• «ئامەت ۋە ئاپەت»رومانى ھەققىدە بىر نەچچە سۆز(5)

    يوللانغان ۋاقتى:16-02-2012   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 4 پارچە
    ئۇ گۇاڭجۇدا خالمەت قارىمدىن ئايرىىلپ ،ئۇنىڭدىن ئېلىۋالغان پۇلىغا 4دانە موتۇ ئالىدۇ.ئۇنى خوتەنگە ئەۋەتىپ ئۇنى
    ئۇ گۇاڭجۇدا خالمەت قارىمدىن ئايرىىلپ ،ئۇنىڭدىن ئېلىۋالغان پۇلىغا 4دانە موتۇ ئالىدۇ.ئۇنى خوتەنگە ئەۋەتىپ ئۇنىڭدىن 40 نەچچە مىڭ يۇەن پايدا ئالىدۇ.بۇنىمۇ توغرا دەپ تۇرايلى ،ئۇ موتۇ بازار ئۇچۇرىنى نەدىن ئالدى .بۇ يەردە باش – ئۇچى يوق بىر سودا گېپى بار. ئاندىن قاشتېشى سودىسىدا 70 نەچچە مىڭ يۇەنلىك پايدا ئېلىش كۆرۈنۈشى بار.بۇ سودىنى ئۇ قاچانلاردا كۆرگەن؟ئۆگەنگەن. ئاپتۇرنىڭ مۇشۇ بايانلاردا نىسبەتەن كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلىرى بار.ئۇلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشلىرىنى خەۋەردار قىلمىسا،قەدىردان دۇنيادىكى ھەممە ئشنى بىلىدىغان «مۇتەخەسىس» بولۇپ قالمامدۇ؟
    بىز ئۇنىڭ« تۈنجى قەدىمى»دىن ھەيران بولىمىز.لېكىن كېيىنكى تەرەققىياتلار بىزنى گۇمانلاندۇرمايدۇ.سەۋەپ-نەتىجىلەرتولىمۇ ئورۇنلۇق.دىمەك بۇ ئوبرازنىڭ «تۈنجى قەدىمى» ياخشى «لايىھە»لەنمىگەن.
    2) بىر قىسىم ۋاقىت،ئورۇن خاتالىقلىرىغا يول قويۇلغان. قەدىردان باشتا كىچىكىدىلا مەدىنە بىلەن بىرگە ئويناپ شەھەردە چوڭ بولغان دىيلسە،كېيىن ئۇنىڭ سودا جەھەتتىكى تۇغما قابىليىتنى چۈشەندۈرۈش يۈزىسىدىن يېزىدا سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بوۋىسىنىڭ ئالدىدا چوڭ بولغان دىگەندەك زىددىيەتلىك تەرەپ بار.بىر قەدىردان بىرلا ۋاقىتتا ھەم شەھەردە مەدىنە بىلەن بىرگە ئويناپ،مەكتەپتە ئوقۇغان،ھەم يېزىدا بوۋىسىنىڭ قوينىدىن چىقماي دىگۈدەك مەكتەپتە ئوقۇغان.
    بەزى بايانلار شەخىسنىڭ يېشىغا ماس كەلمىگەن.يەنى قەدىردان ئەتىسى ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا ماڭىدىغان كۈنى ئاخشىمى قارا بېسىپ چۈش كۆرگەندىن كېيىن مۇنداق دەپ خىتاپ قىلىدۇ:
    -ئامىتى بارمۇ،ئازاپ تاغلىرى بارمۇ،ياكى دەھشەتلىك پاجىئە-نادامەتلىرى بارمۇ،ھەممىنى كۆرۈپ باقاي،... قېنى ئۇلار مېنى يەپ كىتەمدۇ ياكى مەن ئۇلارنىڭ گەجگىسىگە دەسسەپ دەس تۇرالامدىم!...........
    1-توم 22-بەت
    بۇ سۆز ئون تۆت ياشلىق بالىنىڭ ئېغىزىدىن ئەمەس،يېشى توختالغان تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق-چۈچۈكىنى تارىتقان كىشى تىلىدىن بېرىلسە مۇۋاپىق بولاتتى.
    15ياشلىق قەدىردان يەنە 22توننا قاقنى ئېلىپ ماڭغاندا ماشىنىنىڭ موتۇرىنىڭ ئاۋازى ئۇنىڭغا «ئامەت،ئاپەت،ئامەت،ئاپەت،...»دىگەن سادا ئاڭلانغاندەك قىلاتتى.
    1-توم 83بەت



    ھالقىلىق سۆزلەر : ساكارائۇلى


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە كىتابلار