تاۋلان بلوگى
كومپىيوتېر بىلىملىرى
تەرمىلەر
ئۇيغۇرلار
ئېنگىلىزتىلى
باش بەت
سەيپىدىن ئەزىزنىڭ قىسقىچە تەرجمھالى
- [
Uyghurئۇيغۇرلار
]
سەيپىدىن ئەزىزنىڭ قىسقىچە تەرجمھالى
سەيپىدىن ئەزىزنىڭ قىسقىچە تەرجمھالى...
سەيپىدىن ئەزىزى دۆلىتىمىزنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى ، ئالىم ،ئاتاقلىق يازغۇچى ، شائېر ،دراماتورگ .
ئۇ 1915-يىلى 3- ئايدا ئاتۇشتا تۇغۇلغان . 1944- يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان .
ئالى مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە . مەملىكەتلىك سىياسى كىڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.
ئۇ ئوسمۈرلۇك چاغلىرىدا،ئاتۇشتا دىنى مەكتەپتە ئوقۇغان .
1932 - يىلى جەنۇبى شىنجاڭدىكى دېھقانلار قوراللىق قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ ، جەڭچى ،كاتىپ بولغان.
1934 - يىلى ئاتۇشتا باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۇقۇتقۇچى ۋە مۇدىر بولغان .
1935- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تاشكەنت ئوتتۇرا ئاسىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان .
1937-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ شىنجاڭغا قايتىپ ، شېڭشىسەي ئاچقان ئۈرۈمچى سىياسىي تەلىم-تەربىيە سىنىپىدا ئوقۇغان.
1938-يىلدىن 1943-يىلغىچە تارباغاتاي گېزىتخانسىدا ئىشلىگەن . كۆچۈرگۈچى ، كوررېكتور ، مۇھەرىر ، مەسئۇل مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن .جاھانگىرلىككە قارشى ئويۇشمىغا قاتناشقان. تارباغاتاي ۋىلايەتلىك جاھانگىرلىككە قارشى ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىلات سىكرىتارى بولغان. تارباغاتاي ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ كاتىپى ، مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.
1944-يىلى ئىلى ، تارباغاتاي ، ئالتاي ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئەزاسى ،مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى ۋە نازىرى ، ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيسى ھەربى سوتىنىڭ كاتىپى ، تەنجاڭ بولغان .
1945-يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ياشلار ئىتتىپاقىغا قاتنىشىپ ، مەركىزىي كومىتىتىنىڭ ئەزاسى بولغان .
1946-يىلى ئۈچ ۋىلايەت خەلىق ئىنقىلابىي پارتىيىسىگە قاتنىشىپ مەركىزىي كومتېتنىڭ ئەزاسى ،تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان .
1946- يىلى 7 -ئايدا 7 - ئايدا ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى گومىنداڭ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمىتى بىلەن تىنچلىق بېتىمى ھاسىل قىلىپ ، شىنجاڭ ئۆلكىلىك دېموكراتىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىن ، ئۈرۈمچىگە كېلىپ بىرلەشمە ھۆكىمەتنىڭ ئەزاسى ، مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى بولغان .
1947- يىلى گومىنداڭ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمىتى تىنچلىق بېتىمىنى يىرتىپ تاشلىغاندىن كېيىن ، غۇلجىغا قايتىپ داۋاملىق ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئەزاسى ، مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى بولغان .
1948 - يىلى ئۇ شىنجاڭ « دېموكراتىيە ئىتتىپاقى » غا قاتنىشىپ ، تەشۋىقات بۆلۈمنىڭ باشلىقى بولغان .«ئالغا» گېزىتىنىڭ باش تەھرىرى بولغان . كىيىن شىنجاڭ « دېموكراتىيە ئىتتىپاقى »نىڭ رەئىسى بولغان .
1949-يىلى 9 - ئايدا شىنجاڭ ئالاھىدە رايونىدىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى بولۇپ بېيجىڭغا بېرىپ 1- نۆۋەتلىك جوڭگو خەلق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئومومىي يىغىنىغا قاتناشقان . 1 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلەك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، مەركىزى خەلىق ھۆكۈمەتىنىڭ ئەزاسى . قانۇن كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەركىزي مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا سايلانغان .
1949-يىلى 10 -ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىسىگە ئەزا بولغان .
1949-يىلى 12- ئايدا شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، شىنجاڭ ھەربى رايۇنىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى بولغان .
1951 - يىلى ج ك پ مەركىزىي كومتېت شىنجاڭ شۆبە بىيوروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمى كومتېت ئەزاسى ، مىللىي ئىشلار بۆلۈمنىڭ باشلىقى ، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ، شىنجاڭ ئۆلكىلىك كادىرلار مەكتىپىنىڭ مۇدىرى ، جۇڭگو -سوۋېت دوستلۇق جەميىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو - پاكىستان دوستلۇق جەمئىيتىنىڭ باشلىقى بولغان ،
1952- يىلى 7 ئايدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېت شىنجاڭ شۆبە بيوروسىنىڭ 4- شۇجسى بولغان .
1953-يىلى 1- ئايدا غەربىي شىمالى مەمۇرىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان .
1953- يىلى 8 - ئايدا شىنجاڭ ھەربى رايونى پارتىكومنىڭ 3- شۇجىسى ، شىنجاڭ ھەربى رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى بولغان .
1954- يىلى 12- ئايدا شىنجاڭ ھەربى رايونى پارتىكومنىڭ 2- شۇجىسى ، شىنجاڭ ھەربى رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى بولغان .
1955- يىلى 10 - ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى قۇرۇلغاندا ، ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلىق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ،ج ك پ مەركىزىي كومىتېت غەربىي شىمال بيوروسىنىڭ ئەزاسى بولغان .
1958- يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكومنىڭ 2- شۇجىسى بولغان .
1972 - يىلى 7 - ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكومنىڭ موۋەققەت 1-شۇجىسى ،ئاپتونوم رايونلۇق ئىنقىلابىي كومتېتنىڭ مۇدىرى بولغان .
1973- يىلى 6 - ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 1- شۇجىسى ،شىنجاڭ ھەربى رايونىنىڭ 1- سىياسىي كومىسسارى ، 1- شۇجىسى بولغان . 1- 2-، 3-، 4-، 5-، 6-، 7-، نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلىق قۇرۇلتېيى دائىمى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن ۋېييۈەنجاڭى بولغان .ج ك پ 8 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى ، 9- 10 - 11،- 12 -، 13 ،- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ،10 - نوۋەتلىك ، 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسى بيوروسىنىڭ كاندىدات ئەزاسى بولغان .
يازغۇچى ، شائىر ، دراماتورگ سەيپىدىن ئەزىزى ئىلگىرى - ئاخىرىي بولۇپ تارىخىي رومان «سۇتۇق بۇغراخان»، تارىخىي ئوچرىك « تەڭرىتاغ ئوغلى » ، بئوگرافىك ئەسەر « ئۆمۈر داستانى » (1،-2،- قىسىم )، تارىخىي ئوپىرا « ئاماننىساخان » ، ھېكايە ،نەسىرلىرى توپلىمى « ئەۋلىيا ئاتا » ، « ئۇيغۇر مۇقاملىرى توغرىسىدا » ، « شانلىق يىللار » قاتارلىق ئون نەچچە پارچە كىتاپ نەشىر قىلدۇرغان . 500 دىن ئارتۇق روبائىي ، 300 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ئېلان قىلغان .
ئاتاقلىق يازغۇچى سەيپىدىن ئەزىزى « سۇتۇق بۇغراخان » دا ھەقىقىي پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىپ ،قۇدرەتلىك قاراخانىلار دۆلىتىنىڭ نادىر نامايەندىسى سۇتۇق بۇغراخاننى ۋە ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرىنىڭ سىياسىي ، ئىجتىمائى ، ئىقتىسادىي ، مەدىنىيەت جەھەتلەردىكى مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ بەدئى كارتىسىنى ئاممىباپ تىل بىلەن شۇنچە گۈزەل ،شۇنچە رەڭدار قىلىپ سىزىپ چىققان .
ئۇنىڭ « ئاماننىساخان » ناملىق سەھنە ئەسىرى درامالاشتۇرۇلغان . بۇ ئەسەر « خانىش ئاماننىساخان » دېگەن ماۋزۇدا كىنولاشتۇرۇلدى ، ھەم بەش قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى قىلىپ ئىشلىنىپ كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ ئىنتايىن زور تەسىر پەيدا قىلدى .
مەنبە:شىنجاڭ تارىخىدىكى مەشھۇر كىشىلەر ..
随机文章:
ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى قانچىلىك؟(كۆچۈرۈلمە)
2009-05-06
يۇرتتا تۇرغان ياخشىمۇ ياكى چەت ئەلگە كەتكەن ؟
2009-01-24
«دوكتورئاشتى»دېگەن ئاتالغۇنى قوللانمايلى
2008-11-11
ئۇيغۇرلار تارىخدا يۈز بەرگەن زور ۋەقەلەريىلنامىسىنىڭ تۇلۇق قىسمى
2008-10-25
ھاۋايدىكى بىر ئۇيغۇر ياش
2008-10-19
ماقالە ئۇلىنىشى:
تاۋلان
ۋاقت
19:19:12
|
تەھرىرلەش
|
تولۇق ئوقۇش
|
تەۋسىيە
|
分享
0
ئىزدەش
سەھىپىلەر
Noticeبلوگ ئۇقتۇرۇشى
[4]
Computerكومپىيۇتېر
[16]
Englishئىنگلىزتىلى
[21]
Uyghurئۇيغۇرلار
[19]
Studyئوقۇش
[23]
Newsخەۋەرلەر
[8]
دىلو ۋە تەھلىل
[1]
Artsسەنئەت
[18]
تەرمىلەر
[34]
يېڭىدىن يوللانغان يازما
دۇنيادا كىم ئەڭ بەخىتلىك ؟
ھايات مۇساپەمدە خۇلاسىلىگەن بىر قانچە خىل تەجىرىبە
يىگىتلىك سىنىقى
دانالار ھېكمەتلىرى
ساقلاپ قويۇشقا تىگىشلىك 100جۈملە سۆز(بىدار)
جانباز مۈشۈكئېيىق(功夫熊猫)
ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى قانچىلىك؟(كۆچۈرۈلمە)
ئىنگلىزتىلى ئۆگىنىشكە پايدىلىق بىر قانچە توربەت
توفىلغا تەييارلىق قىلۋاتقانلارغا يىتەكچى(新托福考试完全指)
4- دەرىجە ئىمتاھانى 10 يىللىق سۇئال توپلىمى
全部日志>>
يېڭى ئىنكاس
ئۇيغۇرتېكىن
:
سىلىنىڭ سەمىمىي پىكىرلىرىدىن...
ھ
:
ھازىرقى ئۇيغۇرلار بۇرۇنقىدەك...
لوپنۇرى
:
راستلا ساقلاپ قويۇشقا ئەرزىي...
ئۇيغۇرتېكىن
:
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، تاۋلان ئ...
ئۇيغۇرتېكىن
:
توغرا ئېيىتىسىز ، ئۇلارنىڭ ت...
ئۇيغۇرتېكىن
:
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، تاۋلان !...
ئوۋچى بىلوگى
:
ماۋۇ مىنىڭ ئوۋچى بىلوگىمنىمۇ...
Tura
:
سىناق ئىنكاس .[cusFace:0] ئ...
abral1
:
قارىغاندا قويغان ئىلاننىڭ (ئ...
abral1
:
ياخشىمۇ سىز تاۋلان ئەپەندى. ...