• 2009-01-07

    ئەرلەرمۇ خۇشال ئۆتۈشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك - [تەرمىلەر]

    رېئال تۇرمۇش ھامان رىقابەتكە تولغان بولۇپ، ھۇزۇرىمۇ، ئازابىمۇ بولىدۇ. ئەرلەرگە نىسبەتەن تۇرمۇش بەزىدە تېخىمۇ مۇرەككەپ بولىدۇ. جەمئىيەت ئەرلەرگە تەسىس قىلغان ئوقۇشقا تېگىشلىك دەرىسلىك-<< نەتىجە يارىتىش>>، ھازىر بەزىلەر<< ئۈنۈم يارىتىش>>، دەيدۇ. لېكىن، مەيلى<< نەتىجە>> ياكى << ئۈنۈم>> بولسۇن، ئۇنى << يارىتىش>> ئۇنداق ئاسان ئەمەس.
       بىراق ئەرلەر مەيلى قانچىلىك << قىيىنچىلىق>>، قانچىلىك << دەرت- ئەلەم>> بولسۇن، تۇرمۇشنى يەنىلا داۋاملاشتۇرۇشى، تۇرمۇشنىڭ سىناقلىرىغا باتۇرلۇق بىلەن يۈزلىنىپ، تىرىشىپ مۇھىتقا ماسلىشىپ، ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشىشى كېرەك. مانا بۇلار ئەرلەر قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردۇر.
    ئاچچىقلىنىش ئۆزىنى ئۆزى خورلاشتۇر.
       ئاچچىقلىنىش بىز تۇرمۇشتا دائىم ئۇچرايدىغان ئەھۋال.<< ئاچچىقلىنىپ ئۆلەي دېدىم>> دېگەنمۇ بىر خىل دائىم ئېيتىلىدىغان ئادەت سۆزى.
       مەيلى شىركەتتە خوجايىنى بىلەن ئىختىلاپ بولۇپ قالسۇن، ياكى ئۆيىدە<< غەرەز ئۇقمايدىغان>> ئايالىدىن تەنبىھ يېگەندە بولسۇن، ئەرلەرنىڭ ھەممىسى دائىم بىر بۇلۇڭدا يالغۇز ئولتۇرۇپ، ئاچچىقلىنىپ، بۇرۇختۇرما بولىدۇ. بۇ خىل مەغلۇبىيەت تۇيغۇسى ۋە يوقىتىش تۇيغۇسىنى تىل بىلەن ئىپادىلەش قىيىن. ئەمەلىيەتتە نەدىمۇ شۇنچە كۆپ ئاچچىقلىنىش بولسۇن؟ ئامېرىكىلىق بىر جەمئىيەتشۇناس ئىلگىرى<< غەزەپلىنىش، خاتا چۈشىنىشكە چىداش كەيپىياتى>> دېگەن كىتابىدا مۇنداق دېگەن:<< ئاچچىقلىنىش ھەرگىز بىر خىل تۇغما كەيپىيات ياكى ھەرىكەت ئەمەس، ئۇنى كىشىلەر كېيىن ئۆگىنىۋالغان. ئاچچىقلىنىش ياكى ئاچچىقلانماسلىقىنى كىشى ئۆزى بەلگىلەيدۇ>>. دېمەككى، كىشىلەر ئاچچىقلىنىشنى ئۆزى كونترول قىلالايدۇ. مانا بۇ ئوخشاش بىر ئىشقا بەزىلەر ئاچچىقتىن يېرىلىپ كېتەي دېسە، لېكىن بەزىلەر ھۇزۇر - ھالاۋەتتە ياشاپ، قىلچىمۇ كۆڭلىگە ئالمايدۇ دېگەنلىكتۇر. سىز پەقەت ئاچچىقلىنىشنىڭ ئۆزى بىلەن ئۆزى قارشىلىشىش، ئۆزىنى ئۆزى خورلاش ئىكەنلىكىنى بىلسىڭىزلا، ئاچچىقلىنىشنى تۇرمۇشىڭىزنىڭ تەم تەڭشىگۈچىسى قىلىۋالمىسڭىزلا، تەبئىي ھالدا ئۆزىڭىزنى << ئاچچىقتىن ئۆلتۈرمەيدىغان>> بولىسىز.
    ئاچچىقلانمايمەن دېسىڭىز ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ئاسان
       ئالدى بىلەن، ئۆزىڭىزنىڭ ئىدىيىسىنى تەڭشەپ، ئۆزىڭىزنى ئۇنداق ئويلىماسلىققا، ھەرقانداق ئىشنىڭ ياخشى- يامان ئىككى تەرىپى بولىدىغانلىقىنى بىلىشكە، ياخشى تەرىپىنى ئويلاشقا ئەسكەرتىپ تۇرۇڭ. ئۇنىڭدىن باشقا، غەزىپىڭىزنى ئارقىغا سۈرۈشنى سىناپ كۆرۈڭ. ئەگەر سىز يولۇققان بىرەر ئىشتىكى بىۋاستە ئىنكاسىڭىز غەزەپلىنىشتىن بولسا، 15 سېكۇنىت ئۆتكۈزۈۋېتىپ ئاندىن بۇرۇنقىدەك ئاچچىقلىنىڭ. كېيىنكى قېتىمدا 30 سېكۇنىت كەينىگە سۈرۈڭ. بۇ ۋاقىتنى ئۈزلۈكسىز كەينىگە سۈرۈپ، غەزپىڭىزنى كەينىگە سۈرەلەيدىغان بولسىڭىز، ئۆزىڭىزنى كونترول قىلىشنى ئۆگىنىۋالغان بولىسىز. كەينىگە سۈرۈشنىڭ ئۆزى كونترول قىلىش. كۆپ قېتىم سىناپ كۆرسىڭىز، ئاخىرىدا غەزىپىڭىزنى پۈتۈنلەي كونترول قىلالايدىغان بولىسىز. ئۇنىڭدىن قالسا، ئاچچىقلانغان ۋاقتىڭىزدا، مەن باشقىلارنىڭ ئۇنداق قىلىشىنى خالىمايمەنۇ، نېمىشقا پەقەت ئۆزۈملا شۇنداق قىلىمەن دەپ ئەسكەرتىپ تۇرۇڭ. ئۇنىڭدىن باشقا ئاچچىقلانغان ۋاقتىڭىزدا، ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ئادەمگە يېقىنلىشىپ، ئۇلارنىڭ مېھىر - مۇھەببىتى ئارقىلىق ئۆزىڭىزدىكى ئۆچمەنلىكنى تۈگىتىڭ. يەنە بىرخىل ئەپسىزرەك چارە- بىر << ئاچچىقلىنىشنى خاتىرىلەش خاتىرىسى>> يېزىپ، ئاچچىقلانغان ۋاقتىڭىز، ئورۇن ۋە ئىش، بارلىق ئاچچىقلىنىش جەريانىڭىزنى يېزىپ ماڭسىڭىز، سىز ناھايىتى تېزلا داۋاملىق ئاچچىقلىنىپ خاتىرە يېزىشنىڭ بىر ئاۋارىچىلىك ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئۆزىڭىزنى ئازراق ئاچچىقلاشقا دەۋەت قىلىدىغان بولىسىز.
    خۇشال ئۆتمەيدىغانلارنىڭ تىپىك تەپەككۈر شەكلى:
        سۇبيېكتىپ ھالدا پەرەز بىلەن ھۆكۈم قىلىش: ئەمەلىي ئاساسى بولمىغان ھالدا قارسىغىلا پاسسىپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ھەممە ئىشتا ئەمەلىي پاكىت بولۇشى كېرەك. خوجايىننىڭ بۈگۈنكى پوزىتسىيىسنىڭ ئىلگىرىكىدەك قىزغىن ئەمەسلىكىگە قاراپلا، خوجايىن مەندىن نارازى بولۇپ قاپتۇ دېگەن يەكۈننى چىقىرىش كۈلكىلىكتۇر. سىز بۈگۈن خوجايىننىڭ خانىمى بىلەن تەگىشىپ قالغانلىقىتىن، كەيپىياتىنىڭ ياخشى بولمىغانلىقىنى قانداق بىلىسىز!؟
    ئايرىمىلىقنى ئومۇميىلىق دەپ قاراپ:
      ئىنچىكە تەرەپلەرنى تۇتىۋېلىپ، ھەممىگە پاسسىپ مۇلاھىزە يۈرگۈزىدۇ. ئۇ يەر - بۇيەردىن ئۈزۈۋېلىش قايغۇ - ھەسرەتكە چۆكۈپ قېلىشنىڭ بىۋاستە سەۋەبى. ئىشلارنى ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلىڭ، ئۆزۈم بىلەن كۈچ ئېلىشاي دېمىسىڭىزلا، بىر نۇقتىنى قويۇۋەتمەي ئېسىلىۋالماسلىق كېرەك.
    ئۆزۈمچىل بولۇش:
    تەشەببۇسكارلىق بىلەن باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكى ۋە خاتالىقلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىڭىزگە ئارتىۋېلىپ، باشقىلارنىڭ بەختىسىزلىكى ۋە سەۋەنلىكى ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىڭىزگە ئېلىۋالماڭ. بەزى ۋاقىتتا << بەك ۋىجدانلىق >> بولۇپ كەتسىمۇ ئۆزىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. سىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردىن چاتا چىقسا، سەۋەبى سىزدە بولماسلىقى مۇمكىن. ئۆزىڭىزگە ھەددىدىن ئارتۇق قاتتىق تەلەپ قويۇۋالماڭ، سىز ئۆزىڭىزنىمۇ بوش قويۇۋەتمىسىڭىز، بۇ دۇنيادا يەنە قانداق ياشاش يولى بولسۇن.

    http://bbs.maxal.cn/viewthread.php?tid=1085
    مەشئەل مۇنبىرى
    分享到:

    评论

  • [cusFace:4][cusFace:4][cusFace:4][cusFace:0][cusFace:11]