• 2008-11-11

    «دوكتورئاشتى»دېگەن ئاتالغۇنى قوللانمايلى - [Uyghurئۇيغۇرلار]

    ھازىر بەزى گېزىت-ژۇرناللىرىمىز ،كىتاب-ماتىرياللىرىمىز ،رادىئو-تېلىۋىزىيە پروگىراممىلىرىمىزدا«دوكتورئاشتى»دەپ قوللىنىلىۋاتقان
     «پوستدوكتور» دېگەن ئاتالغۇنىڭ ئامېركىدا پەيدا بولغانلىقىغا 132يىل بولغان بولسىمۇ، پوستدوكتورلۇق تۈزۈمىنىڭ جۇڭگودا يولغا قويۇلغانلىقىغا ئاران 23يىل بولدى.دېمەك،بۇ تۈزۈم،مەملىكىتىمىز ئۈزۈن ئېيتقاندا يېڭى ئىش.شۇڭا «پوستدوكتور »دېگەن ئاتالغۇ «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» قاتارلىق ئىلگىرى نەشر قىلىنغان لۇغەتلەرگە كىرگۈزۈلمىگەن.
    «پوستدوكتور»دېگەن ئاتالغۇ خەنزۇچىدا«博士后»دەپ ئاتىلىدۇ.بۇ ئاتالغۇ ئۇيغۇرچىدا 1992-يىل10-ئايدا «ئالىي دوكتور» دەپ بېكىتىلگەن.بۇ ئاتالغۇ بىر مەزگىل قوللىنىلغاندىن كېيىن ،«دوكتور»دېگەن ئەلمەي ئۇنۋاننىڭ ئالىي،ئوتتۇرا،تۆۋەن دەرىجىدىكى بولمايدىغانلىقى كۆزدە تۇتۇلۇپ ،1993-يىلى«دوكتورئاشتى» دەپ بېكىتىلگەن .«دوكتورئاشتى»دېگەن ئاتالغۇدىن بۇنىڭ دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىدىن يۇقىرى تۇرىدىغان ئىلمىي ئۇنۋان مەنىسىنى بېرىدىغانلىقى«مانا مەن»دەپلا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بۇ ئاتالغۇنىڭمۇ مۇۋاپىق قويۇلمىغانلىقى ھېس قىلىنغان.ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتىتى ۋە ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىلىدىكى ئاتالغۇنى قىلىپلاشتۇرۇش-بېكىتىش كومېتىتى 1994-يىل 6-ئايدا ئۇيغۇرچىدا بۇ ئاتالغۇنى ئىنگىلىزچە ئاتىلىشى بويىچە «پوستدوكتور »دەپ قوللىنىشنى بېكىتكەن.دېمەك،«دوكتورئاشتى» دېگەن بۇ ئاتالغۇنىڭ ئىستېمالدىن قالدۇرۇلغىنىغا 14يىل بولدى.
    ئەمەلىيەتتە ،پوستدوكتورلۇق دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندىن كېيىنكى بىر مەھەللىك جەرياندىن ئىبارەت،ئۇ ئىلمىي ئۇنۋەن ئەمەس،كەسپىي ئۇنۋانمۇ ئەمەس،بەلكى بىر مەزگىللىك تەتقىقات خىزمىتى ھېسابلىنىدۇ.دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشىش بولسا ،پوستدوكتورلۇققا ئېرىشىشىنىڭ زۆرۈر شەرتى ھېسابلىنىدۇ. ئىلمىي ئۇنۋاننىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسى دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى بولىدۇ.ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئىلمىي   ئۇنۋان بولمايدۇ.شۇڭا،«دوكتورئاشتى»دېگەن ئاتالغۇنى قوللانماسلىق لازىم.
    بۇنىڭدىن سىرت،«دوكتور يېتەكچىسى»،«ماگىستىر يېتەكچىسى»دېگەن ئاتالغۇمۇ مۇۋەپىق قويۇلمىغان.بۇنىڭ سەۋەبى:ئالاقىدار ئادەم دوكتورلۇق ياكى ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانىنى ئېلىپ بولغانلارنىڭ يېتەكچىسى ئەمەس، بەلكى،بۇ ئىلمىي ئۇنۋانلارنى ئەمدى ئالىدىغانلارنىڭ يېتەكچىسى،يەنى ئۇ دوكتورلۇق ياكى ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانىنى ئېلىش ئۈچۈن بىلىم ئاشۇرۋاتقان ئاسپىرانتلارنىڭ يېتەكچىسى بولۇپ،«دوكتورلۇق ياكى ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانى ئالىدىغان ئاسپىرانتلارنىڭ يېتەكچىسى»دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.شۇڭا بۇ ئىككى ئاتالغۇنى «دوكتور ئاسپىرانت يېتەكچىسى»،«ماگىستىر ئاسپىرانت يېتەكچىسى»دېگەن مۇۋاپىق.
    يۇقارقى يازما   «ئەدەبىي تەرجىمىلەر»ژۇرنىلى 2008-يىللىق 10-سانىغا بېسىلغان  غوجائەخمەت يۇنۇسنىڭ «دوكتورئاشتى»دېگەن ئاتالغۇنى قوللانمايلى دېگەن ئەسىرىدىن ئېلىندى.
    بۇ يەردە يەنە بىر گەپنى قوشۇپ قويغۇم كىلىۋاتىدۇ،ئۆتكەندە قايسى بىر ژۇرنالدىن «ئىنتېرنىت تورى ئەمەس، ئىنتېر تورى دەيلى»دىگەن ئەسەرنىمۇ كۆرگىنىم يادىمدا. لىكىن ھازىرقى گېزىت-ژۇرناللارغا قارىسام يەنىلا «ئىنتېرنىت تورى» دەپ ئىلىنىۋېرۋاتىدۇ. بۇنىمۇ ئويلىشىپ باقامدۇق قانداق?

    ئاخىرىدا  دەيدىغىنىم:ئانا تىلىمىزنىڭ ساپلىقى ۋە توغرىلىقىنى قوغداشتا ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى بار.





    评论

  • eotنى يوللاپ قويدۇم !!

    كىۇكىۇ خەت ساندۇقىڭىزغا كەتتى !
    شۇ ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ بلوەگىڭىزغا يوللاڭ .. ئاندىن يوللانغان ھۆججەتنىڭ ئادىرىسىنى كۆچۈرۈۋىلىپ :
    خەت ساندۇقىڭىزغا ئەۋەتكەن كودنى cssنىڭ ئۇستىگە چاپلاپ قىزىل بويالغان eotئادىرىسىنى ئۆزىڭىز بلوگىڭىزغا يوللىغان ئادىرىسقا ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ .. چۈشەنمىسىڭىز مەندىن يەنە سوراڭ !!

    ukijنىڭ تۇز توم شەكلى مەن با كومپىيوتېرغا قاچىلانماپتىكەن شۇڭا تۇز0 نى ياسىدىم يارىمىسا يەنە ياساپ بېرىمەن .. بىلىدىغان دوسلار ukij تۇز توم شەكلىنى نەدىن چۈشۈرۈشنى دەپ بەرسە بولاتتى !!
    تاۋلان回复دولقۇن说:
    ماڭا ياساپ بەرگەن eot رىڭىزنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. دوستلىرىممۇ شۇنداق خوش بولدى ۋە رەھمىتىنى ئېيتىپ قويۇشۇمنى تاپىلىدى. رەھمەت سىزگە. ئالاقىلىشىپ تۇرامىز.
    2008-11-16 17:28:55
  • ئۈچ تۈرلۈك ياردەم لازىم ؟
    1.
    (بۇيەردە مەخسۇس كۆڭۈل ئېچىش تېپىدىكى ئەمەس بەلكى ماقالە ئەىسەريوللاش.. تور ئارقىلىڭ پۇل تېپىش ۋە بىلىم ئېلىش مەخسەت قىلىنغان بىلوگ كۆزدە تۇتۇلىدۇ)
    ئۇيغۇر بىلوگىرلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ بلوگ تاللاش .. ياخشى بىلوگ تېپىش... ئىشەنچىلىكمۇ ياكى ؟؟ دىگەندەك سۇئاللار؟؟ بارغان سېرى كۆپەيمەكتە ھازىر شىنجاڭ لېنىياسىدىكلى مەھەللە تاقالغاندىن كېيىن شۇيەردە مەھەللىسى بار تورداشلار تەرەپ تەرەپكە چېچىلىپ كەتتى ... تورداشلارنىڭ ئىزدىنىشى ئارقىلىق www.blogbus.com نى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ئىشلىتىش ئاساسەن ئومۇملاشماقتا شۇقاتاردا مەنمۇ بىرنى تەلەپ قىلىپ ئىشلەتكەن ئېدىم ... مۇئاپىقىيەتلىك تەرجىمە قىلىپ eot ياساپ بلوگ قۇرۇغانمۇ بولدۇم .. بىراق بىر مەسىلە ساقلانماقتا ...مۇنبىرىمىزدە blogbusتىن بىلوە ئالغانلار ۋە توربەت ياساشتا بىلىمى بارلار باشقا بلوگلاردا بىلوگى بارلار ئاز ئەمەسقو دەيمەن شۇڭا ياردەم قىلساڭلار ... مەن ئەسىلىدىكى ئالام ئۇسلوبىنى ئازىراق ئۆزگەرتىپ ئىشلەتكەن ئېدىم ، مۇئاپىقىيەتىك بولغان .. بىراق قانچە تېما يوللىسام يوللىسام ھەممىسى باش بەتتە چىقىۋالدى بۇنداق بولسا باش بېتىم بەكلا ئۇزىراپ كېتىدىكەن .. بىرىنچى ئىككىنچى بەتلەر بولسا بولاتتى ھەر بەتتە 10-15كىچە تېما كۆرۈنھە بولاتتى .. نەدىن خاتالىق يۈز بەرگەندۇ ؟؟؟ بۇ يەردىن بىلوگىمنى كۆرۈپ بېقىڭ!
    2. تەييار ئۇسلوبنى ..( مەسىلەن مېنىڭ ماشىنام .. ئاقنان ... ئالما ياكى كۈندىلىك خاتىرە دىگەندەك ) نەدىن چۈشۈرۈمەن ... قايسى دېتالدا ئۆزگەرتىمەن ؟؟ تەرجىمە قىلىشنى ئۆزۈم قىلىپ كېتىشىم مۇمكىن . ماڭا كۆك.. قارا، ئاق ،سېرىق ، ئۇسلوبلار لازىم ئېدى ... ئۆزگەرتىپ تەييار قىلىنغىنى ئەمەس .. blogbusنىڭ سېستىما تەمىنلىگەن ئۇسلوبلىرى بولسىمۇڭ بولىدۇ .. بىراق قانداق چۈشۈرۈمەن ؟؟
    3. بەزى تورداشلار xxx.cn xxx.net دىگەندەك تورنامىنى ئىلتىماس قىلىپ ئۆز بلوگىنى ئۇلىنىش قىلىپ قويىدىكەن .. بۇ نامنى نەدىن تەلەپ قىلىمەن ؟؟؟ مەسىلەن بۇ بەتنى چېكىپ بېقىڭلار www.tawlan.net دىگەندەك بۇ شىنجاڭ ئۇچۇر تورى تەمىنلىەەن بلوگقا ئۇلىنىدۇ ؟؟؟ ئەسلى ئادىرىسى بۇ http://blog.78.la/u/natik/index.html مۇشۇ توغرىسىدا ياردەم سورىماقچى ئېدىم ياردەم قىلارسىلەر ؟؟؟ ھەم، قايسى بىلوگدا بولسۇن بلوگىرلار پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۇچۇن بۇ QQ توپىنى تەييار قىلدىم 51396189
    بۇ تېما ياردەمگە ئېرىشكەندىن كېيىن ئۆچۈرۈلسە مەيلى !!!
    تاۋلان回复دولقۇنى说:
    راست دەيسىز،شىنجاڭ ئۇچۇر تورىنىڭ بلوگى يىڭىلانغاندىن كىيىن نۇرغۇنلىغان ئەزالار يىڭى بلوگقا كۆنەلمەي تەرەپ-تەرەپكە كۆچۈپ كەتتى. مەنمۇ بلوگباسقا كۆچۈپ كىلىۋالدىم. ئادەمگە ھامان تۇرىدىغانغا بىر جاي بولمىسا بولمايدۇ دە...

    قاراپ باقسام بلوگىڭىزنىڭ ئۇسلۇبى بۇزۇلۇپ ،كۆركەملىكىگە تەسىز يىتىپتۇ. مىنىڭچە ئۇسلۇبنى قايتىدىن قاچىلاپ بېقىڭ.
    ھەر بىر بەتتە كۆرۈنىدىغان يازما سانىنى ئارقا (باشقۇرۇش) بەتتىن تەڭشىۋالغىلى بولىدۇ.

    بلوگ تەرجىمە قىلىشقا كەلسەك مەن تىخى بلوگ تەرجىمە قىلىپ باقمىدىم .
    ھازىرقى ئۇسلۇبنى چىن دوس بلوگىنىڭ باشلىقى تەمىنلىگەن.
    بۇ جەھەتتكى بىلىملەرنى ئارامگا ،چىن دوس ،تەكلىماكان بلوگلىرىدىن تاپالايسىز.
    http://aramga.blogbus.com
    http://qindos.blogbus.com/
    http://teklimakan.blogbus.com/
    www.tawlan.net/com/cn بۇنداق تور ناملىرىنى توردىن سىتىۋالىسىز.
    مەن سىزگە ئۇيغۇرلاردىن سىتىۋىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. مۇلازىمەتكە قولايلىق بولىدۇ.
    مەن ئىككىنى بىلىمەن. كۆرۈپ بېقىڭ.ئادرىسى:
    www.uyghurdns.com
    www.dolancn.cn
    /بلوگۇمدا زىيارەتتەبولغانلىقىڭىزدىن ئىنتايىن خۇرسەنمەن. كەپ تۇراسىز .خوش.[emot]8[/emot]
    2008-11-15 22:14:56
  • ياخشى تېمىنى يوللاپسىز، دىمىسىمۇ ئورتاق ،ئەتراپلىق بولغان، ئۆزىمىزگە ئۆزلىشەلەيدىغان ھەم باشقىلارغا سىڭىپ كىرەلەيدىغان ئاتالغۇنى ئىشلەتسەك ياخشى بولىدۇ. ئىنتېرنېت دىگەن سۆزنىڭ ئېنگىلىسچىسىدا ئېنتېر تورى دىگەن گەپ بار، بىراق بىز ئۇنى تەكرار دەپ قويۇشتىن ساقلىنىمىز دەپ ئېنتېر تورى دەپ ئولتۇرغاندىن كۆرە ئىنتېرنېت دىسەكلا ھەممىنى ئىپادىلىگىلى بولىدۇ ئەمەسمۇ؟
    长江 بۇنى ئوخشاشلا چاڭجاڭ دەرياسى دەيمىزغۇ؟ بۇ ئىككى خەتنىڭ ئۆزى ئۇزۇن دەريا دىگەن مەنىدە لېكىن بۇنىڭلىك بىلەن بىز ئۇنى چاڭ دەرياسى ياكى ئۇزۇن دەريا دەۋالساق قاملاشماي قالىدۇ.خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مىساللار كۆپ ئەلۋەتتە دىققەت قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، ئاتالغۇلارنى ئورتاقلاشتۇرۇش مۇھىم.
    تاۋلان回复dunyakara说:
    راست دەيسىز،سىزگە ئوخشاش مىللەتنىڭ تىل-يېزىقىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلىرىمىز كۆپرەك بولغان بولسا نىمىدىگەن ياخشى بولاتتى.
    بلوگۇمدا زىيارەتتەبولغانلىقىڭىزدىن ئىنتايىن خۇرسەنمەن. كەپ تۇراسىز .خوش.
    2008-11-15 21:57:42