• 2009-05-24

    دانالار ھېكمەتلىرى - [تەرمىلەر]


    *ئازابلانغان يۈرەككە ھەممىدىن بەكرەك تەسەللى بېرىدىغىنى-نارەسىدە بالا.

    *ئەتىگە قانچە ئىنتىلگەنسېرى بۈگۈن شۇنچە مەنىسىز تۇيۇلىدۇ.

    *قەدرىڭ ئۆتۈلمىگىچە قەدىرلىك بولالمايسەن.

    *دۇنيادا سېنى چۈشىنىدىغانلار كۆپەيگەنسېرى سېنى سۆيۈدىغانلار ئازلاپ بارىدۇ.

    *تەبئىي خوشال بولغان بىر يۈرەك ھەرقانچە قېيىنچىلىق ۋە ئازاپ ئوقۇبەت ئىچىدە ياشىسىمۇ، ئۇ يەنىلا ساغلام ۋە بەخىتلىكتۇر . تەبىئىي غەمكىن بولغان بىر يۈرەك ھەرقانچە راھەت ۋە ھالاۋەت ئىچىدە ياشىسىمۇ ئۇ يەنىلا بەخىتسىزدۇر.

    *تۈنۈگۈن ئۈچۈن ياش تۆكمەي ، ئەتەڭ ئۈچۈن ئويلان.

    *بىر دەملىك خوشاللىق مەڭگۈلۈك خوشاللىقنىڭ گۇۋاھچىسى بولالمىغىنىدەك ، بىر دەملىك بەخىتمۇ ،ئۆمۈرلۈك بەخىتسىزلىكنىڭ گۇۋاھچىسى بولالمايدۇ. سۆيگۈ رەھىمسىز ھەم شېرىن نەرسە، سەن ھەرگىز مۇھەببەتنىڭ خوشاللىقىدا شاتلىنىپ ،قايغۇسىدا ھەسرەتلىنىپ كەتمە،دۇنيادا پارقىراپ تۇرغاننىڭ ھەممىسى ئالتۇن ئەمەس ، ئېچىلغاننىڭ ھەممىسى گۈل ئەمەس،تىرىك يۈرگەننىڭ ھەممىسى ھاياتلىق ئەمەس،بىللە يۈرگەننىڭ ھەممىسى ئوخشاشلا مۇھەببەت ئەمەس.

    مۇھەببەت ئىنسانىي يۈرەكنىڭ يالقۇنلۇق ئارزۇسى، تۇرمۇشنىڭ ئەڭ نازۇك جەۋھىرىدۇر. مۇھەببەتسىز ھايات قەدىرسىز ياپراققا ئوخشايدۇ. ھاياتلىق مۇھەببەتكە مۇھتاج، مۇھەببەت مېھرى-ۋاپاغا مۇھتاج. ئىنسان ئۈچۈن چەكسىز خوشاللىق ،ئۆزىنىڭ بىردىن بىر ياخشى كۆرىدىغان كىشىنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىشتۇر ،ئەمما ھېچقانداق ئىنسان مۇھەببەتنى كۆز بىلەن كۆرەلمەيدۇ ، قول بىلەن تۇتالمايدۇ ،پەقەت تىل بىلەنلا ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ.

    *ئېگىز ۋە يىراق بىر نۇقتىنى كۆڭلىڭىزگە پۈككەندە، كۆز ئالدىڭىزدىكى ھەربىر تەپسىلاتقا سەل قارىماڭ، چۈنكى دەرەختىكى كىچىككىنە بىر بىخ ئەتە بۈك-باراقسان شاخ بولىدۇ. ھەركۈنى كىچىككىنە بولسىمۇ بىر ئەمىلىي ئىش قىلىڭ، شۇنداق بولغاندا، سىزنىڭ شۇ كۈنىڭىز خاتىرجەم ۋە پۇشايمانسىز ئۆتىدۇ.

     

    مەنبە: سەلكىن مۇنبىرى

    http://bbs.diyarim.com/read.php?tid=46201

    分享到: