• شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسەش(2)

    يوللانغان ۋاقتى:25-03-2012   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: ئابلىكىم مۇھەممەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 0 پارچە
    شۇنىبىلىشىمىز كېرەككى، كۈچلۈك جاھانگىرلارنىڭ ئوبيېكتى بولۇپ قالغان ئاجىز ئەل

    شۇنىبىلىشىمىز كېرەككى، كۈچلۈك جاھانگىرلارنىڭ ئوبيېكتى بولۇپ قالغان ئاجىز ئەللەر ۋە خەلقلەر دۇچ كەلگەن خىرىس ھەم كىرىزىس ئۆزى ياشاۋاتقان زامان ۋە مۇھىتنىڭ پەرقلىقبولۇشىغا قاراپ پەرقلىق بولىدۇ. شۇڭا، ئاجىز ئەللەر ۋە خەلقلەر دۇچ كەلگەن خىرىس ۋە كىرىزىس ئوخشاش شەكىلدە بولمايدۇ. بەلكى ئۇلار ئۆزىنىڭ بوزەك ئېتىلىش ۋە ئاجىزلىق تارىخىنىڭ ھەر خىل باسقۇچلىرىغا ئاساسەن تۈرلۈك كىرىزىسلارغا دۇچ كېلىپتۇرىدۇ. شۇڭا شۇ ئىجتىمائىي توپقا مەنسۇپ زىيالىي شۇ توپ دۇچ كەلگەن كىرىزىسنىھەرقايسى دەۋردە كۆرۈنگەن تۈرلۈك شەكىلدىكى كىرىزىس بىلەن باراۋەر مەنىدە چۈشىنىپمۇئامىلە قىلماسلىق لازىم. سەۋەبى، ئاجىز خەلق دۇچ كەلگەن ئىجتىمائىي كىرىزىسنىتۈر ۋە دەرىجىگە ئېنىق ئايرىش ئارقىلىقلا خىرىسقا تاقابىل تۇرغىلى، خەلقنىئويغىتىش مەقسىتىگە قاراپ ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، شۇخەلقنىڭ ئارىسىدىكى زىيالىيلار ئۆز خەلقىنى ئەجدادلىرى يولۇققان قىسمەتلەرنى سۆزلەش ئارقىلىقلا ئەمەس، مۇھىمى، شۇ چاغنىڭ ئۆزىدە دۇچ كەلگەن خىرىس ۋە كىرىزىسنى دەرىجىگە ۋە تۈرگە ئايرىش ئارقىلىق ئويغىتىش مەقسىتىگە يېتىش ئەڭ مۇھىم يول ھېسابلىنىدۇ.

    ئومۇملاشقان قاراش بويىچە ئېيتقاندا، ئاممىۋى زىيالىيلار جەمئىيەتنىڭ ئوخشىمىغان ساھەلىرى − ئىجتىمائىيتوپ، سىياسىي، قانۇن، ئىقتىساد، مائارىپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ۋە روھىيمەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى كۆزىتىدىغان كىشىلەردىن ئىبارەت. يازغۇچى، شائىر، لېكسىيەچى ۋە سەنئەتكارلارنىڭ ھەممىسى ئاممىۋى زىيالىيلارنىڭ رولىنىئوينىغۇچىلاردۇر. ئۇلار رېئاللىقنى ئۆز چۈشەنچىسى ئاساسىدا كۆزىتىدۇ ۋە چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇلار مەلۇم دەۋا، ئىدىيە ياكى ھەرىكەتكە، ئېنىقراق ئېيتقاندا، ئىنسانىيەتنىڭ ئۇنىۋېرسال قىممىتىگە ئۆزىنى ئاتىغان بولىدۇ. تەتقىقاتچىلارنىڭقارىشىچە، «ئاممىۋى زىيالىيلار ئۆز فۇنكسىيەسىنى ياخشى جارى قىلدۇرالىسا، جەمئىيەتتەئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىيالايدۇ. مەسىلەن، ئاممىۋى پىكىرلەرنى رەتكە چۈشۈرۈش ھەمدە سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە پەلسەپىۋى مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ساھەلەردە مۇھىم رول ئوينىيالايدۇ.» ئەپسۇسلىنارلىقى، ئىتالىيەلىكئانتونى گىرامىش ئېيتقاندەك: «ھەممە ئادەم زىيالىي بولالايدۇ، لېكىن جەمئىيەتتەھەممە ئادەم زىيالىيلىق فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلالمايدۇ.» بۇ خۇددى ناخشائېيتالىغانلارنىڭ ھەممىسى ناخشىچى، ساز چالالىغانلارنىڭ ھەممىسى سازەندە، تاماق ئېتەلىگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئاشپەز بولالمىغاندەك ئىش. جەمئىيەتتە شىددەتلىكئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتقان، كۈچلۈك مەدەنىيەتلەرنىڭ ئاجىز مەدەنىيەتلەرنى يىمىرىشخاراكتېرلىك خىرىسى زورىيىۋاتقان، مىللىي مەدەنىيەتلەرنىڭ رەڭگى بارغانسېرى ئۆڭۈپ كېتىۋاتقان، مىللىي ئۆزلۈك ۋە مىللىي كىملىك كۈنسايىن ئاجىزلاپ مېڭىۋاتقان، مىللىيئارزۇ - ئىستەكلەر جاھانسازلىق ۋەسۋەسىلىرى ئىچىدە ئۇنتۇلۇپ قېلىۋاتقان شارائىتتائاممىۋى زىيالىيلارنىڭ رولى تېخىمۇ زۆرۈر بولىدۇ. يامان يېرى، ئىچى كاۋاك زىيالىيلار بۇنداق مەجبۇرىيەتنىڭ ھۆددىسىدىن ھەرگىز چىقالمايدۇ. ئۇلار ساددا مىللەتپەرۋەرلىك قاراشلىرى ئىچىدە گول بولۇپ يۈرۈۋېرىدۇ. شۇڭا خېلى - خېلى خەۋپلىكمەسىلىلەر ئۇلارنىڭ دىققەت - نەزىرىنىڭ سىرتىدا قېلىۋېرىدۇ. بىز لېئونىدسولوۋيوفنىڭ ئەسىرىدىكى زىيانلىق ئامىللارنى ئىخچام بايان قىلىدىغان بولساق، ئۇمۇنداق ئۈچ جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ:

    بىرىنچى، روماندا بۇخارا ئەمىرى بىلەن ئۇنىڭ پۇقرالىرى ئەتەي قارىمۇقارشى مەيدانغا قويۇپ تەسۋىرلەنگەن. شەرقنىڭ تارىختىكى يەرلىك خان - پادىشاھلىرى بىلەن ئۇنىڭپۇقرالىرىنى بىر - بىرىگە دۈشمەن قىلىپ كۆرسىتىش، خان - پادىشاھلارنى گالۋاڭ، زالىم، ئەخمەق، ئاچ كۆز، شەھۋەتخور، سېمىز، خوتۇنىدىن قورقىدىغان قىلىپخۇنۈكلەشتۈرۈپ تەسۋىرلەش شەرقشۇناسلارنىڭ ئورتاق ئالاھىلىكى. لېئونىد سولوۋيوفنىڭقەلىمى ئاستىدىكى بۇخارا ئەمىرى ھەم زالىم، ھەم گالۋاڭ. ئۇنىڭ پۈتۈن ھۈنىرى خەلقنىقاقشىتىش، ئۆز خەزىنىسىنى ئالتۇن - كۈمۈشكە تولدۇرۇش. شەرقشۇناسلارنىڭ، بولۇپمۇشەرقشۇناسلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئەدىب - سەنئەتكارلارنىڭ قولىدىن چىققان ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك شەرقنىڭ خان - پادىشاھلىرى قولىدىن ھېچ ئىشكەلمەيدىغان ھاماقەتلەر سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭئاياللىرىنىڭ كۆپى دېگۈدەك بۇزۇق، ئەيش - ئىشرەت سارىڭى. شەرقشۇناسلارنىڭ نەزىرىدە شەرق بىنورمال پىسخىكىغا ئىگە ھۆكۈمدارلارنىڭ ماكانى. شەرق جەمئىيىتى ئىنتايىنئاجىز جەمئىيەت، ئىدراكتىن خالىي جەمئىيەت. قانۇن - مىزانلىرى ئوڭ - تەتۈر، ئەخلاق ئۆلچەملىرى كۈلكىلىك جەمئىيەت. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بىرەر ھەييار خالىغىنىچە ئەخمەق قىلىپ ئوينايدىغان جەمئىيەت. «نەسرىدىن ئەپەندى ھەققىدە قىسسە» رومانىدا بۇنداق تەسۋىرلەر ناھايىتى كەڭرى. مۇشۇنداق قاراشلارغا ھاماقەتلەرچە ئەگەشكەن ھالدا ئېكرانلاشتۇرۇلغان ئەسەرلەردىن «سىرلىق ئالما» دېگەن تېلېۋىزىيە سەنئەت فىلىمىدىمۇبۇنداق كۆرۈنۈشلەر كۆپ.
    ئىككىنچى، روماندا نەسرىدىن ئەپەندىدىن ئىبارەت ئاۋام ياخشى كۆرىدىغان خەلققىزىقچىسى مەخسۇس خان - پادىشاھلارنىلا ئەخمەق قىلىپ ئوينايدىغان جاھانكەزدى قەھرىمان قىلىپ تەسۋىرلەنگەن. شەرقشۇناسلار شەرق خەلقلىرى ئارىسىدىكى ئاسىيلىقھېسسىياتى كۈچلۈك دەھرىي ئەدىبلەر، ئەل ئىچىدىكى ھەق گەپ قىلىدىغان قىزىقچى - ھەييارلار، تار مەنپەئەت قارىشىغا ئىگە قىساسكارلار... دېگەندەكلەرنى ئەتەي كۆپتۈرۈپ، خەلقنى قۇتقۇزىدىغان نىجاتكاردەك، ئەينى دەۋردىكى بىردىنبىر ئەقىللىك، بىردىنبىر قارشىلىق روھى بار قەھرىماندەك كۆرسىتىدۇ. شەرقشۇناسلار ھەم شەرقشۇناسلىقنىڭ نىشانىنى ئۆز غايىسى قىلىپ تاللىغان ئەدىبلەر ئەزەلدىن «ئۆز يېغىدا ئۆز گۆشىنى قورۇش»، «ئويۇنچۇق بېرىپ ئالداپ ئالتۇن ئۈزۈكىنى ئېلىۋېلىش»، «ياقىنى ئېتەك، ئېتەكنى ياقا قىلىپ قويۇش» قاتارلىق ھىيلە - نەيرەڭلەرنىقوللىنىشنى ئادەت قىلىپ كەلگەن. «نەسرىدىن ئەپەندى ھەققىدە قىسسە» دېگەن رومان دەل مۇشۇنداق يېزىلغان.

    ئۈچىنچى، روماندا نەسرىدىن ئەپەندىنى دىنىي ئەقىدە - پىرىنسىپلارنىمۇ، ئەنئەنىۋى ئەخلاق - ئۆلچەملىرىنىمۇ پىسەنتىگە ئالمايدىغان، خالىغىنىنى قىلىدىغان، مەخسۇس ئەمىرلەرنىڭئاياللىرى بىلەن كۆڭۈل ئاچىدىغان «نوچى» قىلىپ تەسۋىرلىگەن. مەسىلەن، ئاپتور روماننىڭ باشلىنىشىدىلا نەسرىدىن ئەپەندىنى مۇنداق تەرىپلەيدۇ: «پات - پاتلا ئۇنىڭغا قانداقتۇر بىرەر ئىران ئەمەلدارىنىڭ ھەرىمىدە يۇمشاق يىپەك ياستۇقلار ئۈستىدە يېتىپ قېلىشقىمۇ توغرا كېلەتتى. شۇ كېچىسى بۇ ئەمەلدار ساقچىلار ئەترىتىبىلەن تېجىمەل ۋە مۇرتەت نەسرىدىن ئەپەندىنى قوزۇققا ئولتۇرغۇزۇپ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ھەممە چايخانا ۋە كارۋان سارايلارنى ئاختۇرۇپ، ئۇنى ئىزدەپ يۈرگەن بولاتتى...» ئاپتورنىڭ يېزىشىچە، بۇ ئاياللار نەسرىدىن ئەپەندىنى يەنە بىر كېچە قوندۇرۇپ قېلىشئۈچۈن يالۋۇرىدۇ. ئەمما، نەسرىدىن ئەپەندى ئاجايىپ «نوچىلىق» بىلەن «ياق، مەن ئىككى كېچىنى ئۇدا بىر ئۆينىڭ ئىچىدە ئۆتكۈزگەن چاغلىرىمنى ئاللىقاچان ئۇنتۇپ قالدىم» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. تېخىمۇ قالتىس يېرى، بۇ گۈزەل خوتۇنلار ئۇنىڭ كىمئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن «ھېچبولمىغاندا، خوشلىشىش ئالدىدا ماڭا ئۆز ئىسمىڭنى بولسىمۇ ئېيتىپ كەت» دەپ ئۆتۈنىدۇ. نەسرىدىن ئەپەندى: «قۇلاق سال، سەن مەزكۇر كېچىنى نەسرىدىن ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزدۈڭ!» دەپ جاۋاب بېرىپ، «ئۆزىنىڭيىرتىق، سەپەرلەردە يېقىلغان گۈلخانلارنىڭ ئۇچقۇنلىرىدا نۇرغۇن يەرلىرى كۆيۈپ كەتكەن چاپىنىنى كىيىپ، ئاستا چىقىپ كېتىدۇ.» ئەمەلدارنىڭ قەسرىنى ساقلاۋاتقان نەچچە ئونلىغان ئادەملەر خورەك تارتىپ ئۇخلىغىنىچە ئۇنى تۇيمايدۇ. ئۇ شۇ چىققىنىچەئېشىكىگە مىنىپ بۇ شەھەردىن غايىب بولىدۇ. ئۇ «تاشلاپ چىققان شەھەردە بولسا، ئۇتوغرىسىدىكى خاتىرە ئەبەدىي ياشاپ قالىدۇ. مەنسەپدارلار بىلەن موللىلار ئۇنىڭنامىنى ئاڭلىغانلىرىدا غەزىپىدىن تاتىرىپ كېتىدۇ.» شۇنداق قىلىپ شەھۋەتخورلۇقى «نوچىلىقى» سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن نەسرىدىن ئەپەندى قەھرىمانلارچە ياشاپ، جاھان كېزىپ كېتىۋېرىدۇ. ئۇ ئايلىنىپ ئايرىلغىنىغا 10 يىللار بولغان يۇرتى بۇخاراغاقايتىپ كېلىدۇ. تارىختا «سەمەرقەنت سەيقەلى ئالەم، بۇخارا قۇۋۋىتى ئىسلام» دەپ شۆھرەتلىك نام ئالغان بۇخارا خانلىقىنىڭ ئەمىرى لېئونىد سولوۋيوفنىڭ قەلىمىئاستىدا ئۆلۈپ كەتكەن قېرى ئۆچكىنىڭ تېرىسىنى تالىشىپ دەۋاغا كەلگەن ئاكا - ئۇكىلارنىڭ دەۋاسىنى ئايرىپ يۈرىدىغان بىر ئۇچىغا چىققان ئەخمەق ۋە ئىقتىدارسىز، زالىم ۋە ئاچ كۆز ئەمىر قىلىپ تەسۋىرلىنىدۇ. بۇخارا ئەمىرىنىڭ ۋەزىرى بۇ ئاكا - ئۇكىلارغا «ئۆلۈپ قالغان ئۆچكىنىڭ تېرىسىنى سويۇۋېلىپ، قۇرۇتۇپ ۋە ئاشلاپ بولغاندىن كېيىن سارايغا ئەكېلىپ، خەزىنىگە تاپشۇرۇش زۆرۈر» دەپ يېنىدا ئەسنەپ ئولتۇرغان ئەمىرگە ۋاكالىتەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ. لېئونىد سولوۋيوفنىڭ يېزىشىچە: «ئەمىرلەر ۋە موللىلارنىڭ دۈشمىنى، خەلقنىڭ دوستى» بولغان نەسرىدىن ئەپەندى بۇ ئىشتۈپەيلى بۇخارا ئەمىرىنىڭ زۇلمىنى يەتكۈچە تارتقان خەلق تەرەپتە تۇرۇپ، مۇنداق قوشاق ئوقۇيدۇ:




    ھالقىلىق سۆزلەر :


    بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
    ------分隔线----------------------------
    
    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار
    ئاۋازلىق ئەسەرلەر

    تەۋسىيە كىتابلار