• ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئىشسىزلىق - [Studyئوقۇش]

     

    ياخشى ئوقۇپ كۆپ تەرەپتىن يېتىلدىم
    ئېلىپ قايتىم كىنىشكە ھەم دىپلومنى.
    لىكىن سەرسان كوچا-كوچا يۇرىمەن،
    تاپالماستىن جان باققۇدەك ئورنۇمنى.

    ئاتا ئانا مىڭ جاپادا چوڭ قىلدى
    ئوقۇتقۇچۇم بىلىم بېرىپ ئوڭ قىلدى
    خىزمەت ئىزلەپ بارغان ئىدىم شىركەتكە
    خوجايىنلار «يارامسىز» دەپ دوق قىلدى

    مايلاپ باقتىم تۆت كوچىدا ئاياقنى
    گاھى يىدىم لۈكچەكلەردىن تاياقنى.
    ھارۋا سورەپ سېتىپ باقتىم پايپاقنى
    تاپالمىدىم يول كورسەتكۈچ ماياكنى

    ئوقۇپ ئۆتتى تالاي تالاي يىللىرىم
    خەتنى يېزىپ مۇكچەيگەنتى بەللىرىم
    پۇرسەت يوقلا زايا كەتتى بىلگىنىم
    خىزمەت ئىزلەپ ئازار يىدى ياش دىلىم

    تولا قاتراپ تىشىلدى پۇت تاپانلار
    بىلەمسىزكىن ئىشسىزلارنىڭ دەردىنى
    ھاردۇق يەتتى تولا بېرىپ ئىمتىھان
    مەيۈس كۆردۈم جان ئانامنىڭ چېھرىنى


    رايونىمىزدا ئالىي مەكتەپ پۈتتۇرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىلسېرى كۆپىيىشى نەتىجىسىدە جەمىيەتتىكى بىكار چىلار ھەسسىلەپ ئاشتى. ئائىلىنىڭ ،جەمىيەتنىڭ يۈكىمۇ كۈنسېرى ئېغىرلاشتى. نېمىشقا ئىشسىزلار بۇنچىۋالا كۆپىيىپ كەتتى. ئىشسىزلىق دېگەن نېمە؟
    بەزى سىتودېنتلارنىڭ نەزىرىدە خىزمەت پەقەتلا دۆلەتتتىن مۇقىم مائاش ئالىدىغان كادىر بولۇشنى كۆرسىتىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە شىركەت ،كان -كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارمۇ خىزمەتنىڭ مۇھىم ئوبىكتى ھېسابلىنىدۇ، ئالىي مەكتەپنى ياخشى ئوقۇغان بولسىڭىز بۇ ئورۇنلار سىزنى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىدۇ. ئىشسىزلىق بولسا ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاساسى تۇرمۇش ئېھتىياجنىمۇ قاندۇرالمايدىغان ھالەتنى كۆرسىتىدۇ.
    نېمىشقا بىزدە ئىشسىزلار كۆپ؟ چۈنكى بىزنىڭ بەزى سېتۇدېنتلىرىمىزنىڭ ئىدىيىسى ئازاد بولمىغان، يېڭىلىق يارىتىش روھى كەمچىل، چوڭ ئىشنى قىلالمايدۇ،كىچىك ئىشنى ياراتمايدۇ،بەزى ئىشلاردىن نومۇس قىلىدۇ، شۇڭا ئۇلار پۇل تېپىشنىڭ پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويۇۋاتىدۇ،ھازىر جەمىيەت بىلىم بولسا پۇل تاپىدىغان، نادانلار شاللىنىدىغان دەۋىر، سىز تولۇق كۇرس دېپلومىڭىز بىلەن ئايدا 1000يۈەن مائاش ئالغاندىن مەخسۇس كۇرس دېپلومى بىلەن 1500يۈەن مائاش ئېلىشنى ئەۋزەل كۆرەرسىز؟
    مەلۇم بىر خەنزۇ مەكتەپ پۈتتۇرۈپ خىزمەت تاپالماي بىر ئاياغ مايلاش دۇكىنىدا بىر يىل 500يۈەنگە ئىشلەپتۇ، بىريىلدىن كېيىن ئايرىلىپ چىقىپ ئۆزى دۇكان ئېچىپ 2يىل تىرىشىش ئارقىلىق شۇ شەھەردىكى ئەڭ داڭلىق ئاياغ رېمونت قىلش ئاسراش كارخانىسىنى قۇرۇپ يىللىق كىرىمنى 800مىڭ يۈەنگە يەتكۈزۈپتۇ،پەقەت 7ئادەم بىلەن قۇرۇلغان بۇكارخانا 3يىل ئىچىدە داڭ چىقىرىپ ھازىر ئاياغ ئىشلەش كارخانىسى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋېتىپتۇ، بىزنىڭ ياشلىرىمىز بىر سومغا ئاياغ مايلىتىدۇكى ئۆزى قول سېلىپ مايلىمايدۇ، مايلامچىلىق قىلشقۇ بىر چەتتە تۇرسۇن،،،، ئەگەر سىز دۆلەت خىزمەتچىسى بولسىڭىز 30يىللق مائاشىڭىزمۇ 800مىڭ يۈەنگە بارمايدۇ،شۇڭا ياشلىرىمىز مەمۇرلۇقنى ساقلاپ تۇرماي يېڭىلىق يارىتىپ ئۆزىدىكى ئىشسىزلىقنى يېڭىشى كېرەك.

    ئالى مەكتەپ ئوقوغۇچىسى ئەمەس ئىشلەمچى لازىم
    ھازىر نۇرغۇن ئالى مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرى ئوقۇشنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئىش تاپالماي بۇنى جەمئىيەتتى كۆرۈۋاتىدۇ . ئالى مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلۇشىشى راسلا شۇنداق تەسمۇ ؟!
    ئەمىلىيەتتە ئالى مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلۇشىشى تەس ئەمەس بەلكى ئوقۇشنى پۈتتۈرگەن ئالى مەكتەپ ئوقوغۇچىلار نىڭ كىشىلىك ساپاسى ھازىرقى خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئۆلچىمىگە يەتمىگەنلىكتە ھەم " كىچىكنى ياقتۇرماي ، چوڭغا بويى يەتمەي " دىغان ئەھۋاللار ئىغىر . ھازىرقى جەمئىيەتتە ئالى مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرى كەم ئەمەس ، ئىشلەمچى كۈچى لازىم .
    ئالى مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرى ئۆز ئورنىنى چۈشۈرۈشنى ئۈگىنىۋىلىشى لازىم . ھازىرقى دەۋىر بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇ ، " ئالى مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرى ئاساسى ئىقساس ئىگىلىرى " دەۋىرى ئۆتۈپ كەتتى . ئىككى تال كىتاب ئوقوۋىلىپلا ئۆزىمىزنى باشقىلاردىن يۇقۇرى كۆرىدىغان سۆلىتىمىزنى تاشلىشىمىز كىرەك .

    ئۇنداقتا ، كىم ھازىرقى ئالى مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىنى كەمسىتىۋاتىدۇ ، ھازىرقى جەمئىيەتتە راستىنلا ئالى مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرى كەم ئەمەسمۇ ؟

    1 - ئالى مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرى ئاللىبۇرۇن " بىردىنبىر ئىقساسلىقلار" قاتارىدىن چۈشتى
    ھازىر ھەر يىلى %70 ئوقوغۇچىلار ئالى مەكتەپكە كىرەلەيدۇ ، نەدىمۇ بىر ئەۋلادنىڭ %70 نىڭ ھەممىسى بىردىنبىر ئىقساسقلار بولالىسۇن ؟!

    2- خىزمەت ئورۇنلىرى ھەرگىزمۇ ئالى مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىدا ئۆچى يوق
    ناۋادا سىز خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ شەرتىگە توشسىڭىز ئۇلار سىزنى ئىشلەتمەي قالارمۇ ؟ ئىنىقلا سىز ئۇلارغا لازىملاردىن ئەمەس بۇلۇشى مومكىن . ھەرگىزمۇ جەمئىيەتنىڭ ئىقساس ئىگىلىرىنى ئىشلەتمەسلىكىدىن ئاغرىنماڭ . جۇڭگو ھەر ۋاقىت ئىقساس ئىگىلىرىگە مۇھتاج . لىكىن ، سىز شۇلار قاتارىغا كىرەلەمسىز ؟ ھازىر نۇرغۇن ئالى مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرى مەكتەپتە بىرنەرسى ئۆگەنگىلى بولمايدۇ دەۋاتمامدۇ ؟ مەكتەپتە بىرنەرسە ئۆگەلمىگەن يەردە ، خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ سىزنى ئىشلەتمەسلىكى ئەقىلغا سىغىدىغان ئىش ئەمەسمۇ ؟

    3- ھەرگىز ئاتا ئانىلارنىڭ پۇلى مەكتەپتىكى بەزىلەرنىڭ قۇرسىقىنى يوغانتى دەپ ئاغرىنماڭ
    بۇ دۇنيادا مەڭگۈ بىر ئادەم بىر ئادەمدىن راھەت ياشايدۇ . سىزنىڭ قىلىدىغىنىڭىز بۇنىڭدىن ئاغرىنىش ئەمەس ، تىرىشچانلىقىڭىز ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى راھەت تۇرمۇشقا ئىرىشتۈرۈش . مانا مۇشۇ ئاشۇ ئاتا-ئانىڭىزنىڭ بىردىنبىر ئىرىشمەكچى بولغان نەرسىسى .

    4 - ھەرگىز مەكتەپتە بىرنەرسە ئۆگەنگىلى بولمايدۇ دەپ ئاغرىنماڭ
    سىز ئوقۇۋاتقان ئالى مەكتەپتە بىرمۇ ياخشى ئوقۇتقۇچى يوق دەپ ئىيتالامسىز ؟ ئەگەر بۇلسا سىز ئۇنىڭ دەرىسىنى قانچىلىك ئاڭلىدىڭىز . بولىدۇ ، ياخشى ئوقۇتقۇچى يوقمۇ دەپ تۇرايلى ، سىز ياخشى بولمىغان ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلىگەن بىرسىلەردە قىلچىلىك ئازىملىق مەزمۇن يوق دەپ كىسىپ ئىيتالامسىز ؟ ئەگەر بار دىسىڭىز ، سىز ئاشۇ قىلچىلىك مەزمۇنى قانچىلىك ئۆزلەشتۈردىڭىز ؟ ئالى مەكتەپتە ھىچنىمە ئۆگەنگىلى بولمايدىمۇ دەيلى ، سىز 4 يىدا نىمە ئىشلارنى قىلدىڭىز ؟ ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلىگىنى "كىرەكسىز " بولغاندىكىن سىز ئۆزىڭىز كىرەكلىك نەرسىلەرنى ئۆگىنىشڭىز كىرەك . سىز ئۆگەندىڭىزمۇ ؟

    5 - ئادەمنىڭ ئارزۇسى چەكسىز بولسا بولىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن تەڭ ئادەمدە ھەقىقەتنى ئوبۇل قىلىش ئىختىدارى ۋە تەييارلىقى بولۇش كىرەك
    سىزدە بۈنداق ئىختىدار بولماي ، ئايدا 500يۈەن دىگەننى ئاڭلاپلا غوتۇلدىسىڭىز بولماس . بىلىشىڭىز كىرەككى ، خىزمەت ئورۇنلىرى سىزگە ئىشلەش شاراھىتى يارتىپ بەرمىدى ، سىز ئۆزىڭىز يىڭى يىڭى شاراھىت ياتىشىڭىز كىرەك ، ھەرگىزمۇ شاراھىتتىن بەھرىمان بولۇش ئەمەس . ئەينى ۋاقىتتا ، ياۋرۇپالىقلار شىمالى ئامرىكىغا بارغاندا كىم ئۇلارغا شاراھىت يارتىپ بەگەن ؟ ھازىرغا كەلگەندە ئۇلار نىمە ئۈچۈن ياخشى شاراھىتتىن پايدىلىنىپ ئادەم قازالايدۇ ؟ دىققەت بۇيەردە "ئىقساس ئىگىلىرى" نى قازىدۇ . سىز شۇلارغا تەۋەمۇ ؟ ئەگەر تەۋە بولسىڭىز ئاللىبۇرۇن ئۇلار تەرپىدىن قىزىپ ئەكەتىلگەن بولۇپ ، بۇيەردە ئاغرىنىپ ئولتۇرمايتىڭىز .

    6 - 500يۈەن بەرسە ئىشلىمەيسىز . ئەمىسە 300يۈەن بەرسىچۇ ؟ 200يۈەن بەرسىچۇ ؟!
    ئەگەر 100تۈەنگىمۇ ئىشلەيدىغان ئادەم بولسا ، ئۇنداقتا ھازىر بازار ئەھرالى 100يۈەن . ئەگەر سىز 1يۈەنگە تورغا چىقالىسىڭىز، سىز يەنە 5 يۈەنگە تورغا چىقىپ ئولتۇرامسىز ؟ ئىشلەشنى خالىمىسىڭىز داۋاملىق ئاچ تۇرۇڭ ياكى داۋاملىق ئاتا-ئانىڭىز بىقىپ يۈرسۇن . سىز بازار ياخشىلىنىشنى ساقلىسىڭىزمۇ بولىدۇ ، ئىكىن ، ئۇ ۋاقىتتا سىزنى قوبۇل قىلىدىغان خوجايىن ئەينى ۋاقىتتا سىز ياراتمىغان 100 يۈەنلىك خىزمەتنى قوبۇل قىلغان ئادەم بولۇشى مومكىن ، چۈنكى سىز ۋاقىتنى ئاغرىنىش بىلەن ئۆتكۈزۋەتتىڭىز .


    بۇ دۇنيادا قۇتقازغۇچى مەۋجۇد ئەمەس. ئەمما بىر توختا خاتا ئەمەس ، ھىمكىپ سىزنى كەمسىتمەيدۇ ، سىز ئۆزىڭىز خىزمەت ئورۇنلىرىنى تاشلىۋەتتىڭىز ، مەكتەپنى تاشلىۋەتتىڭىز . ئەگەر بىرسى سىزنى تاشلىۋەتكەن بولسا ، بۇنىڭ سەۋەبى بىرلا ، سىز ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز تاشلىۋەتكەن !

    مەنبە: شىنجاڭ جۇڭغار ئادەم كۈچى بايلىقى (ئىختىساسلىقلار)بازىرى  

    http://zhonggar.com/?dp-bbsthread-1093.html