• «ئامەت ۋە ئاپەت»رومانى ھەققىدە بىر نەچچە سۆز(2)

    يوللانغان ۋاقتى:16-02-2012   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 4 پارچە
    قەدىردان ئوبرازىدىكى بىر مۇكەممەللىك شۇكى،ئۇ خىروئېىن چىكىپلا قالماي خىروئېن سودىسىغىمۇ ئارىلىشىدۇ.ئىچكىرى
    قەدىردان ئوبرازىدىكى بىر مۇكەممەللىك شۇكى،ئۇ خىروئېىن چىكىپلا قالماي خىروئېن سودىسىغىمۇ ئارىلىشىدۇ.ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئۇيغۇر سودىگەرلەر،جاننى ئالقانغا ئېلىپ پۇل تاپىدىغان «كۇلىچىلار» بارغان ھەرقانداق شەھەردە قەدىردان پەيدا بولىدۇ.بۇ ئارقلىق بىز ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى «كۇلىچى»لارنىڭ پائالىيەت قاتلاملىرىنى مەلۇم نوقتىدىن بىلىۋالالايمىز.ھەتتا ئۇنىڭ«ئالتۇن ئۈچ بۈرجەك»كە قەدەم قويغىنىدىن خەۋەر تاپقاندا يۈرەكلىرىمىز لەرزىگە كېلىدۇ.ئاپتۇر روماننى يېزىشتىىكى ئاساسىي مەقسىتىگىگە ماس ھالدا قەھىرماننى نەچچە ئادەمنىڭ سەرگۈزەشتىسىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان پائالىيەتچىگە ئايلاندۇرغان.
    گەرچە قەدىردان ئوبرازىدا بەزى ماسلاشمىغان تەرەپلەر بولسىمۇ(بۇ تەرەپ ماقالىنىڭ كېيىنكى بۆلىكىدە تەھلىل قىلىنىدۇ.)روماننىڭ باش تېمىسىنى يورۇتۇش بۇ شەخىس ئوبرازىدا مۇۋەپىقيەتلىك ئاخىرلاشقان.
    ئۇ كىچىكىدىلا دېگىنىنى قىلىدىغان ،قورىقماس بولۇپ يېتىلىدۇ.مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بىلەن ئارازلىشىپ قالغانلىق سەۋەپلىك ،ئوقۇشتىن توختايدۇ.سودىدا ئۆزىنىڭ كىچىكلىكىگە باقماي،تېزلا كۆزگە كۆرۈنىدۇ.بۇ جەريان تاسادىپىي بولۇپ قالمايدۇ.بەلكى بەلگىلىك تەرەققىيات جەريانىدا شەكىللىنىدۇ.ئۇنىڭ ھاياتى مەردلىك ۋە جەمىيەتتىكى ئادالەتسىزىلكلەرگە قارشى كۆرەش قىلىشتا ئىپادىلىنىپ،بىرنەچچە قېتىملىق نەپسانىيەتچى ساقچىلار بىلەن بولغان مۇنازىرىسى ۋە مەيدانى ئۇنىڭغا كىشىنى ئاپىرىن ئېيىتقۇزماي قالمايدۇ. ئۇنىڭ شەخسى تۇرمۇشىنى ئېلىپ ئېيىتقاندىمۇ ئۈچ قىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە كېيىنكى تەرەققىياتى چىنلىققا ئۇيغۇن يارىتىلغان.
    روماندا كۆزگە يەنە بەك چېلىقىدىغان كىشى ياقۇپ ھاجى بولۇپ،ئاپتۇر ئۇنىڭ ئوبرازىنى يارىتىشتا ئەتراپلىق ئىزدەنگەن.ئۇ باشتىن-ئاخىرى يۈكسەك سودىگەرلىك ئېڭىغا ۋە ئىسلام ئەمىر-مەرۇپلىرىغا ھەقىيقى ئەمەل قىلىدىغان كىشى بولۇپ،ئۆز سودىسى ۋە جاھاندارچىلىق ئىشىنى پۇختا بىلگەندىن باشقا، كىشىگە قارا سىنىمايدىغان،ھالال ئەمگەككە تايىنىدىغان تۇرمۇشىنى ئاددىي-ساددا ئۆتكۈزىدىغان،ھەشەم-دەرەمگە بېرىلمەيدىغان ئوبرازى بىلەن،يەنە بىر يالغان «تەقۋادار» -ئاخىرىدا چوڭ خىروئېن ئەتكەسچىسىگە ئايلانغان ،«ئالتۇن ئۈچبۈرجەك»كە بېرىپ بىۋاستە سودا قىلغان،ۋە تۇتۇلغان «خوجايىن »- خالمەت قارىم بىلەن ئاسمان-زېمىن پەرق قىلىدۇ.ئۇ قەدىرداننىڭ سودىدىكى ئاساسلىق ئۇستازى بولۇپ،قەدىرداننىڭ مۇۋەپىقيىتىنى ئۇنىڭسىز ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
    ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى جاھانكەزدىلىك قىلىپ سودىگەرچىلىك قىلىدىغانلار ئارىسىدا ھاجىلار بەلگىلىك نىسبەتنى ئىگەللەيدىغان بولۇپ،قەدىمىي «يىپەك يولى»سودىسدىمۇ بىرقىسىم ھەج قىلىشقا ماڭغان ھاجىلارنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقى مەلۇم. بۆگۈنكى كۈندە ئۇلارنىڭ سودىسى بارغانچە خىلمۇ-خىل ساھەلەرگە چېتىلماقتا.شۇنداقلا خەلقئارالىشىشقا يۈزلىنىپ،ئىسلام ئەللىرى بىلەن بولغان سودا ئىشلىرىدا ئاساسلىق رول ئوينىماقتا.يازغۇچى مۇشۇ نوقتىنى چىقىش قىلغان ئاساستا ياقۇپ ھاجىدىن ئىبارەت شىنجاڭ ئىچىدە يۈك توشۇش تىجارىتى قىلىدىغان سودىگەرئوبرازىنى يارىتىش ئارقىلىق يۇقارقى رىئاللىقنى ئەكىس ئەتتۈرۈشكىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن.



    ھالقىلىق سۆزلەر : ساكارائۇلى


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە كىتابلار