ئىككىنچى قىسىمىدىكى يازغۇچىنىڭ قەھرىماننى توسۇن ئاتتەك كەڭ دائىرىگە قويۇۋېتىپ تېخىمۇ كەڭ نوقتىدىن پىكىرى قىلىشى ،ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى خىروئېن سودىسى،باشقا سودىلار ،ئۇيغۇر كارخانىچىلار،ئاشپەزلىك كەسپىنىڭ ئەھۋالى ،بالا يانچۇقچىلار ۋە ئۇلارنى سېتىۋىلىپ پۇل تېپىشنىڭ «تىللا تۆكۈلىدىغان دەرىخى»گە ئايلاندۇرۇۋالغان ئىدرىس مودىڭلارنىڭ ئەھۋالى توغرىسدا ماتىرىياللار ئۈستىدە ئالاھىدە ئىزلەنگەن ئەمگىكى بىزنى قايىل قىلىدۇ.
بۇنڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن نوقتىلاردا توختىلىش مۆمكىن ئىدى.باھا بېرىش ئىقتىدارىمنىڭ چەكلىكلىكىدىن بۇ نوقتىدا مۇشۇنچىلىك توختالماقچىمەن.
تۆۋەندە بايان قىلىدىغىنىم رومان ئۈستىدىكى قايتا ئويلاپ بېقىشقا تىگىشلىك بىر نەچچە مەسىلىلەر:
1)باش قەھرىمان قەدىردان ئوبرازىنى يارىتىشتا ساقلانغان بەزى مەسىلىلەر:
قەدىردان ئوبرازى بىز يۇقاردا ئوتتۇرىغا قويغاندەك بىرنەچچە جەھەتتىن مۇۋەپىقيەتلىك يارىتىلغان بولسىمۇ،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا «بەزى ماسلاشمىغان تەرەپلەر» ساقلانغان. يەنى 14ياشلىق ھېچقانداق ئەمەلىي سودا تەجىربىسى يوق بالا ئۈرۈمچىگە تۈنجى قېتىم بېرىپلا جاپپار سەيگۇيۇەنگە «دەرس» ئۆتىدۇ،ئۇنىڭغا تىجارەتنىڭ يولى ئۈستىدە سۆزلەيدۇ،ئۈنئالغۇ ئېلىپ،پايدىسىنى كۆرىدۇ.ئىككىنچى قېتىم 22توننا گۈلە-قاق ئەكىلىپ ،ئۇنى سېتىپ باشلىقى قويغان باھادىن2ھەسسىدىن ئارتۇق ئاشۇرۋېتىدۇ،ئۇنىڭدىن كېيىن يۈز توننىلاپ گۈلە-قاق ساتىدۇ،ساتقاندا ئۇزۇن يىل گۈلە-قاق ساتقانلاردىن ئاشۇرۇپ 10000-20000يۇەننىڭ مېھرىدىن كېچىپ،سۈڭگۈتۈش ئارقىلىق ،تاپقان پايدىنى سۈڭگىتكىنىدىن 3-5ھەسسە ،ھەتتا 10-20ھەسسە ئاشۇرۋېىتىدۇ.
بۇنچىلىك ئىشنى تەۋرىتىشتە ياش بىلەن ھېساپلاشمىساقمۇ،كېمىدە بىرەر –ئىككى يىل بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغان.گۈلە –قاق قۇرۇتۇپ باققان،ساقلاپ باققان بولۇشى،نەچچە قېتىملىق سودا جەريانىدا پىشقان بولۇشى كىرەك ئىدى. ئەپسۇس بىز ئۇنىڭدىن بۇنداق تەرەققىيات جەريانىنى كۆرەلمەيمىز.كۆرىدىغىنىمىز گۈلە-قاق ساقلاش،سۈپىتىنى ئايرىيدىغان،سودا بازىرىنىڭ،ئىسلاھات دەۋرىنىڭ تەلىۋىنى بىلىدىغان « مۇتەخەسىس بالا»،ھەمدە چوڭ دادىسنىڭ سودىگەرچىلىك،يۇرت ئاتلاپ سودا قلىش ھەققىدىكى پاراڭلىرىنى 11-12يېشىغىچە ئاڭلاپ چوڭ بولغان «قۇلاق موللىسى» بۇنچىلىك ئاساسقا تايىنىپ، شۇنچىۋالا چوڭ ئىش تەۋرىتىپ كېتىشى چىنلىققا ئۇيغۇن ئەمەس.
ئۇنىڭ بىرىنچى قېتىم گۇاڭجۇغا خىرويىن سودىسىغا بېرىپ قايتىپ كېلىشى،كېيىنكى نەچچە قېتىملىق ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ – كېلىشى بىزنى سەل ھەيران قالدۇردۇ. ئۇ نىمىشقا شۇنچە ئاسانلا ئۇ يەرلەرگە بېرىپ كىلەلەيدۇ؟بىرنەچچە قېتىم ساقچىلارنىڭ قولىدىن شۇنچە ئوڭايلا قېچىپ كىتەلەيدۇ؟ ھەتتا شۇنچە چوڭ جىنايەتلىرى تۇرۇپمۇ تارتىدىغان «ئاپىتى» بويىچە نىمىشقا يازغۇچى ئۇنىڭغا بىرەر-يېرىم يىللىق تۈرمە ئازابىنى تېتىتمايدۇ؟ ئۇ پەقەت ئىككى قېتىملا بىرنەچچە كۈنلۈك تۇتۇپ تۇرۇشنى باشتىن كەچۈردى.ئەجەبا خوتەندە جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ئالدام خالتىسىدىن «پەم»بىلەن قېچىپ چىققاندا ئۇنى كېيىن ئىزدىمەيلا تاشلىۋەتكەندىمۇ؟ ساقچىلارنى يارىلاندۇرۇش مەسىلىسى كىچىك مەسىلە بولماسلىقى كىرەك ئىدىغۇ؟
|


