• 2009-05-06

    ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى قانچىلىك؟(كۆچۈرۈلمە) - [Uyghurئۇيغۇرلار]

    مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپوسى
    ھازىر دۆلىتىمىز تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى (2004-يىللىق ئىستاتىستىكىدا) 9مىليۇنغا يەتكەنلىكىنى كۆپىنىچىمىز بىلىمىز، ئەمما دۆلىتىمىز سىرتىدا يەنە قانچىلىك ئۇيغۇر لىرىمىزنىڭ بارلىقى ، ئۇلارنىڭ قايسى دۆلەتلەردە ياشايدىغانلىقى يەنىلا نامەلۇم، مەلۇم بولسىمۇ ئىشەنچىسىز، مەن تورداشلارغا بۇ ھەقتە ئۆزۈم توپلىغان قايىل قىلارلىق پاكىتلار ئارقىلىق دۇنيادىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ نوپۇس ئىستاتىستىكا ئەھۋالىنى بايان قىلىپ بەرمەكچى. ئاۋۋال ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ ۋەتىنىمىزدىن باشقا دۆلەتلەرگە كۆچۈشىدىن باشلايمەن.

    1) 1828-يىلى جاھانگېر توپلىڭى مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن شىنجاڭدىن (ھازىرقى ئۆزبېكىستاننىڭ) پەرىغانە ۋادىسىغا كۆچكەن،كۆچكەن ئادەم سانى ئېنىق ئەمەس.

    2) 1847-يىلى قوقەنت قوزغىلىڭدىن كىيىن،(ھازىرقى ئۆزبېكىستان)قوقەنت دۆلىتىگە مەمەتئىمىن ،ۋېلىخانلار باشچىلىقىدا 85مىڭدىن 160مىڭغىچە ئادەم كۆچكەن.

    3) 1878-يىلى چىڭ سۇلالىسى قوشۇنى شىنجاڭنى قايتۇرۋالغاندىن كىيىن (بۇيەردە ئەينى ۋاقىتتا چاررۇسىيە بېسىۋالغان بىرقىسىم زىمىننى كۆرسىتىدۇ) بەگقۇلى باشچىلىقىدا چاررۇسىيە تەۋەسىگە كۆچكەن، كۆچكەن ئادەم سانى ئېنىق ئەمەس.

    4) 1881-يىلىدىن 1884- يىلىغىچە چاررۇسىيەنىڭ مەجبۇرى كۆچۈرۈشى بىلەن چاررۇسىيە كۆچۈرۈش كومتېتى باشچىلىقىدا 100مىڭدىن ئارتۇق ئادەم چاررۇسىيە تەۋەسىگە كۆچكەن.

    5) 1930-يىلىدىن 1937-يىلىغىچە (سابىت داموللا 1933-يىلى قەشقەردە قۇرغان ئاتالمىش ... ئىسلام جومھۇرىيىتى ماجۇڭيىڭ تەرپىدىن گۇمران قىلىنغاندىن كىيىن) كۆپلىگەن كىشلەر سابىت داموللا، مامۇت قاتارلىق كىشلەر باشچىلىقىدا كەشمىر،سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق جايلارغا كۆچكەن.

    6)1949-يىلى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا،ئەيسا ئالىپتىكىن باشچىلىقىدا تەخمىنەن 750ئادەم كەشمىر،تۈركىيە قاتارلىق جايلارغا كۆچكەن.

    7) 1962-يىلى جۇڭگۇ - سوۋېت مۇناسىۋىتى يامانلاشقاندىن كىيىن چۆچەك ئارقىلىق 60مىڭدىن ئارتۇق ئادەم سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچكەن.

    ئەمدى ئۇيغۇرلار دۆلىتىمىزدىن باشقا يەنە قايسى دۆلەت ۋە رايۇنلاردا ياشايدۇ ؟ نوپۇسى قانچىلىك ؟ دىگەن مەسلە ئۈستىدە توختىلىمەن. ئۇيغۇرلار ئاساسى گەۋدىسى جۇڭگۇدا بولغاندىن باشقا ھازىر يەنە ئۆزبېكىستان،قازاقىستان،قىرغىزسىتان،سەئۇدى ئەرەبىستان، تۈركىمەنىستان، موڭغۇلىيە، تۈركىيە،ھىندىستان،پاكىستان،تاجىكىستان،ئافغانىستان، ئامېرىكا ،ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى،ئىئوردانىيە،ياپۇنىيە،كانادا،گېرمانىيە،ئاۋۇستىرالىيە،يېڭى زېلاندىيە،شىۋېتسىيە،ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ بار. تۆۋەندە يۇقىرىدىكى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس ئىستاتىستىكا ئەھۋالى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.


    1) ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلار.(680مىڭ)
    تارىخى جەھەتتىن قارىغاندا ھازىر ئۆزبېكىستاننىڭ پەرىغانە ۋادىسىدا 6-7مىليۇن ئۇيغۇر نەسىللىك خەلىق ياشايدىكەن.1920-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلاردىن چىققان ئابدۇللا رۇزىباقىيېۋ ئۆزبېكىستاننىڭ پەرىغانە ۋادىسىغا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ 600مىڭدىن ئاشقانلىقىنى جاكارلىغان.1930-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ئېلان قىلغان نوپۇس ئىستاتىستىكىسىدا بۇ سان بىر ھەسسە كېمىيىپ 300مىڭغا چۈشۈپ قالغان.1937-يىلى فاشىست ىستالىن قوزغىغان<ئەكسىل ئىنقىلاپچىلارغا زەربە بىرىش ھەركىتى>دە ،مەركىزى ئاسىيادىكى ھەرىكىتىنىڭ تىغ ئۇچى ئۇيغۇرلارغا قارتىلغان بولۇپ ،ئۇيغۇرلاردىن يېتىشىپ چىققان يۇرت كاتتىلىرى قىرغىن قىلىنغان، ھايات قالغانلىرىىنى بولسا قەيەردە ياشىغان بولسا ئۆزىنىڭ مىللى كىملىكىنى شۇيەردىكى مىللەتلەرنىڭ مىللى كىملىكى بىلەن ئاتاشقا مەجبۇر قىلغان.ئاساسەن ئۆزبېك نامى بىلەن ئاتالغان.1950-يىلى ۋە 1960-يىللىرىغا كەلگەندە ئۇيغۇر دىگەن نامنى قوللىنىش چەكلەنگەن ،قوللانغانلار كەمسىتىلگەن ۋە سىياسى يەكلەشلەرگە ئۇچىرىغان.1979-يىلىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىرقېتىملىق نوپۇس ئىستاتىستىكا مەلۇماتىدىن قارىغاندا ئەسلىدىمۇ كېمەيتىلىپ ئېيتىلغان 600مىڭى دىگەن سان 29مىڭ 104كە،1989-يىلى 35مىڭ 700گە چۈشۈرۈپ قويۇلغان. ھازىر ئۆزبېكىستاندا زادى قانچىلىك ئۇيغۇر ياشاۋاتقانلىقىن ھۆكۈمەت تەرەپ يوشۇرىدۇ ياكى يالغان مەلۇمات بىرىدۇ.ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ قارىشىچە ، بىر ئۆزبېكىستاندىلا ئۆزلىرىنى مەخپى ھالدا ئۇيغۇر دەپ ئاتايدىغانلارنىڭ سانى 1مىليۇن 500مىڭدىن ئاشىدىكەن،ئېنىق ھالدا مىللى كىملىكى بىلەن ياشايدىغانلار 200مىڭدىن ئاشىدىكەن،ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادىمىيىسىدىكى بىر پىراپىسور ئۇيغۇرنىڭ ئېيتىشىچە ئۆزبېكىستاندا ئۆزنىڭ مىللى كىملىكىنى ئۇچۇق ئاشكارا ھالدا قوغداپ قالالىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 500مىڭدىن كەم ئەمەسلىكىنى ئاشكارىلىغان.تۆۋەندىكى تور بەتتە كۆرسىتىلگەن ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى نوپۇس ئىستاتىستىكىسىدىمۇ 680مىڭ دەپ ئېلىنغان.

    2) سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلار.
    سەئۇدى ئەرەبىستانىدا 200مىڭدىن 500مىڭغىچە جۇڭگۇلۇق مۇھاجىرلار بار بولۇپ، بۇلارنىڭ 95%دىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇھاجىرلار.

    3) قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار.(450مىڭ)
    قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ نوپۇس ئىستاتىستىكا ئەھۋالىنى شىنجاڭ تېلىۋزىيە ئىستانسىنىڭ مائارىپ پىرۇگىراممىسىدا <قازاقىستان ئۇيغۇر مائارىپى> نى تونۇشتۇرغان بىر پىرۇگىراممىسىدا قازاقىستانلىق بىر ئۇيغۇر ئايال ئېيتقان.

    4) تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار(80مىڭ) .
    تۈركىيە دە 100مىڭدىن ئارتۇق جۇڭگۇ مۇھاجىرى بار بولۇپ ،بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 80مىڭدىن ئارتۇق.

    5) قىرغىزستاندىكى ئۇيغۇرلار.
    قىرغىزىستاندىكى جۇڭگۇ مۇھاجىرلىرى 300مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، ئاساسلىقى تۇڭگانلار ۋە ئۇيغۇرلار بۇنىڭ ئىچىدە تۇڭگانلار 200مىڭدىن ئارتۇق، ئۇيغۇرلار 50مىڭدىن ئارتۇق.

    6)پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار.
    پاكىستاندا 55مىڭ جۇڭگۇ مۇھاجىرى بار بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە 50مىڭ ئۇيغۇر.

    7) ھىندىستاندىكى ئۇيغۇرلار.
    ھىندىستاندا 150مىڭدىن 200مىڭغىچە جۇڭگۇ مۇھاجىرى بار بولۇپ ،بۇلارنىڭ ئىچىدە زاڭزۇلار 100مىڭدىن ئارتۇق، ئۇيغۇرلار 30مىڭ.

    8) ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى ئۇيغۇرلار.
    ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى جۇڭگۇلۇقلار7مىڭدىن ئارتۇق خەنزۇلار 1000غىمۇ يەتمەيدۇ،قالغان 6مىڭدىن ئارتۇقراقى ئۇيغۇر.

    9) ئىئوردانىيە دىكى ئۇيغۇرلار.
    ئىئوردانىيەدىكى جۇڭگۇ قان سېستېمىسىدىكىلەر 674ئادەم،جۇڭگۇ مۇھاجىرى 106ئادەم ،( بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى 80-يىللاردىن كىيىن تەيۋەن پاسپورتى بىلەن بارغانلار)85% شىنجاڭلىق ۋە تىيەنجىنلىكلەر ئاساسلىقى ئۇيغۇر ۋە خۇيزۇلار. يۇقىرىدىكى سانلىق مەلۇماتلار بۇ توربەتتىن تەرجىمە قىلىندى.

    10) ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار.
    ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار ئاساسى جەھەتتىن ئوقۇشقا بېرىپ ئورۇنلاشقانلار بولۇپ تەخمىنەن 10مىڭدىن ئارتۇق.

    11) كانادادىكى ئۇيغۇرلار.
    نەچچىە مىڭدىن ئاشىدۇ.

    12) ئاۋۇستىرالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار.
    3مىڭ ئەتراپىدا.

    13) ياۋرۇپادىكى ئۇيغۇرلار.
    ياۋرۇپادىكى گېرمانىيە، شىۋېتسىيە، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار بىر نەچچە مىڭدىن ئاشىدۇ.

    14) مۇڭغۇلىيەدىكى ئۇيغۇرلار.
    مۇڭغۇلىيەنىڭ قۇبدۇ دىگەن جايدا ئولتۇراقلاشقان 1000دى ئاشىدۇ.

    15) ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلار.
    ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلار 8600دىن ئارتۇق.

    16) تۈركىمەنىستاندىكى ئۇيغۇرلار.
    تۈركىمەنىستاندىكى ئۇيغۇرلار بۇندىن 100يىل بۇرۇن كۆچۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار بولۇپ 2000دىن ئاشىدۇ.

    17) ياپۇنىيەدىكى ئۇيغۇرلار.
    ياپۇنىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئاساسەن ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن چىقىپ ئاشۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان بولۇپ 1000دىن ئاشىدۇ.




    شىنجاڭنىڭ نوپوسىنى بىلەمسىز!!!
    گوۋۇيۇەن ، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلىق ھوكىمىتى بىلەن ھەر دەرىجىلىك يەرلىك ھوكۇمەتلەرنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىگى ، رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئامىسىنىڭ يېقىندىن ماسلىشىشى ، شۇنداقلا 120 مىڭدىن ئارتۇق نوپۇس تەكشۇرۇش خادىمىنىڭ جاپالىق تىرىشىشى نەتىجىسىدە بەشىنجى قېتىملىق نوپۇس تەكشۇرۇش خىزمىتىنى غەلبىلىك ئاياقلاشتى .

    1 . رايۇنىمىزنىڭ ئومۇمى ئاھالىسى

          رايونىمىزدا تىزىملاتقان ئومۇمى نوپۇس 19 مىليۇن 250 مىڭ ( سىرتتىن كەلگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، سېرتقا چېقىپ كەتكەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ ) بولۇپ ، تۆتىنچى قېتىملىق 1990-يىلىدىكى نوپۇس تەكشۇرۇش نەتىجىسىگە قارىغاندا 4 مىليۇن 90 مىڭ ئادەم كۆپۇيۇپ ، شۇ قېتىمقىدىن 26.98% كۆپەيگەن .

    2 . نوپۇسنىڭ تارقىلىشى

    ئۇرۇمچى شەھىرى -- 2 مىليۇن 82 مىڭ .
    قارماي شەھىرى -- 260مىڭ 600
    تۇرپان ۋىلايىتى--- 551مىڭ
    قۇمۇل ۋىلايىتى --- 493مىڭ
    قىزىلسۇ ئوبلاستى---439مىڭ700
    سانجى ئوبلاستى -- 1مىليۇن 503مىڭ 500
    بۆرتالا ئوبلاستى --- 423 مىڭ 700
    بايىنوڭغول ئوبلاستى-- 1مىليۇن56مىڭ400
    ئاقسۇ ۋىلايىتى --- 2 مىليۇن141مىڭ100
    قەشقەر ۋىلايىتى--- 3مىليۇن 406مىڭ 700
    خوتەن ۋىلايىتى --- 1مىليۇن681مىڭ 500
    كۇيتۇن شەھىرى --- 285مىڭ 700
    ئىلى ۋىلايىتى--- 2مىليۇن 861مىڭ100
    ئالتاي ۋىلايىتى --- 561مىڭ 700
    چۆچەك ۋىلايىتى--- 892مىڭ 400
    شىخەنزە شەھىرى--- 590مىڭ100

    3 . جىنسى پەرىق

    ئەرلەر 9 مىليۇن 554مىڭ 900بولۇپ ، ئومۇمى نوپۇسنىڭ 51.75 % ئىگەللەيدۇ . ئاياللار 8مىليۇن 907مىڭ بولۇپ ، ئومۇمى نوپۇسنىڭ 48.25% ئىگەللەيدۇ .

    4 . مىللەت تەركىۋى

    خەنزۇلار 7 مىليۇن 497مىڭ 700بولۇپ ، ئومۇمى نوپۇسنىڭ 40.61% ئىگەللەيدۇ . ئاز سانلىق مىللەتلەر 10مىليۇن 964مىڭ 900بولۇپ ، ئومۇمى نوپۇسنىڭ 59.39% ئىگەللەيدۇ . 90 - يىلىدىكى تۆتىمجى قېتىملىق نوپۇس تەكشۇرۇش نەتىجىسىگە سېلىشتۇرغاندا خەنزۇلار نوپۇسى 1مىليۇن802مىڭ ئادەم كۆپەيگەن بولۇپ ، 31.64% ئاشقان . ئاز سانلىق مىللەتلەر 1مىليۇن 504مىڭ ئادەم كۆپەيگەن بولۇپ ، 15.89% ئاشقان .

    5 . ئاھالىلارنىڭ مەدىنىيەت سەۋىيىسى

    ئالى مەكتەپ (ئوتتۇرا تېخنىكومنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) سەۋىيىسىدىكىلەر 949مىڭ كىشى بولۇپ ، 5.14%نى ئىگەللەيدۇ . تولۇق ئورتا سەۋىيىسىدىكىكەر ( ئورتا تېخنىكومنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) 2مىليۇن231مىڭ كىشى بولۇپ، 12.09%نى ئىگەللەيدۇ . تولۇقسىز مەلۇماتتىكىلەر 5مىليۇن 82مىڭ كىشى بولۇپ 27.57%ئىگەللەيدۇ . باشلانغۇچ سەۋىيىدىكىلەر 7 مىليۇن 660مىڭ كىشى بولۇپ ، 37.7% ئاشقان .

    مەنبە http://www.aqkuq.com
    分享到:

    评论

  • بۇبەك ياخشى بولۇپتۇ؟ دوستۇم مىنى ئۇلۇنىش قىلىۋالسىگىز بۇلامدۇ!
    ئادىرسى:http://uyhurbiz.blogbus.com/
    تۇغ ئادىرىسى:http://filer.blogbus.com/11121369/resource_11121369_12958559404.gif
  • 1193604846
    تاۋلان回复باشقۇرغىچى说:
    ياردىمىم كېرەكمۇ ؟ قانداق ئىش بولسا بلوگۇمغا سۆز قالدۇرىۋىرىڭ .
    2009-06-27 15:30:51