-
2009-05-28
يىگىتلىك سىنىقى - [تەرمىلەر]
يىگىتلىك سىنىقى
(شېئىر)
بۇ جاھانغا يىگىت بولۇپ تۇغۇلدۇڭ ،
زىممەڭگە بەك كۆپ ئۈمۈتلەر يۈكلەنگەن.
سەن تۇغۇلۇپ خوشال قىلدىڭ زىمىننى ،
شۇ شاتلىقتا ئاتاڭ قەددى تىكلەنگەن .سەن تۇغۇلۇپ يىگىتلىككە يەتكۈچە ،
ساڭا ئوبدان ئەجىر قىلدى بار جاھان.
سەن يىگىتسەن ، بۇدۇنيادىن ئۆتكۈچە،
كۆپ سىناقلار قاراپ تۇرار سەن تامان .قان چىقسىمۇ ياش تۆكمەسلىك ياربولسۇن،
جاپا تارتىپ ئەلەم چېكىش كىچىك ئىش.
يىگىت ئۈچۈن بۇ ھەممىسى بىر سىناق ،
بەزى كۈنلەر باشقا كېلەر قارا قىش .يىگىت بولساڭ بار جاھانغا مېھىر بەر ،
ھەممە نەرسە مۇھتاج يارۇ-يۆلەككە .
ئەتە ئۈچۈن كۈرەش قىلىش بۇرچۇڭدۇر،
چۇقۇم يەتكىن كۈتكەن ئارزۇ تىلەككە .ئەل بىلەن تەڭ يىغا يىغلاپ تەڭ كۈلۈپ،
خەلقىڭ بىلەن ھەمنەپەس بوپ ئۆتكەيسەن .
گەر قولۇڭدىن ياخشىلىقلار كەلمىسە،
نۇمۇس ساڭا، ئەل كۆزىدىن يۈتكەيسەن .يىگىت بولساڭ قەھرىڭمۇ ھەم بار بولسۇن ،
تەييار تۇرغىن ياۋ باغرىنى تىلغىلى .
يىگىت ئۈچۈن غورۇر مۇھىم ھەممىدىن ،
ناپاكلىقنى يەرگە يەكسان قىلغىلى .مېھرىمۇ بار قەھرىمۇ بار يىگىت بول ،
ئەر تىنىقى_مىسلى ئەلنىڭ تىنىقى.
پاك ياشىغىن ، ۋىجدانىڭنى يوقاتما،
بەكمۇ ئېغىر يىگىتلىكنىڭ سىنىقى.
-يالقۇن
مەنبە:http://bbs.salkin.cn/read.php?tid=79370
评论
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان شېئىركەن!!