• «ئامەت ۋە ئاپەت»رومانى ھەققىدە بىر نەچچە سۆز(3)

    يوللانغان ۋاقتى:16-02-2012   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 4 پارچە
    ياقۇپ ھاجى خاراكتىرىدىكى بەزى ئاجىزلىقلار،ئۆزىنىڭلا يېنىنى توملاشقا ئۇرۇنۇشتىن ئاخىرى قىلغاننى بىلىدىغان،ئ
    ياقۇپ ھاجى خاراكتىرىدىكى بەزى ئاجىزلىقلار،ئۆزىنىڭلا يېنىنى توملاشقا ئۇرۇنۇشتىن ئاخىرى قىلغاننى بىلىدىغان،ئىنساپلىق سودىگەرگە ئايلىنىش جەريانىمۇ چىنلىققا ئۇيغۇن سۆرەتلەنگەن بولۇپ،ئۇنىڭ قەھرىمانغا بىرىنچى قېتىم ئوتتۇرا ئاسىيا سودىسىدا پۇرسەت بېرىشى،ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ «ھالاكەتلىك تەقدىرى»نى ئاخىرلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن،ماشىنا كالۇنىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى بۆلۈپ بېرىشى ئوقۇرمەنگە ھىچقانچە تاسادىپىي تۇيۇلمايدۇ.
    ئۇنىڭدىن باشقا قەدىرداننىڭ كۆيۈمچان ،تەلەپچان ئاتا-ئانىسى ئابباس بۇجاڭ ۋەخەيرىگۈل،قېرىنداشلىرى گۈلنۇر،ئابدىراخمانلار،قەدىرداننىڭ بۇرۇن بېشىنى سىيلىغان،كېيىن كىچىك بالا بىلىپ يوق ھېساپتىكى ئىش ھەققى بىلەن ئۆزىگە پايدىنىڭ چوڭىنى تېپىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان باشلىقى ئوبۇل ھەسەن، ئۈرۈمچىدىكى دوسىتلىرىدىن نۇرمەت،ھېلىمجان ،زۇلئاي،مېھرىبان ،پاتەمخان،ياڭ مىڭسەن قاتارلىق ھالال كېرىمى بىلەن ياشايدىغان كىشىلەر ئوبرازى بىلەن ئۇنىڭغا قارشى ھالدا،جەمىيەت داشقاللىرى ،خروئن ئەتكەسچىلىرى،چەككۈچىلىرىدىن بولغان غەيرەت جاڭدۇ،ئەبەي گىتار،ئەيسا خېنەنجىر، ھۆسنەرخان، ئەسئەت ئەرۋاھ،زوھۇر گارسىيا،ئابىخان لومبا قاتارلىق جەمىيەتنىڭ ھەرخىل قاتلام كىشلىرى بىلەن كىتاپخانىلارنى تونۇشتۇرغان.ھەتتا قەدىردانغا قىمارۋازلىق «ھۈنىرى»نى كۆرسىتىپ ئۇنى ئوڭدا قويغان ئەھەد تاۋكا،ئىمىر بارماق،ئۆمەر غالتەكلەرنىڭ بۇرۇنقى سەرگۈزەشتىلرىگىچە تەسۋىرلەپ شەخىسلەرنى چىنلىققا ئىگە قىلغان.يەنە ئادەمنىڭ ھەم غەزىپىنى كەلتۈرىدىغان،ھەم ئېچىنىپ ئىچ ئاغرىتىدىغان ئاباق توختى،ئابابەكرى كاۋاپچى قاتارلىق ۋىجدانىنى يوقاتقان كىشىلەرنىڭمۇ كىتاپخانغا ناتونۇش يېرى قالمىغان.
    ئەڭ تىپىك يارىتىلغان ئوبرازلاردىن يەنە مېھرىبان ۋە زۇلئايلار بولۇپ ئۇلار قەدرداننى چىن يۈرىكىدىن سۆيگەن ئىككى ئايالى،بىراق ئۇلار خىروئېن تۈپەيلىدىن ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ئەھۋالدا قېلىپ ،ناھايىتى ياشلا ئۆز ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.مېھرىباننىڭ قانلىق قىسمىتى بىزنىڭ كۆزلىرىمىزگىمۇ ئىختىيارسىز ياش كەلتۈرىدۇ.ئۇلار مۇھەببەت ئۈچۈن قۇربان بەرگەن زامانىمىزنىڭ لەيىلسى ۋە شېرىنى ئىدى.
    3)يازغۇچىنىڭ ئۈرۈمچىنىڭ گۈلە-قاق توپ سېتىش بازىرى،ۋە بۇ بازاردا روناق تېپىشنىڭ يولى،شىركەتلەرنىڭ خىزمەت ئۇسۇلى جەھەتلەردىكى تەكشۇرۇشى خېلىلا ئەتراپلىق بولغان.شۇنداقلا خىروئىن ئەتكەسچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئائىت ماتىرياللارنىمۇ تەپسىلىي ئىگەللىگەن.بۇ بىر قەدەر ئىلمىيلىكنى تەلەپ قىلىدىغان تەكشۇرۇش بولۇپ،ئىقتىسادىي قانۇنىيەت ئىگەللەنمىسە،روماندىكى ھالقىلىق مەسىلە - يەنى ئامەتنىڭ بىكاردىن-بىكار قولغا كەلمىگەنلىكنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا بولمايىتتى.
    بىز قەدىرداننىڭ بېيىش جەريانىدىكى پائالىيەتلىرىنى تەپسىلىي كۆرۈش ئارقىلق گۈلە- قاق توپ سېتىش كەسپىدىكى ئاساسىي تىجارەت يوللىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقالايمىز.خىرۇئېن ئەتكەسچىلىرىنىڭ خىروئېن ئېلىش،سېتىش ئۇسۇللىرى،ئۆزىنىڭ چېكىملىكى ئۈچۈن ھەرقانداق ۋاستە تاللىماي،باشقىلارنى ئورىغا ئىتتىردىغانلىقىنى  ئوقۇۋاتقىنىمىزدا تەنلىرىمىز جۇغۇلداپ كېتىدۇ.ھۆسنەرخاننىڭ ئۆز قىزىنىڭ ئىپپىتىنى سېتىش،خوتۇنلۇققا تېڭىش ئارقىلىق،قەدىرداننى باش ئەگدۇرۇشى،ئەسئەت ئەرۋاھنىڭ چېكىدىغان خىروئېننى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۆز سىڭلىسىنى باشقا بىرسىنىڭ قۇچقىغا تاشلاپ بېرىپ،ئاخىرىدا«تۇتۇۋالغان» بولۇپ،ئوتتۇرىدىن پايدا ئېلىشى؛ئابابەكرى كاۋاپچىنىڭ يەنە شۇ ئۇسۇلدا نارەسىدە قىزىنى خىروئىنغا تىگىشىشى قاتارلىق خىروئېن سەۋەبىدىن بولۇۋاتقان ئىنسان قېلىپدىن،مىللىي ئەنئەنە،مىللىي ئەخلاقتىن چەتنىگەن رەزىللىك قىلمىشلىرى بىزنى يەنە بىر قاراڭغۇ دۇنيا بىلەن تونۇشۇش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلىدۇ.



    ھالقىلىق سۆزلەر : ساكارائۇلى


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە كىتابلار