• 2009-05-28

    ھايات مۇساپەمدە خۇلاسىلىگەن بىر قانچە خىل تەجىرىبە - [تەرمىلەر]

    ھايات مۇساپەمدە خۇلاسىلىگەن بىر قانچە خىل تەجىرىبە
    1.سەن ئەمەلدار بول ياكى گاداي بول باشقىلارغا خەيرى ئىھسان ھەم ياردەم قىلىشنى ئۇنۇتما ،ئەمما ياخشىلقنى بىلىدىغان ئادەمگە قىل،ياردەمنى زورلاپ قىلما.
    2.بەزىلەر ياخشىلىققا ياخشلىق ھەر كىشىنىڭ ئىشىدۇر.يامانلىققا ياخشىلىق ئەر كىشىنىڭ ئىشىدۇر دىيشىدۇ.بو گەپنى ئوبىكتىپ چۈشەن.يامانلىق قىلغان ئادەمگە ياخشلىق قىلساڭ شۇ بىلسە ياخشىلىق قىلساڭ بولىدۇ.ئەكسىچە تېىخمۇ ئېشىپ گەدىنىڭگە مىنىمەن دىسە ،سەن ھەرگىز ئىشەك  ياكى كالا بولما .ئۆز قەدىر-قىممىتىڭ ۋە غورۇرۇڭ بىلەن ياشا.
    3.مەيلى نىمە ئىش قىل چوقۇم توختاۋسىز تىرىش توغرا تاپمىساڭ سائەتنى تۇتماي تۇرۇپ ئۇنۇڭ سىتىرلكسىنى توختىتىپ باق.ھايات شۇنداق ،سەن ئۆزلۈكسىز تىرىشمىساڭ ھامان كەينىدا قالىسەن ئۇ چاغدا ھاياتلىق ھوقۇقۇڭ باشقىلارنڭى قۇلىغا ئۆتۈپ كەتكەن بۇلىدۇ.ئاھ ئۇرساڭمۇ پايدىسى يوق.
    4.مەيلى قايسى مەكتەپتە ئوقۇ سەن ئۆز غايەڭ ئۈچۈن تىرىشىشىڭ كىرەك،ئۆزەڭ تاللىغان يولدا مېڭىشىڭ كىرەك.ئادەمدە ئۈزىگە خاس پىرىنسىپ ۋە ھاياتلقتا تۇتقان يۇلى بۇلىشى كىرەك. دوستۇمنڭ كۆڭلىنى دەپ بويۇمدا قاپتۇ دىگەندەك ئىش قىلما.
    5.كۆپچىلكتىن ئايرىلىپ قالما ئەمما قارىغۇرلارچە ئەگەشمە .
    6.باشقىلارنى چېقىشتۇرۇش ۋە ئەھۋالنى مەلۇم قىلىشنىڭ باشقا باشقا ئىككى ئىش ئىكەنلىكىنى ئونتۇپ قالما.
    7.ھەر كىم بىرەرىگە قىلىپ قويسا ھامان ئۆزىگە قايتىپ كىلىدۇ.تۇرمۇشتا قانچىلىق ئۇرۇق چاچساڭ شۇنچىلىك نەپكە ئىرىشىدىغانلىقىڭنى ئۇنتۇپ قالما لىكىن قارىغۇرلارچە تەر تۆكمە.
    8.خۇتۇن قىلسا ئەرگە ،ئاتا قىلسا بالىغا دىگەن ھىكىمەتنى ئۇنتۇپ قالما.
    9.ئۆزەمنىڭ شوخلىقىدىن كۆڭلۈمنىڭ ئارامى يوق دىگەن ھىكىمەتنى ئويلىنىپ باق.
    10.باشلىق بولساڭ قول ئاستىڭدىكىلەرنى مالايدەك ئەمەس ئۆز پەرزەنتىڭدەك كۆر.
    11.ئىپپەت ۋە ھايانىڭ قەدىرىنىڭ دەۋىر قانچىلىك تەرەققى قىلىپ ،مەدەنىيەت قانچىلىك ئالغا بېسىپ كەتسىمۇ قەدىرى مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى ئىسىڭدە مەھكەم تۇت.
    12.پەقەت ئۆزەڭگە ۋە ئۆز قەۋىم-قېرىنداشلىرڭىغا ئەمەس بەلكى پۈتۈن جەمىيەتكە مەسئۇل ئىكەنلىكڭنى ئەستىن چىقىرىپ قويما.
    13.جەمىيەتنڭ ناچارلىشىپ كىتىۋاتقىنىنى كۆرۈپ ياكى كۆپ سانلىق ئادەملەرنڭ ناچار ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇلارغا ئەگىشىپ كەتمە لىكىن ئۇنىڭدىن قانداق ساقىلنىشنى بىلىۋال.
    14.باشقىلارغا ھۇجۇم قىلما لىكىن باشقىلارنىڭ بىرەر كۈنلەردە ساڭاھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالما.
    15.ئەجدادىڭ ئىسىل بولمىسا سەن ئىسىل بول.ئەجدادىڭ ئىسىل بولغان بولسا بو ئىسىللىق سىنىڭ قولۇڭدا كۆيۈپ تۆگمىسۇن.
    ئاپتور : uruk
    مەنبە: http://bbs.xabnam.com/read.php?tid=114142

    分享到: