• يۇرتتا تۇرغان ياخشىمۇ ياكى چەت ئەلگە كەتكەن ؟ - [Uyghurئۇيغۇرلار]

                 

     

    ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت بولغان ،ئەمما ئۆزىمىز زەڭ قويمايدىغان ئىشلار ناھايىتى كۆپ. تىبابەت ۋە پەلسەپە پەنلىرى ھۆكۈماسى ،مەرھۇم ئۇستازىمىز ئابدۇلھەمىت يۈسۈفى «ئۇيغۇرلار قويغا ئوخشاش توپلىشىپ ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ» دىگەنىدى. ھازىر ئويلاپ كۆرسەك بۇ سۆزنىڭ ئاساسى باردەك قىلىدۇ . ھەقىقەتەنمۇ بىزلەر يۇرت ،نەسەپ، جەمەت ۋە مەنپەئەت دائىرىسىنى ئۆلچەم قىلىپ تۈزلەڭلىكلەردە ،دەريا بويلىرىدا ،تاغلاردا ياكى باغ-ئورمانلاردا توپلىشىپ ، ئەمما پارچە-پارچە ھالدا ياشاشقا ئادەتلەنگەن ئىكەنمىز . خاھى قۇم-بوران ئاپىتى بولسۇن ،خاھى قۇرغاقچىلىق ۋە ياكى ھەر قانداق ئاپەت بولسۇن يۇرت ئەھلى بىلەن بىللە بولۇپ ،قولدىن كەلسىمۇ ،كەلمىسىمۇ بىر-بىرىگە ئىچ ئاغرىتىشىپ يەنە شۇ كونا ھاياتىنى ئۈن-تۈنسىز داۋاملاشتۇرۇپ ئەسىرلەرنى تەستە ئۆتكۈزۈپ كەپتىكەنمىز . ئۇمۇمەن بىزدە بىرەرسى ھەجگە ،سەپەرگە،ئوقۇشقا ...ماڭسا خۇددى ئۇ ئادەمنىڭ قايتىپ كەلمەسلىكى ئالدىن بەلگىلەنگىنىدەك ئېغىر تەييارلىق ۋە بەزىدە يىغا-زارىلەر بىلەن ئۇزىتىش ياكى ھىجراندىن قورقۇپ ئوبدانلا كەلگەن يۇقىرىلاپ ئوقۇش ،خىزمەت پۇرسىتىدىن پەرزەنتلىرىنى قايتۇرۋىلىپ ،ئۆمۈر بويى ئۆزىگە ئوخشاش دولىسىغا كەتمەن ئارتقۇزۇپ يۈرۈش، يېرىم كۈنلۈك يولنى يىراق كۆرۈپ ، قىز -يىگىتلەرنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋىتىش ،تۇغقانلىرىنى دەپ مەركىزىي شەھەرلەردىن يىراق يېزىسىدىكى كەپىسىگە قايتىپ خەقنىڭ يۇرتى دەپ تىلىمۇ -چىرايىمۇ ئوخشاش بولغان قېرىنداشلىرىنىڭ شەھەر-يېزىلىرىدىن ھېيىقىش... قاتارلىقلار ئۇيغۇرلارنىڭ يىقىنقى زامانغىچە جارى بولۇپ كەلگەن توپلىشىپ ياشاش پىسخىكىسىنىڭ ئاددى كۆرۈنۈشى بولسا كېرەك.يەنە مۇشۇ روھىي ھالەتكە ياتىدىغان نۇرغۇن ئادەتلەر ھازىرغىچە بىزنىڭ ياشاش ئۇسۇلىمىز بولۇپ قالدى .دېمەك ، دېھقانچىلىق -چارۋىچىلىق بىلەن باشلىنىپ ،يەنە شۇ قىلىپ بىلەن ئاخىرلىشىشىشدىن ئەنسىرىلىۋاتقان بۇ ھايات ئۇسۇلىمىز نۇرغۇن تەبئىي ۋە ئىجتىمائىي سەۋەپلەردىن تۇغۇلغان بولسىمۇ ،كۆپىنچە ھېلى ئېيتقان توپلىشىپ ياشاش ئارزۇيىمىزدىن
    كېلىپ چىققان بولشى مومكىن. شۇنىڭ نەتىجىسىدە تىپىك ئىچكى قۇرۇقلۇق جەميىتىگە خاس تۇرغۇن ئىقتىساد، ناچار شارائىت ۋە كەم ئۇچۇر مەھكۇملۇقى بۇ يەر خەلقىنى يۇرت ئىچىدە ئۆز-ئارا مېھرىبان ،ساددا ۋە قانائەتچان قىلىپ قويغان .قوشنا يۇرتلار ئارا قىيداشقاق ،ئايرىغاق قىلىپ تەربىيلىگەن .سىرتلارغا بولسا ئۆملىشىپ تالاشقاق ۋە بىلىمسىز قاششاق قىلىپ بىلدۈرگەن .ئىلىم ئەھلىگە «ئۇيغۇرمۇ ياكى ئويۇغۇرمۇ »دىگەن گرامماتىكىلىق مەسىلىنى قالدۇرۇپ قويۇشقان ... جۇڭگو ۋە چەت ئەللەردە ئۇيغۇر دېسە خەقلەرنىڭ «بالدۇر توپلىشىپ شەھەرلەشكەن ،شەھەرلىشىۋىتىپ ھورۇنلۇقتا كەمبەغەللەشكەن قويسىمان خەلق» دەپ چۈشىنىشى ئورۇنسىز ئەمەس.

    خۇش،ئەمدى مۇشۇ ھالەتنى كۆرۈپ ياكى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ ئۇنى ئۆزگەرتىپ بېقىش خىيالىغا كەلگەن كىشىلەر يوقمىدى؟بار، بار بولغاندىمۇ خېلى كۆپ بار ئىدى. بەزىلرى تۇرمۇشىنى ،بەزىلرى تەقدىرىنى ئۆزگەرتىپ بېقىش ئۈچۈن يۇرتلىرىدىن چىقىپ ،كۆزلىرى، ھەتتا كاللىسىنى ئېچىپ ،ئۆزىگە ، يۇرتىغا نۇرغۇن يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن كاتتا ھۈنەرۋەنلەر ،تىجارەتچىلەر، ئالىملار ۋە قەھرىمانلار بولغان.يىراقنى دېمەي مۇشۇ 20 يىلنىڭ ئالدىدىكى ئىسلاھاتتىن سۆز ئاچايلى، بۇنىڭدىن 20 يىل ئىلگىرى جۇڭگو خەلقىگە 2-ئازادلىق نېسىپ بولۇپ ،ئۇلۇغ ئىسلاھات يولغا قويۇلدى. پۈتۈن مەملىكەت خەلقى پارتىيە- ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەتنى ،خەلقىنى بېيىتىشتىن ئىبارەت بۇ دانا سىياسىتىدىن ئەينى ۋاقتىدىلا خۇش بولۇپ قالماستىن بەلكى ھازىرمۇ ،بۇنىڭدىن كىيىنمۇ ئۇنىڭدىن ئىلھام ئېلىپ ئۆزىنى كۈچەيتىش يولىدا تېخىمۇ ئالغا ئىلگىرلەۋاتىدۇ. ئەمدى گېپىمىزگە كەلسەك ، مانا ھازىر يۇرتلار ئارا ،دۆلەتلەر ئارا تىجارەت ،ئوقۇش ، خىزمەت دىگەنلەر ئادەتكە ئايلىنىپ خەلقنىڭ ئېڭى ۋە قىممەت قارىشىدا زۆر ئۆزگىرىشلەر بولىۋاتىدۇ.جۈملىدىن ھازىر ھېلىقىدەك توپلىشىپ ياشاپ«تۆتلەشمەي دۆتلىشىدىغان »بېكىنمىچىلىكنىڭ چوڭقۇر ئاساسىنى يوقىتىش ئۈچۈن نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ياشلار يۇرت ئاتلاپ ئوقۇش ، خىزمەت قىلىش، شۇ ئارقىلىق ئالدى بىلەن ئۆزىنى، ئاندىن يۇرتىنى ئاڭ جەھەتتىن يېڭىلاش بىلەن مەشغۇل بولماقتا. تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولغىنى شۇكى ،بىر تۈركۈم غايىلىك ،ئىرادىلىك ئەزىمەتلەر ۋەتەننىڭ ئىلمان قوينىدىن سەكرەپ چىقىپ ،چەت ئەلدە ئوقۇپ ،ئىنسان قەۋمىدىن بولغان باشقا يۇرتلۇق ياكى باشقا تەنلىك كىشىلەردىن كېرەكلىك ئىلىم-تېخنىكىنى ئۆگىنىپ ،يۇرت خەلقى ئۈچۈن يېڭى قاراش ،يېڭى تېخنىكىلارنى ئېلىپ كەلمەكتە.ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى سەۋەبىدىن تىخىمۇ كۆپ كىشىلەردە باشقا يۇرتلارغا بېرىپ تىجارەت قىلىش ،ئوقۇش قىزغىنلىقى ۋە جۈرئىتى ئېشىپ ،نۆۋەتتە مەلۇم كۆلەم پەيدا بولدى. بۇ ھالەتنىڭ خەلققە پايدىسى بولسا بولىدۇكى زىيىنى بولمايدۇ. ئۇنىڭلىق بىلەن ئەنئەنىگە ،ئېسىل مىللىي مەدەنىيەتكە خەتەرلىك نۇقسانلار يېتشى مومكىن ئەمەس. نۇقسان يەتتى دېگەندىمۇ ئۇنداق ئەسىرلەپ ئۇخلاپ ياتقاندىن مىڭ ياخشى.
    ئەمدى گەپنىڭ پوسكاللىسى زادى نىمە؟گەپ دەل ئىلگىرىكىدەك ئۆزىنىڭلا يۇرتىدا ئوتلاپ يۈرۈشتە ئەمەس ياكى يۇرتنى ۋە خەلقنى تاشلىۋىتىپ چىقىپ كېتىشلا ئەمەس.بەلكى بىر خىل ئىلمىي يۇپيورۇق بولغان يۇرت قارىشىدا.
    مەن بۇ ماقالىنى يېزىش ئۈچۈن نۇرغۇن ۋە ھەر قاتلام كىشلىرى ئۇچراشتىم .بەزىدە ئويلىنىشقا تىگىشلىك ،بەزىدە كۈلكىلىك گەپلەرنىمۇ ئاڭلىدىم. ئۇمۇمەن ئېيتقاندا كىشىلەرنىڭ ئۇچۇرغا ،يىڭىلىققا تەشناپىكىرلىرى ئادەمنى قىزىقتۇرىدۇ،ئويلاندۇرىدۇ.چەت ئەلدە ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە ئېتبار بېرىلىدىكەن دىگەن كوچا گەپلىرىنى ئاڭلىسا كۈلگۈسى كېلىدۇ. بەزى بۇرادەرلەر رىئاللىقتىن رەنجىپ «چەت ئەلدە يەر سۈپۈرىدىغان ئىش بولسىمۇ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.زادى چەت ئەل دىگەندە ھەممە نىمە گۈزەل ،نېمىنى خالساڭ دەيسەن ،نېمىنى خالىساڭ يەيسەن »دىگەن گەپلەرمۇ ئاز ئەمەس. گېزىتنىڭ 6-بېتىنى تولا ئوقۇپ خىيالىي تەسەۋۋۇرغا بېرىلگەن بەزى كىشىلەرنىڭ «ئۇيغۇر دىگەن بوش خەلق ئەمەس،ياۋرۇپالا ئەمەس، قوشنا خەلقلەرمۇ بىزدىن چۆچۈيدۇ »دىگەندەك نەشىكەشنىڭ پاراڭلىرىنى تارقىتىلىدىغانلىقىنى ئاڭلىدىم.بۇ بىر تەرەپتىن ئادەمنىڭ غىدىقىنى كەلتۈرسە يەنە بىر تەرەپتىن نۇرغۇن ساددا كىشىلەرنى تىخىمۇ ھورۇن بولۇشقا ئۈندەيدۇ. مۇشۇنداق گەپلەرگە ئىشىنىپ ئىتتىپاق تىياتىرخانىسى ئالدىدا گۈرۈلدەپ پو ئېتىپ ئولتۇرغانلارنىمۇ ،خۇددى چەت ئەللىكلەر ئۇيغۇرلارنى كۆرسە پايانداز سېلىپ كۈتۈۋالىدىغاندەك ھېسسىياتتا بارىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىۋاتقانلارنىمۇ ھەم ئۇچراتتتىم.ئالمائاتا، ئىستانبول ۋە ئەنقەرەدە «ئاجايىپ يۇرت سۆيەر» كىشىلەرنىڭ ئۆز يۇرتلۇقلىرىنى ئازراق پۇل ئۈچۈن چېقىپ ،تالاۋاتقانلىقىنى...كۆردۈم.خۇددى ئىچكىرىدىن يېڭىلا چىقىپ ، كۆرمىگەننى كۆرگەن ئاققۇنلاردىنمۇ ھەسسىلەپ سالاھىيەتسىز ھالدا ياشاۋاتقان سۆيۈملۈك ،ئەمما بىچارە بەزى قېرىنداشلار شۇ يەرلەرگە چىقىشتىن بۇرۇن بىرەر ھۈنەر ئۆگىنىپ ياكى بىرەر ئىشەنچلىك ئوقۇش يولىنى تاللاپراق چىقسا نىمە بولار !؟ چىققاندىن كىيىن ئاز ساندىكى كىشىلەر ھەقىقەتەن ئۆيلۈك ،پۇللۇق بولۇپ قاپتۇ ، لېكىن رېئاللىق ئالدىدا بىئارام ۋە غەمكىن ...بىر
    كىشىدىن مەن «سىز ۋەتەنگە قاچان قايتىسىز ؟ »دەپ سورىدىم .ئۇ كىشى يېڭىلا سېتىۋالغان ئوتتۇرھال تېلىۋىزوردىن كۆز ئۈزمەي تۇرۇپ « مەن ئايروپىلان سېتىۋالغاندا شۇنىڭ بىلەن بارىمەن » دەپ جاۋاپ قايتۇردى. دېمەك ،شۇ تەكەببۇرلىقى ۋە خىيالى ھەيۋىتى بىلەن خەلققە ئۆزىنى كۆرسىتىپ قويغۇدەكمىش.يەنە بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە كىيىن يۇرتقا ئاشۇ« قالاق» خەلنى باشقۇرارمىش! دېمەك ، خېلى ساندىكى چەت ئەلگە چىققۇچىلار نورمال تېرىكچىلىكنى قىلىۋاتقان بولسا ،يەنە خېلى بىر قىسمىنىڭ ھال-ئەھۋالى ، روھىي ھالىتى ئەنە شۇ.ئادەم دىگەننىڭ يېمەك-ئىچمىكى ،كىيىم -كىچىكى ،ئۆي -مۈلكى ۋە جەمىيەتتىكى ئورنى بولسا ئاندىن كىيىن باشقا ئىشلارنى ئويلىيالايدۇ. يۇقىرىقىدەك ھالەتلىرى بىلەن قانداقمۇ بىرەر خەيرىلىك ئىشنى ئويلىيالىسۇن ؟ خەلق بىلەن ھەمدەمدە بولمىغان كىشىنى كىممۇ ئېتراپ قىلسۇن ؟ پەقەت يۇرتقا ھەقىقىي كۆيۈمچان كىشىلەرلا كەلگەن ئوقۇش ئامىتىنى چىڭ تۇتۇپ تىرىشىپ ئۆگىنىپ ،ئاخىرىدا يۇرت قەرزىنى ئادا قىلىشنى ئويلايدۇ.بەزىلىرى قايتىپ كېلىپ جان دىلى بىلەن كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ دەۋر ۋە خەلق ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشالايدۇ.يۇرتتا تۇرغان نۇرغۇن ئىرادىلىك كىشىلەر ئۆز كەسپىي ۋە ئورنىنى ئانا ھەققى دەپ قاراپ ،چەكلىك شارائىتتا چەكسىز ياخشى ئىشلارنى قىلىپ ئۈلگۈرەلەيدۇ.دېمەك ، قارغۇلارچە چەتكە چوقۇنۇپ ، ۋەتەننى ،كونكىرت ئېيتقاندا ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ئورنى ۋە ئائىلىسىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىش تېگى -تەكتىدىن ئېيتقاندا يۇرتنى ئانچە قىزغىن سۆيمىگەنلىك دەپ قارايمەن.گەرچە مەملىكىتىمىزدە ئادەم بەكلا كۆپ بولسىمۇ ،ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق قىممىتى بار .بۇ قىممەتنى يۇرت ھەققى ،ئانا ھەققى دەپ ساقلاش لازىم. ئەگەر قىممىتىڭىز كىچىك بولغان بولسا تىرىشىپ چوڭايتىڭ .ھەرگىز تاشلاپ بېرىش بىلەن قىممىتىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ . يۇرتقا تۇتۇلغان ھەر قانداق مەسئۇلىيەتسىزلىك پوزىتسىيە سىزگە ۋە قېرىنداشلىرىڭىزغا ئامەت ئېلىپ كەلمەيدۇ. ھەقىقەتەن ياخشى مەقسەت ۋە توغرا يول بىلەن چەت ئەلگە چىقىدىغانلار چەت ئەلگە كېتىش ھەممىدىن ئەلا دەپ قارايدىغان ياكى دۇنيادا بىزدىنمۇ ئۇلۇغ خەق يوق ،بىزنىڭكىدىنمۇ ئېسىل يۇرت يوق دەپ ئۆزىنى گوللايدىغان قاراشلارغا نىسبەتلەشتۈرگەندە ياخشى مەقسەت ۋە تىرىشچانلىق بىلەن چەت ئەلگە چىقىپ ياخشى نەتىجە ۋەئۆملۈكنى قولغا كەلتۈرۈپ ياشايدىغان ،بولسا تېخى ئۆگەنگەن بىلىمى ياكى يىغقان ماددىي ،مەنىۋى بايلىقلىرى بىلەن يۇرتقا كېلىپ ھوزۇردىمۇ ، جاپادىمۇ خەلق بىلەن بىللە بولىدىغان ،ياخشىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇپ ،قالاقلىققا ئىلمىي جەھەتتىن تەسىر كۆرسىتىدىغان ئالىي پەزىلەتنى تەشەببۇس قىلىش لازىم ۋە شۇنداق پەزىلەت ئىگىلىرىنى ھەر دائىم يوقلاپ ،ئۇلارنى ئاۋايلاپ ،ئۇلارنى يۇقىرى كۆتۈرىشىمىز ،تىكلىشىمىز كېرەك ، دەپ قارايمەن. بۇ بەلكىم نۇرغۇن ئۈمىدۋار كىشىلەرنىڭمۇ يۈرەك سۆزى بولسا كېرەك.
    مەنبە: ئەخمەتجان ئىسمايىلنىڭ «ياشلار سەمىگە 1-قىسىم » دىگەن كىتابىدىن ئېلىندى.





    • 评论

    • يۈكسەل بلوگلار ئۇلىنىشى بېتى سىزنىڭ ئۇلىنىش قىلىشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا!
      http://www.yukselblog.cn/bloglar/
      ئاندىن تۇرا تورىڭىزنى ئۇلىنىش قىلىش مەسىلىسىدە، پېقىرنىڭ بېشى قېتىۋاتقىنى بۇ تۇرا بلوگ ئەمەستەك قىلامدۇ قانداق؟ بۇ ھەقتە سىز بىلەن يۈكسەل بلوگ پىكىر دەپتىرىدە پىكىرلىشىش ئارزۇيۇم بار ئىدى!
      TAWLAN回复يۈكسەل بلوگى说:
      توغرا دەيسىز ،گەرچە تۇرا تورى بلوگ سۇپىسى ئارقىلىق باشقۇرۇلسىمۇ ئۇ بلوگ ئەمەس ، ئەمما مىنىڭچە تور بەت ،مۇنبەربولسۇن ۋە ياكى بلوگلار بولسۇن بىردىنبىر مەقسىتىمىز ئۇيغۇر تورچىلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلشتۇر. بلوگ پەقەت بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ئايرىم تۈر خالاس. مەن ئەسلىدە تۇرا تورىنى ئۇيغۇرلاردىكى نادىر مۇنبەر، بلوگلاردىكى يېڭى يازمىلارنى بىر توربەت ئارقىلىقلا كۆرەلەيدىغان قىلىپ ياسىماقچى ئىدىم. (بۇنىڭدا ئالاھىدە سەۋەپ بار، مەن دائىم دىگۈدەك مائارىپ تورىدىن تورغا چىققاچقا ئۇيغۇرچە مۇنبەر، بلوگلار ئاساسەن ئېچىلمايدۇ . شۇڭا ئۇزۇندىن بۇيان بىر توربەت ئارقىلىقلا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرگىلى بولىدىغان قىلغىلى بولامۇ؟ دىگەن خىيال بار ئىدى. )ھەم دەسلەپكى قەدەمدە مۇنبەرلەر جەمگاھىنى باشقىلارنىڭكىدىن ئۆزگەرتىپ بولسىمۇ ياساپ چىقتىم. ئەمدى شۇ بەتنىڭ ئاستىغا ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگنى قانداق قىلىپ چىقىرىش ئۈستىدە ئويلىنىۋاتىمەن. بىر قانچە تونۇشۇم بۇ ئىشنى چوقۇم باشقا ئېلىپ چىق ، ھازىر تۇرا تورىنى ئىشلىتىۋاتىمىز دەپ تىخىمۇ قىزىقتۇرۇپ قويدى. ئەسلى ئايرىم بوشلۇق ۋە ئىسىم بىلەن ئېلىپ ياساي دىگەن . لىكىن يەنىلا بلوگباسنىڭكىدەك مۇقىم ۋە ئىچىلىشى تىز بولمايدىكەن.يەنىلا مائارىپ تورىدا ئىچىلىشى تەس بولىدىكەن. شۇڭا كۆپرەك تورداشلار مۇشۇنداق توربەتنىڭ بارلىقىدىن خەۋەردار بولسىكەن دەپ بلوگلار ئۇلىنىشى ۋە يۈكسەل بلوگى ئارقىلىق تەشۋىق قىلاي دىگەن ئىدىم .
      مىنىڭ مەقسىتىممۇ كۆپرەك تورداشلىرىمىزغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈندۇر. تۇرا تورى يىڭى ياسالغان بولغاچقا دەرۋەقە ھەر قايسىلىرىنىڭ يىقىندىن قوللاپ-قۇۋەتلەشلىرىدىن ئايرىلالمايدۇ . قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئايىمغايلا .
      2009-02-09 18:41:56
    • رەخمەت سىزگە ماڭا يارىدى logo
      TAWLAN回复سۇمۇرۇخ说:
      ئەرزىمەيدۇ . قىلغان ئەمگىكىم سىزگە يارىغان بولسىلا مەن شۇنىڭغا رازى.
      2009-02-09 18:46:00