• 2009-06-03

    مۇھەببەتتىكى تاللاش ۋە ۋاز كىچىش - [تەرمىلەر]

    تاللاش ۋە ۋاز كىچىش
    ئەگەر سىز بىر ئادەمنى ياخشى كۆرمىسىڭىز ۋاز كىچىڭ ، ئۇنىڭ باشقىنى ياخشى كۈرىشىگە پۇرسەت بىرىڭ ، ئەگەر سىز ياخشى كۆرگەن ئادەم سىزدىن ۋاز كەچسە ، ئۆزىڭىزنى ئەركىن تۇتۇپ ئۆزىڭىزنىڭ باشقىلارنى ياخشى كۈرۈپ قېلىشىغا پۇرسەت بىرىڭ . بەزى نەرسىلەرنى سىز ھەرقانچە ياخشى كۆرسىڭىزمۇ ئۇ سىزگە تەئەللۇق بولمايدۇ ، ئۈزىڭىزگە ماس كەلمىگەن كىيىمنى كىيمىگىنىڭىزگە ئوخشاش ، تۇرمۇشتىمۇ نۇرغۇنلىغان مۇھەببەتلەر بۇلىدۇ ، ئۇنى ھەرگىزمۇ ئۈزىڭىزگە يۈرەك يارىسى قىلۋالماڭ ، قۇياش بۈگۈن پاتقان بولسا ، ئەتىسى سەھەردە شەرىقتىن يەنىلا چىقىدۇ .
    تەغدىر پىشانىدە ، بەزى ئادەملەر بىلەن بىرگە ئۆتسەك مەڭگۇ ياخشى نەتىنجە چىقمايدۇ ، بىر ئادەمنى ياخشى كۈرۈش چۇقۇم ئۇنىڭغا ئىرىشىشنى بىلدۈرمەيدۇ ، لىكىن ئۇ ئادەمگە ئىرىشكەندە چۇقۇم قەدىرلەپ سۈيۈش كېرەك .  
    ئوغۇل بالا يېغلىدى ، چۇنكى ئۇ راستىنلا ياخشى كۈرۈپ قالدى . قىز يېغلىدى ، چۇنكى راستىنلا ۋاز كەچتى .
    ئەگەر سەمىمىيلىك روھى بېسىمىڭىزنى ئېغىرلىتىۋەتسە ، ئانچە- مۇنچە يالغان سۆزلەشنى بىلىڭ ، ئەگەر يالغان سۆزلەش روھى بېسىمىڭىزنىئېغىرلىتىۋەتسە سۈكۈت قىلىشنى بىلىڭ ، ئەگەر سۈكۈت قىلىشمۇ روھى بېسىمىڭىزنى ئېغىرلىتىۋەتسە ، ئۇنىڭدىن دەرھال ۋاز كىچىڭ ، بۇ سىزگە ئاقىلانە تاللاش بۇلدۇ .
    ئەگەر يوقۇتۇپ قۇيۇش ئازاپ بولسا ، سىز بەدەل تۆلەشتىن قورقامسىز ، ئەگەر قوغلۇشۇش ئازاپ بولسا ، سىز داۋاملىق ھىچنىمىگە قارىماي قوغلامسىز ، ئەگەر ئايرىلىش ئازاپ بولسا ئۇنى كىمگىمۇ دەردىڭىزنى ئېيتىسىز ،  نۇرغۇن ئىشلار ئۈتۈپ كەتكەندىن كىيىن كۆڭۈلگە ئايان بۇلدۇ ، نۇرغۇنلىغان ئىشلار شۇ ۋاقىتنىڭ ئۈزىدە ئازاپلىق ھىساپلانمىسىمۇ ، ئەمما ئۈتۈپ بولغاندىن كىيىن قايسى تەرەپتىن كەلگىننى تاپالمايدۇ .   
      
    بىر خىل مۇھەببەت بار ئۇ شۇنچىلىك سەمىمى بولسىمۇ لىكىن ئېيتقىلى بولمايدۇ ، بىر خىل مۇھەببەت بار ،  شۇنچىلىك ۋاز كەچكىڭىز بولسىمۇ ۋاز كىچەلمەيسىز ، بىر خىل مۇھەببەت بار ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۈتۈش شۇنچىلىك جاپالىق بولسىمۇ ، ئۈزىڭىزنى ئۇنىڭدىن ھەرگىزمۇ  ئەپ قاچالمايسىز ، بىر خىل مۇھەببەت بار ، سىز ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلسىڭىزمۇ ، سىز ئۇ يولغا كىرىپ بولدىڭىز غەيرەت دىگەن نىمۇ ، يېغلاپ تۇرۇپ مەن سىزنى ياخشى كۈرىمەن دىيىشمۇ ياكى يېغلاپ تۇرۇپ ، بىز ئايرىلىپ كىتەيلى دىيىشمۇ .   
    ئوغۇلبالىنىڭ ئۈزىگە بولغان ئىشەنچىسى ، بىر قىزلالىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىتائەتمەنلىكىدىن كىلىدۇ .   
    قىز بالىنىڭ نازاكىتى ، ئوغۇلبالىنىڭ ھۆرمەت قىلشى ئىززەتلىشىدىن بۇلىدۇ .   
    بىر ئادەمنى قوغلىشىشتىكى ئۇسۇل بەك ئەقىللىق بۇلۇشنى تەلەپ قىلىپ كەتمەيدۇ ، لىكىن ئايرىلشتا كاللىڭىزنى قاتتىق ئىشلەتمىسىڭىز بولمايدۇ
    分享到: