• شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسەش

    يوللانغان ۋاقتى:25-03-2012   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
    شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسەش يالقۇن روزى شەرقشۇناسلىق شېئىرىي تۈسكە ئىگە ئاتالغۇبولۇش سۈپى

    شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسەش

    يالقۇن روزى

        

     «شەرقشۇناسلىق» شېئىرىي تۈسكە ئىگە ئاتالغۇبولۇش سۈپىتى بىلەن كىشىگە ئىنتايىن يېقىملىق تۇيغۇ بېرىدۇ. بۇ نام ھەقىقەتەن دۇنيانىڭ شەرقىدە ياشىغۇچى ئەللەرنىڭ زىيالىيلىرىغا بەك رومانتىك ئاڭلىنىدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە «شەرقشۇناسلىق»مەخسۇس شەرق ئەللىرىگە ئالاقىدار تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر تۈرلۈك ئىلىم. ئەمما،شەرق زىيالىيلىرىنىڭ ئىچىدىكىكاللىسى سەگەك، تەپەككۇرى ئۆتكۈر، پەرق ئېتىش قابىلىيىتى يۇقىرى، بىلىمى مول، كۆزىتىشكە ماھىر ئاز ساندىكى سەرخىل زىيالىيلار «شەرقشۇناسلىق» ئىلمىنىڭ ماھىيىتى ۋە مەقسىتىگە تەنقىدىي نەزەر بىلەن قارايدۇ.

            ئومۇملاشقان قاراش بويىچە ئېيتقاندا، «شەرقشۇناسلىق» ياۋروپادا ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى ھەرىكىتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىن باشلاپ فىرانسىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق ياۋروپا ئەللىرىدە بارلىققا كەلگەن ئىلىم. 18 - ئەسىرنىڭباشلىرىدا رۇسىيەمۇ بۇ سەپكە قېتىلدى. 300 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان ئۇ پۈتكۈل غەرب دۇنياسىدا ئومۇملاشقان بىر دۇنياۋى ئىلىم بولۇپ قالدى. شەرقشۇناسلىقئورگانلىرىدا شەرق خەلقلىرى تىئولوگىيە، پىسخوگىيە، پېداگوگىكا ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلمىنىڭ ئاساسلىرى بويىچە تەتقىق قىلىنىپ، بۇلارنىڭ قانداق شارائىتتا ئاجىزلىشىپ، يەنە قانداق شارائىتتا كۈچىيىدىغانلىقى، زىددىيەتنى قايسىنۇقتىدا تەرەققىي قىلدۇرسا كېڭەيتكىلى بولىدىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر ناھايىتى روشەن كۆرسىتىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ياۋروپانىڭ شەرق سىياسىتى ۋە تاكتىكىسى مۇشۇئىلمىي چۈشەنچىگە ئاساسەن بېكىتىلدى. مۇشۇ جەرياندا ئۇ بىرنەچچە باسقۇچنى بېسىپئۆتتى. بۇ ئىلىمنى تەنقىد قىلغۇچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، شەرقشۇناسلار ۋە شەرقشۇناسلىقنىڭ مۇھىم نىشانلىرىنىڭ بىرى، غەربنىڭ مۇستەملىكىچىلىكىنى شەرق ئەللىرىدە يىلتىز تارتقۇزۇش ھەم شەرق ئەللىرىدىكى پۇقرالار ئارىسىدا غەربنىڭھۆكۈمرانلىقىنى قوبۇل قىلىدىغان، شۇنداقلا ئۇنىڭدىن سۆيۈنىدىغان بىر تۈركۈم كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈش. بۇ خىل ئالاھىدىلىك مۇنداق ئىككى نۇقتىدا روشەن ئىپادىلىنىدۇ: بىرىنچى، شەرق خەلقلىرىنىڭ يادرولۇقئەقىدىسىنى بۇرمىلاش ۋە ئۇلارنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش. ئىككىنچى، غەربنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى ئۇلۇغلاش.

     شەرقشۇناسلارنىڭ شەرقشۇناسلىقنى ئىپادىلەش شەكلىئىنتايىن كۆپ خىل. ئۇلار بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ ئۆز غايىسىنى ئەمەلگەئاشۇرۇشقا تىرىشىپ كەلدى. ئۇلار بۇنىڭ ئۈچۈن شەرقشۇناسلىق ھەققىدە كىتاب يازدى، لېكسىيە سۆزلىدى، دەرس ئۆتتى، غەربنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەقىدىسىنى تەرغىب قىلدى. تۈرلۈك ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى قۇردى. ھەر خىل يىغىلىشلارنى ئۆتكۈزدى. گېزىت - ژۇرناللارنى نەشر قىلدى. دېمەك، ئۇلار ئۆز غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ياردىمىتېگىدۇ، دەپ قارىغانلىكى يولنىڭ ھەممىسىگە ماڭدى.

     غەرب ياۋروپا مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك دەۋرىدە قوللانغان قاتتىق ۋاسىتىلىرىنى زاماننىڭ تەقەززاسىغا، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئىسلاھ قىلدى، يېڭىلىدى ھەم تەڭشىدى. بارا - بارا يۇمشاق ۋاسىتىلەر ئاساسىي ئورۇنغا ئۆتتى. ئەمما، غەربنىڭ نىشانىدا، شەرققە تۇتقان سىياسىتىنىڭ ماھىيىتىدە ئۆزگىرىش بولمىدى. بۇنىڭ ئىچىدە مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقى ئالاھىدە گەۋدىلىك بولدى. مانا مۇشۇ ئۇزاق تارىخىي جەرياندا دۇنيا خەلقى جاھانگىرلىككە، مۇستەملىكىچىلىككە قارشى سىياسىيئەمەلىيەت ۋە ئىدىيەۋى مەدەنىيەت ھەرىكىتىنى ئەۋج ئالدۇردى. نەتىجىدە، «كېيىنكىمۇستەملىكە نەزەرىيەسى» بارلىققا كەلدى. «كېيىنكى مۇستەملىكە نەزەرىيەسى»نىڭئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن شەرقشۇناسلىقنى كېيىنكى مۇستەملىكىچىلىكنىڭ ئەڭ مۇھىمقورالى سۈپىتىدە تونۇش ئورتاق قاراشقا ئايلاندى. ھەقىقەتەنمۇ، شەرقشۇناسلىق بىرئىلىم سۈپىتىدە ئۆز تارىخىدا ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ساپ ئىلىمگە تەئەللۇق بەزى ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ سىياسىي خاراكتېرلىك ئىلىم بولۇشتەك ماھىيىتى ئەسلا ئۆزگەرمىدى. شەرقشۇناسلىقنىڭ بىلىندۈرمەي ئۆزگەرتىش، چاندۇرماي زەھەرلەش ئۇسۇلى ئۇلارنىڭ پەيدا بولغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئىزچىل قوللىنىپكېلىۋاتقان ئەڭ مۇھىم، ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى. شەرقشۇناسلار بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق شەرق مىللەتلىرى ئىچىدىكى ئاممىۋى زىيالىيلارنىڭ ئىدىيەسىنى چالغىتىپ، ئۇلارنى ئۆزلىرى تۇيمىغان ھالدا غەرب ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويىدۇ. چۈنكى، شەرقشۇناسلار شەرق ئەللىرىدە ئۆزىنىڭ كىملىكىدىن نومۇس قىلىدىغان ھەم ھەقىقىي ئۆزلۈكىدىن يىرگىنىدىغان بىر ئەۋلادنى بارلىققا كەلتۈرۈشنى ئۆزىنىڭھەقىقىي نىشانى قىلغان. ئىنساننىڭ جىسمىغا ئوخشاش ئىدىيەسىمۇ يۇقۇملىنىۋېرىدۇ، مىللىي كىملىكىمۇ يۇقۇملىنىۋېرىدۇ. يەنى ئادەمنىڭ ئىدىيەسى تەسىرگە ئۇچراۋېرىدۇ. پەقەت ئىدىيەنىڭ تەسىرگە ئۇچراش دەرىجىسىدە پەرق بولىدۇ. شۇڭا، تەتقىقاتچىلار «ئۈچىنچى دۇنيا زىيالىيلىرى يەرلىك مەدەنىيەتنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تارىخىيمۇساپىسىدە قانداق قىلىپ ئۆزىگە تايىنىش ھەم غەرب مەدەنىيىتىگە روبىرو تۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش لازىم» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ خىل قاراش «كېيىنكىمۇستەملىكە مەدەنىيىتى ئوبزورچىلىقى»نى روياپقا چىقاردى. روبېرت يان «كېيىنكىمۇستەملىكىچىلىك: تارىخنىڭ يېتەكچىسى» دېگەن ئەسىرىدە يازغاندەك: «كېيىنكىمۇستەملىكە مەدەنىيىتى ئوبزورچىلىقى بۇ تارىخىي باسقۇچقا قايتىدىن قاراپ چىقىش، بولۇپمۇ مۇستەملىكىچىلىك ئازابىنى تارتقانلارنىڭ نۇقتىسىدا تۇرۇپ قاراپ چىقىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇنىڭ ھازىرقى زامان جەمئىيىتىگە بولغان ھۇجۇمىنىمۇ ئېنىقلاشتىنئىبارەت» بۇرچىنى ئۈستىگە ئالغان.

     تەنقىدىي روھقا باي كېيىنكى مۇستەملىكەمەدەنىيىتى ئوبزورچىلىرى نۇقتىلىق ھالدا شەرقشۇناسلىق ئۈستىدە ئانالىز ئېلىپباردى. پەلەستىنلىك ئەرەب نەسلىدىن بولغان ئامېرىكىلىق داڭلىق مۇتەپەككۇر ئېدۋارد سەئىد (1935 − 2003) شەرقشۇناسلىقنىڭ تەتقىقات تارىخىغا چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگەقايتا بايان ۋە تەنقىد ئېلىپ بارغان كېيىنكى مۇستەملىكە مەدەنىيىتى ئوبزورچىسىدۇر. ئۇ 1978 - يىلى نەشر قىلىنغان مەشھۇر ئەسىرى «شەرقشۇناسلىق»تا 1798 - يىلىناپولېئوننىڭ مىسىرغا بېسىپ كىرىشىدىن باشلاپ بۈگۈنكى زامانغىچە بولغان غەرب ئالىملىرى، يازغۇچىلىرى ۋە ئورگانلىرىنىڭ قانداق قىلىپ شەرققە نىسبەتەن تونۇش، تەسەۋۋۇر ۋە قۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقىنى تەكشۈردى ۋە ئۇلارنىڭ شەرقنى سىرلىق، قالاق ۋە ياۋايى «ياتلار» دەپ قارىغانلىقىغا تەنقىد يۈرگۈزدى. ئۇ شەرقشۇناسلىققا جەڭ ئېلان قىلىپ، شەرقشۇناسلىق «بىر خىل ئىلمىي تەتقىقات پېنى» بولۇپلا قالماستىن، ئەڭ مۇھىمى «بىر خىل تەپەككۇر شەكلى»، «بىر خىل ھوقۇق ئېيتىم شەكلى» دەپ ھېسابلىدى. ئۇتېخىمۇ ئېنىق قىلىپ «شەرقشۇناسلىق − بىر يۈرۈش سۈنئىي بەرپا قىلىنغان نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي سىستېما» دەپ جاكارلىدى. ئۇ غەربنىڭ مۇستەملىكىچىلىكى ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي تاجاۋۇز بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇ يەنە ئىلمىي بايانلار ئارقىلىقئۆزىنى قۇراشتۇرىدۇ. بۇنداق بىلىم جاھانگىرلىكى ماھىيەتتە سىياسىي زومىگەرلىككەچېتىلىدۇ، دەپ چۈشەندۈردى.

     كېيىنكى مۇستەملىكە نەزەرىيەسى جۇڭگوغا يېتىپكەلگەندىن كېيىن غەرب مەدەنىيىتىنىڭ يېتەكچى ئورۇندا ۋە ئاساسىي ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەنلىكىگە ئىچى سىقىلغان جۇڭگونىڭ ئىلىم ساھەسىدىكىلەر تەنتەنە قىلدى. ئېدۋارد سەئىد، شەرقچىلىق، مەدەنىيەت مۇستەملىكىسى، مەدەنىيەتنىڭ شالغۇتلاشتۇرۇلۇشىقاتارلىقلار قىزىق تېما بولۇپ قالدى. جۇڭگونىڭ كېيىنكى مۇستەملىكە مەدەنىيىتىئوبزورچىلىقى مۇشۇ ئاساستا پەيدا بولدى. كېيىنكى مۇستەملىكە مەدەنىيىتىئوبزورچىلىقى خاراكتېر جەھەتتىن غەربنىڭ ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ ۋە ئەدەبىياتىنىڭ جاھانگىرلىك بىلەن بىر نىيەتتە ئىكەنلىكىنى ئېچىپ بەرگەنىدى. ئۇ يەر شارىلىشىش دەۋرىدىكى مەدەنىيەتنىڭ شالغۇتلىشىشىغا، ياقا مەدەنىيەت (边缘文化) نىڭ ساداسىغا، كاپىتالىزمنىتەنقىد قىلىش قاتارلىق مەدەنىيەت تەتقىقات مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلەتتى. جۇڭگونىڭكېيىنكى مۇستەملىكە مەدەنىيىتى ئوبزورچىلىقىمۇ كېيىنكى مۇستەملىكە نەزەرىيەسىدىنپايدىلىنىپ ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى. «جۇڭگونىڭ كېيىنكى مۇستەملىكە مەدەنىيىتىئوبزورچىلىقى دېگەندە، جۇڭگو ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ كېيىنكى مۇستەملىكە نەزەرىيەسىدىنپايدىلىنىپ، بۈگۈنكى زامان جۇڭگو ئەدەبىياتىدىكى مەسىلىلەر ئالدىدا بىر قاتار نەزەرىيەۋى تېمىلارنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقانلىقى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.  20- ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرى ۋە 90 - يىللارنىڭ باشلىرىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ئۆزگىرىشلەر جۇڭگو زىيالىيلىرىغا غايەت زور ھۇجۇم شەكىللەندۈردى. بىرلىككە كەلگەن دۇنيا تارىخىدا جۇڭگونىڭ 100 يىلدىنبۇيانقى زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىنى قانداق تونۇش، يەر شارىلاشقان كونتېكىستتا جۇڭگومەدەنىيىتىنى قانداق شەرھلەش، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتتىن زامانىۋىلىققا ئۆزگىرىشجەريانىدا غەرب ئىدىيەسى بىلەن يەرلىك تەجرىبە مۇناسىۋىتىگە قانداق مۇئامىلە قىلىشقاتارلىقلار ئۆزگىرىش دەۋرىدىكى جۇڭگو زىيالىيلىرى دۇچ كەلگەن گەۋدىلىكمەسىلىلەردىن ئىبارەت. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ھازىر يەرلىك مەدەنىيەتكە قايتىش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى قېزىش جۇڭگو ۋە چەت ئەللەردىكى خەنزۇ تىلىئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئاساسىي پىكىر ئېقىمى بولۇپ قالدى.[1]» شەرقشۇناسلارنىڭغەرىزى ۋە شەرقشۇناسلىقنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە قايتا تونۇشقا ۋە ئىدراكىي تەنقىدنەزىرىگە ئىگە سەرخىل زىيالىيلار شەرقشۇناسلىق بىلەن ئالاقىدار مەسىلىلەردە قايتائويلىنىشقا كىرىشتى. ئىلگىرىكى نۇرغۇن مەسىلىلەرگە يېڭىباشتىن سوئال قويدى. ئافازىيە كېسىلى (ئوقۇش ۋە چۈشىنىش ئىقتىدارىنى يوقىتىش كېسىلى 失语症) گە گىرىپتار بولغان زىيالىيلار ۋە مەدەنىيەت ئۈستىدە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشكە، شەرقشۇناسلىقنىڭ زەھىرى بىلەن سۇغىرىلغان ئەسەرلەرنى قايتا باھالاشقا كىرىشتى. ئافازىيە كېسىلى نەزەرىيەچىلىرى غەرب مەدەنىيىتىنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشى جۇڭگو ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ غەربلىشىشى ۋە جۇڭگو قەدىمكى زامان مەدەنىيىتىنىڭ ياقا مەدەنىيەت بولۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولدى، دەپ قارىدى. ئۇلار يەنە جۇڭگو ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات نەزەرىيەسىغەربنىڭ بىر يۈرۈش ئېيتىملىرىنى ئارىيەت ئېلىپ مەدەنىيەتنىڭ ئۇزاق مۇددەت ئىپادىلەش ۋە ئوقۇشتىكى ئافازىيە ھالىتىدە تۇرۇپ قالدى، دەپ چۈشەندۈردى. ئۇلار «بىزدە ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئېيتىمى، ئۆزىمىزگە خاس ئىپادىلەش، ئالماشتۇرۇش ۋە ئوقۇشنىڭ بىر يۈرۈش ئىلمىي قائىدىسى يوق [2] » دەپ ئۆكۈنۈشتى.

     ئۇنداقتا، بىزنىڭ ئافازىيە ھالىتىدە تۇرۇپ قالغان مەدەنىيەت مۇھىتىمىزدا ۋە مىللىي ئەدەبىياتىمىزدا قانچىلىك خەۋپلىكمەسىلىلەر بار؟ ھېچبولمىغاندا، شەرقشۇناسلىقنىڭ زەھىرى بىلەن سۇغىرىلغان ئەسەرلەر بارمۇ - يوق؟ شەرق مىللەتلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزمۇ بۇنىڭدىنمۇستەسنا ئەمەس، ئەلۋەتتە.

     كېيىنكى مۇستەملىكە مەدەنىيىتى ئوبزورچىلىقىنىڭنەزىرى بىلەن قارايدىغان بولساق، بۇ ھادىسىنىڭ بىزدىكى ئىپادىلىرىنىڭ ھەممىلا جەھەتتە يوشۇرۇن ھەم ئاشكارا ھالدا دېگۈدەك كۆرۈلگەنلىكىنى بايقايمىز. مېنىڭچە، بىرقەدەر روشەن ئىپادىلىرىنىڭ بىرى ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىدە نەسرىدىنئەپەندى ئوبرازىنى ئەكس ئەتتۈرۈشتە كۆرۈلۈپ كەلدى. نېمىگە ئاساسلىنىپ شۇنداق دەيمەن؟ گەپنى رۇسىيە يازغۇچىسى لېئونىد ۋاسلىۋىچ سولوۋيوف (1906−1962) نىڭ «نەسرىدىن ئەپەندى ھەققىدە قىسسە» ناملىق رومانىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.

    بۇ روماننىڭ 1959 - يىلى تاشكەنت شەرق ھەقىقىتى نەشرىياتى نەشر قىلغان تۇنجى ئۇيغۇرچەنۇسخىسى شۇ يىللاردا ئاپتونوم رايونىمىزدا مەلۇم دەرىجىدە تارقىلىپ 60 - ۋە 70 - يىللاردا قولدىن - قولغا ئۆتۈپ ئوقۇلغان. 1982 -  يىلى ئاشۇ نۇسخىسى ئاساسىدا «بەزى ئاتالغۇلىرى ۋە ئايرىم جايلىرى ئۆزگەرتىلىپ» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 30 مىڭ تىراژدا نەشر قىلىنغان- 1989 . يىلى ئىككىنچى قېتىم 9000 تىراژدا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان. ئارىدىن 10 يىلئۆتكەندىن كېيىن ئۈچىنچى قېتىم 5000 نۇسخا بېسىلىپ تارقىتىلغان. دېمەك، بۇ روماننىئۇيغۇر جەمئىيىتىدە خېلى كۆپ تىراژدا نەشر قىلىنىپ، كەڭ كۆلەمدە تارقىتىلغان چەت ئەل رومانى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئادەتتە ئەدىبلەر ئارىسىدىكى سورۇن - سۆھبەتلەردە بۇ رومان «قالتىس قىزىقارلىق»، «تىلى ئاجايىپ گۈزەل» دەپ ماختىلىپ تۇرىدۇ. بەزىلەر ئۆزىنىڭ ئاشۇ ئەسەرنى كۆپ ئوقۇپ قەلىمىنى تاۋلىغانلىقىنىمۇ سۆزلىشىدۇ. ئۆكۈنەرلىكىشۇكى، مەن ھازىرغىچە تېخى بىرەر ئەدىبنىڭ ئاغزىدىن بۇ روماننىڭ مەزمۇنىنىڭ ساغلام ياكى ساغلام ئەمەسلىكى، ئىدىيەسىنىڭ بىز ئۈچۈن زىيانلىق ياكى پايدىلىق ئىكەنلىكىتوغرۇلۇق پىكىر بايان قىلىپ باققانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىدىم. لېئونىد سولوۋيوفنىڭئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ نەزىرىدىكى مەشھۇر خەلق قىزىقچىسى نەسرىدىن ئەپەندى ئوبرازىنى بۇرمىلاپ، خالىغانچە ئۆزگەرتىپ، شەرقشۇناسلار لايىھەلىگەن ئۇستاتلىقنىقوللىنىپ، شەرقشۇناسلىقنىڭ نىشانىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان نەتىجىنى روياپقاچىقارغانلىقىنى ئېزىپ - تېزىپ دەپ تاشلىغانلىقىنى تېخىمۇ ئاڭلاپ باقمىدىم.




    ھالقىلىق سۆزلەر :


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە كىتابلار