• شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسەش(4)

    يوللانغان ۋاقتى:25-03-2012   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
    مانامۇشۇنداق قاراشنىڭ ئومۇملىشىشى نەتىجىسىدە 18 - ۋە 19 - ئەسىردىكى ياۋروپادا شەرق ئە

    مانامۇشۇنداق قاراشنىڭ ئومۇملىشىشى نەتىجىسىدە 18 - ۋە 19 - ئەسىردىكى ياۋروپادا شەرق ئەللىرىنىڭ تىلىنى ئۆگىنىش زور قىزغىنلىققا ئايلاندى. شۇ ئارقىلىق شەرق ئەللىرىنىڭجۇغراپىيەسىنى، تارىخىنى، پىسخىكىسىنى، مەدەنىيىتىنى ئىگىلىدى. ئاندىن بۇنىئۆزگەرتىش، بۇرمىلاش، زەھەرلەش، قايتا قۇرۇش ئىشلىرىنى ئېلىپ باردى. تەبىئىي ھالدا بۇ سەپكە ياۋروپا ياكى غەربنىڭ يازغۇچى - شائىر، رەسساملىرىمۇ قاتناشتى. نەتىجىدە، غەربنىڭ سىياسىيسىدا «شەرق مەسىلىسى» ئوتتۇرىغا چىققاندەك، غەرب ئەدەبىياتىدا «شەرق تېمىسى» ۋۇجۇدقا چىقتى. ئەنگلىيە رومانتىزم  ئەدەبىياتى مەزگىلىدە  ئوتتۇرىغا  چىققان يازغۇچى ۋالتىر سىكوت ۋە شائىر بايرون  (1788 − 1824) لارمۇ شەرق تېمىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ ئەسەر يازغان. مەسىلەن، بايرون «شەرق داستانلىرى» دېگەن نامدا بىر يۈرۈش داستانلارنى يازغاندىن باشقا، «دون جۇئان» ناملىق شېئىرىي رومانىدا ئىتالىيە دېڭىز قاراقچىلىرى تەرىپىدىنتۇتۇلۇپ ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ پايتەختى ئىستانبۇلغا ئېلىپ بېرىلىپ، سۇلتان ئوردىسىغا سېتىلغان دون جۇئان ئىسىملىك يىگىتنىڭ ھېكايىسىنى تەسۋىرلىگەن. ئەسەردە دون جۇئان سۇلتان ئوردىسى تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغاندىن كېيىن ھەرەمدىكى توقاللارنىڭھۇزۇرلىنىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ. بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۇ يەردىن قېچىپ چىقىپ، تۈركىيەگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان رۇسىيە ئارمىيەسىگە قاتنىشىدۇ. «دون جۇئان» ئەدەبىيات تارىخچىلىرى تەرىپىدىن «ئۆتكۈر ئىجتىمائىي مەسخىرىگە تولغان ئەسەر» دەپ قارىلىدۇ. دېمەك، بايرون سۇلتان ئوردىسىنى قاتتىق مەسخىرە قىلغان. بايرون ئۆزىمۇ نەشرىيات سودىگىرىگە يازغان خېتىدە «مېنىڭ دون جۇئاننى پۈتكۈل ياۋروپانى بىر ئايلاندۇرۇپ چىقىشىمدىكى مەقسەت، ھەرقايسى ئەللەردىكى مەسخىرە قىلىشقا تېگىشلىك كۈلكىلىكتەرەپلەرنى كۆرسىتىش» دېگەن. قىسقىسى، «شەرق تېمىسى» غەرب ئەدەبىياتىدىكى بىرئىزچىللىققا ئىگە ئەنئەنە سۈپىتىدە ھازىرغىچە داۋام قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىنمەقسەت مەجبۇرلاش ۋاسىتىسى بىلەن قىلغىلى بولمايدىغان ئىشلارنى ئەدەبىيات - سەنئەت ۋاسىتىسى ئارقىلىق ھەل قىلىشتۇر. پاكىستانلىق مۇتەپەككۇر ئىقبال ئەھمەد (1933−1999) نىڭ «ئامېرىكىنىڭ سىياسىي كۈچلىرى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ئىشلارنىئامېرىكىنىڭ ئاممىۋى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئىشقا ئاشۇردى. بەش بۇرجەكلىك بىنا قىلالمىغان ئىشنى ھوللىۋود قىلالىدى[7] » دېگەن ھۆكمى دەل مۇشۇ قائىدىگە چۈشىدۇ. شۇڭا «شەرق تېمىسى» نى يېزىش توختاپ قالمايدۇ. فىرانسىيەلىك يازغۇچى ئەمىن مائالوفنىڭ 1988 - يىلى دۇنياغا كەلگەن «سەمەرقەنت» ناملىق رومانىمۇ دەل شەرق تېمىسى ئەكسئەتتۈرۈلگەن روماندۇر. بۇ روماندا ئوخشاشلا خەلق بىلەن خاننى قارىمۇقارشى مەيدانغاقويۇپ تەسۋىرلەش، خاننى بەتنىيەت، كالتا پەم، ھەسەتخور، خوتۇنىدىن قورقىدىغان قىلىپ يارىتىش، ھاراقكەشلىكنى، ناشايان قىلىقلارنى گۈزەللەشتۈرۈپ كۆرسىتىش خاھىشى، شۇنداقلا شەرق شەھەرلىرىنى ۋە ئۆلىما - ئالىملىرىنى ئۇستىلىق بىلەن خۇنۈكلەشتۈرۈش ھادىسىسى تولۇق ئىپادىلەنگەن.

    يۇقىرىقىلارنىمىسال كەلتۈرۈش ھەرگىزمۇ پۈتكۈل غەرب ئەدەبىياتى شەرقشۇناسلىقنىڭ تەسىرىگەئۇچرىغان ياكى پۈتكۈل غەرب ئەدىبلىرى شەرقشۇناسلارنىڭ جارچىسى دېگەندەك بىرتەرەپلىمە ھۆكۈمنى پەيدا قىلماسلىقى كېرەك. غەرب ئەدەبىياتىدىمۇ ئىنسانىيەتنىڭئەركىنلىك قىممىتىگە ئۆزىنى بېغىشلىغان ئۇلۇغۋار يازغۇچى - شائىرلار ئاز ئەمەس. مەسىلەن، 19 - ئەسىردىكى فىرانسىيەلىك بۈيۈك ئەدىب ۋىكتور ھىيوگو، 20 - ئەسىردىكىبۈيۈك ئەدىب ژان پوۋېل سارترېلار شەرققە نىسبەتەن يۈكسەك ئىنسانپەرۋەرلىك روھى ۋە ھەققانىيەت تۇيغۇسى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان ئەدىبلەر ھېسابلىنىدۇ. ۋىكتور ھىيوگوئەنگلىيە - فىرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيەسى جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىپ، نۇرغۇن خانىۋەيرانچىلىق پەيدا قىلىپ مال - مۈلۈكنى بۇلىغان. شۇ ئىش تۈپەيلى ۋىكتور ھىيوگوفىرانسىيەلىك يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارغا قارىتىپ «كاپىتان بوتلېرغايېزىلغان خەت» ناملىق مەشھۇر ئوچۇق خېتىنى ئېلان قىلغان. ھىيوگو خېتىدە فىرانسىيەبىلەن ئەنگلىيە ئارمىيەسىنىڭ جۇڭگوغا قىلغان ھۇجۇمىنى شەرەپ ئەمەس، بەلكىقاراقچىلىق دەپ ئەيىبلىگەن. ئۇ ئېنىق قىلىپ «بىز ياۋروپالىقلار ئۆزىمىزنىمەدەنىيەتلىك كىشىلەر دەيمىز. بىزنىڭ نەزىرىمىزدە جۇڭگولۇقلار ياۋايىلار، لېكىنمەدەنىيەتلىكلەرنىڭ ياۋايىلارغا قىلغان - ئەتكىنى مانا شۇ!»، «مەن كۈنلەرنىڭبىرىدە فىرانسىيەنىڭ باشقىدىن تۆرىلىپ، ئىچى - تېشىنى قىرىپ - تازىلاپ، ناھەق قولغا كىرگۈزۈۋالغان مال - دۇنيانى بۇلاڭ - تالاڭغا ئۇچرىغان جۇڭگوغا قايتۇرۇپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دەپ يازغان. سارترې 1964 - يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندە بىر پارچە بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ مۇكاپاتنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان. ئۇ رەت قىلىشتىكى سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ: «مەن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ھەرگىزمۇ غەرب گۇرۇھىنىڭ مۇكاپاتى ئەمەسلىكىنى بىلىمەن، لېكىن ھازىرئۇ دەل مۇشۇنداق مۇكاپات ... ئوبيېكتىپ جەھەتتە غەرب يازغۇچىلىرىنىڭ شەرقتىن يۈز ئۆرۈگەنلىكىنىڭ شەرىپى بولۇپ قالدى»، «ناۋادا مەن نوبېل مۇكاپاتىنى قوبۇل قىلسام ئاسىي بولۇپ قېلىشىم مۇمكىن» دېگەن.

    مەن يۇقىرىدا تەنقىدلىگەن رۇسىيەلىك لېئونىد سولوۋيوف بولسا ئېنىق ھالدا شەرقشۇناسلارنىڭ كەتمىنىنى چاپىدىغان يازغۇچىدۇر. ئۇنىڭ «نەسرىدىن ئەپەندى ھەققىدە قىسسە» ناملىق رومانىمۇ شەرقشۇناسلىقنىڭ روھى بىلەن سۇغىرىلغان تىپىك شەرق تېمىسىدىكى روماندۇر. ئەلۋەتتە، ھېچكىم شەرق تېمىسىدا ئەسەر يېزىش مۇۋاپىق ئەمەس، دەپ چەكلىمە قويالمايدۇ، ئەمما شەرق تېمىسىدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىچىگە ئۇستىلىق بىلەن سىڭدۈرۈۋېتىلگەن زەھەرلەش خۇسۇسىيىتىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا، ئۇنىڭغابىخۇدلارچە مۇئامىلە قىلىشقا، بىلىپ - بىلمەي ئەگىشىپ كېتىشكە بولمايدۇ. چۈنكى، مىللىي ئەدەبىيات - سەنئىتىمىزدە شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە بىلىپ - بىلمەي، ئاڭلىقياكى ئاڭسىز ھالدا دەسسەپ كەلگەن يازغۇچى، شائىر ۋە رەسساملار يوق ئەمەس. بولۇپمۇنەسرىدىن ئەپەندىنىڭ ئوبرازىنى ئەدەبىي ئەسەرلەردە ۋە گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىدە ياراتقاندا، لېئونىد سولوۋيوفتىن ئاشۇرۇپ بۇرمىلاپ، پۇچەكلەشتۈرۈپ ياراتقان ئەھۋال ئالاھىدە گەۋدىلىك. ئەختەم ئۆمەرنىڭ 2008 - يىلى شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «نەسرىدىن ئەپەندى» ناملىق كىتابىنى بۇ جەھەتتىكى تىپىكمىسال دېيىشكە بولىدۇ.

    مەن ئەختەم ئۆمەرنىڭ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2008 - يىللىق 6 - سانىدا ئاسپىرانتلار بىلەن ئۆتكۈزگەن «راست ئىشلارنى يازىمەن» دېگەن سۆھبىتىنى ئوقۇغاندا، ئۇنىڭ «<نەسرىدىن ئەپەندى> نى 30 قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىمى قىلىپ بىر يىليازدىم، ئىشلىتىلمىدى. بىر يىللىق ئەمگىكىم شۇنىڭ بىلەن بىكار بولدى. كېيىن <غېرىب ۋە سەنەم> نىمۇ 35 قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىمى قىلىپ ئىككى يىليازدىم، ئۇمۇ ئىشلىتىلمىدى» دېگەن ھەسرەتلىك بايانىنى ئوقۇپ، نېمە سەۋەبتىنئىشلىتىلمىگەندۇ؟ دەپ ئويلىنىپ قالغانىدىم. شۇ يىلى ئۇنىڭ «نەسرىدىن ئەپەندى» ناملىق 250 بەت چامىسىدىكى كىتابى سېتىلىۋاتاتتى. مەن ئەختەم ئۆمەر بىر يىل ۋاقىتسەرپ قىلىپ يازغان سېنارىيە شۇ بولسا كېرەك، دەپ پەرەز قىلىپ، ئارىدىن ھەپتەئۆتكەندە بۇ كىتابنى سېتىۋېلىپ ئوقۇپ باقتىم. ئادەتتە ھەرقانداق ئەدەبىي كىتابقاتىتۇلىدا ياكى نەشر نومۇرى بار بەتتە ۋە ياكى كىرىش سۆز قىسمىدا ژانىرىنىئەسكەرتىپ قويىدىغان ئادەت بار ئىدى. بۇ كىتابنىڭ ژانىرى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەنىدى. مەن كىتابنى ئوقۇش جەريانىدا بۇنىڭ سىرىنى بىلدىم. بۇ ئەسەر بەدىئىيلىك جەھەتتە بەك قوپال، ئەدەبىياتنىڭ ھېچقانداق ژانىرىغا ياكى شەكلىگەچۈشمەيدىغان غەلىتە ئەسەر ئىدى. بايان تىلىدا ھەم سېنارىيە تىلى، ھەم ھېكايە تىلىئارىلاش قوللىنىلغانىدى. شۇڭا، سېنارىيە دېگىلىمۇ، پوۋېست دېگىلىمۇ بولمايتتى. مەن ئەختەم ئۆمەر بۇ سېنارىيەسى تېلېۋىزىيە فىلىمى قىلىپ ئىشلەشكە يارىمىغاندىن كېيىن، قولىنىڭ ئۇچىدىلا ئاندا - مۇندا ئۆزگەرتىپ بالىلار ئەسىرى سۈپىتىدە نەشرىياتقاتاپشۇرۇپ بەرگەن خالىخۇتتا ئەسەر ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم. روشەنكى، ئەدەبىيئىجادىيەت بېرىلىپ يېزىش، يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىش، مۇكەممەللىكنى قوغلىشىش، ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ئەستايىدىل بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. مەن ھېچنېمىسى مۇقامغاچۈشمەيدىغان بۇ ئاتالمىش كىتابنى ئوقۇپ بولۇپ، مەزمۇنىنىڭ پۇچەكلىكى، قۇرۇلمىسىنىڭچۇۋالچاقلىقى، سۆز - جۈملىلىرىنىڭ خاتالىقى، پېرسوناژلارنىڭ سۈنئىيلىكى، دىيالوگلارنىڭتېتىقسىزلىكى، ئىجادىيلىقىنىڭ يوق دېيەرلىكلىكى، ئىدىيەسىنىڭ ئەخمىقانىلىقى، خان - پادىشاھلارنى دۆت، لەقۋا، ئەخمەق، خوتۇنپەرەس قىلىپ خۇنۈكلەشتۈرۈپ تەسۋىرلەيدىغان خاھىشنى تولۇق ئىپادىلىگەنلىكى، ئەڭ يامىنى، باش پېرسوناژ نەسرىدىن ئەپەندىنىلېئونىد سولوۋيوفنىڭ مەخسۇس ئەمىرلەرنىڭ ئاياللىرىنى جۆندەيدىغان «نوچى» نەسرىدىنئەپەندىسىدىن بەتتەر قىلىپ، كۆرگەنلا قىز - چوكانلارغا چاچراپ يۈرىدىغان ئۇچىغان چىققان شاللاق نەسرىدىن ئەپەندى قىلىپ تەسۋىرلىگەنلىكىنى ھېس قىلدىم. مەن ئەختەم ئۆمەر بىر يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ يازغان بۇ ئاتالمىش ئەسەرنى ئىككىلەنمەستىنلا نەزىرىمدىكى «ئەدەبىي ئەخلەتلەر» قاتارىغا قوشۇۋەتتىم. چۈنكى، بۇ ئەسەردە ئەختەم ئۆمەرنىڭ يېزىقچىلىق قابىلىيىتى جەھەتتىكى، تەپەككۇر قۇۋۋىتى جەھەتتىكى، ئەدەبىي دىت جەھەتتىكى، مەسئۇلىيەت ئېڭى جەھەتتىكى، ئىجادىيەت ئەخلاقى جەھەتتىكى، مىللىيئۆزلۈكنى تونۇش جەھەتتىكى، مىللىي مەدەنىيەتنى چۈشىنىش جەھەتتىكى چېكىنىشى تولۇق ئاشكارىلانغانىدى. مەن بۇ ئەسەرنىڭ كەم - كوتىسىز ئەدەبىي ئەخلەت ئىكەنلىكىنىھەرقايسى نۇقتىلاردىن بىر - بىرلەپ كۆرسىتىپ بەرسەم ياخشى بولاتتى. لېكىن، «شەرقشۇناسلىقنىڭسەنىمىگە دەسسەش» دېگەن ماۋزۇنى يورۇتۇش زۆرۈرىيىتى بىلەن باش تېمىدىن چەتلىگۈم كەلمىدى. شۇنداقتىمۇ ئەينى دەۋرگە ماس كەلمەيدىغان تەسۋىر ۋە سۆز - ئاتالغۇلار، خاسلاشمىغان دىيالوگلار، كېسەل جۈملىلەردىن بىرنەچچىنىلا كۆرسىتىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭتەسەۋۋۇر قىلىۋېلىشىغا سۇننىمەن:

    «يول بويىدىكىمەسچىت ئۇدۇلىدىكى كوچىدا پالتا كۆتۈرۈۋالغان بىر كىشى بىلەن ھەرە تۇتۇۋالغان بىركىشى تالاش - تارتىش قىلىۋاتاتتى. بۇلار ئەپەندىمنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، يۈگۈرۈپ بېرىپ ئەپەندىمگە ئەرز ئېيتىپ، بىر - بىرىگە يول قويۇشمايتتى.» (18- بەت)

    «پادىشاھ پۇقراچە ياسىنىپ، بىرنەچچە ئەگەشكۈچىلىرىنى باشلاپ خەلق ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن چىقتى.»( 22- بەت)

    «− توۋا، پادىشاھ ئالىيلىرى، ئەگەر بۇ جانىۋارنىڭ سىلىچىلىك ئەقلى بولغان بولسا پادىشاھ بولغان بولاتتى!» (28- بەت)

    «− بۇلارنىڭھەممىسى مۇقامىغا يەتكەن كالا ئوغرىلىرى، بەگ جانابلىرى.» (32- بەت)

    «شاھزادە، يېڭىكېلىن بىر توپ قىز - يىگىتلەر بىلەن ئولتۇرۇشتى.» (36- بەت)
    «پادىشاھنىڭ يېنىدا تۇرغان ھەجۋىي − قىزىقچى ئاغۋات كۈلكىلىك قىلىقلار بىلەن چىۋىنقورۇغۇچتا پادىشاھنىڭ يۈزىگە چىۋىن قونسا، ئۇ شاپىلاق بىلەن پادىشاھنىڭ يۈزىدىكىچىۋىننى ئۆلتۈرۈپ، پادىشاھنىڭ يۈزىدىكى چىۋىننىڭ قېنىنى سۈرتتى.» (36- بەت)

    «− كېيىنكىخوتۇن ئاختا قىلىپ تاشلىۋەتتىمۇ - يا! ۋەيت... ھا... ھا... ھا...» (56- بەت)

    «ئالتۇن كۇھىقاپتەك دىللىرىغا پېقىر مىسكىن تېۋىپ دىلخەستىلىك يەتكۈزمىسىمۇ شۇنى ئېنىق دېمەي بولمايدۇكى،» (113- بەت)

    − ئىككى پۇتنىتۇتقانغا قارىغاندا ئۇيغۇر ئوخشىماملا، غوجام؟ − دېدى شاتۇتى.»( 145- بەت)

    «− پاھ، پاھ، قالتىسكەن، ئىنگلىزلار ئۆگەتكەن - دە، − دېدى ئەپەندىم.» (144- بەت)

    «دوختۇرخانىدا چىش دوختۇرى ئەپەندىمنىڭ ئاغزىدىكى چىشلىرىنى كىچىك بولقا بىلەن ئۇرۇپ تەكشۈردى.» (155- بەت)

    «ئاھھاي، ئەپەندىم، مېنى تولا كولدۇرلاتمىسىلا، ئىشىم ئالدىراش ئادەم مەن. سىلى ئەخمەق قىلىپ ئوينايدىغان پادىشاھ ئەمەسمەن، ماڭسىلا، چىقسىلا، − دېدى دوختۇر.» (156- بەت)

    «− خاتىرجەم بولسىلا، ئەتە ئەتىگەنلىك بىرىنچى سوتتىلا ئالدى بىلەن سىلىنىڭ دەۋانى بىر تەرەپ قىلىمەن، − دېدى قازى.» (159 - بەت)

    «پادىشاھ قايناپ سۆزلەپ كەتتى:

    − ئۇيغۇرلارنىڭ رەسساملىق، ھەيكەلتىراشلىق سەنئىتى دۇنياغا مەشھۇر، دۇرخان، تۇرپان، كۇچادىكىمىڭئۆيلەرنىڭ رەسىم، ھەيكەلتىراشلىق سەنئىتى مىسىردىكى ئەلئېھرام سەنئىتىدىنقېلىشمايدىغان تۇرۇپ، مېنىڭ خانىدانلىقىم دەۋرىگە كەلگەندە، بىر دۆلەتتە بىرەرمۇئاقىل رەسسام قالمىدىمۇ؟» (201- بەت)

    سۇژىتىدىنتارتىپ شەكلىگىچە، سۆز - جۈملىلىرىدىن تارتىپ تەسۋىرلىرىگىچە، پېرسوناژلىرىدىنتارتىپ مەزمۇنىغىچە قىلچە قىممىتى يوق بۇ ئاتالمىش ئەسەرنىڭ زادى قانداقلىقىنىتېخىمۇ بەكرەك بىلگۈسى كەلگەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئاشۇ كىتابنى تېپىپ، تاقەت قىلالىسىلا تولۇق ئوقۇپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.




    ھالقىلىق سۆزلەر :


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە كىتابلار