• 2009-06-06

    ھېكمەتلەر - [تەرمىلەر]

    ئورۇنلۇق جاۋاب ئالماقچى بولساڭ، يوللۇق سۇئال سورا .

    ئادەملەر ئىككى نەرسىنىڭ قەدرىگە يەتمەيدۇ. بىرى ، تەن ساقلىق يەنە بىرى بوش ۋاقىت.

    ئاق كۆڭۈل، پاك بولغانلار ئادەمنىڭ ياخشىراقىدۇر. ھەقنى سۆزلەشتىن قورۇقمايدىغان ، ئۆزى پاك
    ۋە كۆزى پاك كىشىلەرلا ئنسان دېگەن نامغا لايىقتۇر
    .


    تەنھا ئادەم دەرتكە داۋا تاپالماس . ............ ئەلشىر ناۋايى

    بىلىمنى نېمىشقا بىلىم دېگەنلىكنىڭ مەنىسىنى بىل .بىلىم بىلگەن ئەردىن كېسەل يىراقلىشىدۇ. بىلىمسىز كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە كېسەل كېلىدۇ.كېسەلنى داۋالىمىسا ئادەم تىزلا ئۆلۇپ كېتىدۇ. .....يۈسۈپ خاس ھاجىپ.

    ئۆزەڭنىڭ مېھنىتى بىلەن كەلگەن بىر تىيىن ، باشقىلار بەرگەن خەزنىدىن ئەلا.

    يامانلىق قىلماسلىقنىڭ ئۆزى ياخشىلىق قىلغانغا باراۋەر. ..

    گۆھەر پاتقاققا چۆشۈپ كەتكەن تەقدىردىمۇ قىممىتىنى ۋە ئۆز باھاسىنى يۇقاتمايدۇ.

    كىشىلەرنىڭ ئەيىبىنى ساڭا سۆزلەپ بېرىدىغان كىشى،سېنىڭ ئەيىبىڭنىمۇ باشقىلارغا سۆزلەپ بېرىدۇ........
    ئەلشىر ناۋايى

    بېشىغا تاج كەيگۈچى ھەقىقىي پادىشاھ ئەمەس ، بەلكى تاجغا ئېھتىياجى يوق كىشى ھەقىقىي پادىشاھتۇر........ ئېمىر ھۆسەيىن سەبورى

    ئەگەر ساڭا ئېغىر كۈنلەر كەلسە بۇمۇ ئۆتۈپ كېتەر دەپ سەۋر قىل . دۇنيانىڭ ئىشلىرى شۇنداق بولىدىغانلىقىنى چۈشەن . ھەر بىر جاپا - مۇشەققەتكە ھەسرەت چېكىپ ئۆزەڭنى ئالدۇرۇپ قويما .......... مەھمۇد قەشقەرىي

    ھەسەل بىلەن شاراپ ، ھىجران بىلەن ۋىسالغا ئۇخشايدۇ . ئۇنى تېتىپ كۆرمىگەن كىشى قايسى تاتلىق ، قايسى ئاچچىق
    بۇنى نەدىن بىلسۇن !؟
    ..... ئەلشىر ناۋايى


    بىر ئادەمنى كۈزىتىشتە ، ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭ قانداق مۇھەببەت باغلايدىغانلىقىغا قاراش كېرەك . .... ئالىسۋاس
    ئادەم چىرايلىق بولغانلىقى ئۈچۈن سۆيۈملۇك بۇلالمايدۇ.سۆيۈملۇك بولغانلىقى ئۈچۈنلا چىرايلىق بۇلىدۇ ..... لېۋ تولىستوي

    مەنبە:ھىكمەتلەر كىتاۋىدىن ئېلىندى

    http://bbs.retim.cn/viewthread.php?tid=3822

    分享到: