• ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا نەزەر - [Studyئوقۇش]

    نۇرمۇھەممەت ئابلەت زەرداب

    پەن-تېخنىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەقىىياتىغا،ئېڭمىزنىڭ يوقىرى كۆتۇرلىشگە ئەگىشىپ ئەسىر ئەسىرلەردىن بۇيان ئېزىلش ، كەمسىتىش جەريانىدا زاۋاللىققا يۇزلىنىۋاتقان مائارىپمىز نۇرغۇنلىغان ئىسسق سوغاقلارنى باشتىن كەچۇرۇپ،ئالا-ھەزەل بۇگۈنكى كۇنگە كەلگەندە خېلى مۇكەممەللەشكەن،زامانىۋىلاشقان مائارىپقا ،مىللەتنى يېتەكلىگۈچ قورالغا ئايلاندى.
    شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شۇ يېتەكلىگۈچىنىڭ ئامىللىرى بولغان سىز-بىزگە ئوخشاش ئوقۇغۇچىلار روياپقا چىقتى. ھەممىمىزگە مەلۇمكى بىر مىللەتنىڭ جەمىيەتتىكى ئورنى ئۇنىڭ بۇرۇن ئۆتكەن شانلىق تارىخى بىلەنلا ئىپادىلەنمەيدۇ ، بەلكى شۇ مىللەت مائارىپىنىڭ قانچىلىلك دەرىجىدە تەرەققى قىلغانلىقى ، شۇ مىللەتنىڭ شۇ دەۋىرگە قوشقان تۆھپىلىرى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.
    تارىخنى ۋاراقلىساق دۇنيادا بىزدەك سەلتەنەتلىك ،بىزدەك ئۇلۇغ مىللەتلەر ئاز ئۆتكەن.
    ئالا ھەزەل بۇگۈنگە كەلگەندە بىز ئوقۇغۇچىلار ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئالدىدا بېشىمىزنى كۆتۇرۇپ يۇرەلەيمىزمۇ؟.....
    ئاددىسى ئاتا-ئانىمىزنىڭ قان تەر بەدىلىگە قانچىلىك ئوقۇپ بەردۇق؟
    ئوغۇللىرىمىز قىزلىرىمىزدىن،قىزلىرىمىز ئوغۇللىرىمىزدىن رەنجىشىپ يۇردۇق، ھەم يۇرمەكتىمىز.....ھەتتا بۇ توغۇرلۇق نۇرغۇن يازمىلارنىمۇ كۆرددۇق كۆرىۋاتىمىز....بىز ئەسلى گۇناھنى بىر-بىرىمىزگە ئارتىشماي ئۆزىمىز ھەققىدە ئويلانساق كەمچىللىكلىرىمىزنى تۇلۇقلاپ ئارتۇق چىلىقلىرىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ ئۆز ئارا ئۆگىنىپ ئىناق ئىتىتىپاقلىق ئىچىدە مىللەتنى گۇللەندۇرۇش يولىغا مەغرۇر قەدەم تاشلىيالىساق بولاتتى.لېكىن شۇنداق قىلالىدۇقمۇ؟
    ھەرقايسىمىزغا ئېنىقكى بىز ئوقۇغۇچىلار كېلەچەكنىڭ ئىگىسى كىيىنكى ئەۋلاتلىرىمىزنى قانداق ئەۋلات قىلىپ يېتىشتۇرۇپ چىقىش بىزدەك ئاتا-ئانا بۇلۇش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىزدۇر.
    ئەلۋەتتە ھازىر جەمىيەتتە نوپوسنىڭ كۆپلىگىدىن ئىشسىزلار كۆپەيدى.نۇرغۇنلىغان ياشلىرىمىز،ئالى مەكتەپنى پۇتتۇرگەن ئوقۇغۇچىلار ئش تاپالماي تەمتىرەپ يۇرىۋاتىدۇ.
    يەنە بەزى ياشلىرىمىز بولسا جەمىيەتكىلا تايىنىۋالماي ئۆز ئەقىل پاراسىتنىى ئالىي مەكتەپتە ئۇگەنگەن بىلىمى بىلەن بىرلەشتۇرۇپ ئۆز كۇچىگە تايىنىپ شېركەت،زاۋۇتلارنى قۇرۇپ مىللىتىمىز ئۇچۇن نۇرغۇنلىغان ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بەردى،ھەمدە ئۈزلۈكسىز تىرىشىۋاتىدۇ.
    بۇنى دىسەك ساناپ تۇگەتكۇسىز ياشلىرىمىزنى پەخىرلىك بىلەن تىلغا ئالالايمىز......
    ئادەمدە ئۇلۇغۋار غايە،تەۋرەنمەس روھ،ئۇزلۇكسۇس تىرىشش ئىستىگىلا بولىدىكەن،قىلىمەن دىگىنىنى چوقۇم قىلالايدۇ.....لېكىن بەزىلىرىمىزچۇ؟ ئويلىنىپ باقساق ئۆزىمىزنىڭ قانچىلىكلىكى ئۆزىمىزگە ئايان...بەزىلىرىمىزنىڭ ئېڭىدا تا ھازىرغىچە ئاتا -ئانىمىزغا يۆلنىۋىلىشتەك خاتا ئاڭ مەۋجۇت، بۇنى بەزەن ئاتا-ئانىلاردىن كۆرمەيمۇ بولمايدۇ.
    بەزى ئاتا-ئانىلار ئۆزىنىڭ جەمىيەتتىكى ئورنىدىن،يۈز ئابرويىدىن پايدىلىنىپ بالىللىرىغا يانتاياغ بولۇپ بەزى يارىماس، ھۇرۇن ، تەييار تاپلارنى تەربىيلىدى، ياخشى ئۈگەن دىيىشنىڭ ئورنىغا بىز بار خاتىرجەم ئوقۇ دىگەندەك چىرىك ،ناتوغرا ئىدىيەلەر بىلەن بالىلىرىنى قوراللاندۇردى ...ئەجەبا مۇشۇنداق بىكار تەلەتلەر مىللەتنى خارابلاشتۇرماسمۇ؟
    بالا كەلسە قېرىنداشتىن دىگەن بۇنىڭدىن باشقىسى بولمىسا كېرەك....
    ھازىرقى ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ھالىغا ،قۇرساقتىكى ئۇمىچىغا قاراپ كېسىپ ئېيتالايمىزكى 100نىڭ ئىچىدە 90نى يارامسسز .......10ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگەنگەنلىرى چاغلىق نەرسىلەر..... بەلكىم بەزىلىرىمىز بۇ يازمىنى كۆرۇپ <سەن قانچىلىك نەرسە>دىيىشى مۇقەرەر.....شۇنداق مەنمۇ تايىنلىق مېنىڭ مەقسىتىم كەڭ ئوقۇغۇچىلىرىمىزنى تىللىۋېلىش،ئۆزمىللىتىم ئوقۇغۇچىلىرىنى سۆكۆش بولماستىن بەلكى ھەققەتنى چۇشەندۇرۇش،ئۇلارغا ئازغىنە روھى ئوزۇق ئاتا قىىلش ، شۇ ئارقىلىق روھىيەت ئېڭىدىكى مەينەت چىرىندىلىرىنى تازلاپ چىقىپ ، ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا پاك مىللى ئەنئەنىگە ئىگە مىللىلىك غورورى، ئادىمىيلىك غورۇرىنى بىخلاندۇرۇشقا بىر ئاز تۇرۇتكە بولۇشتۇر.
    شۇندق دوستۇم : بىزلەر ئوقۇغۇچى ، ۋەزىپىمىز،مەقسىتىمىز ئوقۇش،بىلىم ئېلىش ، شۇ ئارقىلىق ئاتا-ئانىمىز مىللىتىمىزنىڭ بىزدىن كۇتكەن ئۈمۈدىنى ئاقلاشتۇر.
    ئۇلارنىڭ ئۈمۇدى ئاددىيلا بىزنى ياراملىق ئادەم بولسىكەن،بىزدىن كېيىن قالسا ئۈزىنىڭ جېنىنى جان ئەتسىكەن دەيدۇ......بۇنىڭدىن باشقىسىنى ئۇلار ئارمان قىلىپمۇ كەتمەيدۇ.
    لېكىن بەزى كاللىسىدا ئىلىپنىڭ سۇنىقى يوق ياشلىرىمىز مۇشۇنچىلىك ئاددى ئىشلارنىمۇ بىلمەي ئۇلارنى قاقشىتىۋاتىدۇ.
    ئەقەللىسى بەزەنلىرىمىزنىڭ ئېڭىدە ۋاپادارلىق دىگەن ئۇقۇم ئاللىقاچان ئۆلگەندەك قىلىدۇ.
    كۈپىنچىلىرىمىز بىر-بىرىمىزدىن ئۆتە يۇرتىۋاز ، سەن جەنۇپلۇق ، مەن شىماللىق دەپ ئۆز قېرىنداشلىرىمىزنى يەكلەيمىز ، نەزەر سەپ باقساق يۇرتىۋازلىق شىنجاڭدىكى مەكتەپلەردىلا ئەمەس ئىچكىرىدىكى نۇرغۇنلىغان مەكتەپلەردە ئەۋىج ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ.
    بىر مىللەت تۇرۇپ يات مىللەتنىڭ ئالدىدا يۇرۇتداشلار ئولتۇرۇشلىرى دىگەندەك ئاتالمىش سورۇنلارنى تۇزۇپ ، مىللى ئەنئەنىدىن چەتنەپ كېتىۋاتىمىز.
    مەرھۇم ئالىمىمىز ئابدۇشۈكۇر مۇھەممەتئىمىن بۇھەقتە توختۇلۇپ<يۇرتىۋازلىق يۇرىتتىن ئېرىغدالمىسا،يۇرىت گۈللىمەيدۇ،دۇنيا يۇزلىنىۋاتقان ئۇچۇر دەۋرىدە يۇرتىۋازلىق مىللەتنى ھالاكەت گىردابىغا ئېلىپ بارىدىغان بىرلەشمە كېسەل،خالاس> دىگەنىدى. لېكىن بىز ھازىر قانداق قىلىۋاتىمىز؟
    سەت گەپ بولسىمۇ دىيىش ھاجەتكى بەزىلىرىمىز ھاراق دىسە جېنىمىزنى بېرىمىز ،مەكتەپتە ئىچكەننى ئاز دەپ تەتىللەردىمۇ يۇزىمىزنى پوق قىلىپ ئاتا-ئانىمىزنىڭ ئالدىدا مەس يۇرىيمىز،نىمىدىگەن ئەخلاقسىزلىق بۇ ! بۇنىمۇ ئويلاشماي بولمايدۇ.
    بۇھەقتە بوۋىمىز يۇسۇپ خاس ھاجىپ ئۆلمەس ئەسىرى<قۇتاتغۇ بىلگ> دىگەن ئەسىرىدە نەسىھەت قىلىپ:

    1337 مەي ئىچمە ،زىنادىن سەن ئەيلە ھەزەر،
    بۇ ئىشلار گادايلىق تونىنى كەيدۇرەر .
    1338 ھاراق مىڭ گۇناھقا پاتۇرغاي سېنى،
    قاچار بەخىت زىنادىن ، يۇزۇڭ تۆكۈلەر.

    دەپ يازىدۇ، بۇلارنى نىمە دەيمىز؟ يەنە پاتقاققا چىلىشىپ يېتىۋېرىمىزمۇ ياكى ئەتىراپىمىزغا نەزەر سالىمىزمۇ؟
    ئويلىنايلى ! ئۆزىمىزنى ھاياتىمىزنى قەدىرلەيلى! ئاتا ئانىمىزنى ئەزىزلەيلى!
    كۇڭزى< نومۇس قىلىشنى بىلگەن باتۇر>دەيدۇ...بىزلەر ئەقەللىسى باتۇرلاردىن بولايلى! بىلىم دېڭىزىدا بىھۇدە لەيلەپ يۇرگەنلىرىمىز قايتىدىن دىڭىزغا چۇكۇپ بايلق ئىزدەيلى!
    روشەنكى < ئۆمۇر يولى يىلان يولى،ئۇ،تۇز چىۋىق ئەمەس.> دەپ قارايدۇ ئاقىللار.....
    قىسقسى : روھىيىتىمىزنى بىلىم بىلەن قوراللاندۇرۇشقا تىرىشايلى ! روھىيىتىمىزدىكى ئاتالمىش مەينەت چىرىندىلەرنى پاك ساپ بېھىشنىڭ سۇيى بىلەن يۇيۇپ ئەينەككە قارايلى ! ئەينەككە تاشقى قىياپىتىمىزنى '
    كۇرۇش ئۇچۇن ئەمەس ، ئۇزىمىزنىڭ ئىچكى قىياپىتىنى كورۇش ئۈچۇن قارايلى!
    شۇ چاغدىلا ئۆزىمىزنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىمىز ئۆزىمىزگە ئايان بولىدۇ.........
    جېنىم دوستلۇرۇم سىلەرگە نۇرغۇن گەپلىرىم بار ئىدى ، بۇندىن كېيىنمۇ يەنە سىردىشىش نېسىپ بولار .
    ئەسىرىمنىڭ ئاخىرىدا يەنىلا ئوقۇغۇچىلارغا دەيدىغىنىم : مۇستەققىل پىكىر يۇرگۇزىشنى ئۆگىنىۋالايلى! ئەتراپقا نەزەر سالايلى! ئاتا- ئانىمىز بىزگە مەڭگۇ باقىۋەندە ئەمەس.....!!!
    ئابدۇرىيىم دۆلەت توغرا ئېيتىدۇ : <سۇ ئۇزەلمەيدىغانلارنى دەرياغا تاشلىۋىتىڭلار، ئۇلار يا سۇ ئۇزۇشنى ئۆگەنسۇن ياكى سۇغا غەرىق بولسۇن!>.

    مەنبە : شىنجاڭ ياشلىرى

     





    • 评论

    • بلوگىم يېڭى ئۇسلۇپ ئىشلەتتى ،بلوگداشلارنىڭ پىكىر بېرىشىنى ئۈمۈد قىلمەن !