يازغۇچىنىڭ ئەسەر ئىچىدە ئۆز باھالىرىنى قوشۇپ قويۇش شەكلى ئاساسەن قەدىمىي ئىپىك شىئېرلىرىمىز ئۇسلۇبى ئاساسىدا ھازىرغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ،مېنىڭچە ئاپتۇر ھەرقانداق سۆزىنى ،ئۆزىنىڭ قەلەم تەۋرىتىشتىكى مۇددىئاسىنى ئەسەردىكى شەخىس تىلى،شەخسنىڭ ئىچكى تەسۋىرى،تەپەككۇر تەسۋىرلىرى ئارىسىغا سىغدۇرۋىتەلىگىدەك قۇدرەتكە ئىگە.شۇڭلاشقا زورمۇ-زۇر ئەسەرئىچىگە سىغدۇرۇۋېلىشنى ئۆزگەرتىش كىرەك.
4) روماندا بىر قىسىم خەنزۇچە ئاتالغۇلار،خەنزۇچە لەقەملەر، چەت تىللاردىن كىرگەن لەقەملەرئۇچرايدۇ.(يەنى سەيگۇيۇەن،جاڭدۇ،خېنەنجىر،گارسىيا، مودىڭ ...قاتارلىق) خوتەنلىك قىمارۋازلارنىڭ لەقىمى ئۇيغۇرچە،بىراق ئۈرۈمچىلىك چىكەرمەن،ئىچەرمەنلەرنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ لەقىمى خەنزۇچە بېرىلىپتۇ.بۇنى باشقىلار ئاتىغاندا شۇنداق دېسىمۇ ئاپتۇر تىلىدا ئۇيغۇرچە مەنىسىنى بېرىۋەرسە بولاۋېرەتتى.مۇشۇنداق ئاتالغۇلارمۇ كىتاپقاكىرىپ قالسا ئانا تىل بايلىقىنى قوغداپ قېلىش تەس بولۇۋاتقان مۇشۇنداق پەيىتتە تېخىمۇئەكىس تەسىر كۆرسىتىشى مۆمكىن.
5) روماندا شەخسنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرى كۆپ،لېكىن شەخىسكە تەۋە ئىچكى تەسۋىرلەر ناھايىتى ئاز سالماقنى ئىگەللەيدۇ.ئۈچىنچى نوقتىدا ئوتتۇرىغا قويغاندەك شەخىسنىڭ ئىچكى تەسۋىرلىرى ئاپتۇرنىڭ ھاياجانلىرىغا سىڭىپ كىتىپ،كىتاپتىكى شەخىسلەر گويا ھېسسىياتسىز ماشىنا ئادەملەردەك،پەقەت ئاپتۇرلا ھېسسىياتلىق بىردىنبىر كىشىدەك خاتا تۇيغۇ ئوقۇرمەنلەردە ئاسانلا كۆرۈلۈپ قالىدۇ.
بىز مېھرىبان ۋە زۇلئايلارنىڭ ۋاپاتىدىن بولۇپمۇ مېھرىباننىڭ ئېچىنىشلىق ئۆلۈمىدىن قەدىرداننىڭ قانچىلىك ئازاپلىنىدىغانلىقىنى بىلمەكچى ئىدۇق،بىراق ئۇ 2600سوملۇق قەبرىدىن ئىككىنى قاتۇرۇپ قويۇپلا ،قەبرىنى بىرنەچچە قېتىم يوقلاپ قويۇپلا ئۇلارنى ئاساسىي جەھەتتىن «ئۇنۇتۇپ» خوتەندە 17000يۇەنلىك«ياماخا»مىنىپ سۆلەتلىك بايۋەتچىلەردەك يۈرۈپ كەتكەن. بولسا ئۇ قاتتىق ئازاپلىنىشى ،تاماقتىن قېلىشى،قاتتىق چۈشكۈنلىشىشى لازىم ئىدى.ئاپتۇر مۇشۇ يەرگە كەلگەندە بىرنەچچە بەتلىك ئىچكى تەسۋىرگە بەكلا بېخىللىق قىلغان.بىز ئۇنىڭ ئوننەچچە يىل ئاۋالقى مەدىنە بىلەن ئاخىرىدا كۆرۈشۈپ «ۋىسال»ىغا يەتكىنىگە ئۆچلۈكىمىز كەلگىنىچە تۇرۇپ قالىمىز.بۇ ئورۇندىمۇ بەلگىلىك ھېسسىيات توقۇنۇشى تەسۋىرلىنىشى لازىم ئىدى.
6.)كىتاپ خاتىمىسى ئانچە مۇۋەپىقيەتلىك ئەمەس.كىتاپ بىر قىسىم كىنولاردىكىگە ئوخشاشلا بىر كىشىگە بىر نەچچە ئايال تەڭ مەنسۇپ بولسا بىر نەچچىسى خىلمۇ-خىل تەقدىر بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىغان كۆرۈنۈشتە مەدىنەنىڭ «بەختى»بىلەن ئاخىرلاشقان.قەدىردان بىلەن مېھرىباننىڭ مۇھەببىتىنىڭ مەھسۇلى بولغان قەيسەرنىڭ ئاخىرىقى ئاقىۋىتى ئۈستىدە ئاپتۇر ھېچنىمە دىمىگەن.ئۇنىڭ باشقا ئۈچ«ۋاسكىچى» دوسىتلىرى شىنجاڭ ساقچىلرى تەرىپىدىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن،بىراق ئۇ قەھرىماننىڭ ئالدىدىن قاچقانچە قايتىپ كەلمىگەن.ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭدىن ئۇچۇر بېرىشكە ئاپتۇرنىڭ «قۇدرىتى» يىتەتتى، بىراق يازغۇچىمۇ قەدىرداندەكلا «تاش يۈرەك»لىك قىلغان.ئوغلىنى قەدىردانمۇ،ئۇنىڭ بوۋا-مومىسى بولغان ئاتا-ئانىلرىمۇ ئەسكە ئېلىپ قويمايدۇ.بىھۇدە ۋاپات بولغان مېھرىبانغا ئوخشاشلا ئۇمۇ شۇنداق ئاسانلا ئۇنتۇلۇپ كەتسە –ھە!
|


