ۋاز كىچىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ - [تەرمىلەر] |
ۋاز كىچىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ
يېڭى ئېچىلغان تاغ گۈلىگە ئېرىشىش ئۈچۈن راھەتبەخىش شەھەردىن ۋاز كېچىشكە، تاغقا ياماشقۇچى ئەزمەت بولۇش ئۈچۇن يۇمران،ئاپئاق تېرىڭىزدىن ۋاز كېچىشكە توغرا كېلىدۇ. تۇرمۇش گاھىدا سىزنى ھوقوقىڭىزنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە،پۇرسەتنى قولدىن بېرىشكە ،ھەتتا مۇھەببەتتىنمۇ ۋاز كېچىشكە مەجبورلايدۇ . ئېرىشىمەن دىگەن نەرسىڭىزگىلا ئېرىشەلىشىڭىز ناتايىن،شۇڭا تۇرمۇشتا ۋاز كېچىشنى ئۆگىنىپ قويىشىڭىز كېرەك.
بۈگۈنكى ۋاز كېچىش ئەتىكى ئېرىشىش ئۈچۈندۇر. ۋاز كېچىش قىياپىتىڭىىزنى ياخشىلاپ سىزنى كەڭ قورساق ۋە خۇشخۇي كۆرسىتىدۇ.ۋاز كەچسىڭىز كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىسىز.تېخىمۇ زېرەك ،قابىل،بەردەم بولىسىز.
دوستۇم ۋاز كېچىشنى ئۆگىنىپ قويۇڭ، مۇھەببەتتىكى مەغلۇبىيىتىڭىزدىن قايغۇرۇشتىن ،ھاقارەتلىنىشتىن شەكىللەنگەن ئاداۋەتتىن ،ئېيتقىلى بولمىغان كۆڭۈل ئاغرىقلىرىدىن ۋاز كېچىڭ. روھىڭىزنى خورىتىدىغان جېدەل-ماجرالاردىن ،تۈگىمەس چۈشەندۈرۈشلەردىن ۋاز كېچىڭ.
评论
غېرىبانە كۆلبەمدە زىيارەتتە بولغانلىقىڭىزدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم. قىممەتلىك تەكلىپ- پىكىرلىرىڭىنى خۇشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلىمەن
. سىز دىگەندەك بلوگ مەزمۇنلىرىنىڭ يېڭى ، ئىجادىي بولىشى تولىمۇ مۇھىم. لىكىن مەندەك قولىغا قەلەمنى يىڭىلا ئالغان يىڭىياچىلار ئۈچۈن ئۆزىگە ۋە باشقا قېرىنداشلارغا يارىغۇدەك ئەسەرلەرنى يېزىش تەسكە توختايدىكەن. شۇڭا ھازىرچە يىغىپ توپلاشنى ، يەنى باشقىلارنىڭكىنى كۆرۈپ ئۈلگە قىلىشنى ئاساس ، ئۆزۈم قەلەم تەۋرىتىشنى قوشۇمچە قىلىپ كەلدىم. بۇندىن كىيىن تىخىمۇ كۆپ ئىجادىي ئەسەرلەرنى يېزىشقا تىرىشىمەن.
بلوگىڭىزنى بىر قور كۆز يۈگۈرتۈپ كۆرۈپ چىقتىم . مەزمۇنى ھەقىقەتەن ياخشىكەن . بولۇپمۇ بلوگ ھەققىدىكى قاراشلىرىمىز ئوخشاشكەن. بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيەت ئىشلىرىڭىزنىڭ تىخىمۇ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. داۋاملىق پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرايلى. ئۆز- ئارا ياردەمدە بولايلى.
ئېھتىرام بىلەن :
تاۋلان