• كۆزىڭىزنى مۇنداق ئاسراڭ ! - [Computerكومپىيۇتېر]

    ئۇزۇن مۇددەت كومپىيوتېر ئالدىدا خىزمەت قىلدىغانلار

    كومپىيوتىرىڭىزنىڭ كۆزنەك ( نىڭ تەگلىك )رەڭگىنى كۆزنى ئاسرايدىغان رەڭگە ئۆزگەرتىۋېلىڭ !

    ئۇزۇن مۇددەت كومپىيوتىر ئالدىدا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلدىغانلار ئۈچۈن كۆزنى ئاسراس تولىمۇ زۆرۈر . كۆز بۆلىمى دوختۇرلىرى سىزگە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى: كومپىيوتىرىڭىزنىڭ كۆزنەك تەگلىك رەڭگى ئۈچۈن (سۈزۈك) ئاق رەڭنى ھەرگىز ئىشلەتمەڭ ، چۈنكى ئادەتتە كۈچلۈك ئاق رەڭلىك نۇرنىنىڭ كۆزگە بولغان تەسىرى ئەڭ چوڭ بولىدۇ . كۆز ئاسراش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەۋىسيە قىلىدىغىنى سۇس يېشىل رەڭ بولۇپ ، كومپىيوتىردا تەڭشەش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك :

    1. WindowsXP نى تەڭشەش

    ئۈستەل يۈزى >> (ئوڭنى چىكىپ) خاسلىق >> تاشقى كۆرۈنۈش >> يوقىرى دەرىجە >> تۈر (ئوبىكتىپ) نىڭ ئىچىدىن كۆزنەك نى تاللايمىز ، ( 颜色1(L دىن «باشقا » نى تاللايمىز . بۇ ۋاقىتتا رەڭ تاللاش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ . بۇ كۆزنەكتىكى 色调,饱和度,亮度 دىگەن ئۈچ تۈردىكى ماس قىممەتلەرنى ئايرىم -ئايرىم 205 色调 85,饱和度123,亮度 قىلىپ ئۆزگەرتىپ بولۇپ ، ئالدى بىلەن «添加到自定义颜色» نى بېسىپ ، ئاندىن « 确定مۇقۇملاشتۇرۇش » كۇنۇپكىسىنى باسىمىز .

    2. Vista نى تەڭشەش

    ئۈستەل يۈزى >> (ئوڭنى چىكىپ) خاسلاشتۇرۇش  >> ئۈستەل يۈزى تەگلىك >> تەگلىك رەڭگىنى ئۆزگەرتىش . >> (كەينى WindowsXP بىلەن ئوخشاش ) .

    3. تور بەتنىڭ تەگلىك رەڭگىنى تەڭشەش

    internet explorer نى ئاچقاندىن كېيىن >> قورال >> تاللاش internet  >> (ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى) ياردەمچى ئىقتىدار  >> يېڭى ئېچىلغان كۆزنەكنىڭ بىرىنچى تاللىشى 不使用网页中制定的颜色 نىڭ ئالدىغا توغرا بەلگىسىنى قويىمىز .

    ئۇنىڭدىن باشقا CAJViewer 7.0 ، Adobe Reader قاتارلىق ماتېرىيال كۆرگۈچلەرنىڭ رەڭگىنىمۇ مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە ئۆزگەرتىۋالسىڭىز بولىدۇ ! ئۆزگەرتىپ دەسلىپىدە بەلكىم بۇ يېڭى رەڭگە كۆنەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن ، لېكىن ئىشىنمەن ، ئىشلەتكەنسېرى ئۇ رەڭگىمۇ كۆنۈپ كېتىسىز ، كۆزىڭىز نىڭ سالاماتلىكى ئۈچۈن ، قېنى - ھە ! ھازىرلا ئۆزگەرتىپ كۆرۈپ بېقىڭ !

    مەنبە : بەيدۇ تورى
    خەنزۇچىدىن (قىسقارتىپ) تەرجىمە قىلغۇچى : مەن « intil » .