...
ئەمىر − ئۇ نېمە؟ نىجىس بىر قاپتۇر،
بېشى ئورنىغا قاپاق قاداپتۇر.
قاچان، ئېزىلگەن ۋە خورلانغان ئەل،
ئارام ئېلىپ، بەختلىك كۆتۈرىدۇ بەل؟
چىڭدۇر، كۈچلۈكتۇر ئەمىر دۆلىتى،
كېلىدۇ ئۇنىڭمۇ يوقىلىش پۇرسىتى.
قايغۇلۇق كۈنلىرىڭ يوقىلار، پۈتەر،
يىللارمۇ ئۆتەر، نۆۋەتمۇ كېلەر.
...
بۇخارا ئەمىرىنى ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقى ياكى قابىلىيىتى يوق ھالەتتە تەسۋىرلىگەن لېئونىدسولوۋيوف نەسرىدىن ئەپەندىنى ھوللىۋودنىڭ كىنولىرىدىكى كېچىسى شەھۋەتخورلۇق بىلەن بولۇپ، كۈندۈزى ئىنقىلاب قىلىدىغان بىر قىسىم رومانتىك قەھرىمانلاردەك تەسۋىرلەيدۇ. بىز ئەتراپىغا بۇخارانىڭ تۆۋەن قاتلام پۇقرالىرىنى يىغىۋېلىپشەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا قىلچىمۇ قورقماستىن ئىسيان قوشىقى ئوقۇۋاتقان نەسرىدىنئەپەندىنى كۆرگىنىمىزدە، ئۇ كۆزىمىزگە 19 - ئەسىردە
فىرانسىيەدە ئوتتۇرىغا چىققان پارىژ كوممۇنىسى ئىنقىلابىنىڭئاكتىپ ئەزالىرى بىلەن بىر كامېردا يېتىپ ئىنقىلابىي تەربىيە ئالغان ئىنتېرناتسىيونالىزمچىدەك كۆرۈنۈپ كېتىدۇ. نەسرىدىن ئەپەندىنىڭ ئۆزى ھەققىدىكىمۇنۇ مەدھىيە ناخشىسى مەزمۇن جەھەتتىن تېخىمۇ زامانىۋىلىققا ۋە ئىنقىلابىيلىققا ئىگە:
...
مەن گاداي، يېلىڭ - يالىڭاچ، خۇشچاقچاق سەرسانمەن،
ياشايمەن ۋە كۈيلەيمەن ھەم ئاپتاپقا قارايمەن.
قىسمەت ئۆزى ساقلىغان، خەلقنىڭ ئامراق ئوغلىمەن،
سۇلتاننىمۇ ۋە ئەمىر ھەم خاننى زاڭلىق قىلىمەن!
ئومۇمەن، لېئونىد سولوۋيوفنىڭ رومانىدىكى نەسرىدىن ئەپەندى ھەم خالىغىنىنى قىلىدىغان شەھۋەتپەرەس نوچى، ھەم يالاڭ ئاياغ ئىنقىلابچى، ھەم زالىم ئەمىرلەردىنقورقمايدىغان مەسخىرىۋاز جاھانكەزدى. شۈبھىسىزكى، بۇ غەلىتە نەسرىدىن ئەپەندى پەقەت لېئونىد سولوۋيوفنىڭ نەسرىدىن ئەپەندىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس! مىڭيىللاردىن بېرى ئەل ئارىسىدا ساغلام كۈلكىنىڭ مەنبەسى بولۇپ كەلگەن، خان - ئەمىرلەردىن تارتىپ ئاۋام پۇقراغىچە ھەممىنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالغان سۆيۈملۈك نەسرىدىن ئەپەندى ئۇنىڭ قەلىمى ئاستىدا بىراقلا غەلىتە قىياپەتكە ئىگە قىلىنىپ، ئەمىرلەر ۋە ئۆلىمالارنىڭ دۈشمىنىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇلغان. ئەمەلىيەتتە، ئاناتولىيەدىن قومۇلغىچە بولغان بىپايان زېمىندا ياشايدىغان ئوغۇز تۈركلىرى تۈركۈمىدىكى تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ نەزىرىدە نەسرىدىن ئەپەندى تامامەن باشقىچەئوبراز. ئۆز خەلقىنىڭ نەزىرىدىكى نەسرىدىن ئەپەندىنى قوبۇل قىلغان خەنزۇ مۇتەخەسسىسلەر تۆت توملۇق «جۇڭگو ئۆسمۈرلەر قامۇسى»نىڭ «مەدەنىيەت . سەنئەت» قىسمىدا «ئەقىل - پاراسەتنىڭ سىمۋولى − نەسرىدىن ئەپەندى» دېگەن ماۋزۇ بىلەن ئۇنىتونۇشتۇرۇپ: «نەسرىدىن ئەپەندىنىڭ نامى ئىسلام دۇنياسىغىلا ئەمەس، بەلكى جۇڭگودىمۇھەممەيلەنگە تونۇشلۇق، كىشىلەر ئۇنى ئەقىل - پاراسەتنىڭ سىمۋولى، دەپ بىلىدۇ... نەسرىدىن ئەپەندى ئەسلىدە ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرىنى مۇكەممەل بىلىدىغان ئىلاھىيەتشۇناستۇر. شۇنداقلا ناھايىتى بىلىملىك، يۇمۇرلۇق، قىزىقچى، دۇرۇس، ئاق كۆڭۈل، ھەققانىيەتچى ئالىمدۇر[3] » دەپ تەرىپلىگەن.
ھەممىگەئايانكى، «چار رۇسىيە كېڭەيمىچىلىك ئارقىلىق زېمىن دائىرىسىگە ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتتىكى ھەر خىل خەلقلەرنى قوشۇۋالغان. يېڭىدىن قولغا كىرگۈزگەن زېمىندىكىخەلقنى ۋە ئۆزىنىڭ كەڭ ئىشغالىيەت پاسىلىغا يېقىن جايلاردا ياشايدىغان خەلقلەرنىچۈشىنىش بۇ دۆلەتنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىلىرىدىن بىرىگە ئايلانغانىدى.[4]» شۇنىڭدىنكېيىن شەرق خەلقلىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۆگىنىش چار رۇسىيەدە زور قىزغىنلىق بولۇپ شەكىللەنگەن. ئۇنداقتا، لېئونىد سولوۋيوف نېمە ئۈچۈن نەسرىدىنئەپەندى ئوبرازىنى نەسرىدىن ئەپەندىنى قەدىرلەيدىغان يەرلىك خەلقنىڭ قەلبىدىكىدىنتامامەن باشقىچە قىلىپ تەسۋىرلەيدۇ؟
شۈبھىسىزكى، بۇ قىلمىش ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس! بۇ دەل ئاتالمىش شەرقشۇناسلىقئىلمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. چۈنكى، غەرب ئوتتۇرىغا چىقارغان «شەرقشۇناسلىق» ياكى «شەرق تەتقىقاتى» غەربنىڭ شەرققە نىسبەتەن ئىلمىي جەھەتتىن ئېلىپ بارغان ئېغىشقائىگە تەتقىقاتىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماستىن، يەنە غەربنىڭ ئوبيېكتىپ دۇنيا، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش، ئەدەبىي ئەسەرلەردە شەرققە تۇتقان، چوڭقۇر يىلتىزتارتىپ كەتكەن بىر تەرەپلىمە قارىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «شەرقشۇناسلىق»نىڭكۆڭۈل بۆلىدىغىنى ئىنسانشۇناسلىق، تىل - ئەدەبىيات قاتارلىق ھازىرقى زامان پەن بىلىملىرى سىستېمىسى بىلەن ياۋروپا جاھانگىرلىكى، يەنى بۈيۈك بىرېتانىيەئىمپېرىيەسى، چار رۇسىيە ئىمپېرىيەسى ۋە فىرانسىيەنىڭ مۇستەملىكىچىلىككېڭەيمىچىلىكى ئارىسىدىكى زىچ مۇناسىۋەت. شۇڭا، بۇخارالىق مەشھۇر جەدىدىزمچىمۇتەپەككۇر ئابدۇرەئۇف فىترەت (1886 − 1937) ئەپەندى 1919 - يىلى يېزىپ ئېلان قىلغان «شەرق سىياسىتى» دېگەن ماقالىسىدە ياۋروپا جاھانگىرلىرىنىڭ شەرققە قاراتقان سىياسىتى توغرۇلۇق «شەرقنىڭ ئەخلاقىنى بۇزماق، كۆڭلىنى دىنىي ۋە مىللىيمۇقەددەسلىكتىن سوۋۇتماق، شەرقلىقلەر ئارىسىدا بۆلگۈنچىلىك ۋە دۈشمەنلىك ئۇرۇقىنىچېچىپ بىر - بىرىگە قىلىچ چاپتۇرماق، ئىشسىز، ھۇرۇن، قالاق، ئاچ ۋە يالىڭاچ قىلىپئۆزلىرىگە قۇل قىلماق، ياۋاش، ئىتائەتمەن شەرقلىقلەردىن يەر ۋە قىممەتلىكنەرسىلىرىنى ھەر خىل ھىيلە - نەيرەڭلەر بىلەن تارتىۋالماق، ئاخىرىدا، شەرقلىقلەرنىتۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئاستا - ئاستا يوق قىلماق...! رۇسىيە نىكولاي ھۆكۈمىتىبىزنىڭ يۇرتلىرىمىزدا شۇ تەدبىرلەرنى يۈرگۈزمىدىمۇ؟» دەپ شىكايەت قىلغان. مەشھۇر كېيىنكى مۇستەملىكە تەتقىقاتچىسى، ئەرەب نەسلىدىن بولغان ئەنگلىيەلىك ئالىم زىيائۇددىن ساردېر «شەرقچىلىق» ناملىق كىتابىدا «شەرق نېمە؟ دېگەندە، ئۇ بىرئۆزگىرىشچان، مەۋھۇم كۆرۈنۈش، شەرق نامەلۇم نەرسە. ئۇ خۇددى يازغۇچىلار، ئەسلىمىچىلەر ياكى خىيالىي كۆزەتكۈچىلەر ئۆز ئارزۇسى بويىچە ئەكس ئەتتۈرگەن ياكىمۇشۇنداق بولىدۇ، دېگەن نەرسىدۇر» دەيدۇ. ساردېرنىڭ قارىشىچە، شەرقچىلىقنى 11 - ئەسىردىكى ئەھلىسەلىپنىڭ شەرققە قىلغان تاجاۋۇزچىلىقىدىن باشلاشقا بولىدۇ. مۇشۇئۇچرىشىش جەريانىدا غەرب ئۆزىنىڭ شەرق ھەققىدىكى نۇقتىئىنەزىرىنى تەرەققىيقىلدۇردى، شەرق ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرىنى باشلىدى. «مۇشۇ باشلىنىش نۇقتىسىدىنئېتىبارەن غەرب بىر خىل ئۇسلۇبنى، بەزى ئىدىيە ۋە مەشغۇلات ۋاسىتىلىرىنىيېتىلدۈردى ھەم تەرەققىي قىلدۇردى ھەمدە شۇ ئارقىلىق شەرققە مۇناسىۋەتلىكئىدىيەلەرنى چۈشەندۈردى، تەسۋىرلىدى، قۇردى ۋە قوللاندى.» مەلۇم مەنىدىنئېيتقاندا، شەرقشۇناسلىق شەرق بىلەن مۇناسىۋەتلىك. لېكىن، «شەرقشۇناسلىق ھەرگىزمۇغەربنىڭ ئېنىق بولغان نىشانغا، يەنى شەرققە سىرتتىن نەزەر سېلىشى ئەمەس.» شەرقشۇناسلىقنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى پەقەت ئۈچ نەرسە، يەنى بىرىنچى، غەربنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلىرى؛ ئىككىنچى، شەرقتىن قورقۇش؛ ئۈچىنچى، شەرق ھەققىدىكىئارزۇدىن ئىبارەت. لېكىن، غەربنىڭ بۇ خىل كۆڭۈل بۆلۈشى ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان، «شەرق» دەپ ئاتالغان ئوبيېكتقا بولغان تەسەۋۋۇرى ئارقىلىق گەۋدىلەنگەن. غەربنىڭشەرقنى تەسەۋۋۇر قىلىشى ۋە قۇرۇشى ھەرگىزمۇ شەرقنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئەمەس ھەمدە شەرقنىڭ ئۆزىنى چۈشىنىشى ئۈچۈنمۇ ئەمەس. شەرق ھەققىدىكى تەسەۋۋۇر ۋە قۇرۇلمائارقىلىق غەربنىڭ چۈشەندۈرمەكچى، ئىزاھلىماقچى ۋە ئىسپاتلىماقچى بولغىنى، ماھىيەتتە ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلۈشتۇر. ئېنىق ئېيتقاندا، ئۆز مەنپەئىتى ئۈچۈندۇر. ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى بولغان يازغۇچى بېنجامىن دىسلىر (1804 − 1881) نىڭ يوپۇتماستىن ئېيتقىنىدەك، غەربلىكلەر ئۈچۈن «شەرق بىر خىل تىرىكچىلىك يولى» ھېسابلىنىدۇ. «ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى ھەرىكىتىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىن ھازىرغىچە ياۋروپانىڭكۈچى ئىزچىل ئۈزۈكسىز يۇقىرى ئۆرلەۋاتقاندا باشقا خىياللاردا بولۇشنىڭ تېخىمۇئورنى يوق. ئالىملار، مىسسىيونېرلار، بىلىملىكلەر، سودىگەرلەر ياكى ئەسكەرلەر شۇنىڭ ئۈچۈن شەرققە باردى ياكى شەرق توغرۇلۇق ئويلاندىكى، ئۇلارنىڭ يازغۇسى كەلسەيازالىدى، ئويلانغۇسى كەلسە ئويلىنالىدى، شەرقنىڭ ھېچقانداق توسالغۇسىغا ئۇچرىمىدى. شەرق بىلىملىرىدىن ئىبارەت بۇ باش نىشان ئاستىدا، 18 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ شەكىللەنگەن ياۋروپانىڭ شەرققە قارىتا زومىگەرلىكىدىن ئىبارەت چوڭ كۈنلۈكنىڭسايىسىدە بىر مۇرەككەپ شەرق ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى.[5] » ئەھۋال ھەقىقەتەنمۇ خۇددى كارل ماركسنىڭ «ئۇلار ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمەيدۇ، ئۇلار باشقىلار تەرىپىدىنئىپادىلىنىشى كېرەك» دېگىنىدەك بولدى. شۇڭا، تەتقىقاتچىلار شەرقشۇناسلىق دېگەن بۇئۇقۇم «غەرب» نىڭ «شەرق» نى ئىپادىلەشتىكى نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتى. بۇ خىلئىپادىلەش ئۇزاق تارىخقا ۋە ئىچكى لوگىكىلىق قۇرۇلمىغا ئىگە، دەپ قارىدى. تارىختاغەربكە ئۆزىنى ئىپادىلەپ ئۈلگۈرمىگەن شەرق غەرب تەرىپىدىن خالىغانچە ئىپادىلەندى. شەرققە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغان غەرب، جۇغراپىيەلىك ئامىل سەۋەبىدىن ئەڭ دەسلەپ ئىسلامىيەت دۇنياسى بىلەن ئۇچراشتى- 15 . ئەسىردىن بۇيان مەدەنىيەت ۋە پەن - تېخنىكا جەھەتتە گۈللىنىش يولىغا ماڭغان غەرب يەنى ياۋروپا دەل مۇشۇ ئىسلام بىلەن ئۇچرىشىش جەريانىدا غەرب ئۆزىنىڭ شەرق ھەققىدىكى نۇقتىئىنەزىرىنى تەرەققىيقىلدۇرۇشقا باشلىدى. شەرق چۈشىنىش قىيىن، يات ئەل تۈسى قويۇق، شەھۋانىي زېمىن دەپ قارالدى. ئۇ سىرلىق ھېكايىلەرنىڭ ماكانى، رەھىمسىزلىك ۋە ياۋايىلىقنىڭ يۈز بېرىدىغان جايى دەپ چۈشەندۈرۈلدى.[6] مانا مۇشۇنداق نۇقتىئىنەزەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھاكاۋۇر، ئۈستۈنلۈك تۇيغۇسى كۈچلۈك شەرقشۇناسلار جاھىللىق بىلەن شۇنداق قارىدىكى، «شەرقشۇناسلار بىلەن شەرقلىقلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرق بولسا، ئالدىنقىسى كېيىنكىسىنى يازىدۇ، كېيىنكىسى ئالدىنقىسى تەرىپىدىن يېزىلىدۇ. ئالدىنقىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كېيىنكىسىنىڭ رولى پاسسىپ قوبۇل قىلغۇچى. كېيىنكىسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئالدىنقىلار كۆزىتىش، تەتقىق قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.» مۇنداقچە ئېيتقاندا، بىرى يازغۇچى، بىرى يېزىلىش ئوبيېكتى!
|