• ئالى مەكتەپ ھاياتىم قايتىپ كەلسەڭچۇ! - [Studyئوقۇش]

     

    ناتۇنۇش دوقمۇش ،ناتونۇش چىراي ،ئىسىق -سۇغاق مۇئامىلىلەر مېنى گاڭگىرتىپ قويدى .ئەمدىلا قەدىمىمنى باساي دېۋىدىم ، پۇتلۇرۇم بۇشلۇقتا لەيلەپ قالدى .((ئۇھ)) دەپ ئتىراپىمغا قارىۋىدىم .ھەممەيلەن شۇنچىلىك جىددىي ،بىرەرى ماڭا قاراپ قۇياي دېمەيتى .پاھ! ئاۋۇ قىز چەتئەللىكلەرگە نىمىلەرنى دەۋاتقاندۇ؟ ۋاي -ۋۇي ،((ئىككى ئادەم ئالىمىز )) دېگەن ئورۇنغا نىمانچە كۆپ ئادەم تىزىملاتقاندۇ؟! باشلىرىم قىيىپ،كۆزئالدىم قاراڭغۇلاشتى.كىچىك چاغلىرىمدا ((تېزرەك چوڭ بولسامكەن ،پۇل تاپسامكەن ))دەپ ئارزۇ قىلاتتىم ؛ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چىغىمدا ،جەميەتكە تېزرەك چىقىشنى توت كۈزۈم بىلەن كۈتكەنىدىم ،بىراق بۈگۈن..... مەكتەپ پۇتۇرۇش ھارپىسدىكى شۇ كۆرنۇش ھىلىمۇ ككز ئالدىمدا ،مەكتىپىمىزدە ئادەم ئالىدىغان ئورۇنلار بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئۇچۇراشتۇرۇش يىغىنى ئىچىلدى .ئەتگەندە پۇتۇن ماتېرياللىرىمنىئېلىپ ئۆيدىن چىقتىم سائەت يەتتە يىرىمدىلا مەكتەپ ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغاندى .((ۋاي -ۋۇي ،نىماچە كۆپ ئوقۇغۇچىلار بۇ ،ھەممىسى بۇ يىل ئوقۇش پۇتۇردىغانلارمىكىن ؟!))يىنىمدىلا بۇ سۆھبەت بولۇۋاتاتتى (بۇنداق ھەيران قالماڭ ،ھەريىلى مۇشۇنداق ،بۇلار ئارسىدىن سىزگە يارايدىغىنى ساناقلىقلا ...))ئجەپ ھالى چوڭ ئاداشكىنە ،بىزنىڭ سىنىپتىنلا ئون نەچچە بالىنى تالىشىپ كېتەرسەن ھەقەچان ،دەپ ئويلىدىن ئىچىمدە . ھەققىتەن ئادەم ئالىدىغان ئورۇنلار كۆپ ئىكەن ، قوبۇل قىلىش شەترلىرىمۇ ئۆزگىچىكەن :ئىنگىلىس تىلى 6-دەرەجىدىن ئۆتكەنمۇ؟كومپۇيۇتېر دەرىجە ئىمتاھانغا قاتناشقانمۇ ؟خەنزۇ تىل سەۋيىڭىز قانداق؟ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەتي كىنىشكىڭىز بارمۇ؟...دېگەندەك سۇئالار نى سورايدىكەن؟ سىلەرگە ئىنگلىس تىل ئوقۇتقۇچىسى كېرەككەن دەپ كېلىۋېدام . -كەسىپ ئوقۇغانمۇ ؟ -كسپىم خىمىيە . كەسپىڭىز ماس كەلمەيدىكەن ئەمەسمۇ ؟ -شۇنداق ،كەسپىم خىمىيە ،لىكىمن ئۆزلۇكۇمدىن ئۇگۇنىپ ئڭگلىس تىلى مەخسۇس كۇرسنىڭ دىپلۇمىنى ئالغان .ئىڭگلىس تىلى 6-دەرىجىدىن ئۆتكەن ، ئىلتىس ئىمتىھاندىن ئالتە نۇمۇر ئالغان .ئىنگلىز تىلى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىلىرىدە نەتىنجىگە ئېرىشكەن ،تىل تەربىيلەش مەركىزىدە ئىنگلىز تىلى دەرس بەرگەن ...مانا بۇ مېنىڭ كىنىشكىلىرىم ،كەسپىمگە پۇختا مەن ... بۇ قىزنى مەن كۆرگەن ،دائىم كۇتۇپ خانىڭ ئالدىدا ئۈنلۈك ئاۋازدا بىر نەرسىلەرنى يادلايدۇ ،ھەمىشە قۇلۇقىدىن نائۇشنىك چۇشمەيدۇ .بىز مۇرىمىزدىكى سومكىنى ئاران كۆتۇرۇپ ماڭساق ،بۇ قىز بىر قۇچاق كىتاپنى كوتۇرۇپ يۇرۇدۇ ،ئەسلىدە نەتىنجە مۇشۇنداق ...... ((مەمۇرلۇق ئىمتھانغا تىزىملاش باشلىنىپتۇ )) دېگەن خەۋەر كېلىۋىدى ،تىزىملاتقىلى نەچچەيلەن بىللە باردۇق
    ئەپلەپ -سەپلەپ تەكرار قىلغانمۇ بولدۇق ،يەنە شۇ نەتىجە ئىگىسىنى تاپتى .قاخشىدۇق ئەمما سەۋەبىنى ئۆزىمىزدىن كۆرمىدۇق .دەرىستىن چۈشۈپ ئۇ كۇتۇپخانىغا ئالدىراش ماڭغاندا ،مەن قەيەرلەرگە يول ئالدىم دېيەلمىدۇق .((ۋاقىت بارغۇ!))دەپ ئۆزىمىزنى ئالداپ ئۆتۇۋەردۇق .كىتاپ كۆرگەنلەرنى ،تىل ئۇگەنگەنلەرنى ،دەرىستىن چۇشۇپلا كۇتۇپخانىغا ماڭغانلارنى ((كىتاپ خالتىسى ))دەپ مازاق قىلدۇق .دەرىسخانىدا مۇئەللىملەربىلەن بەس -مۇنازىرە قىلغانلارنى ((پەيلاسۇپ ))دەپ كۇلۇشتۇق ،بۇگۇنكى كۇنگە كەلگەندە شۇ(( كىتاپ خالتىلىرى )) ئاشۇ ((پەيلاسۇپ ))لار بىلىمنىڭ قۇدۇرتىىنى بىزگە تۇنۇتۇپ ،قانداق كۇلكىنىڭ مەڭگۇلۇك كۇلكە بولىدىغانلىقىنى بىزگە كۆرسىتىپ قويدى . مانا -ئەنا دەپلا ئوقۇشنى پۈتتۇرۈپ قالدىم .((بەش يىل ))دەپ سوزۇپ دەپتىمەن ،بەكلا قىسقىكەن ، تولىمۇ قىسقىكەن .ئالى مەكتەپ بەش يىل ئەمەسكەن ،يازلىق تەتىل ،قىشلىق تەتىل ،شەنبە ،يەكشەنبە ،ھەرخىل دەم ئېلىش كۇنلىرنى چىقىرۋەتسەك ھەقىقەتەن بەش يىل ئەمەسكەن .((ئالى مەكتەپنىڭ ئەركە بالىسىمەن ....ۋاقىت بارغۇ ...)) دەپ يۈرۈۋىرىپتىمەن ،مەكتەپ پۇتۇرۇش ھارپىسىدىمۇ سەگەكلەشمەپتىمەن .شۇنداقلا جەمىيەتكە قەدەم قويغاندىنكېيىن ،ككزئالدىم قاراڭغۇلشىپ بوغۇزۇمغا بىر نېمە كەپلىشكەندەىن كېيىن ئىسىت دەپتىمەن .
    ئالى مەكتەپ ھاياتىم قايتىپ كەلسەڭچۇ ،كۇتۇپخانلاردىن چىقماي ئۇگۇنۇش قىلىۋالاي ،دەرىسخانىلاردا مۇئەللىملەر بىلەن ،ساۋاقداشلار بىلەن بەس -مۇنازىرە قىلىۋالاي ،مەنمۇ باشقىلاردەك ھەرىىل كىنىشكىلارنى ئېلىۋالاي ،((ئالى مەكتەپ ))دېگەن ئۇقۇمنى ئۆزمەنىسى بىلەن چۇشۇنىۋالاي...... ئۈرۈمچى كەچلىك گىزىتىدىن ئېلىندى .