«ئامەت ۋە ئاپەت»رومانى ھەققىدە بىر نەچچە سۆز
ئابلىكىم مۇھەممەت
ئاتاغلىق يازغۇچىمىز جالالىدىن بەھرام ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كۆتۈرۈلگەن« رومان يېزىش ھەرىكىتى» نىڭ سەركەردىلىرىدىن بىرى بولۇپ،ئۇنىڭ قىسىقىغىنە ئوننەچچە يىل مابەينىدە ئوقۇرمەنلەرگە تەقدىم قىلغان «لېيىغان بۇلاق»(يەتتە توم)، «ناتىۋانلار»،«كۆمۈرچى بالا»،«ئامەت ۋە ئاپەت»(ئىككى توم) قاتارلىق چوڭ ھەجىملىك رومانلىرى بىزنى سۆيۈندۈرىدۇ.بىز يازغۇچىمىزنىڭ قەلىمىنىڭ تېخىمۇ ئۆتكۈرلىشىشىگە،چارچاپ قالماسلىقىغا تىلەكداشمىز.ئۇنىڭ تېخىمۇ يېڭى تېمىلىق رومانلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، زامانىمىزنىڭ «كىشىلىك كومىدىيىسى»نى يارىتىپ،ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ «بالزاك»ى بولۇپ چىقىشىغا ئىشەنچىمىز كامىل.
1987-1988-يىللار يەكەن دىيارىنىڭ مەركىزىنىڭ شىمالدىن ئوتتۇز نەچچە كىلومىتىر يىراق بولغان بىر يېزىسىنىڭ كەنىت مەكتىۋىدە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا تۈنجى قېتىم ئوقۇتقۇچۇمدىن ئارىيەت ئېلىپ، يازغۇچىمىزنىڭ «مېھرىگىياھ»ناملىق رومانىنى بىر نەچچە قېتىم ئوقۇپ چىقىپ،ۋەقەلىكلىرى ياد بولۇپ كەتكەن ئىدى.شۇنىڭدىن باشلاپ خېلى ۋاقىتلارغىچە بۇ روماندىكى قەھرىمانلار ئارىسىدا بالىلىق تەسەۋۋۇرلىرىم بىلەن خىيالىي ياشاپ كەلگەن ئىدىم.كىتاپ ئوقۇش تارىخىمدا بۇ كىتاپ مەن كۆرگەن تۈنجى ئۇيغۇر رومانى ھېساپلىناتتى.بۇ كىتاپتىن باشلانغان كىتاپ ئوقۇشقا ھېرىسمەنلىكىم،ئۆيدە يېڭى نەشىر قىلىنغان ھەرقانداق ئۇيغۇر تىلىدىكى كىتاپنىڭ كەم بولماسلىقى سەۋەپلىك،تۇرمۇشۇم كىتاپ بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىپ كەتتى.شۇنداق خىيالپەرەس بولۇپ كەتكەن ئىدىمكى مەھەللىدىكى خوشنا-خولۇملارنىڭ،ئۇرۇق – تۇققانلارنىڭ ئىسمىنىمۇ تولۇق ئېسىمدە تۇتالماي ئۇلارنىڭ ئىسمى بىلەن كىتاپتىكى شەخىسلەرنىڭ ئىسمنى ئارىلاشتۇرۇپ قوياتتىم.
مۇشۇ شەخسىي كەچۈرمىش تۈرىتكىسى ئاستىدا يازغۇچىمىزنىڭ بارلىق رومانلىرىنى تولۇق كۆرۈپ كەلدىم.يېقىندا «ئامەت ۋە ئاپەت» رومانىنى قايتا ئوقۇش جەريانىدا بىر ئوقۇرمەن بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۆز تەسىراتلىرىمىنى بايان قىلىپ ،كىتاپ ئۈسىتىدە بىر نەچچە تۈرلۈك سۆز قىلىشنى ئويلاپ قالدىم.
ئۆزۈم ئەدەبىي تەنقىد جەھەتتە ئانچە تەجىربەم بولمىسىمۇ لېكىن بۇ تۈرنىڭ ئەدەبىياتتىكى ئورنىنىڭ مۇھىملىقى ھەممىگە ئايان.ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسۇلى بويىچە ئالدى بىلەن روماننىڭ مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان تەرەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،ئاندىن ئۆزۈمنىڭ بىر نەچچە تەلەپ – پىكرىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن.
روماندىكى ئۈلگىلىك تەرەپلەر:
1)يازغۇچى مەزكۇر روماندا ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى رومانلىرى جەريانىدا شەكىللەندۇرگەن رومانچىلىق ئۇسلۇبىنى تېخىمۇ تىپىكلىككە ئىگە قىلغان ۋە ئۆزىنىڭ مول بولغان تىل بايلقىنى، تۇرمۇش تەكشۇرۇشتىكى ئەستايىدىللىقىنى نامايەن قىلغان.گەرچە ئۇيغۇر رومانچىلىقىدا «ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب يارىتىش» دىگەن ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويۇش تېخى بالدۇرلۇق قىلسىمۇ،يازغۇچىلىرىمىزدا بارغانچە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب يارىتىشقا ئىزدىنىش خاھىشلىرى كۈچەيمەكتە.يازغۇچى جالالىدىن بەھرامنىڭ بۇ ھەقتىكى جاپالىق ئەمگەكلىرىمۇ ئاز بولمىغان مىۋىلەرگەئېرىشتى.
يازغۇچى مەزكۇر روماندا شەخىسلەرنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئالدىن بىشارەت بېرىش،شەخىسلەرنى ۋەقەلىك جەريانىغا باشلاپ كىرىپ،ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى ،يېشىمىنى كېيىن بايان قىلىشتەك چېكىنمە بايان ۋە قىستۇرما بايان ئۇسۇلىنى تەڭ ئىشلىتىپ،ئەسەر شەكىلنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرغان.يازغۇچىنىڭ تىل بايلىقى تېخىمۇ مول بولۇپ،روماندا ئىشلىتىلگەن گۈزەل تىللار،مول خەلق ماقال – تەمسىللىرى،تۇرمۇشتا ئىزچىل ئىشلىتىلىپ كېلىدىغان تۇراقلىق ئىبارىلەرنىڭ دەل جايىدا قوللىنىلىشى ئوقۇرمەننى تولىمۇ سۆيۈندۇرىدۇ.بۇ يازغۇچىنىڭ تۇرمۇش ئۆگەنگەنلىكى خەلق تىلىنى ئۆزلەشتۇرگەنلىكى ئىدى.بىز بۇلاردىن بىر نەچچىنى كۆرۈپ باقايلى:
خەيرىگۈل ئاغزىنى تۇتۇپ ئەسنىدى-«ئايال كىشىنىڭ قورسىقىدىن ئارغامچا توقىناق،بۇغا-لىڭگىرچاقتىن باشقىسى چۈشىدۇ»
رەھمەتلىك بوۋاممۇ:«تەۋەككۇل دەرياسىغا سەكرىمىگۈچە،ئۇنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى قانداق بىلگىلى بولىدۇ» دەيىتتىغۇ!
يازغۇچىنىڭ مەزكۇر ئەسىرى ئۆزىنىڭ ئىككىنچى يۇرتى ھېساپلانغان خوتەن شەھرىنى ئاساسىي تېما قىلغان ،بازارغا يۈزلەنگەن خوتەنلىكلەرنىڭ ئۈرۈمچىدىكى كەچۈرمىشلىرى بىرلەشتۇرۇلگەن بولۇپ،خوتەننىڭ ناھىيە-بازارلىرى،يېزا-قىشلاقلىرى يازغۇچىغا بەش قولدەك ئايدىڭ بولغاچقا ئەمەلىي تەپسىلاتلاركىشىنى قايىل قىلىدۇ،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يازغۇچى يەنە ئۆزى تۇرۇۋاتقان ئۈرۈمچىنىڭ بازار ئەھۋالى بىلەن تەپسىلىي تونۇشۇپ ئەسەرنىڭ چىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرغان. ئىشلەتكەن خوتەننىڭ يەرلىك شىۋىلىرىگىچە كىشىگە شۇنچە تونۇش بىلىنىدۇ.
2)ئەسەردىكى مۇرەككەپ شەخىسلەر ئوبرازى ئىجتىمائىي رىئاللىققا ،چىنلىققا بويسۇنغان ھالدا يارىتىلغان،ئەسەر تەرەققىياتى جەريانىدا تېخىمۇ مۇكەممەللىككە ئىگە قىلىنغان.ئەسەردىكى باش قەھرىمان قەدىردان تەھلىلىمىزچە ئاپتۇرنىڭ ئەسەرنى يېزىش مۇددىئاسىنى بارلىققا كەتۈرگەن ئازغۇن ياش «ئا.ئا»نىڭ ئوبرازى بولۇپ،ئۇنىڭ 14ياش ۋاقتىدىلا مەكتەپتىن چېكىنىپ،سودىغا كىرىشىپ،تېز ئارىدىلا باي بولغانلىقى، تەجىرىبە ئگەللىگەنلىكى،قۇرۇق يىمىش سودا ساھەسىدە يۈز تاپقانلىقى،ئۆز خەلقى ئۈچۈن نۇرغۇن ساخاۋەتلىك ئىشلارنى قىلىپ ،خەلقىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەنلىكى ؛بىراق ئۈرۈمچىگە دەسلەپتە ئوقۇشقا مېڭىشنىڭ ئالدىدا «پەرىشتە ئانا»نىڭ چۈشىدە بىشارەت بەرگىنىدەك،بىر مەھەللىك« شېرىن چۈش»ئاياغلىشىپ،باشقىلارنىڭ رەزىل توزاقلىرىغا چۈشۈپ،ھاياتلىقنىڭ ئەڭ خەتەرلىك دۈشمىنى بولغان خىروئىنغا خۇمار بولۇپ قالغانلىقى يارقىن يورۇتۇپ بېرىلگەن.ئۇنىڭ جاپالىق ھاياتى بىزگە «پەرىشتە ئانا»نىڭ بىشارەتلىرىنى قايتا-قايتا ئەسلىتىدۇ.
|


