمنى ئۆشنەمگە ئارتىپ فىروففىسورنىڭ يېنىدىن چىققاندىن تارتىپ، خېلى بىر چاققىچە ئۆزەمنى خۇددى «قاڭقىپ كەتكەن توپ»تەك ھىس قىلدىم. دەسلەپكى چاغلاردىكى قىيىنچىلىقلارنى بىر نۇقتىغا يىغىنچاقلاش قىيىن. ھەرھالدا مەن يولۇققان قىيىنچىلىقلار تۆۋەندىكىچە:

    1-ياتاق مەسىلىسى. تۆت ئاي توختىماي ئەرزان، قىسقا مۇددەتلىك ياتاق ئىزدىدىم. ئۇلار جۇڭگولۇقلارغا ئاسانلىقچە ياتاق بەرمەيدىكەن. 2-سالامەتلىك سۇغۇرتىسى ئېلىش. بۇنى قانداق ئېلىشنى بىلمەي، ھەتتا دونېر كاۋىپى ساتىدىغان تۈرك ئەھمەتنىڭ يېنىغا ئۈچ قېتىم باردىم. 3-ۋىزا ئۇزارتىش، ئەلچىخانا گېرمانىيىگە تۈنجى كىرگۈچىلەرگە پەقەت 90كۈنلۈكلا ۋېيزا بېرىدۇ. بۇ 90كۈن ئىچىدە ئوقۇغۇچىلار ئېتىراپ قىلىنغان بىرەر تىل مەكتەپلىرىگە كىرىشى ياكى ئونىۋېرسىتىتقا تىزىمغا ئالدۇرۇشى، سالامەتلىك سۇغۇرتىسى ئالغان بولۇشى، توختاملىشىپ ئۆي ئىجارە ئېلىپ، توختامنى نوپۇس تىزىملىتىدىغان ئورۇنغا تىزىمغا ئالدۇرۇشى كېرەك. مۇشۇ ئىسپاتلارنى ۋە بانكا ھېسابات ئىسپاتىنى كۆتۈرۈپ ۋىزىنى ئۇزارتىشقا بولىدۇ. 4-تىل ئۇقماسلىق. ھەتتا ئۆي ئىجارە ئالىمەن، دەپ ئۆي ئىگىسىگە ئەمەس. ئۆي ئىجارە ئالىدىغانلارغا تېلىفون قىلغان ۋاختىممۇ بولغان. 5-قىممەتچىلىك. بەزىدە نەرسە سېتىۋالغىلى تاللا بازىرىغا كىرىپ، نەچچە قېتىم سېتىۋالماي كىرىپ كەتكەن چاغلىرىم بولغان. 6-مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىش.

    3-سۇئال:چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشتىكى ئەڭ مۇۋاپىق ياش باسقۇچى قايسى؟ نىمە ئۈچۈن؟

    ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندى: مېنىڭچە ئالى مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرسىنى پۈتتۈرۈپ باكلاۋېرلىق ئىلمى ئۈنۋانىنى ئالغاندىن كېيىن، چەتئەلگە چىقسا مۇۋاپىق بولىدۇ. (بولۇپمۇ ياپونىيىگە نىسبەتەن شۇنداق)بۇنداق دىيىشىمدىكى سەۋەپنى تۆۋەندىكىدەك نۇقتىلار بىلەن ئىزاھلاش مۇمكىن. (ياپونىيىنى مىسال قىلماقچىمەن):

    1-تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا ياپونىيىگە ئوقۇشقا چىققاندا، ئالدى بىلەن ياپونىيىدە 2يىل ئەتراپىدا ياپون تىلى ئوقۇپ ئاندىن ئالى مەكتەپكە ئىمتاھان بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ جەرياندا ھەر يىلى مەكتەپكە ئوقۇش پۇلى ئۈچۈن تەخمىنەن 50مىڭ يۇئەندىن-70مىڭ يۈئەنگىچە(جۇڭگو پۇلى) پۇل كېتىدۇ. ئۆي ئىجارىسى ۋە باشقا تۇرمۇش خىراجەتلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. بۇ ئىقتىسادى چىقىمنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۈندە ئالتە، يەتتە سائەت ئوقۇغاندىن باشقا يەتتە، سەككىز سائەتلەپ ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت تاماق ئېتىپ يىيىش، كىر يۇيۇش ئۈچۈنمۇ ۋاقىت ئاجراتمىسا بولمايدۇ. ھەر بىر كۈن مۇشۇنداق ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆتىدىغان بولغاچقا، دەرس تەكرارلاش ئىمكانىيىتىمۇ كۆپ بولمايدۇ. ياپونىيىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلار كۆپ قىسىم ۋاختىنى ئۆزى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئوقۇتقۇچى ھەممە ئىشقا ئارىلىشىۋالىدىغان ئىش يوق. شۇ سەۋەپتىن ئوقۇشنى نەتىجىلىك ئېلىپ بېرىش ياكى بارالماسلىق پۈتۈنلەي ئوقۇغۇچىنىڭ تىرىشچانلىقىغا باغلىق بولىدۇ. ئەگەر ئوقۇغۇچى ئوقۇش ئۈچۈن يېتەرلىك ۋاقىت ئاجرىتالمىسا، ئوقۇشتىن ھىچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ.

    2   -ئالى مەكتەپتە مەخسۇس كۇرس ئوقۇپ ياكى ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتتۈرۈپ ياپونىيىگە ئوقۇشقا چىققاندا، ( ياپونىيىدە جۇڭگونىڭ مەخسۇس كۇرس ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوم دېپلومىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ.) تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىدۇ.

    3-ئالى مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرسىنى پۈتتۈرۈپ(باكلاۋېرلىق ئىلمى ئۈنۋانىنى ئالغان بولۇش كېرەك)چىققاندا، بىرنەچچە ئايلىق سىناقتا ئوقۇش باسقۇچىنى باشتىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئىمتاھانغا قاتنىشىپ ماگېستېرلىق ئوقۇشىغا كىرگىلى بولىدۇ. نەتىجىسى ياخشى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىش، ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىش، مەكتەپنىڭ ئەرزان باھالىق، شارائىتى ياخشى ياتاقلىرىدا تۇرۇش، مەكتەپ ئىچىدە ئىشتىن سىرتقى تەتقىقات ۋە تەجرىبە ياردەمچىسى بولۇش ئارقىلىق ئىقتىسادى جەھەتتىكى قىيىنچىلىقىنى يېنىكلىتىش پۇرسىتى بار. ئۇنىڭدىن باشقا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا، تەتقىقاتلارغا ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن قاتنىشىش پۇرسىتىمۇ بولىدۇ.

    4-خىزمەتكە قاتنىشىپ بىر مەزگىلدىن كېيىن، ياپونىيىگە ئوقۇشقا چىققاندا ياش چەكلىمىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش ئېھتىماللىقى بولىدۇ. بولۇپمۇ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئىلتىماس قىلىش، مەكتەپنىڭ ئەرزان باھالىق ياتىقىغا ئىلتىماس قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە قولايسىزلىقلارغا دۇچ كېلىش مۇمكىن. شۇ سەۋەپتىن ياپونىيىگە ئوقۇشقا چىقىشنى ئويلايدىغانلار ئالى مەكتەپتە تولۇق كۇرسنى ئوقۇپ، بۇ جەرياندا ياپون تىلىنى پۇختا ئۈگۈنۈپ، ئاندىن ياپونىيىگە ئوقۇشقا چىقسا، بىرقەدەر مۇۋاپىق بولىدۇ.

    رەپقەت ئەپەندى: چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشتىكى ئەڭ مۇۋاپىق ياش باسقۇچى ھەققىدە ئېنىق بىر نىمە دىيەلمەيمەن. لېكىن، جۇڭگودا مۇمكىن قەدەر ماگىستىرلىقنى تۈگۈتۈپ، زادى بولمىغاندا باكلاۋېرلىقنى تۈگۈتۈپ چىقىشنى تەشەببۇس قىلىمەن. بۇ تەخمىنەن 23-26ياش ئارىلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىر قىسىم كىشىلەر چەتئەلگە قانچە بۇرۇن چىقسا، شۇنچە ياخشى دەپ قارايدۇ. شەخسەن مەن بۇ قاراشقا قوشۇلمايمەن. مەسىلىگە ئەمەلىرەك قاراش كېرەك. مېنىڭ بىرنەچچە تونۇشۇم باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپتىكى بالىلىرىنى چەتئەلگە چىقىرىش ئويى بارلىقىنى ئېيتتى. مەن ئۇلارغا ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، چەتئەلگە چىقىرىش تەكلىۋىنى بەردىم. مەسىلەن: گىرمانىيىگە چىقىشنى ئالايلى، گىرمانىيىدىكى ئالى مەكتەپلەردە كەسپ ئوقۇش ئۈچۈن، جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارغا تىل ئۆتكۈلىدىن ئۆتۈشتىن سىرت، چوقۇم جۇڭگودىكى داڭلىق ئالى مەكتەپلەردە بىر يىل، ئادەتتىكى ئالى مەكتەپلەردە بىر يېرىم يىل ئوقۇغانلىق ئىسپاتى بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، بىر يىل شۇ ئونىۋېرسىتىتنىڭ تەييارلىق بۆلۈمىدە تىل بىلەن تەڭ باشقا پەنلەرنى ئوقۇپ ئىمتاھان بېرىشى كېرەك. گىرمانىيىگە ئاتا ئانىلىرى بىلەن كېلىپ باشلانغۇچ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقانلار بار. گەرچە ئۇلار ئاتا- ئانىلىرى بىلەن بىللە تۇرۇپ خاتىرجەم بولسىمۇ، ئوقۇتۇش سېستىمىسىنىڭ ئوخشىماسلىقى ۋە تىل توسالغۇسى تۈپەيلىدىن ئونىۋېرسىتىتلارغا بىۋاستە كىرىپ ئوقۇيدىغان ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇماي، كەسپى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇيدۇ. كەسپى مەكتەپلەردە ئوقۇغاندا، تېخنىكوم مەكتەپلىرىدىلا ئوقۇشقا بولىدۇ. كەسپى مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن ئونىۋېرسىتىتلارغا كىرىپ ئوقۇشقا بولىدۇ. گىرمانىيىدە، ئەنگىلىيىدە ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرمەيلا چىققانلار بار. ئۆتكەن يىلى پارىژغا بارسام بىرسى بىر بالىنىڭ گېپىنى قىلىپ بەردى. ئۇ ئەمدى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى ئىكەن. ئاتا-ئانىسى ئۇنى فىرانسىيىگە ئوقۇشقا چىقىرىپتۇ. لېكىن ئۇ بالا پارىژدا قىينىلىپ قاپتۇ. «قايتىپ كېتىمەن» دىسە، ئاتا- ئانىسى «شۇ يەردە يول تاپ» دەپ ئۇنىماپتۇ. ئۇ بالا ئۆي ئىجارىسىنى تۆلىيەلمىگەچكە ئۆي ئىگىسى ئۆيدىن چىقىرىۋېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن كۆۋرۈك ئاستىدا تۆنەشكە مەجبۇر بوپتۇ. ئاقىۋەت ساقچىلار ئۇ بالىنى تۇتىۋاپتۇ. يۇقىرىقى ئەھۋالنى ئىنچىكە كۈزەتكەندە، مەسىلىنىڭ نۇقۇل ئىقتىسادى قىيىنچىلىق، تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈش بىلەنلا چەكلەنمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلغىلى بولىدۇ. يات مۇھىتتا ئۆز ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى، مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنىڭ بولۇشىمۇ ئىنتاھىن مۇھىم. يەنە كېلىپ، ئەنگىلىيەدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ كەلگەنلەر يۇقۇرى ئوقۇش پۇلى ۋە يۇقۇرى كەسپى تەلەپ تۈپەيلىدىن مۇنتىزىم كەسپى ئونىۋېرسىتىتلارغا كىرىپ ئوقۇپ بولالمايدۇ. ئادەتتىكى ئەرزان، ئوقۇتۇش تەلىۋى مۇۋاپىق بولغان مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى جۇڭگودىكى ئالى مەكتەپلەرنىڭكىدىن تۆۋەن. بۇنداق مەكتەپلەردە خاسلا چەتئەللىكلەر ئوقۇيدۇ. بۇنىڭدىن ئاتا- ئانىلار ئازرۇ قىلغان ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ. بۇ خىل ئەھۋاللار «بالدۇر چەتكە چىقىپ ئوقۇش ياخشى» دىگەن قاراش ئۈستىدە ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ.

    مەيلى گېرمانىيىدە بولسۇن ياكى ئەنگىلىيىدە بولسۇن باكلاۋىرلىقنى تۈگۈتۈپ، ماگىستىرلىق ئوقۇشىقا كەلگەندىمۇ، جۇڭگودىكى ئالى مەكتەپلەرگە ئوخشاش كۆپ ئوقۇغۇچى بىر سىنىپتا دەرس ئالىدۇ. مەسىلىلەرنى ئانالىز قىلىش شەكلىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەپلىك شۇ دۆلەتتىكى ئوقۇغۇچىلارغا يېتىشىش ئۈچۈن ئىككى مەۋسۈم ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىدۇ. بۇ قىيىنچىلىق ۋە تىل مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ماگىستىرلىقنى تۈگۈتۈش جۇڭگودا ئوقۇغانغا قارىغاندا 1، 2 يىل ئارقىغا سۈرۈلۈپ كېتىشى مۇمكىن. ناۋادا چەتئەلدە ماگىستىرلىق ئۈچۈن سەرپ قىلغان شۇ ۋاقىتنى جۇڭگودا سەرپ قىلسا، ھەم ۋاقىتنى ئۇتقىلى ھەم ئىقتىسادى جەھەتتە كۆپ چىقىمدار بولۇشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. جۇڭگودا ماگىستىرلىقنى تۈگەتكەندىن كېيىن، چەتئەلگە دوكتۇرلۇق ئۈنۋانىنى ئېلىش ئۈچۈن چىقسا، مېنىڭچە ماگىستىرلىق ئوقۇشىغا چىققانغا قارىغاندا كۆپ ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. (ۋىزا ئۇزارتىش، قوشۇمچە ئىش تېپىپ ئىشلەش، ئائىلىسىدىكىلەرنى يېنىغا ئەكىلىپ بىللە تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ) بۇنىڭدىن باشقا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇش ئۈچۈن يەرلىك تىلنى بىلىش شەرت قىلىنمايدۇ. ئېنگىلىس تىلىنى بىلسىلا كۇپايە قىلىدۇ. شۇڭا ۋاقىت چىقىرىپ يەرلىك تىلنى ئۈگۈنۈشمۇ ھاجەت ئەمەس. يەنە كېلىپ دوكتۇرلۇق ئوقۇشىدا سىنىپتا بېسىپ ئولتۇرۇپ دەرس ئاڭلاش شەرت قىلىنمىغاچقا، كەسپى جەھەتتە كەم تەرەپلىرىنى ماتىرىيال كۆرۈپ تولۇقلىۋالغىلى بولىدۇ.